WordPress نىڭ 4.1 (ئۇيغۇرچە) نەشرى ئېلان قىلىندى
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]WordPress نىڭ 4.1 نەشرى داڭلىق جاز ناخشىچىسى دىناھ ۋاشىڭتون (Dinah Washington) نى خاتىرىلەش ئۈچۈن دىناھ (Dinah) دەپ ئاتالدى، ھازىر چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ ياكى WordPress نىڭ باشقۇرۇش تاختىسىدىن يېڭىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. يېڭى ئىقتىدارى پۈتۈن زېھنىڭىزنى يېزىقچىلىققا قارىتىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
Twenty Fifteen (ئىككى مىڭ ئون بەش) باشتېمىنى تونۇشتۇرۇش
Twenty Fifteen ئوچۇق ۋە پاكىزىلىقنى مەركەز قىلغان بىلوگلارغا يۈزلەنگەن ئەڭ يېڭى باشتېما.
ئاددىي بەت تىزىلىش ھەرقانداق ئېكراندا ئاسان ئوقۇشقا بولىدۇ. مەزمۇنىڭىز مەيلى يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ياكى باشقا كومپيۇتېرلاردىمۇ مۇشۇنداق كۆرۈنىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://ug.wordpress.org/
سىغىمى 6.85 مېگابايت
https://ug.wordpress.org/wordpress-4.1.1-ug_CN.zip
ئۇيغۇرچە سىناق بەتنى كۆرۈش ئادرېسى:
http://wp.alimahat.com/
http://wp.alimahat.com/
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,670 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 02-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 23:04
- ئالدىنقى يازما :مانا مال كەلدى، HP Stream
- كېيىنكى يازما :Different charges of emotional illness have already been described in cultural groups in the UK (Nazroo, 1997).
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟
مەن كومپىيۇتېرىمدا wordperss تەڭشەپ ، لايھىلەش خاسلاشتۇرۇش ئورۇنلىرىنى تەڭشەپ بولۇپ ،كومپىيۇتېرمنى قايتا قوزغاتسام يەنە باشقا قايتىپ ، يەنە باشتىن تەڭشەش بىتى چىقىپ ، مەن تەڭشەپ خاسلاشتۇرغان بەت ئېچىلمايۋاتىدۇ، ھەرقىتىم تەڭشەپ كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتسام ، يەنە باشتىن تەڭشەيمەن ،پەقەت ئىشلىتەلمىدىم قانداق قىلسام بولار ؟؟؟ياردەم قىسىڭىز بوپتىكەن مۇئەللىم !!!!!!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەسىپداشلار؟
مەن يېڭى نەشىرىنى ئىشىلتىش جەريانىدا بىر مەسىلىنى بايقىدىم، بۇ مەسىلە سىلەردە بارمۇ يوق؟ بىلەلمىدىم. ئۇ بولسىمۇ: خەتكۈچلەرنى پەش بىلەن ئايرىپ يازساممۇ، لېكىن يازما يۈزىدە ھەممىسى ئۇلىنىپ چىقىۋالدى، بۇ نىمىدىكى مەسىلىدۇر؟
ئىنكاسنى قايتا تەھرىرلىگىلى بولمايۋاتىدۇ،ئەسلى ئىلھام ئەپەندى دېمەكچى ئىدىم،كەچۈرۈڭ
ئۈستىدىكى ئىلسام ئەپەندىگە:
«چوڭ تىپتىكى مەخسۇس ئۇچۇق كودلۇق تور بەت سېستىمىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ،ۋارىسلىق قىلىش ،كېڭەيتىش،ئېچىش ،يەرلىكلەشتۇرۇش ،ئىشلىتىش ،ئۇنىڭدىكى ئىدىيە ،تەپەككۇر توغۇرسىدا بىر تاللا مەخسۇس تور بىكەت ئېچىلسا ھەممىمىز شۇ تور بەتتىلا دىدارلاشساق ،تەرەققى قىلدۇرساق بەك ياخشى بۇلاتتى ،بۇنداق سېستىمىنى ئۇيەردىن ،بۇيەردىن تىرىپ ئۆگىنىپ ناھايتىمۇ بەك ۋاقىت ھەم زىھىن كىتىدىكەن ،مۇشۇ 中关村,太平洋 دەك مەخسۇس قاسساپلار يىغىلغان تور بەت مۇشۇ كەگىچە يوق بولسامۇ بەك ئاز ،ساناقلىقلار ،ھەم تەرەققىياتى بەك ئاستا ،ئېھتىياجدىن چىقىپ بۇلىشى بەك تۆۋەن »
مېنىڭچە نۇرقۇت ئەترىتىنى زىيارەت قىلىپ باققايسىز،خېلى يامان ئەمەس تەرەققى قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن،ھەم تور بەتچىلىككە ئائىت قاسساپلار شۇ يەردە كۆپ(خۇددى قۇشخانىدەكلا،ھې ھې…)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم. مەن wordpress نىڭ 4.1.1 نەشىرىنى قاچىلىغان ئىدىم. ھەم 2013 باش تېمىسىنى ئىشلەتكەن ئىدىم. بىراق يازمىغا كىرگۈزگەن ئىنگلىزچە خەتلەر ھەر ۋاقىت ئوڭغا توغىرلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
ئارقا سۇپىدىن بىلوگ تىلىنى English غا توغىرلىسام ئنىگلىزچە خەتلەر توغرا كۆرۈندى، ئۇيغۇرچىغا تەڭشىسەملام بۇ ئنىگلىزچە خەتلەر ئوڭغا توغىرلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز؟