نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەتە تارقىتىلىدۇ.

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئەتە (يەنى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى) ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئورگان تورى (www.uighursoft.com) ۋە ئالىم ئەھەت بىلوگى (www.alimahat.com) دا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسكەرتىش:

(1) كومپيۇتېرىڭىز ئىنتېرنېتكە ئۇلانمىسا، بۇ دېتالنى چۈشۈرمەڭ. چۈنكى بۇ يۇمشاق دېتالنى تورغا ئۇلانمىغان كومپيۇتېردا ئىشلىتەلمەيسىز.
(2) بۇ يۇمشاق دېتال NET 2.0 سۇپىسىنى بىۋاسىتە قوللايدىغان بولۇپ، مەشغۇلات سىستېمىڭىز Windows 8 بولسا، ئۇنداقتا Microsoft Net Frame Work 2.0 چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ ياكى بولمىسا «كۆكلەن» بىلوگىدىكى بۇ تېمىدىن پايدىلىنىڭ.

http://www.koklen.net/ug-cn/page/33

Windows 7 نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، دېتالىمىزنى قاچىلاپلا ئىشلىتەلەيسىز.

(3) بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرسوفت ھېساباتىغا تىزىملىتىسىز. تىزىملاتقاندا ئەستايىدىل بولۇپ، ئېسىڭىزدە تۇرىدىغان ياخشى نام (ئۇيغۇرچە بولسىمۇ بولىدۇ) ۋە پارول بىلەن تىزىملىتىڭ. پارولنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، سىستېمىغا كىرەلمەي باشقا نام بىلەن تىزىملىتىشقا مەجبۇرى بولىسىز، چۈنكى پارولنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارنى ھازىرچە تەييارلاپ بولالمىدۇق. ئەڭ مۇھىمى ساقلىۋالغان سۆزىڭىز بۇلۇت سۇپىسىدا ئايرىم تۇرىدىغان بولغاچقا، كېيىن ئۇنى ئۆزىڭىزمۇ قايتا پايدىلىنالمايسىز.

login
بۇ يۇمشاق دېتال قوزغالغاندا يۇقىرىقىدەك كىرىش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، تورغا نورمال ئۇلانغان بولسا، بىرنەچچە سېكۇنت ئىچىدە «كىرىش» كۇنۇپكىسى يېشىل رەڭدە، «تىزىملىتىش» كۇنۇپكىسى كۆك رەڭدە يورۇيدۇ، كۆزنەك ئۈستىدە مۇلازىمىتېرنىڭ ۋاقتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر رەڭسىز ھالەتتە بولسا مۇلازىمىتېرغا ئۇلانمىغان بولىدۇ. تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشىڭىز بولسا، ئۇنداقتا تىزىملىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، «ئۇيغۇرسوفت ھېساباتى»غا تىزىملىتىڭ.

register
تىزىملاتماقچى بولغان ئىشلەتكۈچى نامىنى ئاۋۋال تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ئوڭۇشلۇق بولسا ئاندىن پارولنى كىرگۈزۈپ تىزىملاشنى باسسىڭىزلا بولىدۇ، ئاندىن كىرىش كۆزنىكىدە بىۋاسىتە كىرىپ ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ. ياخشى نام تۈگەپ كەتمىسۇن، شۇڭا ئەتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى، ئېسىل ناملارنى تىزىملىتىۋېلىڭ.

(4) بۇ يۇمشاق دېتالىمىز بۈگۈن 360 ۋىرۇسخورنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى. كومپيۇتېرىڭىزدا 金山 قاتارلىق باشقا ۋىرۇسخورلار ۋە مۇداپىيە ئوت تېمى بولسا، ئۇلارنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇپ دېتالىمىزنى قاچىلاڭ، ئاندىن بۇ دېتالىمىزنى ئىشەنچ رايونىغا قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

360

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى

(ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش يۇمشاق دېتالى)

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلاندى ۋە يەنە نۇرغۇن كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.

بۇ دېتال ئۇيغۇر تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان بولۇپ، تۇنجى نەشرى 1999-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان. ھازىر شەخسلەر (بۇلۇت سۇپىسى) نەشرى بارلىققا كېلىپ ھەقسىز تارقىتىلدى. بۇ يۇمشاق دېتال Windows مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان ئايرىم تەھرىرلىگۈچ بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلىرى بار.

ئاساسىي ئالاھىدىلىكى

يېزىۋاتقاندا ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش

ئۇيغۇرچە خەت يېزىۋاتقاندا، ئىملادا دائىم خاتالىشىدىغان سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ، توغرىلاش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا قىزىل رەڭدە بوياپ بېرىدۇ.

مەلۇم دائىرە ئىچىدە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش

ئىلگىرى يېزىپ بولغان پۈتۈن ماقالىنى ياكى مەلۇم بىر بۆلىكىنى تاللاپ، دائىرە بويىچە ئىملاسى (گۇمانلىق) خاتا سۆزلەرنى قىزىل رەڭدە، ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان سۆزلەرنى يېشىل رەڭدە بوياپ بېرىدۇ.

 مائۇس بىلەن ئىملا توغرىلاش

مائۇس ئىسترېلكىسىنى گۇمانلىق دەپ قارىغان سۆزنىڭ ئۈستىگە يۆتكەپ سول كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئاپتوماتىك توغرىلاپ كۆك رەڭدە بوياپ بېرىدۇ، ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭدىن ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان سۆزنى تاللاپ چېكىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش

ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئاخىرقى نىشانى بولۇپ، ئىملادا دائىم خاتالىشىدىغان، ئۇنى توغرىلىغاندا پەقەت بىرلا توغرا نامزات سۆز چىقىدىغان سۆزلەرنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ.

 تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش ۋە ئاپتوماتىك توغرىلاش

تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئۆزىگە خاس يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى بولۇپ، ھازىرقى نەشرىياتلار قوللىنىلىۋاتقان ئۆلچەم بويىچە تىنىش بەلگە بىلەن بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ.

ئاساسىي مەشغۇلاتنىڭ ئارايۈزى

                                                 
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش) يۇمشاق دېتالىنىڭ ئارايۈزى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ.

USPELL-12-OK

ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىكىدە 2 تېكىست رامكىسى، 1 تىزىملىك رامكىسى ۋە 6 ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇنداق رولى بار.

  • تېكىست رامكىسى

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز

ئىملا توغرىلاۋاتقاندا لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆزنى بايقىسا، توختاپ مۇشۇ بۇ يەردە كۆرسىتىدۇ.

ئالماشتۇرىدىغان سۆز

ئىملا توغرىلاۋاتقاندا لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆزنى بايقىسا، توختاپ ئىملاسى توغرا، ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزنى بۇ يەردە كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە 1-نومۇرلۇق نامزات سۆز مۇشۇ يەردە كۆرۈنىدۇ. نامزات سۆزنى كۆرسىتەلمىسە، ئالماشتۇرىدىغان سۆزنىڭ ئىملاسىنى مۇشۇ يەرگە بىۋاسىتە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  • تىزىملىك رامكىسى

نامزات سۆز تىزىملىك رامكىسى

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالغاندا، ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەر بۇ يەردە كۆرۈنىدۇ.

  • ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى

(1) ئۆتكۈزۈش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، لېكىن بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى ھەقىقەتەن توغرا بولسا، بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى مۇشۇ بىر قېتىم ئۆتكۈزۈۋېتىپ كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ، كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دەپ داۋاملىق توختايدۇ. مۇشۇ بىر قېتىم كۈچكە ئىگە.

(2) ھەممىنى ئۆتكۈزۈش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، لېكىن بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى ھەقىقەتەن توغرا بولسا، بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى ئامبارغا قوشۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ، كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دېمەستىن، ئىملاسى توغرا دەپ ھەممىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالدىن چېكىنسىڭىز، بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالىدۇ.

(3) لۇغەتكە قوشۇش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، لېكىن بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى ھەقىقەتەن توغرا بولسا، بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى ئامبارغا قوشۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ، كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دېمەستىن، ئىملاسى توغرا دەپ ھەممىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالدىن چېكىنسىڭىزمۇ، بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالمايدۇ.

 ئەسكەرتىش: ناۋادا خاتا سۆزنى توغرا دەپ لۇغەتكە خاتا قوشسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزنى ھەر ۋاقىت خاتا دېمەي ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان بولغاچقا، ئىملادا خاتالىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما ھەقىقەتەن ئىملاسى توغرا سۆزنى لۇغەتكە قوشسىڭىز، ئىش ئۈنۈمىڭىز ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قائىدە تەستىقلانغاندىن كېيىن بۇلۇت سۇپىسىدىكى باشقىلارمۇ بۇ قائىدىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرالايدۇ.

(4) توغرىلاش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، بۇ سۆزگە ئىملاسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ، 1-نومۇرلۇق نامزات سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز تېكىست رامكىسىدا كۆرسىتىدۇ. بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، ئەسلىي تېكىستتىكى گۇمانلىق سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز رامكىسىدىكى سۆزگە مۇشۇ بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ، كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دەپ داۋاملىق توختايدۇ. مۇشۇ بىر قېتىم كۈچكە ئىگە.

(5) ھەممىنى توغرىلاش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، بۇ سۆزگە ئىملاسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ، 1-نومۇرلۇق نامزات سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز تېكىست رامكىسىدا كۆرسىتىدۇ. بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، ئەسلىي تېكىستتىكى گۇمانلىق سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز رامكىسىدىكى سۆزگە ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ. كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دېمەستىن، ھەممىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالدىن چېكىنسىڭىز، بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالىدۇ.

 (6) ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشۇش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، بۇ سۆزگە ئىملاسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ، 1-نومۇرلۇق نامزات سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز تېكىست رامكىسىدا كۆرسىتىدۇ. بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، ئەسلىي تېكىستتىكى گۇمانلىق سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز رامكىسىدىكى سۆزگە ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ. كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دېمەستىن، ھەممىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالدىن چېكىنسىڭىزمۇ، بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالمايدۇ.

 ئەسكەرتىش: ناۋادا خاتا سۆزنى توغرا دەپ ئاپتوماتىك لۇغەتكە خاتا قوشسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزنى ھەر ۋاقىت خاتا دېمەي ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان بولغاچقا، ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما ھەقىقەتەن ئىملاسى توغرا سۆزنى ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشسىڭىز، ئىش ئۈنۈمىڭىز ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قائىدە تەستىقلانغاندىن كېيىن بۇلۇت سۇپىسىدىكى باشقىلارمۇ بۇ قائىدىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرالايدۇ.

 نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ھەقسىز تارقىتىلدى؟

ئىملا يېزىقچىلىقتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا، ھەممىدىن بۇرۇن كومپيۇتېردا ئىنگلىزچە ئىملا تەكشۈرۈش قورالى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار يېزىقچىلىق قىلغاندا ئىملا تەكشۈرگۈچ قورالىنى ئىشلىتىشكە ئومۇميۈزلۈك ئادەتلەنگەن. بىز ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ كومپيۇتېردا خەۋەر ياكى ماقالە يازغاندا ئىملانى خاتا يېزىشقا ھېچقانداق باھانە-سەۋەب يوق، بۇ شۇ ئاپتورنىڭ ئىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق. مانا ھازىر ئۇيغۇرسوفت ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش قورالىمۇ ھەقسىز تارقىتىلدى.

ئىملانى توغرا ئىشلىتىش پەقەت تاراتقۇلارنىڭ ئىشى بولماستىن، شۇ يېزىقنى ئىشلىتىدىغان ھەربىر كىشىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا ئىملانى بىلمەسلىك، توغرا يازالماسلىققا ھېچقانداق باھانە-سەۋەب يوق، بۇنىڭدا ھەرقايسى تاراتقۇلار، كارخانىچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، خەۋەر-ماقالىلەر، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشلىرىدە ئىملانى توغرا يېزىشتا باشلامچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كوررېكتورلۇق زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي ئەمگەك بولۇپ، بۇنداق جاپالىق خىزمەت ئەمدى بولسىمۇ ئاپتوماتلاشسۇن، ئىش ئۈنۈمى ئاشسۇن، پېشقەدەم كوررېكتورلارنى ئاسرايلى، تور بېكەتلەردىكى ئىملا خاتالىقى ئەمدى بولسىمۇ ئازايسۇن، ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئىملاسى توغرا ۋە راۋان بولسۇن. ھەممىمىز ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى پىششىق ئۆگىنەيلى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

بۇ يۇمشاق دېتالدا ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى، سۆزلۈك ئامبىرى، يادرولۇق تېخنىكىلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرى ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ شىركىتىمىزنىڭ يازمىچە رۇخسىتىنى ئالماي بۇ يۇمشاق دېتالنى سودا خاراكتېرلىك پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

بۇ يۇمشاق دېتال ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز alimahat.com نى زىيارەت قىلىڭ، تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز alim.ahat@gmail.com غا ئېلېكتىرونلۇق خەت ئەۋەتىڭ.

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى

2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
66 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    مەنمۇ بۇ كوررېكتۇرنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئۈستىدىكى ئەمەتجان يولۇققان مەسىلىگە يولۇقتۇم. ھەل قىلىش چارىسىنى تېزراق بىلسەك بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 15:57
  • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن كوررېكتۇرنى ئىشلتىش جەريانىدا ئازراق مەسلىگە ئۇچراپ قالغان ئىدىم. يەنى مەن بىر Wordھۆججىتىدە ئالدىن بېسىلىپ بولغان ماتىرياللانى كۆچۈرۈپ، ئاندىن كوررېكتۇردا ئىملا ۋە تىنىش بەلىگىلەرنى تەھرىرلەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بۇرۇنقى ئورنىغا كۆچۈرۈپ ئاپارسام، ھەر بىر سۆز ئارلىقىدا سېرىق رەڭلىك بەلگە پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ ئەمدى كوررېكتۇردىكى مەسلىمۇ؟ ياكى Word تىكى مەسلىمۇ؟ مۇشۇ توغرۇلۇق بىر ئۇچۇر بېرىۋەتسىڭىز دېگەن ئۈمۈدتىمەن. ئەگەر ھەل قىلىش چارسى بولۇپ قالسا ئېغىر كۆرمەي يول كۆرسەتسىڭىز بولاتتى. مېنىڭ ئىشلىتۋاتقانىم Microsoft Office2010 ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 14:25
  • بۇ دېتالنىڭ نەشىردىن چىققىنى شۇنداق ياخشى بوپتۇ،ئەگەردە تىلفۇن نۇسقىسى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 22:12
  • جاپا تارتتىڭلار ئۇستازلار …. ، رەھمەت سىلەرگە …

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 22:51
باھا بېتى: 1 2 3 4