ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەتە تارقىتىلىدۇ. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەتە تارقىتىلىدۇ.

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئەتە (يەنى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى) ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئورگان تورى (www.uighursoft.com) ۋە ئالىم ئەھەت بىلوگى (www.alimahat.com) دا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسكەرتىش:

(1) كومپيۇتېرىڭىز ئىنتېرنېتكە ئۇلانمىسا، بۇ دېتالنى چۈشۈرمەڭ. چۈنكى بۇ يۇمشاق دېتالنى تورغا ئۇلانمىغان كومپيۇتېردا ئىشلىتەلمەيسىز.
(2) بۇ يۇمشاق دېتال NET 2.0 سۇپىسىنى بىۋاسىتە قوللايدىغان بولۇپ، مەشغۇلات سىستېمىڭىز Windows 8 بولسا، ئۇنداقتا Microsoft Net Frame Work 2.0 چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ ياكى بولمىسا «كۆكلەن» بىلوگىدىكى بۇ تېمىدىن پايدىلىنىڭ.

http://www.koklen.net/ug-cn/page/33

Windows 7 نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، دېتالىمىزنى قاچىلاپلا ئىشلىتەلەيسىز.

(3) بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرسوفت ھېساباتىغا تىزىملىتىسىز. تىزىملاتقاندا ئەستايىدىل بولۇپ، ئېسىڭىزدە تۇرىدىغان ياخشى نام (ئۇيغۇرچە بولسىمۇ بولىدۇ) ۋە پارول بىلەن تىزىملىتىڭ. پارولنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، سىستېمىغا كىرەلمەي باشقا نام بىلەن تىزىملىتىشقا مەجبۇرى بولىسىز، چۈنكى پارولنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارنى ھازىرچە تەييارلاپ بولالمىدۇق. ئەڭ مۇھىمى ساقلىۋالغان سۆزىڭىز بۇلۇت سۇپىسىدا ئايرىم تۇرىدىغان بولغاچقا، كېيىن ئۇنى ئۆزىڭىزمۇ قايتا پايدىلىنالمايسىز.

login
بۇ يۇمشاق دېتال قوزغالغاندا يۇقىرىقىدەك كىرىش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، تورغا نورمال ئۇلانغان بولسا، بىرنەچچە سېكۇنت ئىچىدە «كىرىش» كۇنۇپكىسى يېشىل رەڭدە، «تىزىملىتىش» كۇنۇپكىسى كۆك رەڭدە يورۇيدۇ، كۆزنەك ئۈستىدە مۇلازىمىتېرنىڭ ۋاقتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر رەڭسىز ھالەتتە بولسا مۇلازىمىتېرغا ئۇلانمىغان بولىدۇ. تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشىڭىز بولسا، ئۇنداقتا تىزىملىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، «ئۇيغۇرسوفت ھېساباتى»غا تىزىملىتىڭ.

register
تىزىملاتماقچى بولغان ئىشلەتكۈچى نامىنى ئاۋۋال تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ئوڭۇشلۇق بولسا ئاندىن پارولنى كىرگۈزۈپ تىزىملاشنى باسسىڭىزلا بولىدۇ، ئاندىن كىرىش كۆزنىكىدە بىۋاسىتە كىرىپ ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ. ياخشى نام تۈگەپ كەتمىسۇن، شۇڭا ئەتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى، ئېسىل ناملارنى تىزىملىتىۋېلىڭ.

(4) بۇ يۇمشاق دېتالىمىز بۈگۈن 360 ۋىرۇسخورنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى. كومپيۇتېرىڭىزدا 金山 قاتارلىق باشقا ۋىرۇسخورلار ۋە مۇداپىيە ئوت تېمى بولسا، ئۇلارنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇپ دېتالىمىزنى قاچىلاڭ، ئاندىن بۇ دېتالىمىزنى ئىشەنچ رايونىغا قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

360

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى

(ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش يۇمشاق دېتالى)

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلاندى ۋە يەنە نۇرغۇن كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.

بۇ دېتال ئۇيغۇر تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان بولۇپ، تۇنجى نەشرى 1999-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان. ھازىر شەخسلەر (بۇلۇت سۇپىسى) نەشرى بارلىققا كېلىپ ھەقسىز تارقىتىلدى. بۇ يۇمشاق دېتال Windows مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان ئايرىم تەھرىرلىگۈچ بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلىرى بار.

ئاساسىي ئالاھىدىلىكى

يېزىۋاتقاندا ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش

ئۇيغۇرچە خەت يېزىۋاتقاندا، ئىملادا دائىم خاتالىشىدىغان سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ، توغرىلاش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا قىزىل رەڭدە بوياپ بېرىدۇ.

مەلۇم دائىرە ئىچىدە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش

ئىلگىرى يېزىپ بولغان پۈتۈن ماقالىنى ياكى مەلۇم بىر بۆلىكىنى تاللاپ، دائىرە بويىچە ئىملاسى (گۇمانلىق) خاتا سۆزلەرنى قىزىل رەڭدە، ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان سۆزلەرنى يېشىل رەڭدە بوياپ بېرىدۇ.

 مائۇس بىلەن ئىملا توغرىلاش

مائۇس ئىسترېلكىسىنى گۇمانلىق دەپ قارىغان سۆزنىڭ ئۈستىگە يۆتكەپ سول كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئاپتوماتىك توغرىلاپ كۆك رەڭدە بوياپ بېرىدۇ، ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭدىن ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان سۆزنى تاللاپ چېكىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش

ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئاخىرقى نىشانى بولۇپ، ئىملادا دائىم خاتالىشىدىغان، ئۇنى توغرىلىغاندا پەقەت بىرلا توغرا نامزات سۆز چىقىدىغان سۆزلەرنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ.

 تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش ۋە ئاپتوماتىك توغرىلاش

تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئۆزىگە خاس يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى بولۇپ، ھازىرقى نەشرىياتلار قوللىنىلىۋاتقان ئۆلچەم بويىچە تىنىش بەلگە بىلەن بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ.

ئاساسىي مەشغۇلاتنىڭ ئارايۈزى

                                                 
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش) يۇمشاق دېتالىنىڭ ئارايۈزى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ.

USPELL-12-OK

ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىكىدە 2 تېكىست رامكىسى، 1 تىزىملىك رامكىسى ۋە 6 ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇنداق رولى بار.

  • تېكىست رامكىسى

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز

ئىملا توغرىلاۋاتقاندا لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆزنى بايقىسا، توختاپ مۇشۇ بۇ يەردە كۆرسىتىدۇ.

ئالماشتۇرىدىغان سۆز

ئىملا توغرىلاۋاتقاندا لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆزنى بايقىسا، توختاپ ئىملاسى توغرا، ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزنى بۇ يەردە كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە 1-نومۇرلۇق نامزات سۆز مۇشۇ يەردە كۆرۈنىدۇ. نامزات سۆزنى كۆرسىتەلمىسە، ئالماشتۇرىدىغان سۆزنىڭ ئىملاسىنى مۇشۇ يەرگە بىۋاسىتە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  • تىزىملىك رامكىسى

نامزات سۆز تىزىملىك رامكىسى

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالغاندا، ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەر بۇ يەردە كۆرۈنىدۇ.

  • ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى

(1) ئۆتكۈزۈش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، لېكىن بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى ھەقىقەتەن توغرا بولسا، بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى مۇشۇ بىر قېتىم ئۆتكۈزۈۋېتىپ كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ، كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دەپ داۋاملىق توختايدۇ. مۇشۇ بىر قېتىم كۈچكە ئىگە.

(2) ھەممىنى ئۆتكۈزۈش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، لېكىن بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى ھەقىقەتەن توغرا بولسا، بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى ئامبارغا قوشۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ، كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دېمەستىن، ئىملاسى توغرا دەپ ھەممىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالدىن چېكىنسىڭىز، بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالىدۇ.

(3) لۇغەتكە قوشۇش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، لېكىن بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى ھەقىقەتەن توغرا بولسا، بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى ئامبارغا قوشۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ، كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دېمەستىن، ئىملاسى توغرا دەپ ھەممىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالدىن چېكىنسىڭىزمۇ، بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالمايدۇ.

 ئەسكەرتىش: ناۋادا خاتا سۆزنى توغرا دەپ لۇغەتكە خاتا قوشسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزنى ھەر ۋاقىت خاتا دېمەي ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان بولغاچقا، ئىملادا خاتالىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما ھەقىقەتەن ئىملاسى توغرا سۆزنى لۇغەتكە قوشسىڭىز، ئىش ئۈنۈمىڭىز ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قائىدە تەستىقلانغاندىن كېيىن بۇلۇت سۇپىسىدىكى باشقىلارمۇ بۇ قائىدىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرالايدۇ.

(4) توغرىلاش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، بۇ سۆزگە ئىملاسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ، 1-نومۇرلۇق نامزات سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز تېكىست رامكىسىدا كۆرسىتىدۇ. بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، ئەسلىي تېكىستتىكى گۇمانلىق سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز رامكىسىدىكى سۆزگە مۇشۇ بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ، كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دەپ داۋاملىق توختايدۇ. مۇشۇ بىر قېتىم كۈچكە ئىگە.

(5) ھەممىنى توغرىلاش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، بۇ سۆزگە ئىملاسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ، 1-نومۇرلۇق نامزات سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز تېكىست رامكىسىدا كۆرسىتىدۇ. بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، ئەسلىي تېكىستتىكى گۇمانلىق سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز رامكىسىدىكى سۆزگە ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ. كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دېمەستىن، ھەممىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالدىن چېكىنسىڭىز، بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالىدۇ.

 (6) ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشۇش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، بۇ سۆزگە ئىملاسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ، 1-نومۇرلۇق نامزات سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز تېكىست رامكىسىدا كۆرسىتىدۇ. بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، ئەسلىي تېكىستتىكى گۇمانلىق سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز رامكىسىدىكى سۆزگە ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ. كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دېمەستىن، ھەممىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالدىن چېكىنسىڭىزمۇ، بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالمايدۇ.

 ئەسكەرتىش: ناۋادا خاتا سۆزنى توغرا دەپ ئاپتوماتىك لۇغەتكە خاتا قوشسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزنى ھەر ۋاقىت خاتا دېمەي ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان بولغاچقا، ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما ھەقىقەتەن ئىملاسى توغرا سۆزنى ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشسىڭىز، ئىش ئۈنۈمىڭىز ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قائىدە تەستىقلانغاندىن كېيىن بۇلۇت سۇپىسىدىكى باشقىلارمۇ بۇ قائىدىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرالايدۇ.

 نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ھەقسىز تارقىتىلدى؟

ئىملا يېزىقچىلىقتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا، ھەممىدىن بۇرۇن كومپيۇتېردا ئىنگلىزچە ئىملا تەكشۈرۈش قورالى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار يېزىقچىلىق قىلغاندا ئىملا تەكشۈرگۈچ قورالىنى ئىشلىتىشكە ئومۇميۈزلۈك ئادەتلەنگەن. بىز ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ كومپيۇتېردا خەۋەر ياكى ماقالە يازغاندا ئىملانى خاتا يېزىشقا ھېچقانداق باھانە-سەۋەب يوق، بۇ شۇ ئاپتورنىڭ ئىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق. مانا ھازىر ئۇيغۇرسوفت ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش قورالىمۇ ھەقسىز تارقىتىلدى.

ئىملانى توغرا ئىشلىتىش پەقەت تاراتقۇلارنىڭ ئىشى بولماستىن، شۇ يېزىقنى ئىشلىتىدىغان ھەربىر كىشىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا ئىملانى بىلمەسلىك، توغرا يازالماسلىققا ھېچقانداق باھانە-سەۋەب يوق، بۇنىڭدا ھەرقايسى تاراتقۇلار، كارخانىچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، خەۋەر-ماقالىلەر، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشلىرىدە ئىملانى توغرا يېزىشتا باشلامچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كوررېكتورلۇق زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي ئەمگەك بولۇپ، بۇنداق جاپالىق خىزمەت ئەمدى بولسىمۇ ئاپتوماتلاشسۇن، ئىش ئۈنۈمى ئاشسۇن، پېشقەدەم كوررېكتورلارنى ئاسرايلى، تور بېكەتلەردىكى ئىملا خاتالىقى ئەمدى بولسىمۇ ئازايسۇن، ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئىملاسى توغرا ۋە راۋان بولسۇن. ھەممىمىز ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى پىششىق ئۆگىنەيلى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

بۇ يۇمشاق دېتالدا ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى، سۆزلۈك ئامبىرى، يادرولۇق تېخنىكىلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرى ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ شىركىتىمىزنىڭ يازمىچە رۇخسىتىنى ئالماي بۇ يۇمشاق دېتالنى سودا خاراكتېرلىك پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

بۇ يۇمشاق دېتال ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز alimahat.com نى زىيارەت قىلىڭ، تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز alim.ahat@gmail.com غا ئېلېكتىرونلۇق خەت ئەۋەتىڭ.

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى

2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
66 پارچە باھا يېزىلدى
  • مەنمۇ شۇنداق ئېھتىياجلىق ئىدىم رەھمەت سىزگە

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 17:26
  • xp、ئىشلىتىدىغانلار خېلى باركەنمىز ھە. ئانداق قېرىقلىق قىلماي مۇشۇ دېتالنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ 7 گە بولسىمۇ كۆچىنى ئەمدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 01:53
  • بۇ چۈشەندۈرۈشلەرمۇ ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ، ئەمدى بۇ يازمىنى RTF ھۆججىتى قىلىپ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىچىگە ياردەم تىزىملىكىگە قىستۇرۇۋەتسەكلا بولغۇدەك.
    ئالدىنقى تەكلىپنى بەرگەندە بۇ يازما ئېچىلمىغان ئىدى، شۇڭا بۇ يەردە ئاللىبۇرۇن ئەمەلگە ئېشىپ بولغان ئىشلارنى تەكلىپ سۈپتىدە بەرگەن ئوخشايمەن.

    يەنە بىر كىچىككىنە تەكلىپ(ئەڭ ئاخىرىقى ئىشلار قاتارىدا): ئەمدى قوشۇمچە ئىشلار ئورنىدا «ئىشلەتكۈچىلەر شەرەپ تاختىسى» دېگەندەك بىر ئىقتىدارنى قوشۇپ، ئەڭ ئاكتىپ ئىشلەتكەن ئەزالار، ئەڭ كۆپ سۆز(كوررېكتورنىڭ سۆز بايلىقىغا) تەۋسىيە قىلغان ئەزالار دېگەندەك بىر قاتار قىزغىن ئەزالار بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ مەخسۇس تور بېتىدە شەرەپ تاختىسى سۈپتىدە كۆرسىتىپ قويساق(ئەلۋەتتە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قوشۇلۇشى شەرت ئاستىدا) ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشقۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى am 00:48
  • مەن يېڭى تىزىملىتىپ كىرگەنتىم ، بىرىنجى قېتىم ئوڭۇشلۇق كىردىم ، چىكىنىپ چىقىپ كىتىپ قايتا كىرسەم ، پارول خاتا ، دەيدۇ ، ئىلخەتنى تەكشۇرسەم ، ئاللىبۇرۇن تىزىملىتىپ بولغان دەيدۇ . قانداق قىلىمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 22:19
  • مەن ئالدىنقى نامىم بىلەنمۇ كىرەلمىدىم،يېڭى ئىسىمبىلەن تىزىملىتىپمۇ كىرەلمىدىم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 10:33
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز، مەن دېتالنى چۈشۈرۈپ، قاچلىغاندىن كېيىن، تىزىملىتىپ بولۇپ، كىرىش كونۇپكىسىنى باسسام ھېچقانداق ئىنكاس يوق، مەن ئىشلىتىۋاتقان سىستېما Windows xp سىستېمىسى ئىدى، سىسېتىمىغا قارىتا بىرەر تەڭشەش ئېلىپ بارىمىزمۇ ياكى باشقا مەسىلىنىڭ ئىشىمىدۇ، تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 10:33
  • تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ھېساباتنى كىرگۈزۈپ كىرىشنى باسسام، دېتالدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى، ۋىروسخورلارنى ئۈچۈرىۋېتىپمۇ سىناپ باقتىم، يەنىلا ئوخشاش،مەشخۇلات سېستىمىسىwindows xp

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 01:06
  • مېنىڭكىدە نورمال قاچىلانمىدى، ئېكراندىن تۇتىۋالغان رەسىمنى ئەۋەتىپ بېرەي دېسەم تورخەتدانىڭىزنىڭ ئادرىسىنى قەتئىي تاپالماي قالدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:26
  • ھەقىقەتەن ئىنتايىن خوشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ، مەنمۇ مۇشۇنداق ئىملا تەكشۈرۈدىغان يۇمىتالنى قاچان چىقار دەپ بەك تەقەززار بولغان ئىدىم، ھازىر كۆپ ئىشلىرىمىز ئاسانلىشىدىغان بولدى. رەھمەت مۇئەللىم بەك جاپا تارتتىڭىز ، …… تېنىڭىزنى سالامەت، ئائىلىڭىزنى خاتىرجە، ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق، ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلغاي !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 19:16
  • مىنىڭ چۈشۈرگىنىمدىمۇ ھىچقانداق ئىنكاس يوق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 15:08
  • بەك ياخشى بوپتۇ بىراق بۇ يۇمشاق دېتالدا ئەلپىدا خەت نۇسخىسىنى تەھرىرلىگىلى بولمامدۇ نېمە، ئادەتتە سوت، ساقچى ئورۇنلىرىدا كۆپىنچە مۇشۇ ئەلپىدا خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتەتتى، بۇنىڭغا باشقا ئامال بارمىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:27
    • يۇنىكود ئۆلچىمىنى قوللايدۇ، ئەلپىدانىڭ بۇرۇنقى خەت نۇسخىلىرى بولسا كود ئالماشتۇرۇپ ئاندىن كوررېكتورلۇق قىلسىڭىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 14:44
  • مەنمۇ تېزىملىتىپ بولۇپ ، ھېساباتنى كىرگۈزۈپ كىرىشنى باسسام، دېتالدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى.مەشخۇلات سېستىمىسىwindows xp ئىدى، نېمە بولغاندۇ،،،،،، ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:22
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، بۈگۈن سىز ئېلان قىلغان ئۇيغۇر سوفىت كوررېكتورىنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچلىلىغانىدىم، ئەمما تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ھېساباتنى كىرگۈزۈپ كىرىشنى باسسام، دېتالدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى، ۋىروسخورلارنى ئۈچۈرىۋېتىپمۇ سىناپ باقتىم، يەنىلا ئوخشاش، مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم، windows xp ئىدى، ئىشخانىدا قولاي بولسۇن ئۈچۈن مۇشۇ سىستېمىنى ئىشلىتىۋاتاتتىم، ئەمما پەقەت ئىنكاس يوق، بۇ دېتال windows xp سىستېمىدا نورمال ئىجرا بولمامدۇ؟ ياكى مەشغۇلات خاتالىقى بارمۇ؟ تەلىم بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:48
  • ياخشىمۇ سىز ! اللە ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن ، ئۆمىرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن !! ، بۇ يومشاق دىتال ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن ، مەن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم ، رەھمەت سىزگە !!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:05