ئۇيغۇرسوفت خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]


1. يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش خادىمى
(1) تەرجىمان، 15 نەپەر
ۋەزىپىسى: ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىدۇ. ئىشتىن سىرت ۋەزىپە بويىچە ئىشلەيدۇ ۋە شۇ بويىچە ھەق ئالىدۇ.
خىزمەت ئورنى: ئاساسەن توردا بولىدۇ. تور ئارقىلىق ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ۋە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

شەرتى: ئىنتېرنېتكە ئۇلانغان كومپيۇتېرى بولۇشى، ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى 4-دەرىجە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ناۋادا، ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلار بولسا تېخىمۇ قارشى ئېلىنىدۇ، ھېچقانداق سىناق ئېلىنمايدۇ.
ئىش ھەققى: ئىنگلىزچە ھەر 1000 سۆز ئۈچۈن 80~100 يۈەن. (ئادەتتە ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 2000 سۆز تاماملاشقا بولىدۇ).

(2) باشقۇرغۇچى، 1 نەپەر.
ۋەزىپىسى: تەرجىمانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋاقتى بارلارغا ۋەزىپە تەقسىملەپ بېرىدۇ. كۈندىلىك تاماملانغان تەرجىمە مىقدارىنى نازارەت قىلىدۇ، تەرجىمە سۈپىتىنى تەكشۈرىدۇ.

خىزمەت ئورنى: ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدە ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 6 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئارام ئالىدۇ.
شەرتى: ئىنگلىز تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىل كەسپى ياكى تەبئىي پەن كەسپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر ئاۋۋال ئويلىشىدۇ.
ئىش ھەققى: 2500 يۈەن+5 خىل سۇغۇرتا+ئۈنۈم ئىش ھەققى+يىللىق مۇكاپات

بۇ خىزمەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى، 3 كۈنلۈك يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ھەققىدىكى ئاساسىي ساۋاتلاردىن ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ. بۇ خىزمەت سىزنىڭ ئوقۇش، خىزمىتىڭىزگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بىز بىلەن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىز، سېپىمىزگە قوشۇلۇڭ.

ئالدى بىلەن بىر ئابزاس ياكى 4-5 قۇر قىسقىچە تەرجىمھالىڭىزنى بىزگە يوللاپ بېرىڭ.
ئېلېكتىرونلۇق خەت: alim.ahat@hotmail.com
ئالاقىلاشقۇچى: ئالىم ئەھەت
==============================================================================================

2. مۇلازىمەت خادىمى
(3) يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال مۇلازىمەت خادىمى
ۋەزىپىسى: سېتىش بۆلۈمىدە يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال مۇلازىمىتىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىدارە-ئورگانلارغا يۇمشاق دېتال يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە قاچىلاش مۇلازىمىتىنى قىلىدۇ.
خىزمەت ئورنى: قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر، ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى
شەرتى: كومپيۇتېر قوراشتۇرۇش، سىستېما قاچىلاش تەجرىبىسى بولۇش، ئىللىق چىراي، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىش (قىزلار قوبۇل قىلىنمايدۇ).
ئىش ھەققى: 2500 يۈەن+5 خىل سۇغۇرتا+ئۈنۈم ئىش ھەققى+يىللىق مۇكاپات
بۇ خىزمەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى، 1 ھەپتە ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ. 1-2 ئاي سىناق ئىشلەيدۇ. سىناق مەزگىلىدە 1200 يۈەن بېرىلىدۇ. ئاندىن 2 يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزىلىدۇ.

ئالاقىلىشىش ئادرېسى: ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر، ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى
ئالاقىلاشقۇچى: مۇرات
تېلېفون: 2813300، 2839871
خىزمەت ۋاقتىدا يەنى چۈشتىن بۇرۇن 9:00 دىن 12:00 گىچە، چۈشتىن كېيىن 2:00 دىن 5:00 كىچە تېلېفون قىلىڭ،
========================================
باشقا مۇنبەرلەرگە ئەزا بولساڭلار، چاپلاپ قويساڭلار، رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
92 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئەپەندىم
    ALMSOFT نى بەيدۇدىن ئىزدەپ باقسىڭىز بەلكىم مەن شەرتىڭىزگە چۈشۈپ قىلىشىم مۇمكىن ،
    ھەجەپ ماڭىلا خەۋەر كەلمەيدىغۇ ؟
    ھەھە راس مەن ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتىمەن ، تەتىللىك خىزمەت ئېھىياجىم بارئىدى ،
    بىر 《ھايت》دېۋەتسەڭلا كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشەتتى ،…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 10:03
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئالىم ئەھەت ئەپەندى مەن بۇ يازمىڭىزنى ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇغان « بالا تەرجىمان » بولىشىم مۇمكىن .
    «تەرجىمە ھال»ىمنى ئەۋەتەلمەيمەن .شۇڭا سىزگە ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشقا ئامالسىزمەن .
    شۇنداقتىمۇ توردىكى ھەم ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقىدا قالدۇرغا ئىزلىرىمنى قالدۇراي .
    توردىكى ئىسمىم ALMSOFT
    ALMSOFT PASSOLO نى بەيدۇدىن ئىزدەپ بېقىپ باھا بېرىڭ
    سىزنىڭ باھايىڭىزغا قاراپ مەن شىركىتىڭىزگە ئىش ئىزدەپ بارىمەن .
    ئىلگىرى تەرجىمەن قىلىشنىلا بىلىپ ئىملاغا ئەھمىيەت بەرمىگن ئەمما ھازىر ئىملاھىمنى ياخشىلاپ بولغىلى 1 يىل بولدى
    ئىنكاس يازسىڭىز شىركىتىڭىزگە باراي يازمىسىڭىز بىكارغا ئىنكاس يازغان بولاي
    تېلېفۇن نۇمۇرۇم : 15026084430
    سىكايپې نۇمۇرۇم : لاتىنچە ئۇيغۇرئالىم سوفت

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:50
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 14:40
  • ۋىندوۋىس8 ئۇيغۇرچە نەشىرنى سىتىۋالغىم بارتى لىكىن تاپالمىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 17:00
    • بۇنى ھازىرچە تاپالمايسىز،چۇنكى تىخى چىقمىدى،ئۇيغۇرچە نەشىرى دىگەن سىستىما ئىچىدىكى بارلىق كۆرۇنۇش ،باشقۇرۇش قۇراللىرى ۋە سىستىما ئۇچىرلىرى ئاز دىگەندىمۇ 99 پېرسەن ئۇيغرچە بولغان بۇلۇشى كىرەك،ئەمما ھازىر 80 پېرسەن ئەتىراپىدا تەرجىمە قىلىندى،شۇڭا تولۇق بىر ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىلمىدى،تەپسىلى ئۇچۇرلارنى ماۋۇ بەتتىن كۆرۇڭ.
      ?p=2572

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 20:31
  • ھازىر تىزىملاتساق كېچىكىپ قالارمىزمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 16:11
  • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئالدىنقى قېتىمىدا ئەۋەتكەن نەرسىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدىم قارىغاندا سىناقتىن ئۆتەلمىگەن ئوخشىمايمەنمۇ، سۈكۈتنىڭ ئۆزنى نارازىلىق دەپ چۈشەنسەم بۇلامدۇ- رەھمەت!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:07
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئەپەندى منىنىڭ ئۇيغۇرسوفىت قا بەك ھۆرمىتىمبا بۇرۇندىن مۇشۇيەدە خىزمەت قىلالىسام ئۆز مىللىتىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرالىسام دەپ ئارزۇقىلاتتىم شۇ ئارزۇيۇم ئۈچۈن ئۆزيۇرتۇمدىن ئۈرۈمچىگە دىتاللايلەشنى ئۈگۈنۈش مەخسىتىدە مەلۇم بىرمەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ كەلگەنتىم لىكىن ئۇمەكتەپنىڭ تەشۈىقاتىبىلەن ئەمەليىتى ئوخشىماي قالدى شۇنىڭبىلەن باشقا مەكتەپ ئىزدىدىم لىكىن كۆڭۈلدىكىدەك مەكتەپ تاپالمىدىم ، تاپتىم لىكىن ئوقۇش پۇلى يۇقرى بولغاچقا ئىختىساد ياربەرمىدى شۇڭا بىرياقتىن ئىشلەپ بىرياقتىن ئوقۇشنى ئويلۇدۇم لىكىن سەۋىيەم چىكلىك بولغاچقا مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىدىم .ئاللاھقا شۈكرى تورئارلا ۋىتىپ بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم ئەگەرمۇمكىن بولسا 3- تۈردە ئىشلىگەچ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرسام بىر پۇرسەت بەرگەن بولسىلا . . .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 16:04
    • بولىدۇ، سېتىش بۆلۈمىدىكى مۇرات ئاكىڭىز بىلەن تېز ئالاقىلىشىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 16:39
      • تىلفۇن قىلغانتىم ئالىم ئەھەت ئۇستام بىلەن كۆرشۇڭ دىدى شۇڭا سىللىنى ئىزدىگەنتىم بولسا تەۈسىيە قىلغان بولسىلى كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم
        شۇخىزمەت مىنىڭ كىيىنكى ئىستىخپالىمغا مۇناسىۋەتلىك بوپقالدى . . . . .

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 20:17
      • ئىسمىم مۇختەرجان تىلفۇن نۇمۇرۇم 13094013039
        رەھمەت مەن ئەتە قايتا تىلفۇن قىلاي…رەھمەت

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 20:28
  • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم!
    ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز، مەن ئالدىنى ھەپتە سىز ئەۋەتكەن سىناقنى ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدىم، ھازىرغا قەدەر ئېنىق جاۋاپ قايتمايدىغۇ، تەرجىمە قىلغانلىرىم ئۆلچەمگە توشمامدىكەن ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ………

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى am 10:09
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن تەرجىمانلىق خىزمىتى توغۇرلۇق ئېلخەت ئەۋەتسەم، بىرەر جاۋاپمۇ يوققۇ؟ ئالدىراش بولۇپ قالدىڭلارمۇ ياكى سان توشۇپ بولدىمۇ؟
    رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 17:10
    • بۇ سان توشمايدۇ، ئەڭ ياخشى تەرجىمانلارنى تاللاپ ھەر قېتىم 5-6 گە ۋەزىپە بېرىمىز، مۇقىم ئىشلەيدىغان ئىش ئەمەس

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 17:16
      • ھە، مېنىىڭ كەسپىم ئېلىكتىرون سودا ۋە ئېنگىلزتىلى. ئىلگىرى خىلى جىق نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلىپ باققان. ئېنگىلىزتىلى كەسپى بويىچە 4-دەرىجىدە لاياقەتلىك بولغان، 8-دەرىجىنى يىقىندا بەردىم. ھازىر پۈتتۇرىدىغان يىلىم بولغاچقا دەرس يوق، شۇڭا ئويلىشىىپ بېقىڭ!
        رەھمەت.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 19:06
  • رەخمەت ئالىم مۇئەللىم، WIndows Phone 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىشىنى ئەلۋەتتە ساقلايمەن، يەنە بىر گەپ، مەن htc 8s a620t دىن بىرنە سېتىۋالغان، WIndows Phone 8 سېستىمىسى قاچىلاقلىق تېلفۇن، بىراق ئۆيۈمدىكى WIndows 8 قاچىلاقلىق تېلفۇنغا پەقەت تۇنۇتالمىدىم، قوزغۇتۇش پروگراممىسىنى تاپالمىدى، ئامال قىلغىلى بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:11
  • ئالىم مۇئەللىم، سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟ WIndows Phone 8 گە ئۇيغۇرچە تۇنۇتقىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بارمۇ؟ مۇناسىۋەتسىز سۇئاللارنى سوراپ سالدىم، كەچۈرگەيسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 14:40
    • ئۇيغۇرچە تونۇيدۇ، كۆمۈش ئوق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى سېتىۋالسىڭىز، ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيسىز. تىل بولىقى ھامان چىقىدۇ، سەۋىر قىلىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:17
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئالىم مۇئەللىم قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ تۇنۇگۇن جاۋاب خېتىڭىزنى تاپشۇرۇۋالدىم ، رەھمەت سىزگە . ئەمما قانداق ئىشكىن مەزمۇنىنى پەقەت ئاچالمىدىم . جاۋاب خەت تاپشۇرۇۋالغانلىق خزمەتكە ماس كېلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرەمدۇ ياكى باشقا ئىشلار بارمۇ ؟ ئىلخەت ئادرىسىم 873962241@qq.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى am 08:26
باھا بېتى: 1 2 3 4