ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەتە تارقىتىلىدۇ. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەتە تارقىتىلىدۇ.

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئەتە (يەنى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى) ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئورگان تورى (www.uighursoft.com) ۋە ئالىم ئەھەت بىلوگى (www.alimahat.com) دا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسكەرتىش:

(1) كومپيۇتېرىڭىز ئىنتېرنېتكە ئۇلانمىسا، بۇ دېتالنى چۈشۈرمەڭ. چۈنكى بۇ يۇمشاق دېتالنى تورغا ئۇلانمىغان كومپيۇتېردا ئىشلىتەلمەيسىز.
(2) بۇ يۇمشاق دېتال NET 2.0 سۇپىسىنى بىۋاسىتە قوللايدىغان بولۇپ، مەشغۇلات سىستېمىڭىز Windows 8 بولسا، ئۇنداقتا Microsoft Net Frame Work 2.0 چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ ياكى بولمىسا «كۆكلەن» بىلوگىدىكى بۇ تېمىدىن پايدىلىنىڭ.

http://www.koklen.net/ug-cn/page/33

Windows 7 نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، دېتالىمىزنى قاچىلاپلا ئىشلىتەلەيسىز.

(3) بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرسوفت ھېساباتىغا تىزىملىتىسىز. تىزىملاتقاندا ئەستايىدىل بولۇپ، ئېسىڭىزدە تۇرىدىغان ياخشى نام (ئۇيغۇرچە بولسىمۇ بولىدۇ) ۋە پارول بىلەن تىزىملىتىڭ. پارولنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، سىستېمىغا كىرەلمەي باشقا نام بىلەن تىزىملىتىشقا مەجبۇرى بولىسىز، چۈنكى پارولنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارنى ھازىرچە تەييارلاپ بولالمىدۇق. ئەڭ مۇھىمى ساقلىۋالغان سۆزىڭىز بۇلۇت سۇپىسىدا ئايرىم تۇرىدىغان بولغاچقا، كېيىن ئۇنى ئۆزىڭىزمۇ قايتا پايدىلىنالمايسىز.

login
بۇ يۇمشاق دېتال قوزغالغاندا يۇقىرىقىدەك كىرىش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، تورغا نورمال ئۇلانغان بولسا، بىرنەچچە سېكۇنت ئىچىدە «كىرىش» كۇنۇپكىسى يېشىل رەڭدە، «تىزىملىتىش» كۇنۇپكىسى كۆك رەڭدە يورۇيدۇ، كۆزنەك ئۈستىدە مۇلازىمىتېرنىڭ ۋاقتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر رەڭسىز ھالەتتە بولسا مۇلازىمىتېرغا ئۇلانمىغان بولىدۇ. تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشىڭىز بولسا، ئۇنداقتا تىزىملىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، «ئۇيغۇرسوفت ھېساباتى»غا تىزىملىتىڭ.

register
تىزىملاتماقچى بولغان ئىشلەتكۈچى نامىنى ئاۋۋال تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ئوڭۇشلۇق بولسا ئاندىن پارولنى كىرگۈزۈپ تىزىملاشنى باسسىڭىزلا بولىدۇ، ئاندىن كىرىش كۆزنىكىدە بىۋاسىتە كىرىپ ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ. ياخشى نام تۈگەپ كەتمىسۇن، شۇڭا ئەتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى، ئېسىل ناملارنى تىزىملىتىۋېلىڭ.

(4) بۇ يۇمشاق دېتالىمىز بۈگۈن 360 ۋىرۇسخورنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى. كومپيۇتېرىڭىزدا 金山 قاتارلىق باشقا ۋىرۇسخورلار ۋە مۇداپىيە ئوت تېمى بولسا، ئۇلارنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇپ دېتالىمىزنى قاچىلاڭ، ئاندىن بۇ دېتالىمىزنى ئىشەنچ رايونىغا قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

360

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى

(ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش يۇمشاق دېتالى)

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش قورالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلاندى ۋە يەنە نۇرغۇن كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.

بۇ دېتال ئۇيغۇر تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان بولۇپ، تۇنجى نەشرى 1999-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان. ھازىر شەخسلەر (بۇلۇت سۇپىسى) نەشرى بارلىققا كېلىپ ھەقسىز تارقىتىلدى. بۇ يۇمشاق دېتال Windows مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان ئايرىم تەھرىرلىگۈچ بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلىرى بار.

ئاساسىي ئالاھىدىلىكى

يېزىۋاتقاندا ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش

ئۇيغۇرچە خەت يېزىۋاتقاندا، ئىملادا دائىم خاتالىشىدىغان سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ، توغرىلاش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا قىزىل رەڭدە بوياپ بېرىدۇ.

مەلۇم دائىرە ئىچىدە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش

ئىلگىرى يېزىپ بولغان پۈتۈن ماقالىنى ياكى مەلۇم بىر بۆلىكىنى تاللاپ، دائىرە بويىچە ئىملاسى (گۇمانلىق) خاتا سۆزلەرنى قىزىل رەڭدە، ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان سۆزلەرنى يېشىل رەڭدە بوياپ بېرىدۇ.

 مائۇس بىلەن ئىملا توغرىلاش

مائۇس ئىسترېلكىسىنى گۇمانلىق دەپ قارىغان سۆزنىڭ ئۈستىگە يۆتكەپ سول كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئاپتوماتىك توغرىلاپ كۆك رەڭدە بوياپ بېرىدۇ، ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭدىن ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان سۆزنى تاللاپ چېكىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش

ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئاخىرقى نىشانى بولۇپ، ئىملادا دائىم خاتالىشىدىغان، ئۇنى توغرىلىغاندا پەقەت بىرلا توغرا نامزات سۆز چىقىدىغان سۆزلەرنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ.

 تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش ۋە ئاپتوماتىك توغرىلاش

تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئۆزىگە خاس يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى بولۇپ، ھازىرقى نەشرىياتلار قوللىنىلىۋاتقان ئۆلچەم بويىچە تىنىش بەلگە بىلەن بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ.

ئاساسىي مەشغۇلاتنىڭ ئارايۈزى

                                                 
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش) يۇمشاق دېتالىنىڭ ئارايۈزى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ.

USPELL-12-OK

ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىكىدە 2 تېكىست رامكىسى، 1 تىزىملىك رامكىسى ۋە 6 ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇنداق رولى بار.

  • تېكىست رامكىسى

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز

ئىملا توغرىلاۋاتقاندا لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆزنى بايقىسا، توختاپ مۇشۇ بۇ يەردە كۆرسىتىدۇ.

ئالماشتۇرىدىغان سۆز

ئىملا توغرىلاۋاتقاندا لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆزنى بايقىسا، توختاپ ئىملاسى توغرا، ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزنى بۇ يەردە كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە 1-نومۇرلۇق نامزات سۆز مۇشۇ يەردە كۆرۈنىدۇ. نامزات سۆزنى كۆرسىتەلمىسە، ئالماشتۇرىدىغان سۆزنىڭ ئىملاسىنى مۇشۇ يەرگە بىۋاسىتە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  • تىزىملىك رامكىسى

نامزات سۆز تىزىملىك رامكىسى

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالغاندا، ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەر بۇ يەردە كۆرۈنىدۇ.

  • ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى

(1) ئۆتكۈزۈش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، لېكىن بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى ھەقىقەتەن توغرا بولسا، بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى مۇشۇ بىر قېتىم ئۆتكۈزۈۋېتىپ كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ، كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دەپ داۋاملىق توختايدۇ. مۇشۇ بىر قېتىم كۈچكە ئىگە.

(2) ھەممىنى ئۆتكۈزۈش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، لېكىن بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى ھەقىقەتەن توغرا بولسا، بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى ئامبارغا قوشۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ، كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دېمەستىن، ئىملاسى توغرا دەپ ھەممىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالدىن چېكىنسىڭىز، بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالىدۇ.

(3) لۇغەتكە قوشۇش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، لېكىن بۇ سۆزنىڭ ئىملاسى ھەقىقەتەن توغرا بولسا، بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى ئامبارغا قوشۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ، كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دېمەستىن، ئىملاسى توغرا دەپ ھەممىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالدىن چېكىنسىڭىزمۇ، بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالمايدۇ.

 ئەسكەرتىش: ناۋادا خاتا سۆزنى توغرا دەپ لۇغەتكە خاتا قوشسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزنى ھەر ۋاقىت خاتا دېمەي ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان بولغاچقا، ئىملادا خاتالىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما ھەقىقەتەن ئىملاسى توغرا سۆزنى لۇغەتكە قوشسىڭىز، ئىش ئۈنۈمىڭىز ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قائىدە تەستىقلانغاندىن كېيىن بۇلۇت سۇپىسىدىكى باشقىلارمۇ بۇ قائىدىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرالايدۇ.

(4) توغرىلاش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، بۇ سۆزگە ئىملاسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ، 1-نومۇرلۇق نامزات سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز تېكىست رامكىسىدا كۆرسىتىدۇ. بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، ئەسلىي تېكىستتىكى گۇمانلىق سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز رامكىسىدىكى سۆزگە مۇشۇ بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ، كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دەپ داۋاملىق توختايدۇ. مۇشۇ بىر قېتىم كۈچكە ئىگە.

(5) ھەممىنى توغرىلاش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، بۇ سۆزگە ئىملاسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ، 1-نومۇرلۇق نامزات سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز تېكىست رامكىسىدا كۆرسىتىدۇ. بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، ئەسلىي تېكىستتىكى گۇمانلىق سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز رامكىسىدىكى سۆزگە ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ. كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دېمەستىن، ھەممىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالدىن چېكىنسىڭىز، بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالىدۇ.

 (6) ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشۇش

لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز بايقالسا، بۇ سۆزگە ئىملاسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ، 1-نومۇرلۇق نامزات سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز تېكىست رامكىسىدا كۆرسىتىدۇ. بۇ كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، ئەسلىي تېكىستتىكى گۇمانلىق سۆزنى ئالماشتۇرىدىغان سۆز رامكىسىدىكى سۆزگە ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى گۇمانلىق سۆزنى ئىزدەيدۇ. كېيىنكى سۆزلەردە مۇشۇ سۆز يەنە بايقالسا، لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دېمەستىن، ھەممىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالدىن چېكىنسىڭىزمۇ، بۇ قائىدە ئەمەلدىن قالمايدۇ.

 ئەسكەرتىش: ناۋادا خاتا سۆزنى توغرا دەپ ئاپتوماتىك لۇغەتكە خاتا قوشسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزنى ھەر ۋاقىت خاتا دېمەي ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان بولغاچقا، ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما ھەقىقەتەن ئىملاسى توغرا سۆزنى ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشسىڭىز، ئىش ئۈنۈمىڭىز ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قائىدە تەستىقلانغاندىن كېيىن بۇلۇت سۇپىسىدىكى باشقىلارمۇ بۇ قائىدىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرالايدۇ.

 نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ھەقسىز تارقىتىلدى؟

ئىملا يېزىقچىلىقتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا، ھەممىدىن بۇرۇن كومپيۇتېردا ئىنگلىزچە ئىملا تەكشۈرۈش قورالى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار يېزىقچىلىق قىلغاندا ئىملا تەكشۈرگۈچ قورالىنى ئىشلىتىشكە ئومۇميۈزلۈك ئادەتلەنگەن. بىز ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ كومپيۇتېردا خەۋەر ياكى ماقالە يازغاندا ئىملانى خاتا يېزىشقا ھېچقانداق باھانە-سەۋەب يوق، بۇ شۇ ئاپتورنىڭ ئىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق. مانا ھازىر ئۇيغۇرسوفت ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش قورالىمۇ ھەقسىز تارقىتىلدى.

ئىملانى توغرا ئىشلىتىش پەقەت تاراتقۇلارنىڭ ئىشى بولماستىن، شۇ يېزىقنى ئىشلىتىدىغان ھەربىر كىشىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا ئىملانى بىلمەسلىك، توغرا يازالماسلىققا ھېچقانداق باھانە-سەۋەب يوق، بۇنىڭدا ھەرقايسى تاراتقۇلار، كارخانىچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، خەۋەر-ماقالىلەر، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشلىرىدە ئىملانى توغرا يېزىشتا باشلامچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كوررېكتورلۇق زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي ئەمگەك بولۇپ، بۇنداق جاپالىق خىزمەت ئەمدى بولسىمۇ ئاپتوماتلاشسۇن، ئىش ئۈنۈمى ئاشسۇن، پېشقەدەم كوررېكتورلارنى ئاسرايلى، تور بېكەتلەردىكى ئىملا خاتالىقى ئەمدى بولسىمۇ ئازايسۇن، ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئىملاسى توغرا ۋە راۋان بولسۇن. ھەممىمىز ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى پىششىق ئۆگىنەيلى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

بۇ يۇمشاق دېتالدا ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى، سۆزلۈك ئامبىرى، يادرولۇق تېخنىكىلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرى ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ شىركىتىمىزنىڭ يازمىچە رۇخسىتىنى ئالماي بۇ يۇمشاق دېتالنى سودا خاراكتېرلىك پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

بۇ يۇمشاق دېتال ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز alimahat.com نى زىيارەت قىلىڭ، تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز alim.ahat@gmail.com غا ئېلېكتىرونلۇق خەت ئەۋەتىڭ.

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى

2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
66 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • قېنى بۇ بۈگۈن تاقاتماقچى بولغان ئىدىڭلار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:27
  • مەن ئەتتىگەندە كىرىۋالدىم مانا ،ئۇيقۇم پەقەت كەلمىدى دىسە

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 06:49
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئاكا،مۇبارەك بولسۇن، مېنىڭچە بۇ دىتال ئۇيغۇر دىتالچىلىقىدىكى تۇنجى بۇلۇت نۇسخىسىدىكى دىتالمىكىن دەيمەن، ياكى بۇندىن بۇرۇن بولسا خەۋەرسىز قالغان بولسام بۇنىسى نامەلۇم، لېكىن ئىنتايىن ياخشى بولۇپتۇ، ئاپرىن، لېكىن تورسىز نۇسخىسى ھەقلىق بولۇپ تور نۇسخىسى ھەقسىز بولسا، بۇ سەل ئادىل بولماپتۇ، كىيىنكى پىلاندا راسا ئادەم قىزىقتۇرۇپ بىكارلىق ئىكەن دەپ تازا ئادەم ئولۇشۇپ، ھەممە ئادەم كۆنگەندە تۇيۇقسىز ھەقلىق قىلىش ياكى ھەقلىق ئابوتلارغا ئىقتىدار ئاشۇرۇپ، ھەقسىز ئابونىتلارغا ئىقتىدار چەكلەپ تەمىنلەش پىلانىڭىز بارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، يەنىلا ئېدىيە تەييارلىقى قىلىپ قويايلى، يەنە بىر مەسىلە بۇ ئۈچۈنچى تەرەپ يېزىق بىر تەرەپ قىلىش سېستىمىسى مەسىلەن مېكرو سوفىتنىڭ ئوففىس سېستىمىسىنى قوللامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:52
    • ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ئىزچىل Microsoft Office يۇمشاق دېتاللىرىنى قوللاپ كەلگەن ئىدى يەنى Microsoft Word مۇھىتىدا ئىشلەيتتى ھەم يەنە ھەقلىق ئىدى، ئاساسەن ئىدارە-ئورگانلاردا كۆپ ئومۇملاشقان ئىدى. بۇ قېتىم ئايرىم تەھرىرلىگۈچ قىلىپ ھەقسىز قىلىۋەتتىم، ھەقلىق ۋە ھەقسىز نۇسخىسى تەڭلا مەۋجۇت، ئەمما ھەقسىز نۇسخىسىنى ئىنتېرنېت بولمىسا ئىشلىتەلمەيسىز، بىلوگىمدىكى مۇشۇ خەتلەرنى ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، ئەلۋەتتە كومپيۇتېرىڭىزغا تورغا ئۇلانغان بولىدۇ، سىزمۇ ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىز. ھەقسىز نۇسخىسىغا توردىن باشقا چەكلىمە قويمىدىم، باشقا چەكلىمە قويۇشنى تېخى ئويلاشقىدەك بولمىدىم، پەقەت ئىملا خاتالىقلىرى ئازايسۇن دېگەننى كۆپ ئويلاۋاتىمەن. چۈنكى توردا توغرا سۆزلۈك كۆپەيسە، بۇ بىزنىڭ يېڭى نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىشىمىزغا پايدىلىق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:33
  • ھە، مەنمۇ ئۇيغۇرسوفىتنىڭ تور لوغىتىنى تىزىملىتىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم.مانا ئەمدى ئۇيغۇرسوفىت ھېساباتىغا تىزىملىتىش كېرەكلىكىنى بىلدىم.ئالىم مۇئەللىم، ئەتە سائەت 10دا ھەممىمىزگە تارقاتقان سوۋغىتىڭىزنى ئالىمىز دەپ سوغوقتا توڭۇپ قالمايلى، ئاۋۇ باش مۇلازىمىتىرنى كىچىچە ياخشىراق ئارام
    ئالدۇرۇپ
    ئەتىگە تەييارلىق قىلدۇرۇپ قوياسىز، ھەممىمىز بىراقلا باستۇرۇپ كېلىپ، ئىششىك قىيا ئېچىلىپ، دەسسىلىش يۈز بېرىپ قالمىسۇن!
    ئەتىنى ساقلاپ تېلىفۇننى تۇتۇپ ئۇخلاپ كەتتۇق ئەمىسە،ئەتە كۆرىشەيلى ، خوش!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:13
    • قىستىلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئاخشام بۇلۇت مۇلازىمىتېرىنىڭ بەلباغ كەڭلىكىنى 5 ھەسسە كۆتۈرۈۋەتتىم، مەنمۇ سائەت 10:00 نى ساقلاۋاتىمەن، چۈنكى بىلوگىمدىكى بۇ ماقالە سائەت 10:00 دا ئاپتوماتىك ئېلان قىلىنىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:31
  • رەھمەت ئالىمجان ئاكا مەنمۇ تۆت كۆزۈم بىلەن ئەتىنى ساقلايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:32
  • ئالىم مۇئەللىم تورسىز مۇھىتتىمۇ ئىشىتەلەيدىغان بولغان بولسا بەك ياخشى بولغان بولاتتى، چۈنكى يىزىلاردا ئاساسىي قاتلاملاردا تور بار مۇھىت بەك ئاز ،ھەم ئۇيغۇرچ يىزىقىنىمۇ كۇمپىيۇتىردا يىزىلاردا ھەممىدىن بەكىرەك ئىشلىتىدۇ تورسىز مۇھىتتىكى نۇسخىسى بولغان بولسا بەك ياخشى بولغان بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:20
  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن! بارىكاللا ئالىم مۇئەللىم. مىللىتىمىزنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىسى جەھەتتە قوشقان تۆھپىلىرىڭىز مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ!
    مەنمۇ بىر ئېلىكتىرلەشكەن مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان شىركىتىڭلار ئاچقان يۇمشاق دېتاللارنى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (بۇلۇت) 1.0 نەشرىنىڭ تارقىتىلىشى يەنە بىر خوشاللىنارلىق ئىش بولۇپتۇ!

    Windows8 ئېلان قىلىغان چاغلاردىمۇ سېتىۋالالمىغان قېرىنداشلىرىمىزغا 50 نۇسخىدىن ئارتۇق سېتىۋالىشىغا ياردەم قىلدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:52
    • ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىڭىزدىن سۆيۈندۈم. بىز كەسپداش (ئوخشاشلا مائارىپچى) ئىكەنمىز، خىزمىتىڭىزگە ئوتۇق تىلەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:40
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مەن مۇشۇ «ئۇيغۇرسوفىت» ،«كومپىيوتىر ھەۋەسكارلېرى»،« يەلتاپان» دىگەندەك ئۇيغۇر يومشاق دىتال شىركەتلېرىنىڭ پىچان ۋە تورپاندىكى بازار ئاچقۇچى خادىملىقىنى قىلىپ باقاي دىگەن. ئۆزىمىزنىڭ يومشاق دىتال ۋە ئىلىكتىرون ساھەسىنى كەڭ جەمىيەتكە تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە باشقا يولداش مىللەتلەرگە تۇنۇشتۇرسام دەيمەن. ھەم مۇشۇ نداق بىر تەشۋىقات ئىشلېرىنى قىپ باقسام دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:46
  • بەك خۇشال بولدىم ، كۆپ كۈتكەن ئىدىم ، جاپا چەكتىڭىز مۇئەللىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:21
  • بەك ياخشى بوپتۇ .رەھمەت سىزگە ئالىم مۇئەللىم ، سىز بىر ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى رەھمەت چەكسىز رەھمەت .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:59
  • ئۇنداقتا ئەتىنى ئالتە كۆزىمىز بىلەن ساقلاپ جىما، ئالىم مۇئەللىم ! كۆپ جاپا تارىتتىڭىز !

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:32
  • مەنمۇ بۇ كۈننى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن. رەھمەت ئالىم مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:20
  • http://www.udict.cn غا تىزىملاتقاندىكى ئ‍ەزالىق نامى بىلەن كىرىشكە بۇلامدۇ؟ ياكى ئ‍ايرىم تىزىملىتامدۇق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:10
  • مۇشۇ كۈننى قاچان كىلەركېن دەپ كۈندە بىر قىتىم يوقلاۋاتاتتىم بۇ بىلوگنى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:25
  • مۇشۇ كۈننى قاچاب كىلەركېن دەپ كۈندە بىر قىتىم يوقلاۋاتاتتىم بۇ بىلوگنى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:24
باھا بېتى: 1 2 3 4