نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) Windows XP نىمۇ قوللايدىغان بولدى، چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://imla.uighursoft.com  سىغىمى: 2.38 مېگابايت،  نەشرى نومۇرى: 1.0.0.45

بەزى كومپيۇتېرلاردا نورمال قوزغىلىپ، 3چېكىت چىقىپ توختاپ قالىدىغان قاتارلىق نۇقسانلار تۈزىتىلدى، ئازادە مۇھىتتا ئىملا تەكشۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

WeChat-0http://imla.uighursoft.com

========================================================================

 

1-سوئال: ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى بارلىق ئىملا خاتالىقىنى بايقىيالامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى ئىملاسى توغرا سۆزنىمۇ گۇمانلىق دەپ قىزىل رەڭدە بوياپ قويىدۇ؟ قانداق خاتالىقلارنى ھازىرچە بايقاپ بولالمايدۇ؟

ئۇيغۇر تىلىدا ئىملا خاتالىقلىرى باشقا تىللارغا ئوخشاش مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ.

1. سۆز بولمىغان خاتالىق (非词错误, non-word error)

بۇنداق سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ياكى ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىن ئىزدىسەك چىقمايدۇ. مەسىلەن: كومپىيۇتېر (بىر «ى» ئارتۇق يېزىلىپ قالغانشىنقاڭ (SHIFT كۇنۇپكىسى سەۋەبىدىن «ق» ھەرپى كىرگۈزۈلۈپ قالغانپروگرامما (يېڭى ئىملادا سۆز بېشىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا بىر «ى» ھەرپى قوشۇلىدۇ دېيىلگەن).

بۇنداق خاتالىق ئادەتتە مەلۇم بىر سۆزگە بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنى ئارتۇق يېزىش، كەم يېزىش، ئالماشتۇرۇپ يېزىش سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. بۇنداق خاتالىقلارنى ئوڭشاش دىيارىمىزدىكى نەشرىياتلاردا ئادەتتە كوررېكتورلۇق باسقۇچىدا تاماملىنىۋاتىدۇ. ئاز دېگەندىمۇ 3-4 قېتىم كوررېكتورلۇق قىلىش تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالى مۇشۇنداق خاتالىقلارنى بىرلا قېتىمدا بايقاپ، بەزىلىرىنى ئاپتوماتىك توغرىلىسا، بەزىلىرىنى نامزات سۆزنى كۆرسىتىش ئارقىلىق توغرىلايدۇ. ھەرقانداق ماقالىنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىدا تەكشۈرۈشكە ئادەتلىنىڭ.

ئادەتتە 60 بەتلىك A4 فورماتىدىكى پۈتۈن بىر ژۇرنالنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلسىڭىز، ئاز دېگەندە 2 كۈن (جەمئىي 16 سائەت)، نورمال بولغاندا بىر ھەپتە (5 كۈن ياكى 40 سائەت كېتىدۇ)، ئەمما ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1~1.5 مىنۇت ئىچىدە (ھەقىقىي سۆز بولمىغان) بارلىق خاتالىقلارنى تېپىپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ %50~%30 غىچە خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ. باشقا خاتالىقلارنى نامزات سۆز ئارقىلىق توغرىلىسىڭىزمۇ بىر 1-2 سائەت ئىچىدە توغرىلاپ بولالايسىز. بۇ يۇمشاق دېتال چارچىمايدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى داۋاملىق بىر خىل بولۇپ، كەيپىياتقا قاراپ ئىش تۇتمايدۇ، 16 سائەتتە تاماملايدىغان خىزمىتىڭىزنى 2 سائەتتە تاماملىيالايسىز، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز نەچچە ھەسسە كۆتۈرۈلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزى ئىملاسى توغرا سۆزنىمۇ گۇمانلىق دەپ قىزىل رەڭدە بوياپ قويىدۇ؟

جاۋاب: 10 توغرا سۆزنى لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دەپ بايقاشقا رۇخسەت بېرىلسىمۇ (ھەرگىز قەستەن ئەمەس، پەقەت سۆزلۈك ئامبىرىغا تولۇقلاپ كىرگۈزۈلۈپ بولالماسلىق سەۋەبىدىندۇر)، ئەمما بىرمۇ خاتا سۆزنى قاچۇرۇپ قويماسلىق بۇ دېتالنىڭ ئاساسىي خىزمەت پىرىنسىپىدۇر.

2. ھەقىقىي سۆز خاتالىقى (真词错误, real-word error)

بۇنداق (تۈپ) سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ياكى ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىن ئىزدىسەك چىقىدۇ. ئەمما بەزى سۆزلەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەر بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشچانلىقى يوق، دىققەت قىلىپ ئوقۇسىڭىز مەزمۇنى تاقا-تۇقا. مەسىلەن:
«تىز تاماقخانا» (خاتا)، توغرىسى «تېز تاماقخانا» بولىدۇ. بۇ يەردىكى تىز (پۇت-قولدىكى تىز بولۇپ ئىسىم) ۋە تېز (چەبدەس، چاققاندىكى تېز بولۇپ سۈپەت) دېگەن سۆزلەر لۇغەتتىن ئىزدىسەك چىقىدۇ، ئەمما «تاماقخانا» دېگەن سۆز بىلەن پەقەت «تېز» دېگەن سۆز ماسلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى سەۋەبلەردىنمۇ ھەقىقىي سۆز خاتالىق كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:

1. مېنىڭ (مەن، ئالماش)، مىنىڭ (مىن-، پېئىل)
(1) بۇ مىنىڭ كىتابىم (خاتا)
(2) بۇ مېنىڭ كىتابىم (توغرا)
(3) ئەپەندىم قېنى ئېشەككە مېنىڭ (خاتا)
(4) ئەپەندىم قېنى ئېشەككە مىنىڭ (توغرا)

2. ئېلىش (تومۇرى ئال-، پېئىل)، ئىل (تومۇرى ئىل-، پېئىل)
(1) ئۆي ئىلىش ئۈچۈن قەرز ئالدىم (خاتا)
(2) ئۆي ئېلىش ئۈچۈن قەرز ئالدىم (توغرا)

(3) چاپىنىڭىزنى قۇزۇققا ئېلىڭ (خاتا)
(4) چاپىنىڭىزنى قۇزۇققا ئىلىڭ (توغرا)

3. كېيىن (تۇرغۇن سۆز)، كىيىن (كىيىن، پېئىل)
(1) قىزىم ئوبدان كېيىن (خاتا)
(2) قىزىم ئوبدان كىيىن (توغرا)

(3) بۇنىڭدىن كىيىن ئۆي باھاسى چۈشىدۇ (خاتا)
(4) بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي باھاسى چۈشىدۇ (توغرا)

 قانداق خاتالىقلارنى ھازىرچە بايقاپ بولالمايدۇ؟

ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تىلىدا بايقالغان بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 3000 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بەزى كەسپىي خادىملارمۇ ئوڭاي خاتالىشىدۇ. ئەمما بۇنداق خاتالىقنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %10 دىن ئاز بولىدۇ. بۇنداق خاتالىقلارنى ئوڭشاش دىيارىمىزدىكى نەشرىياتلاردا ئادەتتە تەھرىرلىك باسقۇچىدا تاماملىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقىي سۆز خاتالىقىنى بايقاش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كېيىنكى نەشرىلىرىدە پەيدىنپەي ئېچىۋېتىلىدۇ، ھازىرچە پەقەت «سۆز بولمىغان خاتالىق»نى بايقايدۇ ۋە توغرىلاپ بېرەلەيدۇ.
============================================================

2-سوئال: نېمە ئۈچۈن ئىملا تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتالى شۇنچىلىك زۆرۈر؟

كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتىنى ئۆزگەرتتى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق يېزىقچىلىق قىلىدىغان بولدى. ئەمما خەت كىرگۈزگۈچىلەرنىڭ بىخەستەلىكى ۋە خەت كىرگۈزگۈچى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىقتىدارى سەۋەبىدىن ھەرخىل ئىملا خاتالىقى سادىر بولۇۋاتىدۇ. پەقەت نەشرىيات ساھەسىنى نەزەرگە ئالغاندىمۇ ھەريىلى رەسمىي نەشرىدىن چىقىدىغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تۈرى 10,000 خىلغا يېتىدۇ. ناۋادا پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلساق، ئىملا خاتالىقىنى تېپىش ۋە تۈزىتىش جەريانى ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، نۇرغۇن ۋاقىت، زېھىن ۋە مەبلەغ كېتىدۇ. شۇڭا كومپيۇتېر ياردىمىدە كوررېكتورلۇق قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى ياساپ چىقىش بەك زۆرۈر.

============================================================

3-سوئال: بۇ يۇمشاق دېتال ئادەمنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟ ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشەنسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ياق، بۇ پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىشقا بولىدىغان قورال دېتال بولۇپ، ھازىرچە يۇقىرىدا دېيىلگەن ھەقىقىي سۆز بولمىغان خاتالىقلارنى يەنى بىر يەككە سۆزدىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان ئىملا خاتالىقىنى بايقاش ۋە توغرىلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ باسالمايدۇ، ياسالغۇچى ھەرگىزمۇ ياسىغۇچىسىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ لايىھەلەنگەن. ئۇنى قوشۇمچە قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىپ ماقالىنىڭ تۇنجى كوررېكتورلۇقىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى ماقالىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭ يەنى يۇقىرىدا دېيىلگەن 2-تۈردىكى ھەقىقىي سۆز خاتالىقى بارمۇ-يوق تەكشۈرۈپ چىقىڭ.

============================================================

 ئوخشاش بىر خەنزۇچە ماقالىنى 10 تەرجىمان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلسا پۈتۈنلەي ئوخشاش چىقمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىدا بىر قېتىم تەكشۈرۈلگەن كىتاب-ژۇرناللارنى نەشرىياتقا بەرسەك ئېتىراپ قىلامدۇ؟ ئوخشىمىغان نەشرىياتلارنىڭ ئىملا ئۆلچىمى ئوخشاش بولامدۇ؟

========
جاۋاب: قارىغاندا سىز ئىملا تەكشۈرگۈچنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتمەكچى بولۇۋېتىپسىز، قارىغاندا بەزى ساۋات مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ باقاي. سىز دېگەندەك ئەھۋال تەرجىمىدە مەۋجۇت، ئەمما كوررېكتورلۇق قائىدىسى بىر خىل بولىدۇ. ھەممە نەشرىياتلار تىل-يېزىق كومىتېتى 2010-يىلى 1-ئايدا رەسمىي يولغا قويغان ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ ھەممە كوررېكتور مۇشۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىدۇ، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىمىزمۇ دەل مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: ئوخشاش بىر سۆز «كىتاپ» نى چوقۇم «كىتاب» توغرىلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يېزىلىشى پۈتۈنلەي خاتا بولىدۇ. كوررېكتورلۇق 1 نى 1 دەيدىغان ئېنىق قائىدە بولۇپ، سىز دېگەندەك نەچچە خىل كوررېكتورلۇق قىلىش ئۇسۇلى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، ھەرقانداق ماقالىنىڭ تۇنجى كوررېكتورلۇقىنى بۇ دېتالدا تەكشۈرۈپ ۋە توغرىلاپ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋېتىپ، نەشرىياتقا بەرسىڭىز، ئۇلار ئۆزگەرتىدىغان خاتا سۆزلەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدۇ. سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى تېجەپ بېرەلەيسىز.
سىزنىڭ يەنە قانداق سوئاللىرىڭىز بار؟ بۇ يەردە ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ، مەن بۇ يەردە ئاۋۋال مۇھىملىرىنى تاللاپ بىربىرلەپ جاۋاب بېرىمەن، رەھمەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
105 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم مۇئەللىم،ئالدى بىلەن ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    مەن تورداشلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق بىر ئويغا كېلىپ قالدىم،ئويلىشىپ باقسىڭىز. يەنى نۇرغۇن تورداشلا بۇ دېتالنى ۋىروسخور توسۇۋالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،سىزمۇ ھەم زېرىكمەي ھەممىسىگە چۈشەنچە بېرىپ چىقىپسىز.بولسا ۋىرۇس ۋە ۋىروسخور توغرىسىدا بىر تېما يېزىپ،ۋىرۇس ۋە ۋىروسخورنىڭ قانداق نېمە ئىكەنلىكىنى ھەم نېمىشقا توسۇۋالدىغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز مۇشۇنداق سورىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئايرىم جاۋاب يېزىپ يۈرگىنىڭىزدىن ياخشىراقمىكى ،باشقىلار ھەم ئۇلارغىمۇ پايدىسى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 13:40
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئالىم ئاكا.مېنىڭكىدە «پارولنى ئۇنتۇپ قالدىم؟»دېگەن كونۇپكا بېسىلمىدى . ئىشلەتكۈچى دېگەن يەرگە ئىسمىمنىمۇ كىرگۈزۈپ باقتىم، ئېلخەت ئادرېسىمنىمۇ كىرگۈزۈپ باقتىم پەقەتلا بولمىدى. سېستىمام windows 8.1 كەسپى نۇسخىسى ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:33
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
      پارولنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارى ھازىرچە تەمىنلەنمىدى. چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئوقۇشقا ئادەتلىنىڭ، بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى.
      ?p=4218

      (3) بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرسوفت ھېساباتىغا تىزىملىتىسىز. تىزىملاتقاندا ئەستايىدىل بولۇپ، ئېسىڭىزدە تۇرىدىغان ياخشى نام (ئۇيغۇرچە بولسىمۇ بولىدۇ) ۋە پارول بىلەن تىزىملىتىڭ. پارولنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، سىستېمىغا كىرەلمەي باشقا نام بىلەن تىزىملىتىشقا مەجبۇرى بولىسىز، چۈنكى پارولنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارنى ھازىرچە تەييارلاپ بولالمىدۇق. ئەڭ مۇھىمى ساقلىۋالغان سۆزىڭىز بۇلۇت سۇپىسىدا ئايرىم تۇرىدىغان بولغاچقا، كېيىن ئۇنى ئۆزىڭىزمۇ قايتا پايدىلىنالمايسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى am 11:34
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن دېتالنى 3 كومپىئۇتېرغا قاچىلاپ باقتىم (ھەممىسى ئېكىسپى سېستىما)،ھەممىسىدىلا 没有找到 mscoree.dll,因此这个应用程序未能自动。重新安装应用程序可能会修复此问题。 دىگەن ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ،بۇ دىتالنى ئشلىتەلمەيۋاتىمەن،ئۆچىرىۋېتىپ قايتا قاچىلاپمۇ باقتىم، mscoree.dll دىگەن نەرسىنى توردىن چۈشۈرۈپ كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا قويۇپ باقتىم،يەنىلا ئوڭشالمىدى.زادى قانداق قىلسام بولار؟؟؟ياردەم قىلسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 20:54
    • baidu.com دىن ئىزدەپ باقسام مۇنداق نەتىجە چىقتى.
      没有找到mscoree.dll因此这个应用程序为仍启动 这么办_百度知道

      2个回答 – 最新回答: 2013年08月24日 – 40人觉得有用

      最佳答案: 解决办法:这是XP系统缺少有关文件,请到http://www.microsoft.com/zh-cn/download/details.aspx?id=17718下载安装即可!
      =====================
      Windows XP رىڭىزنىڭ ھۆججەتلىرى كەم ئىكەن، ئاۋۇ ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ، ئەڭ ياخشىسى پېتىغدىۋەتكەن، بۇلغىۋەتكەن ھەرخىل يىراقتىن باشقۇرۇش ئېغىزلىرىنى تەييار قىلىپ قويغان، ناچار، ساختا Windows XP دىن يىراق تۇرۇڭ. ئەڭ ياخشىسى ھازىرچە ھەقسىز بولغان Windows 10 نى ئىشلىتىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 22:21
  • بۇ بەتكە پات پات كىرىپ تۇرىمەن.
    خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى چۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 20:20
    • مەن پەقەت ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ئائىت ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى قىلىۋاتىمەن. شۇ بەتتىن 108 تىلنىڭ تەرجىمىسىنى تاپالايسىز. باشقا ساھەلەردىكى ئاتالغۇلارنى تەڭرىتاغ تورىدىن ياكى تىل ۋە تەرجىمە ژۇرنىلىدىنن تاپالايسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 22:22
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇشۇ يەردە دەۋېرەي ھە ئالىم ئاكا
    بەزىدە ئاتالغۇلار سەھىپىسىگە بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە تورداشلارنىڭ پىكرىنى ئالىدىغان تېمىنى يوللايسىز. بۇنىڭ ئىچىدە كونا يېڭى سۆزلەر ھەم بار. ئەمدى بەزى ۋاقىتتا بىزمۇ ئاشۇ سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىگە ئېھتىياجلىق بولىدىكەنمىز. ئەمدى سىز يوللىغان شۇ تېمىلاردىكى سۆزلەر زادى قانداق دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان بولدى، ئاتالغۇشۇناسلار ئاخىرى قانداق قاراغا كەلدى، ياكى قانداق دەپ ئومۇملاشتى، قانداق دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈڭلار مۇشۇ ھەقتە ئىلگىرى يوللانغان تېمىدىن كېيىن بىر ئەسكەرتىش بېرىۋەتكەن بولسىڭىز ياكى كېيىن يوللىغان شۇ تېمىنى تەھرىرلەپ مۇنداق دەپ قېلىپلاشتى دەپ ئەسكەرتىپ قويسىڭىز.
    ئەسلىغۇ تىل – يېزىققا مەسئۇل ئىدارە – ئورگانلارنىڭ مۇشۇنداق بىر تور بېتى بولسا ياخشى بولاتتى. يەنى يېڭى چىققان ۋە ئىلگىرى خاتا ئومۇملاشقان بىر قىسىم تەرجىمىلەرنى تورداشلارنىڭ تەكلىپ بېرىشىگە سۇنسا ، كېيىن توغرا دەپ قارالغىنى تەشەببۇس قىلىنسا ۋە شۇ تور بەتتە ئۇقتۇرۇش قىلىنسا ، ھەر قايسى مەتبۇئات ۋە تاراتقۇلار شۇ بويىچە ئىشلەتسە ياخشى بولاتتى.
    ياكى بىلوگىڭىزغا مۇشۇ ئىلگىرى يوللانغان ئاتالغۇلارغا ئائىت تېمىلارنىڭ ئۆلچەملىك قېلىپلاشقان تەرجىمىسىنى يوللايدىغان بىرەر سەھىپە قوشۇپ قويسىڭىزمۇ بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى am 09:58
    • قىسقا جاۋاب بەرسەم مۇشۇ يەردە ئاساسەن كومپيۇتېرغا ئائىت ئاتالغۇلارنى مۇزاكىرە قىلدۇق،قېلىپلاشقاندىن كېيىن مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرى تورىدا پۈتۈن دۇنياغا قەدەمداش ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز.
      http://www.microsoft.com/language مۇشۇ يەرگە كىرىپ، مەلۇم بىر ئىنگلىزچە سۆزنى كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇرچىسىنى تاپسىڭىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:47
  • ئۈچ كومپىيوتىرغا 1.0 نۇسقىسىنى قاچىلدىم ئوخشاش alkatip font نى كومپىيوتىردىن ئۈچۈرۋەتتى بۇنى سىناپ باقاي…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى am 09:32
  • قاچىلغاندا ئەسلىدە بار خەت نۇسخىسىغا قارىتا ئۆتكۈزۈۋېتىش ياكى خەت نۇسخىسى قاچىلماسلىق تاللانمىسى قوشۇلغان بولسا، بولمىسا خەت نۇسخىسى قاچىلاشتا خاتالىق كۆرۈلۈپ قالىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:35
    • توغرا دەيسىز، قارىغاندا مەن بارلىق خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلىغاندا، ئاۋۋال بۇنداق خەت نۇسخىسى مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدا ئاندىن قاچىلاشقا رۇخسەت قىلسام بولغۇدەك، مەجبۇرى قاچىلاشقا بۇيرۇق بەرسەم بولمىغۇدەك، بۇ بىر لۈكچەكلىك بولۇپ قاپتۇ. مەن كېيىنكى نەشرىدە تۈزىتىۋالاي، رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:51
  • مەن سىز دېگەن بويىچە قايتا قاچىلىسام،ئۈچتىن ئىككىسى قاچىلىنىپ بولغاندا
    c:windows、system32、imla.dll为目的文件夹中文件重命名时出错:movefile失败,错误码5.拒绝访问دېگەن خەتلەر چىقىۋېلىپ قاچىلىغىلى بولمىدى،بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟قانداق قىلسام نورمال قاچىلاپ ئىشلىتەلەيمەن؟مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم ئىدارىنىڭ ئىچكى تورى ئىدى(سىرتقىي تورغىمۇ چىققىلى بولىدۇ)،مەسلىھەت بەرگەيسىز !رەھمەت !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 16:21
    • ئىنتېرنېتكە ئۇلانسىلا بۇ سىستېمىنى ئىشلىتەلەيسىز، سىز قارىغاندا Windows XP نى ئىشلىتىۋاتقان ئوخشايسىز، بۇنىڭ مۇنداق سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن.
      (1) سىز باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقۇقى بىلەن سىستېمىنى قاچىلاپ بېقىڭ، قاچىلاش پىروگراممىسىنىڭ ئۈستىگە يۆتكەپ، مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز چىقىدۇ.
      (2) كومپيۇتېرىڭىزدىكى بارلىق ۋىرۇسخور ۋە ئوتتاملارنى بىردەم بولسىمۇ ئارامىغا چىقىرىپ تۇرۇڭ ياكى ئۇلارنى يۇيۇۋېتىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:49
  • سىز تەكشۈرىدىغان دائىرىدە ئۇيغۇرچە سۆز يوقكەن دەپ چىقىۋالدى بۇ نېمە ئىش؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 12:54
  • ئالىم مۇئەللىم سىز دېگەندەك باشقا سۆزلەرنىڭ بىرىنچى سۆزنى خاتا تۈزىتىدىغان ئەھۋال ئوڭشىلىپتۇ ئەمما ‹‹پارتىيىسى›› دەپ باسسا يەنە ئوخشاش ‹‹پپارتىيەسى›› دەپ تۈزىتىدىكەن. يەنە بىرسى بىرىنجى قۇرنىڭ ئەڭ ئالدىغا‹‹ ئا›› دەپ باسسا‹‹ئ ››كۆرۈنمەيدىكەن . ئەڭ يىڭى نەشىرى بوممىسا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى am 11:35
    • ئۇنداق ئىش يوق، ئامبارغا خاتا ئالماشتۇرۇشنى قوشۇۋېرىپسىز، پەقەت سىزنىڭدىلا شۇنداق بولىدۇ. پارتىيىسىنى مەيلى قەيەردە يېزىڭ، ئۇنى پارتىيەسىگە توغرىلايدۇ. بىرىنچى قۇرنىڭ ئەڭ ئالدىدا «ئا» دەپ باسسىمۇ ھەممە ئىش جايىدا.
      نەشرى نومۇرى: 1.0.0.45

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 12:36
  • ئىسىل بىلەن ئېسىل، بىرلىدى بىلەن بېرىلدى مەنىداش ئەمەس. ئىسىلنى ئېسىلغا، بىرىلدىنى بېرىلدىغا ئاپتۇماتىل ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن. لوغەتكىمۇ قوشالمىدىم. تەكلىپىم ئورۇنلۇق بولسا، ئىسىل بىلەن بىرىلدى نى لوغەتكە كىرگۈزۈپ قويۇشلىرىنى سورايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى am 09:04
    • خاتا سۆزلەرنى لۇغەتكە قوشساق بولمايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىل ۋە بىرىل دەيدىغان سۆز يوق.
      بەلكى ئېسىل، (سۆز تومۇرى بار، بېرىش، بېرىپ) بېرىل- دېگەن سۆزلەر مەۋجۇت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى am 11:01
  • رەھمەت ئۇستاز ھارمىغايسىز،دېگىنىڭىزدەك قىلغان ئىدىم نورمال ئىچىلدى،بۇ نەشرى تېخىمۇ چىرايلىق چىقىپتۇ!قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 23:13
  • ئېكس پى دا ئىملا تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كۆزنەكنىڭ ئاستى ھالەت قۇرىدىكى خەتلەر تەتۈر بولۇپ قالدى. مەن كۆزنەك ئېچىلغاندىن كېيىن ئۆزى چىققان مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈپ باققان ئىدىم، مۇشۇنداق تەتۈر بولۇپ قالدى. ئەمما ئۆزەم بىر-ئىككى قۇر مەزمۇن يېزىپ تەكشۈرسەم ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 20:25
  • مۇئەللىم، مەن «بالە» دەپ يازدىم، قىزىل رەڭگە ئۆزگەردى، تەكلىپ سۆزلەر ئىچىدىن «بالا» دېگەن سۆزنى تاللاپ توغرلىسام، ئاخىرىدا «ببالا» دەپ توغرىلىدى. بۇنى ھەل قىلىغىلى بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 17:33
  • بۇلۇت تېخنىكىسى بىلەن ئەنئەنىۋىي مۇلازىمىتىردا ئىشلەتكەننىڭ قانداق پەرقى بار مۇئەللىم؟ بۇلۇتتىن پايدىلانغاندىمۇ سانلىق مەلۇماتلار بىرەر ئوبىكتىپ مۇلازىمىتىردا ساقلىنىدىغاندۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 17:06
    • نۇرغۇن پەرقلەرنىڭ ئىچىدىكى نېگىزلىك پەرقى شۇكى بۇلۇت مۇلازىمىتېرى ۋە ساندانىدا: بوشلۇق، تېزلىك ۋە باشقا سەپلىمىلەرنى بىر كۇنۇپكا بېسىش بىلەنلا خالىغانچە كېڭەيتىشتە (چوڭايتىشقا، تېزلىتىشكە) بولىدۇ، بۇلار مەۋھۇم (ھەقىقىي ئەمەس) كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدە ساقلىنىدۇ. مەلۇمات قەتئىي يوقاپ كېتىدىغان ئىش بولمايدۇ. ئاستىلاپ كېتىدىغان ئىش بولمايدۇ (چۈنكى ئۆزلۈكىدىن ئېلاستىكىلىق كېڭىيەلەيدۇ). ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باھاسى ئىنتايىن ئەرزان بولىدۇ.
      سىز بۇرۇنقى ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا 7000-8000 يۈەنگە مۇلازىمىتېر سېتىۋېلىپ، يەنە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان شىركەتلەرنىڭ ئاپپاراتخانىسىدا تورغا ئۇلاپ 1 يىللىق قويسىڭىز، نەچچە مىڭ يۈەن، ھەتتا نەچچە 10 مىڭ يۈەن تاپشۇرىسىز. ئەمما بۇنىڭدا بىرىنچىدىن قاتتىق دېتالغا پۇل خەجلىمەيسىز، ئىككىنچىدىن تاپشۇرىدىغان پۇلىڭىز بىرنەچچە مىڭ يۈەن بولۇپ، كۆپ ئەرزان توختايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:55