Android, Google, Yahoo نىڭ توغرا ئىملاسى قانداق بولىدۇ؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

Android, Google, Yahoo نىڭ توغرا ئىملاسى قانداق بولىدۇ؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچى تارقىتىلغاندىن كېيىن توردىن چۈشۈرگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، كۈندە ئاكتىپ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى 4000 مىڭدىن ئېشىپ، كۈندە %10 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. ھازىر كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق بىر دېتالغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ ئاساسەن بىريەرگە بېرىپ توختىدى. ھازىر بۇ دېتالىمىز %95 دىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېرىدا راۋان خىزمەت قىلىپ، يەنە بىر قېتىم چوڭ يېڭىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئاساسلىقى يەنە بىر قىسىم كۆپ ئۇچرايدىغان ئىسىملارنىڭ شەخس، كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىشى قوشۇلىدۇ، يەنە تورداشلار خاتا يېزىۋاتقان سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۈچەيتىلىدۇ، ئەڭ توغرا نامزات سۆزنى ئەڭ ئالدىغا كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلىدۇ.

ئەمما تۆۋەندىكى بىرنەچچە سۆزنىڭ ئىملاسى تېخى قېلىپلاشمىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا قوشۇلمىغان ئىدى، تورداشلارمۇ بۇ سۆزلەرنى بىرنەچچە خىل يېزىۋېتىپتۇ، بۇنىڭ توغرا ئىملاسىنى ۋاقتىدا قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:

(1) يان تېلېفوندىكى ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىنگلىزچە نامى Android نى ئۇيغۇر تىلىدا قانداق يازىمىز؟ خەنزۇچە 安卓 دەيدۇ. ئۇنىڭ توغرا ئىملاسى زادى قانداق بولىدۇ؟
1. ئاندروئىد
2. ئاندىروئىد
3. ئاندرويىد
4. ئاندىرويىد
5. ئەنجو
6. ئەنجورئىد
7. ئەنجوريىد
8. ئەنجۈر

بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى توغرا بولۇشى كېرەك. ئەرەب، پارس يېزىقلىرىدىن ئىزدەپ باقسام ئۇلار «ئاندرويد» دەپ يازىدىكەن. بۇنداق دۇنياۋى ئاتالغۇلاردا ئوخشاش يېزىق سىستېمىسى ئىشلىتىدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالسا بولمايدۇ دەيدىغان ئۆلچەم بارمۇ-يوق؟ مەسىلەن، بەزىلەر ئاندروئىد دېسە، بەزىلەر ئاندوريىد دېيىشمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا «-يىد» بىلەن ئاخىرلاشقان بىرمۇ سۆز يوق. مەن بۇ جەھەتتە دىيارىمىزدا ئەڭ بۇرۇن Android بىلەن ھەپىلەشكەن بىلكان شىركىتى بىلەن بىردەك بولۇشنى ئويلاشتىم. ئەمما ئۇلاردىمۇ 2 خىل يېزىلىۋېتىپتۇ، ھازىرچە مېنىڭ تەكلىپىم «ئاندرويد»، سىلەرنىڭ قانداق پىكىرىڭلار بار.

(2) يەنە بىرسى دۇنيادىكى داڭلىق ئىزدەش ماتۇرى Google نىمۇ تۆۋەندىكىدەك يېزىۋېتىپتۇ.
1. گوگېل
2. گوگىل
3. گوگول
4. گوگۇل
5. گۇگول
6. گۇگۇل
7. گوگلې
بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ بىرسى توغرا بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر تىلىدا «ۇ» دىن كېيىن «و» كېلىدىغان سۆزلەر پەقەت كىرمە سۆزلەردە كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: جۇڭگو، گىلۇكوزا،….دېگەندەك.
بۇنىڭ ئەسلىدىكى تىلدىكى توغرا تەلەپپۇزىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان ئۇيغۇرچە يېزىلىشى گۇگول بولۇپ، باشقىلىرى سەل يىراقلاپ كېتىدۇ، شۇڭا ھازىرچە تەكلىپىم گۇگول دەپ يېزىش ئىدى.

3. Chrome تور كۆرگۈچ
1. كىروم (مېنىڭ كۆز قارىشىم مۇشۇ)
2. خىروم

4. Skype پاراڭلىشىش دېتالى
1. سىكايپى
2. سىكايپ (مېنىڭ كۆز قارىشىم مۇشۇ)

5. Yahoo
بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر ياخۇ دەپ ئاتايدۇ، گېزىتلەردىمۇ شۇنداق ئېلىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ سەۋەبى خەنزۇچە 雅虎 دېگەن تەرجىمىسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ تەلەپپۇزى «ھ»غا يېقىن كېلىدۇ، شۇڭا «ياھۇ» دېسەك بولامدۇ-يوق؟ ياكى خاتا ئادەت كۈچىگە بويسۇنامدۇق؟
قېنى تەكلىپ-پىكىر بولسا بېرەرسىلەر، رەھمەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
81 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 3 4 5
  • Google دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟

    Google دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇچۇر ئىزدەش تور بېكىتىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ ئىسىم ھازىر Internet دېگەندەك داڭلىق سۆزگە ئايلاندى. بۇنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
    Google (گۇگېل) ئىنگلىزچە سۆز Googol (گۇگول)نىڭ ئىملاسىغا سەل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قوللىنىلغان ئىسىم بولۇپ، زىيادە چوڭ ساننى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ 10 نىڭ 100-دەرىجىسى (يەنى بىرنىڭ كەينىگە 100 دانە نۆل كەلگەن سان) دىن ئىبارەت.
    ئۇ بەلكىم پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق زەرىچىلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق مەزمۇندىكى سۆزنى تور بېكەت نامىغا ئىشلىتىشى ھەيران قالارلىق ئىش بولماستىن، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان كىشى داڭلىق كومپيۇتېر ۋە ماتېماتىكا دوكتۇرى ئىدى.
    Googol دېگەن سۆزنى ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكىلىق ماتېماتىكا ئالىمى Edward Kasner (ئېدۋارد كەسنېر)نىڭ 9 ياشلىق جىيەنى Milton Sirotta (مىلتون سىروتتا) ئوتتۇرىغا قويغان.
    ئۇنىڭ بۇ ئىسىمنى شىركەت نامىغا ۋە تور بېكەت نامىغا قوللىنىشى Internet دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم ئىرادىسىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. ئەمما، Google شىركىتى، Googol دېگەن ئىسىمنى ئىشلەتمىگەن، چۈنكى، Googol.com ئاللىبۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن تىزىملىۋېلىنغان بولۇپ، ئىملاسى خاتا بولغان Google نى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان.
    Googol زىيادە چوڭ ساننى بىلدۈرىدۇ، ئەمما، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ سان بار. كومپيۇتېر ئالىمى Frank Pilhofer (فرانك) ئوتتۇرىغا قويغان Googolplex دېگەن سان تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئۇ 10 نىڭ Googol -چى دەرىجىسىگە تەڭ. ناۋادا، ئۇنى قەغەزگە بېسىپ چىقارماقچى بولسىڭىز، 3.125*10^85 يىل ساقلايسىز.

    مەنبەسى : Google دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز
    http://www.uyhacb.com/home/forum.php?mod=viewthread&tid=5057&fromuid=6956
    (مەنبەسى: ئۇيغۇر خاككىرلار بىرلەشمىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:34
    • ئەسلىي مەنبەسى مېنىڭ ئىدى، 2005-يىلى مەن ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان ئىدىم، بولۇپتۇ بۇمۇ باشقىلارغا پايدىلىق ئۇچۇر

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:16
  • مېنىڭچە ئادەتلىنىش ئەھۋالىنى سىتاستىكا قىلىپ ، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەننى ساقلاپ قېلىش كېرەك.
    ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن ۋە نۆۋەتتە بىز ئۇچراشقان يېڭى شەيئىلەرنى ئاتاش مەسىلىسىدە تۈمۈرنى قىزىغىدا سوقۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق بولۇش كېرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى am 01:40
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىم Android
    نى ئەسلى ئەنجۈر دەپ ئالغىنىمىز بەك توغرا بولاتتى ، ئەنجۈر سۆزى Android
    نىڭ ئاتىلىشى بىلەن يېقىن ئىدى، باشقىلار ئالما ، قارا بۆلجۈرگەن ،گۈرۈچ دىگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپتۇ،بىز ئەنجۈرنى ئىشلەتسەك نىمىشقا بولمايدۇ،گەرچە مەنا جەھەتتىن يېقىن بولمىسۇمۇ ئاھاڭ دا يېقىندە، نىمىلا بولمىسۇن ، ئۇيغۇر تېلفۇن بازارلىرىدا ئەنجۈر ئاتالغۇسى ئومۇملىشىپ بولغان ئىدى ، ئاخىرقى قارارنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى… قايتا ئويلىشىپ باققان بولسڭىز، خەلق يەنىلا ئەنجۈر دەپ ئاتاۋېرىدۇ ، …

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:54
  • ئەرۋاھ ئاغىرزىڭىزغا ناۋات سالغۇدەك گەپ قىپسىز ، ئەنجۈر دەپ ئالغىنىمىز توغرا…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:19
  • بۇ ياھۇ دىگەن ئىنگلىزلارنىڭ تور بىكىتىكەندە مەن تىخى يولداشلارنىڭ ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى am 10:04
باھا بېتى: 1 3 4 5