قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
[ تاغدىن-باغدىن ]قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
«قۇربان» سۆزى «قۇربانلىق قىلىش» مەنىسىدە بولۇپ، قۇربان ھېيت ھىجرىيە بويىچە زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10-كۈنى يەنى ھەج تاۋاپنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت، بولۇپمۇ قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇراسىم ۋە ئادەتلەردىن سىرت، نۇرغۇن ئېسىل ئەنئەنە ۋە ياخشى ئادەتلەر شەكىللەنگەن.
ھېيتتىن بۇرۇن ھەممە ئائىلىدە چوڭ تازىلىق قىلىدۇ، ھويلا-ئارامنى پاكىزلايدۇ، ئائىلە ئەزالىرى ئىمكان بار بىرەر قۇردىن يېڭى كىيىم كىيىدۇ ياكى يېڭىراق كىيىملەرنى يۇيۇپ ھېيتلىق كىيىم قىلىدۇ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا يېڭى كىيىم قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى چىرايلىق ياساندۇرۇپ قويىدۇ، ھېيت-ئايەم كۈنلىرى ئۆز-ئارا ھېيتلىشىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىينە ۋە قولۇم-قوشنىلار ئارىسىدا ئازارلىشىپ يۈرگۈچىلەر ھېيىت-ئايەم مۇناسىۋىتى بىلەن بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھېيتلاپ كىرىپ، ئوتتۇرىدىكى ئاداۋەتلەرنى يۇيۇپ تاشلايدۇ ھەمدە ياخشىلىشىپ قالىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلار شۇ ئائىلىدىكى كىچىك بالىلارغا ھېيتلىق تۇتقۇزۇپ قويىدۇ، بۇ بايرام ھازىر مىللىي بايرامغا ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن، ئارامغا قويۇپ بېرىش قانۇنلۇق بولۇپ قالدى.
(ئەسلى مەنبەسى: شەمشىدىن ھاجى، مىلادىيە ۋە ھىجرىيە كالېندارى سېلىشتۇرمىسى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2008-يىل بېيجىڭ)
«ھېيت مۇبارەك» تەبرىك سۆزىنىڭ باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر تىلىدىكى يېزىلىشى
Arabic: عيد مبارك
English: Eid Mubarak
Persian/Urdu: عید مُبارک
Malayalam: ഈദ് മുബാറക്
Bengali: ঈদ মোবারক
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,126 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:24
- ئالدىنقى يازما :ئەھمىيەتلىك 20 يىل
- كېيىنكى يازما :Speed bump يەنى 减速带 نى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟
بۇ بايرام ھازىر مىللىي بايرامغا ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن، ئارامغا قويۇپ بېرىش قانۇنلۇق بولۇپ قالدى.
ما گەپنىڭ جېنى بار جۇمۇ!ياغلىقمۇ مىللى كىيىمگە ئايلىنىپ بولغان بولمىسا،شۇنىمۇ كېيىن ھېيت كۈنلىرى بولسىمۇ ئارتىشقا رۇخسەت قىلارمۇ يا؟
شۇ كىتابتا شۇنداق يېزىلىپتۇ، دوپپا ۋە ياغلىق دېگەن مىللىي كىيىم باش كىيىم تۇرسا، ئۇنى كېيىش ياكى چېگىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتمامدۇ
مۇشۇ «روزا ھېيت»، «قۇربان ھېيت» لارنىڭ ئېنگلىزچە ئاتىلىشى قانداق بولغىيتى؟
ئەرەبچىنى ئاساس قىلىپ روزا ھېيتنى Eid ul-Fitr، قۇربان ھېيتنى Eid al-Adha دەپ ئىپادىلەيدىغۇ دەيمەن.
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم
بۇ خۇشاللىق ، شاتلىق ، ھىدايەت ، دىيانەتنىڭ ئەلچىسى بولغان قۇتلۇق ئايىمىڭزگە مۇبارەك بولسۇن! بارچە تەنتەنە ۋە تەبرىك سىزگە بولسۇن!
دېرىكتور ئالىم مۇئەللىم ، قۇربان ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن . قۇربان ھېيىتنى خوشال- خورام ، مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىىڭىزگە تىلەكداشمەن . سىزنىڭ شىركىتىڭىزدىكى خىزمەتچىلەرنىڭمۇ ھېيىتتا 3 كۈن ئارام ئېلىشى قانۇنلىشىپ بولدىمۇ يا ئۇلار ھېيىتنى ھېيىت دىمەي قاتتق ئىشلەپ كېتىپ بېرىۋاتامدۇ ؟ مەن ياشىۋاتقان مونو دۆلەتتە قۇربان ھېيىت يوق . بۈگۈن ئەتىگەندىن -كەچكىچە تەجىربىخانىدا ئۈسكىنە -سايمانلار بىلەن قاتتق ھېيىت قىلىپ كەتكەچكىمۇ ھازىر باشلىرىم چىڭقىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى . ئەتىدىن باشلاپ يەنە مۇشۇنداق داۋاملىق ھېيت ئوينايدىغان گەپ . شۇڭابەزىدە مېنىڭ بۇنداق ئۇزۇن ھېيىت ئوينىشىم قاچان ئاياغلىشار دەپ قالىمەن . راستىنى دىسەم بۇ يەردىكى ھېيىتلاردىن ۋاقىتىلىق سەل زېرىكەندەك قىلىمەن .
ۋەتەندىكى نوغاي مېچىت، ھېيتگاھ مېچىت ، ۋە يەنە يېزا قىشلاقلاردىكى ھېيتلارنى بەكمۇ سېغىندىم .
راستىنى دىسەم ھېيىتتا ئادەمنىڭ يۇرتقا سەل پىغانى ئۆرلەپ قالدىغان گەپكەن .
قۇربان ھېيتتا 5 كۈن، روزا ھېيتتا 3 كۈن دەم ئېلىش شىركەتنىڭ تۈزۈمىگە ئايلىنىپ بولغان، بىزمۇ ھازىر يۇرۇتقا قايتىپ ھېيت قىلىۋاتىمىز.
ھېيىت مۇبارەك ئايەم ئەھلى …. ~~!!!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
سىزنىڭمۇ قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن،
ياخشى يازما. ھەممىمىزنىڭ ھېيتىمىزغا مۇبارەك بولغاي. چېھرىمىزدىن شادلىق ئۈزۈلمىگەي@!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەر قېرىدنشىم!
قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم ، سىزنىڭمۇ قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!
سىزنىڭمۇ قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!
ئۆمۈر بەردى ئاللاھىم شۈكىرلەر بولسۇن،
ئىسلامـنى يـاراتتى زىـكـرىـلـەر بـولـسـۇن.
قـەلـبـىـڭـىـز ئىـلـىـم نــۇرلارغـا تـولـسـۇن،
قـۇربان ھېيتىڭىزغا مـۇبـارەك بـولـسـۇن.
رەھمەت! ماۋۇ ھېيتلىق تەبرىك ئۇچۇرنى 2-قېتىم تاپشۇرۇپ ئېلىشىم. قارىغاندا بىلىكتىكى «ئۆزبېكىستانغا زىيارەت» خاتىرىسىنى ئوقۇپتىكەنسىزدە