دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي دوكلات بەردى
[ تاغدىن-باغدىن ]دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن 9-ئاينىڭ 17-كۈنى (پەيشەنبە) چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمىي دوكلات بەردى.
تۈنۈگۈن مەن يىغىن زالىغا 15 مىنۇت ئىلگىرى بارساممۇ، زالنىڭ تېشىدىكى كارېدورغىمۇ ئوقۇغۇچىلار توشۇپ كېتىپتۇ، زال ئىچىدە پۈتۈنلەي ئورۇن يوق ئىدى، ئەمما ھاياتلىق ئىلىمى ئىنستىتۇتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئورنىنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مىڭ تەسلىكتە جايلىشىۋالدىم. بۇ ۋاقىتتا ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرى غۇپۇر مۇئەللىم ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇۋېتىپتىكەنتۇق، مەن كەلگەندىن كېيىنمۇ ئون نەچچە مىنۇت داۋاملاشتى. شۆھرەت مۇتەللىپنى سۆزگە تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇ غۇپۇر مۇئەللىمگە «مېنى ئۇزۇن تونۇشتۇرغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت»-دەپ چاقچاق ئارىلاش دوكلاتنى باشلاپ كەتتى. (چۈنكى تونۇشتۇرۇش بەك ئۇزۇن بولغاچقا، خەنزۇچە گەپلەرنى چۈشىنەلمەي ئىچى پۇشۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم).
دوكلاتنىڭ تېمىسى «كىملىك ھۈجەيرىسىدىكى سىتوپلازمىلىق تەسىر» بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاممىباب تىل بىلەن چۈشەندۈردى. مېنىڭ كەسپىم بىيولوگىيە بولمىغاچقا رۇسچە ئارىلاشقان ئىنگلىزچە تەلەپپۇزنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس بولدى، ئەمما ئېكراندىكى رەسىملەرنى چۈشەندىم، مېنىڭچە باشقىلارمۇ ھەم شۇنداق (ھا!ھا!!ھا!!!)، ئىنگلىزچە كەسپىي ئاتالغۇلاردىن باشقا ساۋات خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى چۈشەندىم. لېكىن يىغىن ئەھلىنىڭ ئىچىدە چۈشىنىپ ئاڭلىغانلار كۆپ ئەمەستەك بىلىندى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شۆھرەت مۇتەللىپنى بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەندەك قىلاتتى. ئىلمىي دوكلات تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملىشىپ ئاخىرلاشتى. مەن ئىشىك تۈۋىدە بولغاچقا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن دەرھال چىقىپ كەتتىم.
كېيىن ئۈندىداردىكى چەمبىرەكتىن نۇرغۇن رەسىملەرنى كۆردۈم، نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئايرىلغۇسى كەلمەپتۇ.
==================================
ئامېرىكا غول ھۈجەيرە مۇتەخەسسىسى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ مەكتىپىمىزگە كېلىپ دوكلات بېرىشىنى قارشى ئالىمىز
==================================
ھاياتلىق ئىلىمى ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرى غۇپۇر مۇئەللىم دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرماقتا
==================================
دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ دوكلاتىنى باشلىدى.
==================================
دوكلاتنىڭ تېمىسى «يادرو كىملىكىدىكى سىتوپلازمىلىق تەسىر» بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاممىباب تىل بىلەن چۈشەندۈردى.
==================================
==================================
مانا سوئال سوراش باشلىنىپ كەتتى.
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,286 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 09-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 22:06
- ئالدىنقى يازما :Theft of real information and not authorized laptop computer
- كېيىنكى يازما :Is reducing the ingesting grow older a wise idea?
شۆھرەت ئەپەندىمگە ئائىت قىسقا ۋىدىئولارنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇيغۇرچىدا ئازتولا قىنىلىدىكەن. ئۇيغۇر تىلىنى كۆپ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتقن بولسا كىرەك. ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىللىرى توغراق يىشىدا ياشاڭلار. ياشناڭلا، كۆكلەڭلا………….
بىلىمخۇمار ئادەملەر بىر يەرگە يىغىلسا ،ئۇلارنىڭ قىلغان گەپ سۆزلىرىدىنمۇ نۇرغۇن نەرسىنى بىلۋالغىلى بولىدىكەن.ھەممىڭلار تولىمۇ كەمتەر ئىكەن سىلەر.مىللىتىمىز ئۈچۈن ،كەلگۈسىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتقان ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتىمەن.