ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]جۇڭگونىڭ دۆلەت ئۆلچىمى (ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى)
90-يىللارنىڭ بېشىدا، ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يېقىندا يەنە ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى لايىھەسىمۇ پۈتتى. ئىلگىرىكى ۋە بۇ لايىھەنى پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئىلگىرىكى دۆلەت ئۆلچىمى ئاساسىدا، بىر قىسىم ئۆزگەرتىش قوشۇلغان. بىر نەچچە قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا كۆپ تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى تولۇق ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ۋۇجۇدقا كەلگەن.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,567 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:11
- ئالدىنقى يازما :چەكمە كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق لايىھەلىسەك بولار؟
- كېيىنكى يازما :زادى «تور كۆرگۈ»مۇ ياكى «تور كۆرگۈچ»مۇ؟
تېخىمۇ كۆپ
29 پارچە باھا يېزىلدى
ئالىم مۇئللىم ياخشىمۇ سىز؟ ئەل كوررېكتورنىڭ يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى بازارغا سېلىندىمۇ؟ باھاسى نەچچە؟
ئۆلچەملىك نۇسخىسىنىڭ باھاسى 480 يۈەن
تەپسىلاتى:
http://www.uighursoft.com/ug-CN/products/uspell.html
بۇلىدىغان قاراشلارغا داخىل بوپتىمەن … ھەرقايسى قېرىنداشلىرىمغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەد ئەپەندى،سىزگە ئۆزگەرتىپ چىككان ئۇيغۇر ئۆلچەملىك كونۇپكىسى بىلەن ئۇيغۇر فونىتىك كونۇپكىسىنى يوللىدىم، كونۇپكىلارنىڭ Dll ھۆججىتى نامىنى مىكروسوفتنىڭ ئادىتى بويچە KBDUGHRS.DLL (Uyghur Standard) ۋە KBDUGHRP.DLL (Uyghur phonetic) (ئۇيغۇر پھونەتىچ) دەپ قويدۇم.ھۆججەتنىڭ سېگىمى ئانچە چوڭ ئەمەس ،بىر تىرىشىپ ”Uyghur Standard“ بىلەن ”Uyghur Phonetic“ نى ۋىندوۋس سيستەمىسىگەقويۇشقا ئامال كىلسىڭىز،بۇ بىر كاتتا خىزمەت ئىدى.ئەگەر بۇ ئىككى كونۇپكا ئۆلچەمگە لايىق ئىكەن دەپ كارىسىڭىز تورغا كويۇپ كويسىڭىز،باشقا دوستلار بىلەن ھەم بەھىر بولساق. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەپ ،نۇر ئالپەر
مىكروسوفت ئاۋام ئارىسىدا ئومۇملاشمىغان ياكى بىرەر ئۆلچەمگە ئايلانمىغان نەرسىنى ئالدىراپ Windows قا قوشمايدۇ، بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. لېكىن تىرىشچانلىقىڭىزغا بارىكاللا!
مەن چېغىمدىمۇ «ئەلكاتىپ» قا قوشۇپ بەر دېسىمۇ، ھازىرقى شارائىتتا ئويلىشىپ بىر ئىش قىلىمەن. شۇڭا، ئالدى بىلەن شۇنداق كۇنۇپكا تاختىسىنى لايىھەلەپ تورداشلاردىن پىكىر ئالايلى، ئەل ئىچىدە مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن تەلەپ قىلساق ئوڭاي بولىدۇ.
رەسىمىنى يوللاپ بەرسىڭىز، مەن بۇ يەرگە چىقىرىپ قوياي، تورداشلار ئاۋۋال كۆرۈپ باقسۇن
سىز بۇ ئۇيغۇرچە خەتلەرنىمۇ نورمال يازالماي « چىككان، پىھونەتىچ، سىگىمى، كىلسىڭز، كارىسىڭىز، كويىسىڭىز، » دەپ يېزىپ يۈرسىڭىز، قانداقمۇ ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا لاھىيەلىگەنسىز. سەل ئىشەنگۈم كەلمەي تۇرىدۇ جۇمۇ…..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك كونۇپكا ۋە ئۇيغۇرچە فونېتىك كونۇپكىنى ياسىغان ئىدىم ، سىناش جەريانىدا [{ }] «» لاردا مەسىلە چىقىپ قايتا تەڭشىدىم،شۇڭا سىزگە يوللاش سەل كېچىكتى.بۇ كونۇپكىدا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىنى « ـ » ئارقىلىق چىقىرىشقا بولىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن يىڭى ئۆلچەمدىكى ئۇيغۇرچە كونۇپكىنى ئۆزگەرتىپ چىقتىم.ئۇنى تورغا يوللاي دېگەن قانداق قىلىمەن؟
ئالدى بىلەن alim.ahat نىڭ gmail.com خەت ساندۇقىغا يوللاڭ
مۇئەللىم بۇ كۇنۇپكا تاختىسى بېكىتىلىپ بولدىمۇ؟ ياكى يەنە ئۆزگەرتىدىغان گەپمۇ ؟تېمىنى كۆرۈشكە سەل كېچىكىپ قاپتىمەن كەچۈرۈڭ
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. لېكىن بۇ كۇنۇپكا تاختىسىدا سىزىق ـــ بىلەن پاراگراف بەلگىسى يوق تۇرامدۇ نېمە؟
سىزىق بار، ئاۋۇ SHIFT بىلەن – نى باسسىڭىز چىقىدۇ، لېكىن پاراگىراف بەلگىسى ئۇ تىنىش بەلگىسىگە كىرمەيدۇ، شۇڭا، كۇنۇپكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، لازىم بولغاندا تەھرىرلىگۈچتە قىستۇرۇپ كىرگۈزسە بولىدۇ.
كىيىن كوچمە ئىنتېرنېت دەۋرى بولۇپكېتىدۇ، «ئ» نى بىرەر ھەرىپكە ئورۇنلاشتۇرسا بۇلاتتى ئەسلى!
بۇ بىز ھازىر ئەلكاتىپ ، ئويغان ئۇيغۇر ، ئالپ كىرگۈزگۈچلىرى ، ۋە ۋىندوۋس 7 نىڭ ئۆزىدە تەمىنلەنگەن كىرگۈزگۈچتىن پەرقى بارمۇ ؟
پەرقى بار، ئاساسىي پەرقى قوش تىرناق يەنى «، » نى بېسىپ چىقىرىشتا.
مېنىڭچە ھازىرقى ئۆلچەم ناھايىتى مۇۋاپىق ئىكەن. مەن بۇنىڭغا ئاللا بۇرۇن كۆنۈپ بولدۇم. باشقا ئورۇنلار ( ئاساسەن ھەممىسى دېسەكمۇ بولغىدەك) مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىدۇ. ئەمدى بۇ قېتىم دۆلەت تەرىپىدىن ئۆلچەملەشتۈرلگىنى بەكمۇ ياخشى بوپتۇ.
راسىت، سوراپ باقسام:
1. بىز ئۇيغۇرچە خەت يازساق، خەت يېزىشتن بۇرۇن قانچىلىك ئارلىق قويساق بولىدۇ؟ ( بەزىلەر بىر قانچە بوشلۇق كۇنۇپكىسى باسساق بولىدۇ دەيدۇ) بەزىلەر 0.5cm يەر قويساق بولىدۇ دەيدۇ.
2. جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىدىكى سىزىقچىنى قانداق قويىمىز؟ سىزىقچىنىڭ ئالدى كەينىدىن بىر بوشلۇق قويىمىزمۇ؟
1. مېنىڭچە 0.5cm دېمەي، بىر TAB ياكى ئىككى بوش ئورۇن كەڭلىكتە بولسا بولامدىكىن؟ بولمىسا، چوڭ خەتكە تەڭشەپ يازساق، ئاۋۇ 0.5cm بەك كىچىك بولۇپ قالىدۇ.
2. ئالدى-كەينىگە سىزىقچە قويماي يېزىلىدۇ. بوشلۇق قويسىڭىز، جۇپ سۆزنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ئۈستىدىكى قۇردا، كېيىنكى يېرىمى ئاستىدىكى قۇردا يېزىلىپ قۇر ئاتىلاپ كېتىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ،
لېكىن، راست گەپنى دېسەم بۇ نەرسىنىڭ ئۆلچىمى يوق، مەن ئادەتلەنگەن ئەھۋال بۇ. شۇڭا، مەجبۇرلاش كۈچى يوق
مەن ئۆز دائىرەمدىكى ( گەرچە كىچىك بولسىمۇ ) گېزىت ۋە ژۇرنالنىڭ بەتلىرىنى ياسايمەن. بۇنداق گېزىت ۋە ژۇرناللاردا چۇقۇم رسمىي ئۆلچەم ئىشلىتىش كېرەك. بەت ياسىغاندا ھەر بىر ئابزاسنىڭ بېشىغا بىردىن TAB قويۇپ، تەڭشەپ بولغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا بىز ھەممە تىكىستنى تاللاپ پۇتۇن قۇرۇلمنى بىر خىل تەڭشەشكە توغرا كىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، مۇشۇ نۇقتىدىلا خېلى كۆپ تالاش – تارتىش چىقىدۇ. خەزۇچىد تېكىستنى بىراقلا تاللاپ ئابزاس بېشىنى ئىككى خەت (2字体) قىلىپ تەڭشەيدۇ. شۇڭا مەنمۇ چوڭ گېزىت ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرى بۇ ھەقتە قانداق ئۆلچەم ئىشلىتىدۇ بىلىپ باقاي دېگەن.
جۈپ سۆزلەردە يېڭى چىققان جۈپ سۆزلەردىكى سىزىقچىنىڭ ئالدى كەينىگە بوشلۇق قويۇپتۇ. مەن بۇرۇن سىزىقچىنىڭ كەينىگىلا بوشلۇق قويۇپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. شۇڭا قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي يۇقۇرىدىكى ئىنكاسنى يازغان ئدىم.
ھازىر بەزى تېنىش بەلگىلىرنىڭ ئىملاسى بىرلككە كەلمىدى. يا يېڭى چىققان «ئىملا لۇغىتى» دىمۇ بۇ ھەقتە كۆپ گەپ قىلماپتۇ.
مەن ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئادەتلەنگەن ئەھۋال بولسا ھەربىر ئابزاس بېشىدا بەش دانە بوش ئورۇن قالدۇرۇشتۇر. بۇنىڭدا بەت ياسىغاندىمۇ ناھايىتى مۇۋاپىق چىقىدىكەن. سىناپ باققايسىز.
ئابزاس بېشىدا 2 خەت بوشلۇق (ئىككى بوشلۇق) قويىمىز، تىنىش بەلگىسىنىڭ ئالدىغا بوشلۇق قويمايمىز، تىنىش بەلگىسىنىڭ كەينىگە بىر بوشلۇق قويغامدىن كىيىن باشقا ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى يازىمىز، ئەگەر سان، ئىنگىلىزچە ھەرپ كەلسە، ئۇلارنىڭ كەينىگە چوقۇم بىر بوشلۇق قالدۇرىمىز، ئەگەر بوشلۇق قالدۇرمىساق، بەزى ئۇزۇن سۆزلەر تىنىش بەلگىسى قويغاندىن كىيىن قۇر ئاتلاپ كىتىپ، ماقالىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ قويىدۇ. يەنە ۋوردتا ئابزاس تەڭشىگەندە، ئىككى تەرەپتىن تەڭشەشنى تاللىماي، ئوتتۇراھال تەڭشەش دىگەننى تاللايمىز. باشقا تەرەپلەرنى «ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنڭ ئالاقە- ئۇچۇر شەكلى ئۆلچىمى» (2012 64- نومۇرلۇق) بويىچە يازساق مۇۋاپىق بولىدۇ.
دۆلەت تەرىپىدىن ئۆلچەملەشكىنى بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، بۇنداق بولسا ھەممە كىشى خالىغانچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مەن تېخى ھېلىقىدەك A كونۇپكىغا غا ئا نى ئورۇنلاشتۇرۇپ يۈرمىگىدى دەپ ئەنسىرەپ ئاچسام، ئۆزگىرىش يوقكەن. خۇش بولدۇم.
بۇ دۆلەت ئۆلچىمى بولغاچقا، مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە، ئەمدى مۇشۇ بويىچە بولىدۇ.
راس گەپنى دىسەم ماۋۇ قوش تىرناق،يالاڭ تىرناق…. مىنى خىلىلا ئاۋارە قىلىدۇ،دائىم يۆنىلىشىنى خاتا بىسىپ بولۇپ تۈزۈتىمەن.
شۇنداق، كۆپ كىشىلەر قوش تىرناقنىڭ ئورنىغا كۆنۈپ بولغان ئىدى، بۇ قېتىم بىۋاسىتە باسسا قوش تىرناق ئېچىلىدىغان، SHIFT بىلەن باسسا يېپىلىدىغان بولۇپتۇ، بۇمۇ قۇلايلىق، كۆپ چىكىتمۇ سول تەرەپ ئەڭ ئۈستىدە
يىڭى ئۆلچەم ماڭىمۇ تازا خوپ كەلدى،بىرگەپ ماۋۇ بىلوگىڭىزدا كىرگۈزگۈچنى ئەلكاتىپقا تەڭشەپ خەت يازسا تىرناقلار تەتۈر چىقىدۇ،يىپىشنى باسسا ئىچىش چىقىدۇ.بىنىمە .ئەھۋالدۇ ئەمدى؟
بۇ نىمە ئەھۋالدۇ ئەمدى؟ دىمەكچىدىم،ئۈستۈدىكىنى«بىنىمە .»نى قانداق بىسىپ چىققاندىمەن توۋا ،ھى ھى ھى…..
بۇنى تەدبىركارلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، ماڭا ئورنىتىپ بەرگەن، ئەمدى مۇشۇ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە ماڭايلى، مەن بۇنى ئۆزگەرتىپ بولغۇچە، ھازىرچە SHIFT بىلەن [ نى بېسىپ ئېچىپ، SHIFT بىلەن ] نى بېسىپ يېپىپ تۇرۇڭ،
WordPress نىڭ ئۇيغۇرچە پروگراممىسىغا مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىم تۈزۈپ چىققان تور يۈزىدىكى JavaScript ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ھۆججىتى Bedit.JS ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر JS نىڭ ئەسلى كودىدا 0x00AB ۋە 0x00BB ئارقىلىق }{ نىڭ كودىنى ئېلىپتىكەن. شۇ سەۋەپتىن بۇ يۇقارقى دۆلەتلىك ئۆلچەمگە چۈشمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۆلچەم چىققان ئىكەن، ئۇزۇنغا قالماي بۇ تور يۈزى كىرگۈزگۈچلىرىنىڭ نەشىرىمۇ يېڭىلىنىشى مۇمكىن. ئۆزىمىز قول سېلىپ يېڭىلاشتىن بۇرۇن مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىمنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تارقىتىشىنى ساقلاپ باقايلى.
مەن مۇشۇنداق ئىشلىتىۋاتىمەن. ھەقىقەتەن قولايلىق، چۈنكى چوڭ تىرناق ئادەتتىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىياللاردا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇچرىمايدۇ. مەسىلە ئۇيغۇرتىلىدىكى بوغۇم ئايرىپ قۇر تاشلاشنى قانداق ھەل قىلىشتا.