ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى

[ تاغدىن-باغدىن ]

مېدىتسىنادىكى زور بۆسۈش
Shoukhrat Mitalipov Lab

ئامېرىكا ئورېگون دۆلەتلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تەتقىقات مەركىزى(ONPRC)دىكى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى خادىملار ئادەم تېرىسىدىن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىچە بۇ تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ئىنسانلار مېدىتسىنا تارىخىدىكى زور بۆسۈش ھېسابلىنىدىكەن. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدىكەن.

干细胞 stem cells: غول ھۈجەيرە ئۆزىنى كۆچۈرۈش (self-renewing) ئىقتىدارىغا ئىگە يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور ھۈجەيرىدۇر. غول ھۈجەيرىنىڭ يېتىلىش جەريانى تۆرەلمە غول ھۈجەيرە (胚胎干细胞 embryonic stem cell) ۋە يېتىلگەن غول ھۈجەيرە (成体干细胞 Adult Stem Cell) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى غول ھۈجەيرە ئىككى خىل بولۇپ، بىرى پۈتۈن ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرە بولۇپ ئادەمنى كىلونلاشقا بولىدۇ، يەنە بىرى كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرە بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ئەزالىرىنى يېتىلدۈرۈشكە، كۆچۈرۈشكە ۋە زەخمىلەنگەن ئەزلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

2008-يىلى 9-ئايدا دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندە، مەن ئۇ ئاكىمىز بىلەن پاراڭلاشقاندا ماڭا ئاددىي قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىدى، مانا بۈگۈن ئۇنىڭ نەتىجىسى چىقىپتۇ. يەنى ئۇ ئاكىمىز ماڭا مۇنداق چۈشەندۈرگەن ئىدى، ناۋادا يۈرىكىڭىزدىن چاتاق چىقسا، تېرىڭىزىن ھۈجەيرە ئېلىپ، ئۇنى تەجرىبەخانىدا يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، كاردىن چىقاي دېگەن يۈرىكىڭىزنى ئېلىۋېتىپ، ئۆزىڭىزگە %100 ماس كېلىدىغان يۈرەكنى سېلىپ داۋالاشقا بولىدۇ. كىم ماڭا يۈرەك سوۋغا قىلاركىن دەپ ساقلاپ ئولتۇرمايسىز دېگەن ئىدى.

ئىنگلىزچە خەۋەرلەر:
Embryonic stem cells: Advance in medical human cloning
تۆرەلمە غول ھۈجەيرە: مېدىتسىنادا ئىنسانلارنى كىلونلاشتا ئىلگىرلەش بولدى
http://www.bbc.co.uk/news/health-22540374

شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تور ئادرېسى:
http://www.ohsu.edu/xd/research/centers-institutes/stem-cell-center/mitalipov-lab/index.cfm
=============================
ئىسمى: شۆھرەت مۇتەللىپ
خەنزۇچە: 舒克拉特·米塔利波夫
ئىنگلىزچە: Shoukhrat Mitalipov

1961-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا شەھىرىدىكى غالجات ئۇيغۇرلار مەھەللىسدە تۇغۇلغان. 1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە موسكىۋا تېببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇپ، ئىرسىيەتشۇناسلىق يۆنىلىشى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە موسكىۋا تېببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئامېرىكا ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتى ھايۋانات، مال دوختۇرلۇق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى بۆلۈمىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

1998-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پىرىماتلار تۈرىدىكى (يەنە ئومۇرتقىلىق) ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
66 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئاپرىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:32
  • ما ئاكىمىزنىڭ ئەسلىي زاتى ئۇيغۇر بولغاندىكىن ، تىلىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىسا بولاتتى، كېكەچلەپ يۈرمەي ! …

    شۇنچىلىك ئىلىم – بىلىمىگە يارىشا ما يۇرتنىڭ، ما يۇرت باللىرىنىڭ غېمىنى قىلىپ قويسا، ئا ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ما مىللەتنىڭ تىلىدا كىتاب قىلىپ پۈتۈپ تۈنۈگەن-بۈگەنلىدە توغۇلغان بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئاتاپ قويسا، مەھمۇت كاشىغەرىنى، يۈسۈپ خاس

    ھاجىپنى دورىغان بولار ئىدى، ما يۇرتقا ھېچ بولمىسا ئىككى – ئۈچ يىلدا بىر كېلىپ تۇنۇش ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، تۇنۇش تۇپراق، تۇنۇش ئادەملەرنىڭ دىدارىنى بىر كۆرۈپ قۇيسا، يۇرت ئەھلىنىڭ سالام-سائەت، ئۆرپ-ئاتلىرىنى قايتا بىر ئەسلەپ ئەل

    جامائەتنىڭ دۇئاسىنى ئالسا، ئەقىل- بىلىمدە تېخىمۇ كامالەتكە يىتىپ بەرىكەت-ئامەتلەر ياغار ئىدى، يۇرتىمىزدا ئوقۇپ ساۋات چىقارغان ئىلىمگە تەشنا بالىلار بىلەن تونۇشۇپ پىكىر-سۆھبەتلەردە، ئەمرى-مەرۇپلاردا بولغان بولسا خەلقىمىز «مەرىپەت يۇلتۇزى» دەپ ھۆرمەتلەپ، كۆڭۈل تۆرىدە تا ھازىرغىچە ياد ئېتىپ كىلىۋاتقان ئابدۇقادىر داموللىدەك تېگىشلىك ئىززەت تاپار ئىدى.

    مەن بۇ ئاكىمىزغا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمەن.
    ئاخىرىدا «مەرىپەت يۇلتۇزى» ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئۆز دەۋرىدە يۇرت ئۆلىمالىرىدىن سورىغان «شۇنچە يىل رىيازەت چېكىپ نېمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق ؟ » دېگەن سوئالىنى ئۆزىگە قويۇپ تىگىشلىك جاۋاب تېپىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:04
  • مۇبارەك بولسۇن تېخىمۇ كوپ شوھىرەت كازىنىشىڭىزنى چىن كوڭلۈمدىن تىلەيمەن مېنىڭ ئېلخەت ساندۇكۇمغا خەت كالدۇرۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ خوش ……..qq;1812967749

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:26
  • بىزدە مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ بولغانلىقى بىزنىڭ شان-شەرىپىمىز، بۇلارنى قەدىرلەيلى، شۇنداقلا ھەممىمىز ئۆزئىشىمىزدا ئازتولا بولسىمۇ نەتىنجە قازىنىپ ئۇمۇمىي مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرشايلى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:16
  • http://www.uynews.com/mazmun.php?hid=764 ما بىر نىمىنى بىر كۆرۈپ بىقىڭلار، 11مىنۇت 20سىكۇنتلۇق يىرىدىن باشلاپ كۆرۈڭلار. ھەجەپ نىرۋام ئۆرلىدى مانى كۆرۈپ.
    مۇشۇ خەۋەردە، بۇنى يالغان خەۋەر دەپ چىقىرپتۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:22
  • بۇنى دۇنيادىكى ئىشلاردا ساختىلىق ئىشلەتكەن دەپ چىقىرىپتۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:21
  • http://www.uynews.com/mazmun.php?hid=764 ما بىر نىمىنى بىر كۆرۈپ بىقىڭلار، 11مىنۇت 20سىكۇنتلۇق يىرىدىن باشلاپ كۆرۈڭلار. ھەجەپ نىرۋام ئۆرلىدى مانى كۆرۈپ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:43
  • ئۆمرۈنى ئوزۇن بولغاي…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 12:57
  • ئالىم مۇئەللىم، بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز، بىر سوئال سورايدىغان بولدۇم.
    ۋىندوۋس 8 مۇھىتىدىكى ۋورد 2007 دە «» نى چىقىراي دېسەم، ”“ بۇ چىقىۋالدى. مەن مىكروسوفت تەمىنلىگەن
    «ئۇي 维吾尔语键盘» نى تاللاپ قويغان ئىدىم. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بارمىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 14:46
  • ئاللا قولىڭزغا دەت بەرمىسۇن ؟ باسقان قەدمىڭىز خەيرىلىك بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 14:07
  • مۇئەللىم مەن ئۈچ تۆت كۈننىڭ ئالدىدا سىزنىڭ ئىسمى alim.ahat@hotmail.com بولغان ئېلخەت ساندۇقىڭزغا بىر پارچە خەت يوللىۋەتكەنتىم بەلكىم ئالدىراشچىلىقتا ئوقۇغۇلىمۇ ۋاقىت چىقىرالماي قالدىڭز.بولسىغۇ ئۆزۇم كۆرۇشۇپ دېگۈم بارتى،بىراق ئىچكىردە بولغانچقا ئامال بولمىدى.تۆنۈگۈن قىزىل بايراق سىتىش بۆلىمىگە تېلېفۇن قىلسام سىزنى كەلمىدى دېگەن،يا تېلېفۇن نۇمۇرىڭزنى بىلمەيمەن.بولسا شۇ خەتنى بىر كۆرۈپ باقسىڭز،رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى am 09:39
  • ئالىم مۇئەللىمىنىڭ مۇبارەك ئىسمى چاپلىشىپ قاپتۇ، قايتا چاپلاپ قوياي
    http://bbs.alkuyi.com/thread-37267-1-1.html

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 19:11
  • http://bbs.alkuyi.com/thread-37267-1-1.htmlئالىم مۇئەللىم ماۋۇ ھەممە ئادەم بىر ئاڭلاشقا تىگشلىك ئۇيغۇرچە لىكسىيەكەن مۇشۇ سىزنىڭ تور خاتىرىڭزگە چىققانلارمۇ بىر ئاڭلاپ باقسۇن دەپ چاپلاپ قويدۇم،سىزمۇ مائارىپچى بولغاندىكىن بولسا ئاشۇ ئۇقۇتۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىڭزغا قويۇپ بىرىڭ ياكى تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ.ئادەم قۇلاقتىن سەمرىدۇ دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ،پايدا قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 19:09
  • ھە راست ئالىم مۇئەللىم !
    مەن مۇشۇ پۇرسەتتە بىر نەرسىنى سورىۋالاي، 10 لۇق سېستىمىدا 0 – 9 گىچە 10 دانە رەقەم بار، مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە نېمىشقا 8 لىك سانلار سېستىمىسى دەپ ئايرىشنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم ؟
    توردىن ئاختۇرساممۇ بەزى بايانلارنى چۈشىنەلمىدىم. لىكىن ئۆزۈمغۇ كومپيۇتېر خىزمەت قانۇنىيىتى دەرسىنى ياخشى ئۆگەنسەم بولغۇدەك دەپ ئويلۇدۇم. ماڭا بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى am 08:44
    • سىزگە مۇنداق بىر ئوخشىتىش بىرەي:پولۇنى يىسەك قوساق تويۇتتى،نىمشقا يەنە لەغمەن،مانتا ،سۇيۇقئاش دىگەندەك تاماق بار؟چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ مىجەزى ئوخشاش بولمىغاچقا پولۇمۇ ھەممە ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ،بەزى ئادەملەرگە مانتا،يەنە بەزىلەرگە سۇيۇقئاش ماس كىلىدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش كومپىيوتېر ساھەسىدىكى ھەممە مەسىلىنى 10لۇق سىستما بويچە ھەل قىلغىلى بولمايدۇ،ياكى ھەل قىلغىلى بولغان تەغدىردىمۇ قىيىن بىر ئش، بىز ئوخشىمىغان تۈردىكى مەسىلىلەنى ھەل قىلىشتا شۇنىڭغا ماس كىلىدىغان سىستىمىدى سانلارغا(ئىككىلىك،ئون ئالتىلىك دېگەندەك) مۇھتاج بولىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى am 11:22
باھا بېتى: 1 2 3