ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى
[ تاغدىن-باغدىن ]مېدىتسىنادىكى زور بۆسۈش
Shoukhrat Mitalipov Lab
ئامېرىكا ئورېگون دۆلەتلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تەتقىقات مەركىزى(ONPRC)دىكى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى خادىملار ئادەم تېرىسىدىن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىچە بۇ تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ئىنسانلار مېدىتسىنا تارىخىدىكى زور بۆسۈش ھېسابلىنىدىكەن. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدىكەن.
干细胞 stem cells: غول ھۈجەيرە ئۆزىنى كۆچۈرۈش (self-renewing) ئىقتىدارىغا ئىگە يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور ھۈجەيرىدۇر. غول ھۈجەيرىنىڭ يېتىلىش جەريانى تۆرەلمە غول ھۈجەيرە (胚胎干细胞 embryonic stem cell) ۋە يېتىلگەن غول ھۈجەيرە (成体干细胞 Adult Stem Cell) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.
ئادەم بەدىنىدىكى غول ھۈجەيرە ئىككى خىل بولۇپ، بىرى پۈتۈن ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرە بولۇپ ئادەمنى كىلونلاشقا بولىدۇ، يەنە بىرى كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۈجەيرە بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ئەزالىرىنى يېتىلدۈرۈشكە، كۆچۈرۈشكە ۋە زەخمىلەنگەن ئەزلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
2008-يىلى 9-ئايدا دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندە، مەن ئۇ ئاكىمىز بىلەن پاراڭلاشقاندا ماڭا ئاددىي قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىدى، مانا بۈگۈن ئۇنىڭ نەتىجىسى چىقىپتۇ. يەنى ئۇ ئاكىمىز ماڭا مۇنداق چۈشەندۈرگەن ئىدى، ناۋادا يۈرىكىڭىزدىن چاتاق چىقسا، تېرىڭىزىن ھۈجەيرە ئېلىپ، ئۇنى تەجرىبەخانىدا يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، كاردىن چىقاي دېگەن يۈرىكىڭىزنى ئېلىۋېتىپ، ئۆزىڭىزگە %100 ماس كېلىدىغان يۈرەكنى سېلىپ داۋالاشقا بولىدۇ. كىم ماڭا يۈرەك سوۋغا قىلاركىن دەپ ساقلاپ ئولتۇرمايسىز دېگەن ئىدى.
ئىنگلىزچە خەۋەرلەر:
Embryonic stem cells: Advance in medical human cloning
تۆرەلمە غول ھۈجەيرە: مېدىتسىنادا ئىنسانلارنى كىلونلاشتا ئىلگىرلەش بولدى
http://www.bbc.co.uk/news/health-22540374
شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تور ئادرېسى:
http://www.ohsu.edu/xd/research/centers-institutes/stem-cell-center/mitalipov-lab/index.cfm
=============================
ئىسمى: شۆھرەت مۇتەللىپ
خەنزۇچە: 舒克拉特·米塔利波夫
ئىنگلىزچە: Shoukhrat Mitalipov
1961-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا شەھىرىدىكى غالجات ئۇيغۇرلار مەھەللىسدە تۇغۇلغان. 1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە موسكىۋا تېببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇپ، ئىرسىيەتشۇناسلىق يۆنىلىشى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە موسكىۋا تېببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئامېرىكا ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتى ھايۋانات، مال دوختۇرلۇق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى بۆلۈمىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
1998-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پىرىماتلار تۈرىدىكى (يەنە ئومۇرتقىلىق) ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 16,387 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 05-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:25
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 نى ئىشلىتىدىغانلار %3.82 غا يەتتى
- كېيىنكى يازما :25-ماي سەھەردە مەن بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان رادىيو سۆھبىتى
ئالىم مۇئەللىم ، سزنى سېغىندىم، لىكسىيەلىرىڭىزنى ئاڭلىغۇم كەلدى……… تىنڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
مۇتەللىپ ئەۋلادىنىڭ شۆھرەت قازىنىپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق زات بولغانلىقىدىن سۈيۈندۇم.
ياشاپ كىتىڭ شۆھرەت مۇتەللىپ.
تۆرەلمە غول ھۈجەيرىدىن(ھەممىگە قادىر ھۆجەيرە) ھەر تۈرلۇك غول ھۆجەيرىلەر شەكىلنىدۇ،ئاندىن بۇ غول ھۆجەيرىلەر DNAنىڭ بويرىقى بىلەن مەلۇم خۇسۇسىيەتكە ئىگە ھۆجەيرە، ھۆجەيرە تۇقۇلمىلىرى ۋە ئىچكى ئەزالارنى شەكىللەندۇرىدۇ.تۆرەلمە پۇتۇنلەي شەكىللەنگەندىن كىيىن بۇ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى ئاساسەن يۇقايدۇ.
ھىسابدا بۇ تېرە ھۆجەيرىسى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ بۇلىدۇ.مۇشۇ ئادەتتىكى تېرە ئارقىلىق تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى يىتىلدۈرۈپ چىقىش ھەققىقەتەن بەك تەس.
ئاپىرىن!!!
ياراتقان ئېگىمىزنىڭ قۇدرىتى بەك ئۇلۇغ جۇمۇ.
بىر كىسەل چۈشۈرسە ئۇنىڭ داۋاسىنىمۇ چۈشۈردۇ.
بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كۆپلىگەن كېسەللەرگە سەۋەب بولغاي.
سىزمۇ تەتقىق قىپ بېقىپتىكەنسىز دە ؟ سۆزلەش پۇرسىتى بىر كەپتۇ . كارامەت مىللەت جۇما بىز . ئاقساقال جىق
ۋوي سىزگە نىمە بولدى، باشقىلار ئىككى ئىغىز ئۆزىنىڭ چۇشەنچىسنى سۆزلەپ باقسا بولمامدىكەن، ھىلىمۇ باشقا گەپ قىلماپتۇ،خاتا سۆزلەپ قالغان تەغدىردىمۇ بىلىدىغانلار توغرسىنى دەپ بىرىپ ئۈگۈتۈپ قويىشىمز كىرەكقۇ!
ئىسىل ! ئاللا خالىسا نوبىل مۇكاپاتىمۇ ئۇيغۇرلارغا تېگىل بولىدۇ.
مېنىڭچىمۇ شۇنداق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى جۇڭگولۇق ئىدى، كېيىن قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەن دېيىشىپ كېتەرمۇ-ئەمدى.
ماۋۇ گەپنى ئاڭلاپ راستىنلا شۇنداق بۇلىدىغاندەك ، كۆزلىرىمگە ياش كىلىپ كەتتى.
نېمىشقا چىقىپ كەتكەن دەيدىغانلارمۇ چىقار؟
ۋاھ! بۇ بەك كاتتا خۇشخەۋەر بوپتۇ. ئالىمىمىزنىڭ ياشلارغا بولغان تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.
مۇبارەك بولسۇن!
ئاپىرىن ئاكا تېخىمۇ تىرىشىڭ ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا يەنە مۇۋاپىيەتلەنى ئاتا قىلسۇن .ئامىن…….
ئالىملىرىمىزغا ئاپىرىن! دۇنياغا ناخشا-ئۇسۇل بىلەن ئەمەس بەلكى پەن – تېخنىكا بىلەن تۇنۇلغىلى بولدىغاننى بارا-بارا چۈشەنگەندەك بۇلىۋاتىمەن !!!!
ئىنشائاللاھ ، ئاللاھ شۆھرەت ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە ئاسانلىقلارنى بەرسۇن !(ئامىن)
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ،چەكسىز مەمنۇن بولدۇم!
ھەقىقەتەن پەخىرلەنگۇدەك ئىش بوپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن ئۆرلە ئۇيغۇرۇم!!
ئىنگىلىسچە مەنبەنى ئىچىپ قارىسام 2012-يىلى8-ئايدا ئەنگىلىيەلىك ئالىم بىلەن ياپۇنيەلىك ئالىم 1962-ۋە 2006-يىلدىكى غۇل ھۇجەيرە ساھەسىدە قازانغان ئۇتۇقلىرى ئۇچۇن فىزىئولوگىيە ۋە مىدىتسىنا ئىلمى بويچە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىپتىكەن،ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭمۇ مۇشۇنداق شۆھرەتلەرگە ئىرىشىشىگە تىلەكتاشمەن!(ئاتا-ئانىسىمۇ ئىسمىنى بىكارغا «شۆھرەت»دەپ قويماپتىكەن).
ئالىم مۇئەللىم بلوگ يۆنىلىشلىرىدە 90گىرادۇس ئۆزگىرىش بولۇپتۇ….
ئۆزگىرىش دىمىسەك بولامۇ ؟بۇرۇنلام مۇشۇنداق قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان تۇرسا.
ئالدى بىلەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكىنىگە رەھمەت.شۇنداقلا ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئۇلۇغ مۇۋاپىقيەتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. بىزنىڭ ئالىملىرىمىزنىڭمۇ دۇنياۋى ئىلغار تېخنىكىلارنى ھۇجۇتقا كەلتۈرەلىگەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم….تېنىڭىزنىڭ سالامەت،ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن…
ئاپىرىن!نامىنى كۆپ ئاڭىلغان،مانا بۈگۈن چوڭ نەتىجە قازىنىپتۇ.«تىرىشقان تاپار ،تاشقا مىخ قاقار» دېگەن گەپ زادى راست.ئالىمنىڭ تىنى سالامەت،ئائىلىسى بەخەتلىك،ئشىلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي!
ئاپىرىن! ئاجايىپ تېخنىكىكەن!