رادىيودا ئالىم ئەھەتنىڭ غەيۋىتىنى بېرىدىكەن، ئاڭلىماڭلار جۇمۇ
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن، ھەركۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 11:00~11:30 غىچە، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تۇرمۇش پىروگراممىسىدا «مېنىڭ تۇرمۇشۇم توغرىسىدا سۆھبەت» ئاڭلىتىدىكەن. تاراتقۇلاردا تۇنجى قېتىم كەسپىمگە مۇناسىۋەتسىز تورمۇشىمدىكى نەق سوئاللارغا جاۋاب بېرىدىكەنمەن يەنى كومپيۇتېر بىلەن بالدۇر تونۇشقانمۇ ياكى ئايالىڭىز بىلەنمۇ؟ كىم بىلەن توي قىلغان؟ سالام خەت يېزىپ تونۇشقانمۇ ياكى باشقىچە تونۇشقانمۇ؟ Windows قا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشتۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى مىكروسوفتقا بارغاندا نەچچە كىلو شاپتۇل ئاپارغان؟ كومپيۇتېردا كۆزنەكنى ئەتكەن بىلەن تاماق ئېتىشنى بىلەمسىز؟ قەشقەرگە بارماي تاشكەنتكە بېرىپسىز، ھېيتگاھتا رەسىمگە چۈشمەي سەمەرقەند رېگىستاندا رەسىمگە چۈشۈپسىز، زادى نېمە ئۈچۈن؟ دېگەندەك مېنىڭ غەيۋىتىم بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئاڭلىماڭلار، بۈگۈن سائەت 11:00 دە رادىيونى ھەرگىزمۇ FM90.6 گە توغرىلىماڭلار، ئۆتۈنۈپ قالاي
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,591 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 06-ئاينىڭ 4-كۈنى am 10:13
- ئالدىنقى يازما :كومپيۇتېر تېخنىكىسى: OCR ھەققىدە ساۋات (1)
- كېيىنكى يازما :DISCOURSE Investigation IN INTERACTIONAL SOCIOLINGUISTICS
مانا ئەمىسە بىۋاستە ئاڭلاش ئادرېسى،كودىنى ئېلىپ قوشۇپ قويغايلا
http://m.subat.cn/index.php?a=profile&u=purset
مۇنۇ كودلارنى يازمىڭزغا قوشىۋېتىپ بلوگدا بىۋاستە ئاڭلاش مەخسىتىگە يەتسەك بولماسما ئالىم مۇئەللىم،بۇنىڭ بىلەن بىزمۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى يۇۋاشلىق بىلەن ئاڭلاپ رادىيونى ئاچمايمىز.
1-قىسىم
2-قىسىم
كود قوشسام كۆرۈنمىدىيا