نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) Windows XP نىمۇ قوللايدىغان بولدى، چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://imla.uighursoft.com  سىغىمى: 2.38 مېگابايت،  نەشرى نومۇرى: 1.0.0.45

بەزى كومپيۇتېرلاردا نورمال قوزغىلىپ، 3چېكىت چىقىپ توختاپ قالىدىغان قاتارلىق نۇقسانلار تۈزىتىلدى، ئازادە مۇھىتتا ئىملا تەكشۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

WeChat-0http://imla.uighursoft.com

========================================================================

 

1-سوئال: ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى بارلىق ئىملا خاتالىقىنى بايقىيالامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى ئىملاسى توغرا سۆزنىمۇ گۇمانلىق دەپ قىزىل رەڭدە بوياپ قويىدۇ؟ قانداق خاتالىقلارنى ھازىرچە بايقاپ بولالمايدۇ؟

ئۇيغۇر تىلىدا ئىملا خاتالىقلىرى باشقا تىللارغا ئوخشاش مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ.

1. سۆز بولمىغان خاتالىق (非词错误, non-word error)

بۇنداق سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ياكى ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىن ئىزدىسەك چىقمايدۇ. مەسىلەن: كومپىيۇتېر (بىر «ى» ئارتۇق يېزىلىپ قالغانشىنقاڭ (SHIFT كۇنۇپكىسى سەۋەبىدىن «ق» ھەرپى كىرگۈزۈلۈپ قالغانپروگرامما (يېڭى ئىملادا سۆز بېشىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا بىر «ى» ھەرپى قوشۇلىدۇ دېيىلگەن).

بۇنداق خاتالىق ئادەتتە مەلۇم بىر سۆزگە بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنى ئارتۇق يېزىش، كەم يېزىش، ئالماشتۇرۇپ يېزىش سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. بۇنداق خاتالىقلارنى ئوڭشاش دىيارىمىزدىكى نەشرىياتلاردا ئادەتتە كوررېكتورلۇق باسقۇچىدا تاماملىنىۋاتىدۇ. ئاز دېگەندىمۇ 3-4 قېتىم كوررېكتورلۇق قىلىش تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالى مۇشۇنداق خاتالىقلارنى بىرلا قېتىمدا بايقاپ، بەزىلىرىنى ئاپتوماتىك توغرىلىسا، بەزىلىرىنى نامزات سۆزنى كۆرسىتىش ئارقىلىق توغرىلايدۇ. ھەرقانداق ماقالىنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىدا تەكشۈرۈشكە ئادەتلىنىڭ.

ئادەتتە 60 بەتلىك A4 فورماتىدىكى پۈتۈن بىر ژۇرنالنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلسىڭىز، ئاز دېگەندە 2 كۈن (جەمئىي 16 سائەت)، نورمال بولغاندا بىر ھەپتە (5 كۈن ياكى 40 سائەت كېتىدۇ)، ئەمما ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1~1.5 مىنۇت ئىچىدە (ھەقىقىي سۆز بولمىغان) بارلىق خاتالىقلارنى تېپىپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ %50~%30 غىچە خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ. باشقا خاتالىقلارنى نامزات سۆز ئارقىلىق توغرىلىسىڭىزمۇ بىر 1-2 سائەت ئىچىدە توغرىلاپ بولالايسىز. بۇ يۇمشاق دېتال چارچىمايدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى داۋاملىق بىر خىل بولۇپ، كەيپىياتقا قاراپ ئىش تۇتمايدۇ، 16 سائەتتە تاماملايدىغان خىزمىتىڭىزنى 2 سائەتتە تاماملىيالايسىز، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز نەچچە ھەسسە كۆتۈرۈلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزى ئىملاسى توغرا سۆزنىمۇ گۇمانلىق دەپ قىزىل رەڭدە بوياپ قويىدۇ؟

جاۋاب: 10 توغرا سۆزنى لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دەپ بايقاشقا رۇخسەت بېرىلسىمۇ (ھەرگىز قەستەن ئەمەس، پەقەت سۆزلۈك ئامبىرىغا تولۇقلاپ كىرگۈزۈلۈپ بولالماسلىق سەۋەبىدىندۇر)، ئەمما بىرمۇ خاتا سۆزنى قاچۇرۇپ قويماسلىق بۇ دېتالنىڭ ئاساسىي خىزمەت پىرىنسىپىدۇر.

2. ھەقىقىي سۆز خاتالىقى (真词错误, real-word error)

بۇنداق (تۈپ) سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ياكى ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىن ئىزدىسەك چىقىدۇ. ئەمما بەزى سۆزلەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەر بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشچانلىقى يوق، دىققەت قىلىپ ئوقۇسىڭىز مەزمۇنى تاقا-تۇقا. مەسىلەن:
«تىز تاماقخانا» (خاتا)، توغرىسى «تېز تاماقخانا» بولىدۇ. بۇ يەردىكى تىز (پۇت-قولدىكى تىز بولۇپ ئىسىم) ۋە تېز (چەبدەس، چاققاندىكى تېز بولۇپ سۈپەت) دېگەن سۆزلەر لۇغەتتىن ئىزدىسەك چىقىدۇ، ئەمما «تاماقخانا» دېگەن سۆز بىلەن پەقەت «تېز» دېگەن سۆز ماسلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى سەۋەبلەردىنمۇ ھەقىقىي سۆز خاتالىق كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:

1. مېنىڭ (مەن، ئالماش)، مىنىڭ (مىن-، پېئىل)
(1) بۇ مىنىڭ كىتابىم (خاتا)
(2) بۇ مېنىڭ كىتابىم (توغرا)
(3) ئەپەندىم قېنى ئېشەككە مېنىڭ (خاتا)
(4) ئەپەندىم قېنى ئېشەككە مىنىڭ (توغرا)

2. ئېلىش (تومۇرى ئال-، پېئىل)، ئىل (تومۇرى ئىل-، پېئىل)
(1) ئۆي ئىلىش ئۈچۈن قەرز ئالدىم (خاتا)
(2) ئۆي ئېلىش ئۈچۈن قەرز ئالدىم (توغرا)

(3) چاپىنىڭىزنى قۇزۇققا ئېلىڭ (خاتا)
(4) چاپىنىڭىزنى قۇزۇققا ئىلىڭ (توغرا)

3. كېيىن (تۇرغۇن سۆز)، كىيىن (كىيىن، پېئىل)
(1) قىزىم ئوبدان كېيىن (خاتا)
(2) قىزىم ئوبدان كىيىن (توغرا)

(3) بۇنىڭدىن كىيىن ئۆي باھاسى چۈشىدۇ (خاتا)
(4) بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي باھاسى چۈشىدۇ (توغرا)

 قانداق خاتالىقلارنى ھازىرچە بايقاپ بولالمايدۇ؟

ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تىلىدا بايقالغان بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 3000 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بەزى كەسپىي خادىملارمۇ ئوڭاي خاتالىشىدۇ. ئەمما بۇنداق خاتالىقنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %10 دىن ئاز بولىدۇ. بۇنداق خاتالىقلارنى ئوڭشاش دىيارىمىزدىكى نەشرىياتلاردا ئادەتتە تەھرىرلىك باسقۇچىدا تاماملىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقىي سۆز خاتالىقىنى بايقاش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كېيىنكى نەشرىلىرىدە پەيدىنپەي ئېچىۋېتىلىدۇ، ھازىرچە پەقەت «سۆز بولمىغان خاتالىق»نى بايقايدۇ ۋە توغرىلاپ بېرەلەيدۇ.
============================================================

2-سوئال: نېمە ئۈچۈن ئىملا تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتالى شۇنچىلىك زۆرۈر؟

كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتىنى ئۆزگەرتتى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق يېزىقچىلىق قىلىدىغان بولدى. ئەمما خەت كىرگۈزگۈچىلەرنىڭ بىخەستەلىكى ۋە خەت كىرگۈزگۈچى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىقتىدارى سەۋەبىدىن ھەرخىل ئىملا خاتالىقى سادىر بولۇۋاتىدۇ. پەقەت نەشرىيات ساھەسىنى نەزەرگە ئالغاندىمۇ ھەريىلى رەسمىي نەشرىدىن چىقىدىغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تۈرى 10,000 خىلغا يېتىدۇ. ناۋادا پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلساق، ئىملا خاتالىقىنى تېپىش ۋە تۈزىتىش جەريانى ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، نۇرغۇن ۋاقىت، زېھىن ۋە مەبلەغ كېتىدۇ. شۇڭا كومپيۇتېر ياردىمىدە كوررېكتورلۇق قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى ياساپ چىقىش بەك زۆرۈر.

============================================================

3-سوئال: بۇ يۇمشاق دېتال ئادەمنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟ ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشەنسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ياق، بۇ پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىشقا بولىدىغان قورال دېتال بولۇپ، ھازىرچە يۇقىرىدا دېيىلگەن ھەقىقىي سۆز بولمىغان خاتالىقلارنى يەنى بىر يەككە سۆزدىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان ئىملا خاتالىقىنى بايقاش ۋە توغرىلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ باسالمايدۇ، ياسالغۇچى ھەرگىزمۇ ياسىغۇچىسىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ لايىھەلەنگەن. ئۇنى قوشۇمچە قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىپ ماقالىنىڭ تۇنجى كوررېكتورلۇقىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى ماقالىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭ يەنى يۇقىرىدا دېيىلگەن 2-تۈردىكى ھەقىقىي سۆز خاتالىقى بارمۇ-يوق تەكشۈرۈپ چىقىڭ.

============================================================

 ئوخشاش بىر خەنزۇچە ماقالىنى 10 تەرجىمان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلسا پۈتۈنلەي ئوخشاش چىقمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىدا بىر قېتىم تەكشۈرۈلگەن كىتاب-ژۇرناللارنى نەشرىياتقا بەرسەك ئېتىراپ قىلامدۇ؟ ئوخشىمىغان نەشرىياتلارنىڭ ئىملا ئۆلچىمى ئوخشاش بولامدۇ؟

========
جاۋاب: قارىغاندا سىز ئىملا تەكشۈرگۈچنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتمەكچى بولۇۋېتىپسىز، قارىغاندا بەزى ساۋات مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ باقاي. سىز دېگەندەك ئەھۋال تەرجىمىدە مەۋجۇت، ئەمما كوررېكتورلۇق قائىدىسى بىر خىل بولىدۇ. ھەممە نەشرىياتلار تىل-يېزىق كومىتېتى 2010-يىلى 1-ئايدا رەسمىي يولغا قويغان ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ ھەممە كوررېكتور مۇشۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىدۇ، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىمىزمۇ دەل مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: ئوخشاش بىر سۆز «كىتاپ» نى چوقۇم «كىتاب» توغرىلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يېزىلىشى پۈتۈنلەي خاتا بولىدۇ. كوررېكتورلۇق 1 نى 1 دەيدىغان ئېنىق قائىدە بولۇپ، سىز دېگەندەك نەچچە خىل كوررېكتورلۇق قىلىش ئۇسۇلى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، ھەرقانداق ماقالىنىڭ تۇنجى كوررېكتورلۇقىنى بۇ دېتالدا تەكشۈرۈپ ۋە توغرىلاپ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋېتىپ، نەشرىياتقا بەرسىڭىز، ئۇلار ئۆزگەرتىدىغان خاتا سۆزلەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدۇ. سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى تېجەپ بېرەلەيسىز.
سىزنىڭ يەنە قانداق سوئاللىرىڭىز بار؟ بۇ يەردە ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ، مەن بۇ يەردە ئاۋۋال مۇھىملىرىنى تاللاپ بىربىرلەپ جاۋاب بېرىمەن، رەھمەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
105 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 3 4 5
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بەش يۈزمىڭ سۆزنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ بۇنىڭ ئىچىدىن ئاپتوماتىك توغرىلىغىلى بولىدىغان سۆزدىن 24011 نى ئايرىۋالدىم، ئاندىن ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلىدىم، توغرىلاپ بولۇپ شۇ ۋاقىتتىلا ئىملاسىنى قايتا تەكشۈردۈم، چىققان نەتىجە مۇنداق:
    جەمئىي سۆز 23929
    توغرىلىقى 99.59%
    لۇغەتتە يوق گۇمانلىق سۆز 97
    ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىدىغان سۆز 50
    ئاپتوماتىك توغرىلاش نىسبىتى 51.55%
    ئاپتۇماتىك توغرىلاشتا مەسىلە بامۇ قانداق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:38
  • ئاپتۇماتتىك ئىملا تەكشۈرگەندە : دىن كېيىن بوشلۇق ئۇرمايدىكەن،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:41
  • رەھمەت .شۇنداق قىلاي ئەمىسە

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:51
  • يۇقارقى ئوخشاش كۈرۈلگەن خاتالىق ھەققىدىكى ئىنكاسنىڭ جاۋابىنى ساقلىغىلى نەچچە كۈن بولغاندۇ ماڭا …ياكى بۇ مەسلىگە پەرۋاسىز قارىغانمىدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى am 09:47
    • جاۋاب يازمىساملا پەرۋازىسزلىقنى بىلدۈرمەيدۇ، مەن بىرنەچچە كۈن سەپەردە بولۇپ قالدىم،
      بۇ ئەھۋال بىزگە تېخى ئۇچراپ باقمىدى، تەكرار سۆزلەرنىڭ قوشۇلۇپ قالغانلىقىدىن بۇ ئەھۋال يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى يېڭى نەشرى ئېلان قىلىنماقچى، شۇ چاغدا تۈزىتىلىشى مۇمكىن، سەۋىر قىلىپ تۇرۇڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:10
  • سېستىما win 8.1

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 13:59
  • مەنمۇ ‹ئىملا توغرىلاش›دېگەن تىزىملىكنى باسسام«Error:102外部组件发生异常» مۇشۇ جۈملە بار كىچىك كۆزنەك چىقىپ توغرىلىيالمىدى. ‹ئاپتۇماتىك توغرىلاش›نى باسسام تۈزىتەلەيدۇ.

    سىز يېڭى نەشىرنى قاچلاڭ دەپتىكەنسىز، قاچىلساممۇ يەنلا ئوخشاش، بۇنى قانداق ھەل قىلمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 13:58
  • كوررىكتورغا بۈگۈن نىمىش بولغاندۇ، ئۇلانمايدىغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى am 10:32
  • مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم Win 8.1، قاچىلىغىنىم كوررېكتورنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى ئېدى، ئىملا توغرىلاشنى باسساملا ھەر قېتىم 102 خاتالىقى چىقىدۇ، مۇشۇ ئوڭشالسا بولاتتى، رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 15:02
  • سالام سىزگە ئالىم ئەھەت ئەپەندى ،ئاۋال ئانا تىلىمىزنىڭ تېخىمۇ توغرا يېزىلىشى ئۈچۈن مەندەك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئەمگىكىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت .مەن ھەقلىق 1.Windows 8 نى ئىشلىتىمەن .ھەقسىز تارقىتىلغان ئىملا تەكشۈرۈش دىتالىنىڭ 1.0.0.45نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ خېلى كۆپ يازمامنىڭ ئىملاسىنى توغرىلىۋالدىم .ئەمما يېقىندا ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈشتە نورمال ،بىراق بىر سۆز بىرسۆزدىن ئىملا توغرىلايدىغان ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە مۇنداق ئۇچۇر چىقىپ نورمال ئىشلىمىدى 。Error:102 external component has thrown an exception بۇ خاتالىق ئۇچۇرىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم .ياردەم قىلارسىزمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:41
باھا بېتى: 1 3 4 5