نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) Windows XP نىمۇ قوللايدىغان بولدى، چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://imla.uighursoft.com  سىغىمى: 2.38 مېگابايت،  نەشرى نومۇرى: 1.0.0.45

بەزى كومپيۇتېرلاردا نورمال قوزغىلىپ، 3چېكىت چىقىپ توختاپ قالىدىغان قاتارلىق نۇقسانلار تۈزىتىلدى، ئازادە مۇھىتتا ئىملا تەكشۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

WeChat-0http://imla.uighursoft.com

========================================================================

 

1-سوئال: ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى بارلىق ئىملا خاتالىقىنى بايقىيالامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى ئىملاسى توغرا سۆزنىمۇ گۇمانلىق دەپ قىزىل رەڭدە بوياپ قويىدۇ؟ قانداق خاتالىقلارنى ھازىرچە بايقاپ بولالمايدۇ؟

ئۇيغۇر تىلىدا ئىملا خاتالىقلىرى باشقا تىللارغا ئوخشاش مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ.

1. سۆز بولمىغان خاتالىق (非词错误, non-word error)

بۇنداق سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ياكى ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىن ئىزدىسەك چىقمايدۇ. مەسىلەن: كومپىيۇتېر (بىر «ى» ئارتۇق يېزىلىپ قالغانشىنقاڭ (SHIFT كۇنۇپكىسى سەۋەبىدىن «ق» ھەرپى كىرگۈزۈلۈپ قالغانپروگرامما (يېڭى ئىملادا سۆز بېشىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا بىر «ى» ھەرپى قوشۇلىدۇ دېيىلگەن).

بۇنداق خاتالىق ئادەتتە مەلۇم بىر سۆزگە بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنى ئارتۇق يېزىش، كەم يېزىش، ئالماشتۇرۇپ يېزىش سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. بۇنداق خاتالىقلارنى ئوڭشاش دىيارىمىزدىكى نەشرىياتلاردا ئادەتتە كوررېكتورلۇق باسقۇچىدا تاماملىنىۋاتىدۇ. ئاز دېگەندىمۇ 3-4 قېتىم كوررېكتورلۇق قىلىش تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالى مۇشۇنداق خاتالىقلارنى بىرلا قېتىمدا بايقاپ، بەزىلىرىنى ئاپتوماتىك توغرىلىسا، بەزىلىرىنى نامزات سۆزنى كۆرسىتىش ئارقىلىق توغرىلايدۇ. ھەرقانداق ماقالىنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىدا تەكشۈرۈشكە ئادەتلىنىڭ.

ئادەتتە 60 بەتلىك A4 فورماتىدىكى پۈتۈن بىر ژۇرنالنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلسىڭىز، ئاز دېگەندە 2 كۈن (جەمئىي 16 سائەت)، نورمال بولغاندا بىر ھەپتە (5 كۈن ياكى 40 سائەت كېتىدۇ)، ئەمما ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1~1.5 مىنۇت ئىچىدە (ھەقىقىي سۆز بولمىغان) بارلىق خاتالىقلارنى تېپىپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ %50~%30 غىچە خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ. باشقا خاتالىقلارنى نامزات سۆز ئارقىلىق توغرىلىسىڭىزمۇ بىر 1-2 سائەت ئىچىدە توغرىلاپ بولالايسىز. بۇ يۇمشاق دېتال چارچىمايدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى داۋاملىق بىر خىل بولۇپ، كەيپىياتقا قاراپ ئىش تۇتمايدۇ، 16 سائەتتە تاماملايدىغان خىزمىتىڭىزنى 2 سائەتتە تاماملىيالايسىز، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز نەچچە ھەسسە كۆتۈرۈلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزى ئىملاسى توغرا سۆزنىمۇ گۇمانلىق دەپ قىزىل رەڭدە بوياپ قويىدۇ؟

جاۋاب: 10 توغرا سۆزنى لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دەپ بايقاشقا رۇخسەت بېرىلسىمۇ (ھەرگىز قەستەن ئەمەس، پەقەت سۆزلۈك ئامبىرىغا تولۇقلاپ كىرگۈزۈلۈپ بولالماسلىق سەۋەبىدىندۇر)، ئەمما بىرمۇ خاتا سۆزنى قاچۇرۇپ قويماسلىق بۇ دېتالنىڭ ئاساسىي خىزمەت پىرىنسىپىدۇر.

2. ھەقىقىي سۆز خاتالىقى (真词错误, real-word error)

بۇنداق (تۈپ) سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ياكى ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىن ئىزدىسەك چىقىدۇ. ئەمما بەزى سۆزلەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەر بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشچانلىقى يوق، دىققەت قىلىپ ئوقۇسىڭىز مەزمۇنى تاقا-تۇقا. مەسىلەن:
«تىز تاماقخانا» (خاتا)، توغرىسى «تېز تاماقخانا» بولىدۇ. بۇ يەردىكى تىز (پۇت-قولدىكى تىز بولۇپ ئىسىم) ۋە تېز (چەبدەس، چاققاندىكى تېز بولۇپ سۈپەت) دېگەن سۆزلەر لۇغەتتىن ئىزدىسەك چىقىدۇ، ئەمما «تاماقخانا» دېگەن سۆز بىلەن پەقەت «تېز» دېگەن سۆز ماسلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى سەۋەبلەردىنمۇ ھەقىقىي سۆز خاتالىق كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:

1. مېنىڭ (مەن، ئالماش)، مىنىڭ (مىن-، پېئىل)
(1) بۇ مىنىڭ كىتابىم (خاتا)
(2) بۇ مېنىڭ كىتابىم (توغرا)
(3) ئەپەندىم قېنى ئېشەككە مېنىڭ (خاتا)
(4) ئەپەندىم قېنى ئېشەككە مىنىڭ (توغرا)

2. ئېلىش (تومۇرى ئال-، پېئىل)، ئىل (تومۇرى ئىل-، پېئىل)
(1) ئۆي ئىلىش ئۈچۈن قەرز ئالدىم (خاتا)
(2) ئۆي ئېلىش ئۈچۈن قەرز ئالدىم (توغرا)

(3) چاپىنىڭىزنى قۇزۇققا ئېلىڭ (خاتا)
(4) چاپىنىڭىزنى قۇزۇققا ئىلىڭ (توغرا)

3. كېيىن (تۇرغۇن سۆز)، كىيىن (كىيىن، پېئىل)
(1) قىزىم ئوبدان كېيىن (خاتا)
(2) قىزىم ئوبدان كىيىن (توغرا)

(3) بۇنىڭدىن كىيىن ئۆي باھاسى چۈشىدۇ (خاتا)
(4) بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي باھاسى چۈشىدۇ (توغرا)

 قانداق خاتالىقلارنى ھازىرچە بايقاپ بولالمايدۇ؟

ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تىلىدا بايقالغان بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 3000 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بەزى كەسپىي خادىملارمۇ ئوڭاي خاتالىشىدۇ. ئەمما بۇنداق خاتالىقنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %10 دىن ئاز بولىدۇ. بۇنداق خاتالىقلارنى ئوڭشاش دىيارىمىزدىكى نەشرىياتلاردا ئادەتتە تەھرىرلىك باسقۇچىدا تاماملىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقىي سۆز خاتالىقىنى بايقاش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كېيىنكى نەشرىلىرىدە پەيدىنپەي ئېچىۋېتىلىدۇ، ھازىرچە پەقەت «سۆز بولمىغان خاتالىق»نى بايقايدۇ ۋە توغرىلاپ بېرەلەيدۇ.
============================================================

2-سوئال: نېمە ئۈچۈن ئىملا تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتالى شۇنچىلىك زۆرۈر؟

كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتىنى ئۆزگەرتتى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق يېزىقچىلىق قىلىدىغان بولدى. ئەمما خەت كىرگۈزگۈچىلەرنىڭ بىخەستەلىكى ۋە خەت كىرگۈزگۈچى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىقتىدارى سەۋەبىدىن ھەرخىل ئىملا خاتالىقى سادىر بولۇۋاتىدۇ. پەقەت نەشرىيات ساھەسىنى نەزەرگە ئالغاندىمۇ ھەريىلى رەسمىي نەشرىدىن چىقىدىغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تۈرى 10,000 خىلغا يېتىدۇ. ناۋادا پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلساق، ئىملا خاتالىقىنى تېپىش ۋە تۈزىتىش جەريانى ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، نۇرغۇن ۋاقىت، زېھىن ۋە مەبلەغ كېتىدۇ. شۇڭا كومپيۇتېر ياردىمىدە كوررېكتورلۇق قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى ياساپ چىقىش بەك زۆرۈر.

============================================================

3-سوئال: بۇ يۇمشاق دېتال ئادەمنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟ ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشەنسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ياق، بۇ پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىشقا بولىدىغان قورال دېتال بولۇپ، ھازىرچە يۇقىرىدا دېيىلگەن ھەقىقىي سۆز بولمىغان خاتالىقلارنى يەنى بىر يەككە سۆزدىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان ئىملا خاتالىقىنى بايقاش ۋە توغرىلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ باسالمايدۇ، ياسالغۇچى ھەرگىزمۇ ياسىغۇچىسىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ لايىھەلەنگەن. ئۇنى قوشۇمچە قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىپ ماقالىنىڭ تۇنجى كوررېكتورلۇقىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى ماقالىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭ يەنى يۇقىرىدا دېيىلگەن 2-تۈردىكى ھەقىقىي سۆز خاتالىقى بارمۇ-يوق تەكشۈرۈپ چىقىڭ.

============================================================

 ئوخشاش بىر خەنزۇچە ماقالىنى 10 تەرجىمان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلسا پۈتۈنلەي ئوخشاش چىقمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىدا بىر قېتىم تەكشۈرۈلگەن كىتاب-ژۇرناللارنى نەشرىياتقا بەرسەك ئېتىراپ قىلامدۇ؟ ئوخشىمىغان نەشرىياتلارنىڭ ئىملا ئۆلچىمى ئوخشاش بولامدۇ؟

========
جاۋاب: قارىغاندا سىز ئىملا تەكشۈرگۈچنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتمەكچى بولۇۋېتىپسىز، قارىغاندا بەزى ساۋات مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ باقاي. سىز دېگەندەك ئەھۋال تەرجىمىدە مەۋجۇت، ئەمما كوررېكتورلۇق قائىدىسى بىر خىل بولىدۇ. ھەممە نەشرىياتلار تىل-يېزىق كومىتېتى 2010-يىلى 1-ئايدا رەسمىي يولغا قويغان ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ ھەممە كوررېكتور مۇشۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىدۇ، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىمىزمۇ دەل مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: ئوخشاش بىر سۆز «كىتاپ» نى چوقۇم «كىتاب» توغرىلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يېزىلىشى پۈتۈنلەي خاتا بولىدۇ. كوررېكتورلۇق 1 نى 1 دەيدىغان ئېنىق قائىدە بولۇپ، سىز دېگەندەك نەچچە خىل كوررېكتورلۇق قىلىش ئۇسۇلى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، ھەرقانداق ماقالىنىڭ تۇنجى كوررېكتورلۇقىنى بۇ دېتالدا تەكشۈرۈپ ۋە توغرىلاپ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋېتىپ، نەشرىياتقا بەرسىڭىز، ئۇلار ئۆزگەرتىدىغان خاتا سۆزلەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدۇ. سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى تېجەپ بېرەلەيسىز.
سىزنىڭ يەنە قانداق سوئاللىرىڭىز بار؟ بۇ يەردە ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ، مەن بۇ يەردە ئاۋۋال مۇھىملىرىنى تاللاپ بىربىرلەپ جاۋاب بېرىمەن، رەھمەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
105 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 5
  • مەن Windows 8 نى ئىشلىتىۋاتىمەن، كومپىيوتېرىمغا قاچىلاش ئۈچۈن ئاۋال NET Frame 3.5 نى قاچىلىدىم، نورمال قاچىلانغاندىن كىيىن نومۇر ئىلتىماس قىلدىم، كىرىشنى باسسام چوڭ كۆزنەك ئېچىلىپلا كەينىدىن:
    Uighursoft IMLA
    Uighursoft IMLA 已停止工作
    出现了一个问题,导致程序停止正常工作。如果有可用的解决方案,Windows将关闭程序并通知你。
    关闭(C)
    دەيدىغان كۆزنەك چىقىدۇ، باسساملا ئۆچىدۇ، نورمال ئىشلىتەلمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:57
  • كۆپ رەھمەت ! ھازىرغىچە شۇنداق نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن……….
    ئەمدى XPچىلارنىڭمۇ كۈنى توغۇلۇپتۇدە……………….

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:39
  • كۆپ رەھمەت ! ھازىرغىچە شۇنداق نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن ! ئىملا دېگەننى شۇنداق پېچەت توغۇرلىۋىتىدىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:20
  • @ئالىم ئەھەت
    دېمەك، بىز لۇغەتكە قاتقان سۆزلەر توغرىلا بولسا بۇ دېتالنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە توغرىلىق نىسبىتىنىڭ يۇقۇر بولىشىغا ئاز- تولا بولسىمۇ تۆھپە قوشالايدىكەنمىزدە! ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ. ئەمما تورسىز مۇھىتتا ئىشلىمەيدۇدە…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:15
    • شۇنداق، لېكىن نۇرغۇن ئادەملەر خاتا قوشۇۋېرىپتۇ، %80-%90 سۆزدە مەسىلە بار.

      بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) Windows XP نىمۇ قوللايدىغان بولدى، چۈشۈرۈش ئادرېسى:
      http://imla.uighursoft.com سىغىمى: 2.38 مېگابايت، نەشرى نومۇرى: 1.0.0.45

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:20
  • سۆزلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى ھەققىدە ئەستايىدىل چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت مۇئەللىم.
    ئەمدى كۆڭۈل توق بولى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:06
  • تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال سورىسام، ئۇيغۇر سوفت لۇغىتىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى 5.0 شۇمۇ ؟ ياكى ئەمدى ئېلان قىلىنامدۇ؟ قانداق سېتىۋالىمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 16:43
  • سىستېمام windows 8.1، بىۋاستە قاچىلىسام قاچىلانماي،يۇمشاق دېتالنى windows 7 گە ماسلىشىشچان ھالەتتە قاچىلىسام قاچىلاندى،لېكىن ھەر قېتىم ئىملا تەكشۈرگەندە
    Uighursoft the spellcheck request failed with status HTTP 400 bad request.
    خاتالىقى يۈز بىرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 13:52
  • سوئال: ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتالى شەخسلەر (بۇلۇت) ھەقسىز نەشرىنىڭ تېخنىكا ئاساسىي زادى نېمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:37
  • مېنىڭ بىر سوئالىم، لۇغەتكە قېتىش ئىقتىدارى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ نومۇردىكى ھېساباتىغىلا سۆز قاتامدۇ ؟ ياكى ئۇ سۆزلەرنى بىۋاسىتە چوڭ لۇغەتكە قاتامدۇ ؟ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئاچىل دېگەن شېئىرىنى تەكشۈرسەم نۇرغۇن سۆزلەر گۇمانلىق سۆزلەر دەپ چىقتى، ئاندىن نۇرغۇن سۆزلەرنى لۇغەتكە قىتىۋەتكەن ئىدىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:05
    • شۇنداق، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ ھېساباتىغا قوشۇلىدۇ، بىز ئارقا سۇپىدىن تەستىقلىمىغۇچە باشقىلار كۆرەلمەيدۇ ھەم ئىشلىتەلمەيدۇ. ھازىرچە شېئىرنى تەكشۈرۈش ئاساسىي ئورۇندا ئەمەس، بولۇپمۇ قەدىمكى شېئىرلارنى. چۈنكى ئۇ شېئىرلار سۆزلەرنى ئاجىزلاشتۇرماي يازىدۇ، مەسىلەن: گۈل ئاچىلدى دەپ، ئەمما ھازىر گۈل ئېچىلدى دەيدۇ. بۇنداق سۆزلەرنى تەستىقلىۋەتسەك، كوررېكتور دېتالىمىز ساراڭ بولۇپ قالىدۇ، نېمانداق تولا ئىملا ئۆزگەرتىدىغان خەق بۇ دەپ، بۇنى ھازىرچە كوررېكتورىمىز بىلىپ قالمىسۇن-ھە؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:13
  • windows XP دا ئېچىلمايلا تۇرىدىغۇ ؟؟؟ NET.Framwork نى قاچىلىسام ئىجىرا بۇلامدۇ ؟؟؟ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ شاللانغانلىقىنى بىلىمەن ، ئۆيدە خاتىرە كومپۇيۇتېرىمدا win7 نى باللىرىم ئىشلىتىدىغاندا win8 نى ئىشلىتىمىز لىكىن ، ماۋۇ ئىشخانىدا…. مۇمكىن بولسا ئامالىنى قىلساق ياخشى بولاتتى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:02
    • ھازىر بۇ ئىشلاردىكى جىددىيچىلىكمۇ بىر قۇر ئىزىغا چۈشۈپ بولدى، ئەمدى بۇ مەسىلىنىمۇ ئويلىشىپ باقاي، سەۋر قىلىپ تۇرسىڭىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:15
  • كەچۈرۈڭلا بايام تېلفۇندا يازغان ئىملا خاتالىقى بولۇپ قاپتۇ(خىجىل بولغان چىراي ئىپادىسى).

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 06:33
    • بىزنى ئالدىراتقانلىقىڭىزنى بىلدىم. تېلېفۇن نۇسخىسىدىكى ئىملا تەكشۈرۈش پات يېقىندا تاماملانغۇسى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:25
  • @مۇھەممەد 19
    مېنىڭ ئىنىق ئىسىمدە مەن ئوقۇغاندا
    سۆزلەرنىڭ بىرىنجى بوغۇمىدىكى ئا بىلەن ئە ئاجىزلاشقاندا ئې غا كىيىنكى بوغۇملىرىدىكى ئا بلىەن ئە ئاجىزلاشقاندا ئى غا ئاجىزلىشىدۇ
    دەپ ئۆگەنگەن ھازىر يىڭى ئىملادا مۇشۇ توغۇرسىدا تۈزۈتۈش بولمىغانلا بولسا مۇشۇ توغرا بۇ ئىسىمدە قىلىشىچە 2009-يىلدىكى گەپ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 06:29
    • شۇنداق، بىر بوغۇملۇق سۆزلەر ئاجىزلاشقاندا «ئا»، «ئە» ھەرپى «ې» ھەرپىگە ئۆزگەرتىلىپ يېزىلىدۇ دېيىلگەن، بۇ قائىدە ئۆزگىرىپ باقمىدى. مەسىلەن:
      باغ=بېغى، تاغ=تېغى، تام=تېمى
      ئەل=ئېلى ، بەت=بېتى، خەت=خېتى
      ئەمما، يېڭى ئىملادا 940 سۆزنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق (يەنى ئارمىيىسى ئەمەس ئارمىيەسى، ناھىيىسى ئەمەس ناھىيەسى دەپ) تەشەببۇس قىلىنغان.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:31
  • تورداش «مۇھەممەد 19 » نىڭ سورىغان سۇئالى نەق مەن سورىماقچى بولغان سۇئال ئىدى مۇئەللىم، زادى شۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 02:34
  • سىزنىڭ ئەستايىدىلىقىڭىزغا يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
    كوررېكتورلۇق قىلىپ باققانلار ياكى شۇ ساھەدىكى كىشىلەر ئاندىن سىزنىڭ بۇ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىدۇ. ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورىنىڭ كېيىنكى نۇسخىلىرىغا ۋە سىزنىڭ باشقا تەتقىقات ئىشلىرىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 23:07
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ئىلگىرى ئوقۇغان چاغلىرىمىزدا تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش قائىدىلىرىدىن بىرى مۇنداقراق ئىسىمدە ئىدى: ئاخىرقى سوزۇق تاۋۇشى «ئا»، «ئە» بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر ئاجىزلاشقاندا، «ئې»، «ئى»غا ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭدىن مەن «ئا» بىلەن ئاياغلاشسا «ئې»غا، «ئە» بىلەن ئاياغلاشسا «ئى»غا ئۆزگىرىدۇ، دەپ ئويلايتتىم، ھەم بەزى ماتېرىياللاردا سۆزلەرنىڭ شۇنداقراق قائىدە بىلەن يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، مەسىلەن: «بار» ۋە «بەر» دىگەن سۆزلەرنى ئاجىزلاشتۇرساق، بار+ىپ=بېرىپ، بەر+ىپ=بىرىپ. لېكىن ھازىرقى كۆپ ماتىرياللاردا ھەممىسى «ئې»غا ئۆزگەرگەنلەنلىكىنى كۆردۈم. سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزدىن ھازىرقى ئىملا قائىدىسىنىڭمۇ شۇنداقراق ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، يۇقىرىقى ئىككى سۆز ئوخشاشلا «بېرىپ»قا ئۆزگىرىدۇ، ئۇنداقتا ئوخشىمىغان ئىككى سۆز ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىپ، يالغۇز كەلگەندە ئايرىغىلى بولمايدۇ، بۇنداق سۆزلەر مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ، مەسىلەن: «ئال»، «ئەل» دىگەن ئىكىكى سۆزنى دىسەك، ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا «ئېلىپ» دىگەن سۆزگە ئاجىزلاشسا، مىسال كەلتۈرۈپ، «گۆشنى ئېلىپ بەر» دىسەك، بۇ جۈملە «گۆشنى قارماقتىن قولۇمغا بەر» دىگەن مەنىنى ئىپادىلەمدۇ ياكى «گۆشنى قارماققا بەر» دىگەن مەنىنى ئىپادىلەمدۇ؟ پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ، ئەگەر بۇنى «ئال+ىپ=ئېلىپ» دەپ ئاجىزلاشتۇرساق ۋە «ئەل+ىپ=ئىلىپ» دەپ ئاجىزلاشتۇرساق، پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن مەن دىگەندەك قائىدە بويىچە ئۆزگەرسە توغرىراق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭغا قانداق كۆزقارىشىڭىز بارلىقىنى ئاڭلىغۇم بارئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 22:40
    • بىر بوغۇملۇق سۆزلەر ئاجىزلاشقاندا «ئا»، «ئە» ھەرپى «ې» ھەرپىگە، كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردە «ى» ھەرپىگە ئۆزگەرتىلىپ يېزىلىدۇ دېيىلگەن، بۇ قائىدە ئۆزگىرىپ باقمىدى. مەسىلەن:
      باغ=بېغى، تاغ=تېغى، تام=تېمى، ئال-=ئېلىش، قال-=قېلىش، سال-=سېلىش
      ئەل=ئېلى ، بەت=بېتى، خەت=خېتى
      كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەر
      دادا=دادىسى، ئاپا=ئاپىسى
      ئەمما مۇنداق بىرىككەن سۆزلەردە كەينىدىن ئۇلانغان سۆزنىڭ بىر ياكى كۆپ بوغۇملىقىغا قارايمىز، ھەم يۇقىرىقى قائىدىنى تەدبىقلايمىز.
      بەلباغ=بەلبېغى، ئاراتام=ئارىتېمى، يۈزبېشى، مارالبېشى،….دېگەندەك
      ئەمما يېڭىدىن بىرىككەن سۆزلەردە ئارايۈزى=ئارىيۈزى دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي ئارايۈزى دەپ ئېلىۋاتىمەن.

      ئەمما، يېڭى ئىملادا 940 سۆزنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق (يەنى ئارمىيىسى ئەمەس ئارمىيەسى، ناھىيىسى ئەمەس ناھىيەسى دەپ) تەشەببۇس قىلىنغان بولغاچقا، مەنمۇ Windows 8 نى تەرجىمە قىلغاندا «ئەپ» دېگەن سۆزنى «ئەپى» دەپ ئېلىپ كەلدىم.
      ئەمدى سىزنىڭ سوئالىڭىزغا جاۋاب بەرسەم مەيلى ئۇ «ې»غا ئاجىزلاشسۇن ياكى يېڭىدىن «ى»غا ئاجىزلاشتۇرۇلسۇن بەرىبىر توقۇنىشىدىغان سۆزلەر يەنىلا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئۆزگەرمەي بىر خىل تۇرغىنى ياخشى، خاتالاشساقمۇ ئىزچىل بىر خىل خاتالاشساق، ئۇنى تۈزىتىۋېلىش بەكمۇ ئوڭاي بولىدۇ، بىردەم ئوڭدا ياكى سولدا يۈرسەك ئۆزىمىزگە ئاۋارچىلىك بولىدۇ، مېنىڭچە بولغاندا ئاجىزلاشتۇرۇپ يېزىش ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئايلىنىپ بولدى، ئەمما بۇرۇنقى سۆزلەرگە تەگمىسەكمۇ، بەزى يېڭى سۆزلەرنى ئاجىزلاشتۇرماي ئۆز پېتى يېزىشقا ئادەتلىنىشنى توغرا دەپ قارايمەن. مەسىلەن: ئەپ=ئەپى، كانادا=كاناداسى، پىلانېتا=پىلانېتاسى، …

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:38
باھا بېتى: 1 2 3 5