رادىيودا ئالىم ئەھەتنىڭ غەيۋىتىنى بېرىدىكەن، ئاڭلىماڭلار جۇمۇ
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن، ھەركۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 11:00~11:30 غىچە، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تۇرمۇش پىروگراممىسىدا «مېنىڭ تۇرمۇشۇم توغرىسىدا سۆھبەت» ئاڭلىتىدىكەن. تاراتقۇلاردا تۇنجى قېتىم كەسپىمگە مۇناسىۋەتسىز تورمۇشىمدىكى نەق سوئاللارغا جاۋاب بېرىدىكەنمەن يەنى كومپيۇتېر بىلەن بالدۇر تونۇشقانمۇ ياكى ئايالىڭىز بىلەنمۇ؟ كىم بىلەن توي قىلغان؟ سالام خەت يېزىپ تونۇشقانمۇ ياكى باشقىچە تونۇشقانمۇ؟ Windows قا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشتۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى مىكروسوفتقا بارغاندا نەچچە كىلو شاپتۇل ئاپارغان؟ كومپيۇتېردا كۆزنەكنى ئەتكەن بىلەن تاماق ئېتىشنى بىلەمسىز؟ قەشقەرگە بارماي تاشكەنتكە بېرىپسىز، ھېيتگاھتا رەسىمگە چۈشمەي سەمەرقەند رېگىستاندا رەسىمگە چۈشۈپسىز، زادى نېمە ئۈچۈن؟ دېگەندەك مېنىڭ غەيۋىتىم بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئاڭلىماڭلار، بۈگۈن سائەت 11:00 دە رادىيونى ھەرگىزمۇ FM90.6 گە توغرىلىماڭلار، ئۆتۈنۈپ قالاي
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,593 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 06-ئاينىڭ 4-كۈنى am 10:13
- ئالدىنقى يازما :كومپيۇتېر تېخنىكىسى: OCR ھەققىدە ساۋات (1)
- كېيىنكى يازما :DISCOURSE Investigation IN INTERACTIONAL SOCIOLINGUISTICS
ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇگۇنكى پاراڭلىرنى نەدىن ئاڭلايمىز ؟مەن پەقەت تاپالمىدىم .
تۇردىن ئاڭلاش ئادىرسى ئىچىلمىدى
سالام ئالىم ئەھەت مۇئەللىم،
ئۇ تور بەتتىكى خەت نۇسخىسى مېنىڭ كۆزۈمگە سەل كۆركەمسىز كۆرۈندى ، بەلكىم مېنىڭ گۈزەللىك قارىشىمدا مەسىلە بولىشى مۇمكىن. ئالىم مۇئەللىم، ئۆزۈرە!
چاقچاق قىلىپ قويسام كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ يەنە. مەن ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە خەتنىڭ غولىنى %15 قىسىۋەتكەن، تور يۈزىگە جىق مەزمۇن سىغسۇن دەپ.
بەك ياخشى بولۇپتۇ، يىڭىلىقكەنگۇ بۇ
بۈگۈن ئۈلگۈرەلمەپتىمەن! توردىن ئىزدەپ تېپىپ ئاڭلايمەن. ئەتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئالىم مۇئەللىمنىڭ غەيۋىتىنى بىر ئاڭلاپ باقاي قېنى !
ئالىم مۇئەللىمنىڭ غەيۋىتىنى ئاڭلايدىغان بولۇپتۇق، ھازىر ئۆزئارا غەيۋەت قىلىشقىدەك ۋاقىت بولمىغاندىن كېيىن رادىيودا ئورۇنلاشتۇرۇپ ياخشى قىلىپتۇ، رادىيو خادىملىرىغا رەھمەت!
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بېكىتىدىكى ئۇيغۇرچە خەت نېمە ئانچە سەتتۇ؟ ھازىر ئۇز خەت نۇسقىلىرىمۇ ئاز ئەمەس، ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت چىقمىغاندىمۇ يا؟
مانا بۇنى غەيۋەت دەيمىز، ئۇ تور بېكەتنىڭ خەت نۇسخىسى ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ جۇما، ئۇنداق ئالدىراپ باھا بەرمەيلى.
بىرىنچى قىسمىنى تورغا يوللاپ بوپتۇ.
توردىن ئاڭلاش ئۈچۈن:
http://musicplayer.cnr.cn/flash/player/MusicPlayer_for_WMA02.html?
danqu=true&id=813966&download=null&mediaType=dbzb
بىۋاستە چۈشۈرۈش ئۈچۈن
http://aodmms.cnr.cn:8080/mms4//videoPlay/getVodProgramPlayUrl.jspa?
programId=213549&programVideoId=213549&dflag=1&videoType=PC&terminalType=515104503&location
=http://aod.cnr.cn/index.php?option=index_radio&ItemId=45
ئالىم مۇئەللىم،مانابۇ6-ئاينىڭ4-كۈنىدىكى ئاڭلىتىشنى يوللاپ قويدۇم:
http://musicplayer.cnr.cn/flash/player/MusicPlayer_for_WMA02.html?danqu=true&id=813966&download=null&mediaType=dbzb
رادىيودىن ئاڭلىيالمىغانلار بۇ ئادرېستىن ئاڭلاڭلار http://musicplayer.cnr.cn/flash/player/MusicPlayer_for_WMA02.html?danqu=true&id=813960&download=null&mediaType=dbzb
مەيلى ئالىم مۇئەللىم بولسۇن مەيلى باشقىلار بولسۇن سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ ئۈن ھۆججىتىنى قولغا چۈشۈرسەڭلار يوللاپ قويۇڭلار.
مۇئەللىم قارىغاندا سىزنىڭ يۇرتىڭىز خوتەن لاڭرۇ ئوخشىمامدۇ؟
شايار ناھىيەسى (بازار ئىچى)
مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم.
رادىئولاردا مۇشۇنداق تالانىت ئىگىلىرىنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر ياخشى ئىش. ھەر كۈنى چوقۇم ئاڭلايمەن. (كۈلگەن چىراي ئىپادىسى).
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم
ئاڭلاۋاتىمىز………….
رىياسەتچى بەك ئاتكاچىكەن
10:35 تە كۆرۈپتىمەن بۇ يازمىنى، ئۈلگۈرگۈدەكمەن.
رادىئو توغرىلاندى….
ھا ھا ھا ماقۇل . قېنى ماۋۇ توپا بېسىپ كەتتىم رادېئو