رادىيودا ئالىم ئەھەتنىڭ غەيۋىتىنى بېرىدىكەن، ئاڭلىماڭلار جۇمۇ
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن، ھەركۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 11:00~11:30 غىچە، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تۇرمۇش پىروگراممىسىدا «مېنىڭ تۇرمۇشۇم توغرىسىدا سۆھبەت» ئاڭلىتىدىكەن. تاراتقۇلاردا تۇنجى قېتىم كەسپىمگە مۇناسىۋەتسىز تورمۇشىمدىكى نەق سوئاللارغا جاۋاب بېرىدىكەنمەن يەنى كومپيۇتېر بىلەن بالدۇر تونۇشقانمۇ ياكى ئايالىڭىز بىلەنمۇ؟ كىم بىلەن توي قىلغان؟ سالام خەت يېزىپ تونۇشقانمۇ ياكى باشقىچە تونۇشقانمۇ؟ Windows قا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشتۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى مىكروسوفتقا بارغاندا نەچچە كىلو شاپتۇل ئاپارغان؟ كومپيۇتېردا كۆزنەكنى ئەتكەن بىلەن تاماق ئېتىشنى بىلەمسىز؟ قەشقەرگە بارماي تاشكەنتكە بېرىپسىز، ھېيتگاھتا رەسىمگە چۈشمەي سەمەرقەند رېگىستاندا رەسىمگە چۈشۈپسىز، زادى نېمە ئۈچۈن؟ دېگەندەك مېنىڭ غەيۋىتىم بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئاڭلىماڭلار، بۈگۈن سائەت 11:00 دە رادىيونى ھەرگىزمۇ FM90.6 گە توغرىلىماڭلار، ئۆتۈنۈپ قالاي
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,590 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 06-ئاينىڭ 4-كۈنى am 10:13
- ئالدىنقى يازما :كومپيۇتېر تېخنىكىسى: OCR ھەققىدە ساۋات (1)
- كېيىنكى يازما :DISCOURSE Investigation IN INTERACTIONAL SOCIOLINGUISTICS
مۇنۇ كودلارنى يازمىڭزغا قوشىۋېتىپ بلوگدا بىۋاستە ئاڭلاش مەخسىتىگە يەتسەك بولماسما ئالىم مۇئەللىم،بۇنىڭ بىلەن بىزمۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى يۇۋاشلىق بىلەن ئاڭلاپ رادىيونى ئاچمايمىز.
1-قىسىم
2-قىسىم
مۇمكىن بولسا تولۇق نۇسقىسىنى سىز ۋەدە بەرگەندەك بلوگقا يوللاپ قويغان بولسىڭىز . مىنىڭ رادىئۇ ئاڭلاش شارائىتىم يوق ئىدى. يەنە كىلىپ قايتا قايتا ئاڭلىغىلى بولمايدىكەن
مەن شايار 1-ئوتتۇرا دىكى ۋاقتىمدا ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشۋىقات رامكىسىدا سىزنى كۆرگەن ئىدىم ،ئەسلى سىزكەنسىز ئەمەسمۇ… قارىسام بىز يۇرىتداشكەنمىز ، شۇنداق خۇشال بوپ كەتتىم دىسە،ئۆزەمچە……ھ ھ ھ
‹ئاپلا بۇيەردە چىراي ئىپادىسى يوقكىنا بۇ……›
ئالىم مۇئەللىم مەزكۇر توربەتكە قانداق ئەزا بولىدۇ؟ قانداق قىلىپ ئىنكاس يازغۇچىلارغا ئىنكاس قايتۇرغىلى بولىدۇ؟مەن شۇنداق قىلساممۇ بولمىدى…….
بىرەسىڭلار تۇلىقى بىلەن يوللۇۋەتمەمسىلەر
مەن يوللىغىنى 1-قىسمىغۇ!
كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ، شۇ رادىيونى ئاچمايمەدەپ تۇرۇپ ئېچىپ سالغۇدەكمە ھى ھى ھى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر گەپنى سوراپ باقاي دىگەن. مەن HP stream7 تاختا كومپىۇتىردىن بىر تال سىتىۋىلىپ ناھايتى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن ئىدىم، بىراق بىلمىدىم تۈنۈگۈن قوزغاتسام تۇيۇقسىز ئىكرانغا Bios نى يىڭىلاش توغرىسىدا ئۇچۇر چىقىپ يىڭىلاش باشلاندى، يىڭىلاپ بولۇپ قايتا قوزغالسا نورمال ھالەتتە قوزغىلامدىكى دىسەم يەنە شۇخىل Bios يىڭىلاش ھالىتىگە ئۆتۈپ شۇ بىر خىل ئەھۋال تەكرارلىنىۋەردى. قوزغىلىدۇ يەنە شۇ ئەھۋال قايتا قوزغىلىدۇ يەنە شۇنداق ، قانداق قىلسام بولا؟؟؟ بىرە ياخشى ئامال بولسا دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن…. رەھمەت سىزگە …
http://www.uycnr.com/wqhg/sh/
تولۇق بىر ئاڭلاي دېسەم، باش قىسمى يوللانماپتۇ. ئەستا…
ئۈچىنچى قىسمىنى بىۋاستە ئاڭلاش
http://musicplayer.cnr.cn/flash/player/MusicPlayer_for_WMA02.html?
danqu=true&id=814580&download=null&mediaType=dbzb
ئۈچىنچى قىسمىنى بىۋاستە چۈشۈرۈش
http://aodmms.cnr.cn:8080/mms4//videoPlay/getVodProgramPlayUrl.jspa?
programId=214158&programVideoId=214158&dflag=1&videoType=PC&terminalType=515104503&location
=http://aod.cnr.cn/index.php?option=index_radio&ItemId=45
ياخشى بولۇپتۇغۇ .
يەكەندە ئوتتۇرا دولقۇن 945 كىلوھىرتىستا چىقىدۇ (MW 945KHz )، مەن ئۇلاپ تارقىتىمەن (قىنى ما چىراي ئىپادىسى )….
ئالىم مۇئەللىم بىلەن كۆڭلۇم خىلى يىقىن ، تارقىتىش ئاپاراتىدىن كاشىلا كۆرۇلدى دەپ ، دەل شۇ ۋاقىتتىكى ئاڭلىتىشنى ئۈزىۋىتىەيمىكىن …
كاشىلا كۆرۇلسە ، ھەر سىكونۇتىغا 50 يۇەندىن مۇئاش تۇتىدۇ . بىر مىنۇتتا 3000 يۇەن ، يىرىم سائەتتە …… يىرىم سائەت ئاڭلاتمىغاننىڭ پۇلىنى ئالىم مۇئەللىم ئاتچوت قىلىۋىتىدۇ ھەقىچان ، ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە توڭباۋ بولۇپ كەتسەممۇ مەيلىتى …
ئىككىنچى قىسمىنى بىۋاستە ئاڭلاش:
http://musicplayer.cnr.cn/flash/player/MusicPlayer_for_WMA02.html?danqu=true&id=814277&download=null&mediaType=dbzb
بىۋاستە چۈشۈرۈش
http://aodmms.cnr.cn:8080/mms4//videoPlay/getVodProgramPlayUrl.jspa?programId=213858&programVideoId=213858&dflag=1&videoType=PC&terminalType=515104503&location=http://aod.cnr.cn/index.php?option=index_radio&ItemId=45
بۈگۈنكىسىنى ئاڭلاش ئاددېرىسى:http://musicplayer.cnr.cn/flash/player/MusicPlayer_for_WMA02.html?danqu=true&id=814277&download=null&mediaType=dbzb
چۈشۈپ بولغاندا كېڭەيتىلگەن نامىنى m4aغا ئۆزگەرتىڭلار.
چۈشۈرۈش ئادرېسى مانا (چاقماققا چاپلاڭ، 14مىگا):
http://aodmms.cnr.cn/vod/SmartEncoder/2015/06/weiyuguangbo/547E1A2A32D741e5BA7A4C84773A20D4.m4a