«ئۇيغۇرسوفت تېلېفون» باشقۇرۇش دېتالى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت تېلېفون» باشقۇرۇش دېتالى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېڭى نەتىجىلەرمۇ ئۈزۈلمەي ۋۇجۇدقا كېلىۋاتىدۇ. مەنمۇ يېڭى يۇمشاق دېتال بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، بىلوگ يېزىشقىمۇ ۋاقتىم چىقمىدى. يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىمىزدىكى باشقا خادىملارمۇ 4 يۈرۈش يېڭى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالنى تاماملىدى. ئۇلار «تېلېفون دۇكىنى»، «تاللا بازىرى»، «كومپيۇتېر دۇكىنى»، «دورىخانا» قاتارلىق باشقۇرۇش دېتالى بولۇپ، ئالدى بىلەن «ئۇيغۇرسوفت تېلېفون» باشقۇرۇش دېتالىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

تېلېفون سېتىشنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالىدا تېلېفون ۋە زاپچاسلىرىنى كىرگۈزۈش، سېتىش ۋە ئامبار باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، دىيارىمىزدىكى تېلېفون ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ. بۇنىڭدا تېلېفوننىڭ تەرتىپ نومۇرى(串码)نىمۇ خاتىرلەشكە بولىدىغان بولۇپ، ئوخشاش ماركا، ئوخشاش رەڭدىكى تېلېفونلارنىمۇ پەرقلەندۈرۈپ ھېسابات قىلىشقا بولىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئارا يۈزى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئىشلىتىش تېخىمۇ ئاسان. زاكاز قىلسىڭىز ئەلۋەتتە خەنزۇچە ياكى قازاقچە تەڭشەشكىمۇ بولىدۇ.
ئېكران كۆرۈنۈشى مانا:
01

01

01

01

01

01

01

01

01

01

01

01

ئىزاھات: ئېكران يۈزىدىكى ئىملا خاتالىقى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، ھازىرچە ئىقتىدارى توغرىلىق تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرسەڭلار قارشى ئېلىنىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
75 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، مېنىڭ يەنە بىرتەكلىپىم ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇش سېستىمىسى تۈزۈشكە بولۇرمۇ. ئىجارە ئالغۇچىنىڭ كىملىكىنى خارتىرىلەيدىغان ، كىملىكنى رەسىمگە تارتىپ كوپىيوتىرغا ساقلايدىغان دېگەندەك ئىقتىدارلار قوشۇلسا

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى am 10:05
  • ئالىم مۇئەللىم كومپيۇتېر دۇكىنى باشقۇرۇش دېتالىنى قاچان بازارغا سالىسىلەر ،بىزگە ئېھتىياجلىق ئىدى ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 12:51
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يانفۇندا تەكشۈرىدىغان ئىقتىدارى بارمۇ؟ ھازىر رەسمى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ باھاسى قانچە پۇل؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 23:05
  • windows Phoneغا ئۇيغۇرچە قېتىشقا تاشلانغان بىلەن126,150كە بېرىپ 1- ئۇرۇنغا ئۆتۈپتۇ، 2- ئۇرۇندىكىسى بىلەن بولغان پەررق 20,000غا يېقىنلىشىپتۇ، ھازىر مىنۇتىغا 50تىن بىلەن كۆپىيىۋاتىدۇ. ناھايىتى ياخشى بالىلار داۋاملىق بىلەن تاشلايلى! مىكروسوفىت شىركىتىدىكىلەر ھەيران قالسۇن.. مۇشۇ بۇيىچە ماڭسا يەنە ھەپتە ئىچىدە 500000غا بېرىشىدا گەپ يوق!
    ئالىم مۇئەللىم مىكروسوفت ئەمدى دەرھال ئۇيغۇرچىنى قاتمىسغا سەتتۇرار مىكىن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:55
  • windows Phone غا ئۇيغۇرچە قېتىشقا بىلەت تاشلاش مۇشۇ بۇيىچە ماڭسا يەنە ھەپتە ئىچىدە 500000غا بېرىشىدا گەپ يوق!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:53
  • windows Phoneغا ئۇيغۇرچە قېتىشقا تاشلانغان بىلەن126,150كە بېرىپ 1- ئۇرۇنغا ئۆتۈپتۇ، 2- ئۇرۇندىكىسى بىلەن بولغان پەررق 20,000غا يېقىنلىشىپتۇ، ھازىر مىنۇتىغا 50تىن بىلەن كۆپىيىۋاتىدۇ. ناھايىتى ياخشى بالىلار داۋاملىق بىلەن تاشلايلى! مىكروسوفىت شىركىتىدىكىلەر ھەيران قالسۇن..
    ئالىم مۇئەللىم مىكروسوفت ئەمدى دەرھال ئۇيغۇرچىنى قاتمىسغا سەتتۇرار مىكىن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:48
  • مۇمكىن بولسا، شىركىتىڭىدىكى بالىلار كۈندىلىك خاتىرە دېتالىدىن بېرنى ياساپ تارقاتقان بولسا، ھەممىز پايدىلانساق دېگەن ئۈمىدتە مەن، بۇ بەك تەسكە توختىماسلىقى مۇمكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:45
  • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم . قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن تاشلىغان بىلەت سانىمىز 1- ئورۇنغا ئۆتۈشكە ئاز قالدى . ھازىرقى بىلەت سانى 104000 گە يىتەي دەپ قالدى . بۇ ئىشقا مىكروسوفت تەرەپ بىرەر ئىپادە بىلدۈردىمۇ . ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يېقىندا ئىلان قىلىنىدىغان ۋپ8.1 گە قوشىلامۇ . مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:04
    • بەزى ئىشلارنى بىلمەيمەن، بەزى ئىشلار دېسەم بولمايدۇ، چۈنكى كېلىشىم بار. بۇ ئىشقىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى، بۇ قېتىم ئۈلگۈرۈپ بولالمىسا، كېيىنكى قېتىم بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا قولتۇغۇمغا ماتېرىياللارنى قىستۇرۇپ، بېيجىڭدىكى مىكروسوفتقا يەنە بارىمەن، يەنە دوپپا سوۋغات قىلىمەن.
      ==========
      بۈگۈن مىكروسوفت شىركىتى Windows Phone ئىقتىدار تەۋسىيە تور بېكىتىگە (يەنى كۆپچىلىك نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بېلەت تاشلاۋاتقان تور بېكەتكە) چۈشكەن ئىنكاس بويىچە Windows Phone 8.1 گە مەشغۇلات مەركىزى (Action Center) ئىقتىدارىنى قوشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:35
      • ئېسل ئىش بوپتۇ. ھەممەيلەنگە مۇبارەك بولسۇن! ئالىم مۇئەللىمگە يەنە بىر قېتىم سەمىمىي رەھمەت.

        يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:53
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ windows 8.1نىڭ يىڭىلاش بولىقى توغۇرسىدا چۈشەنچە بىرىشىنى سۇرايمىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:56
  • بۇ قانداق گەپ ئەمدى
    http://www.intil.biz/home/thread-15220-1-1.html

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:49
  • تاللا بازار باشقۇرۇش سېستىمىسى ، ئاشخانا باشقۇرۇش سېستىمىسى،قاتارلىقلارنى سېتىۋاتقان سەپەرداش ماركىسىدىكى سېلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ باشقىلىرى تېزراق چىقسا شىنجاڭ ئېچىدىكى خېرىدارلىرىمغا يەتكۇزسەم بۇلاتتى ئوزىڭىز قانداق ئويلايسىز بىلمىدىم ئەمما جەمىيەتتە بۇ سېستىمىغا يۇزلىنىش بەك زور بۇلىۋاتىدۇ ئۇرۇمچىدە كۇنىگە 2 ئادەم مەسلىھەت سوراپ تېلفۇن قىلىدۇ ھەپتىدە 1-2 گىچە ئاشخانا ،تاللا بازىرىغا ئورنىتىۋاتىمەن سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتنى ئۆزەم قىلساممۇ سىز قىلسىڭىز بولىدۇ بىر سوزلىشىپ باقساق بۇلاتتى ئېسمىم رۇستەم پالۋان 13899949340 چچ 919900576

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 19:18
  • ئالىم مۇئەلللىم ياخشىمۇ سىز؟ مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللارغىمۇ كۈچەپ قويسىڭىز بولاتتى، بەلكىم سىز بۇنداق يۇمشاق دېتاللارنى تۈزۈپ بولغانسىز، مەن بىلمىگەندىمەن؟ مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم 1.مەكتەپ مەشغۇلىيەت ۋاقتىنى باشقۇرۇش سىستىمىسى، 2. دەرس سەتكىسى تۈزۈش سىستىمىسى، 3.ئىلمىي نەتىجە باشقۇرۇش سىستىمىسى. بەلكىم دوسلار بۇنداق يۇمشاق دېتاللار توردا كۆپقۇ دېيىشى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ ئىشلەتمەكچى بولغىنىم ھەم ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم ئۇيغۇرلار تۈزگەن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار……..ئەگەر ئالىم مۇئەللىم مۇۋاپىق كۆرسە تۈزۈپ بەرسە سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەك ھەم ئىشلىتىپ پىكىرىمىزنى بەرسەك، مەشغۇلىيەت باشقۇرۇش سىستىمىسى ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، مۇرەككەپرەكى دەرس سەتكىسى تۈزۈش سىستىمىسى بىلەن ئىلمىي نەتىجە باشقۇرۇش سىستىمىسى، مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار تۈزۈلسە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئازراقمۇ بولسا يەڭگىللەيىتتى. مەن windows8 نى سېتىۋېلىپ ئىشلەتتىم ھەم ئۇيغۇرچە سىستىمىدىن ھۇزۇرلاندىم، مۇشۇ خىزمىتىمدىمۇ دائىم ئۇيغۇرچە سىستىما ئىشلەتسەم بەلكىم چارچىماسلىقىم مۇمكىن ئىدى. بىلمىدىم ئالىم مۇئەللىم بۇ مەسلىگە قانداق قارايتىكىن؟ مەن يەنە باشقا مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش سىستىمىلىرىغا بولغان ئېھتىياجلىرىمىزنى داۋاملىق ئالىم مۇئەللىمگە يوللايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 20:25
    • بۇنداق سىستېمىلارنى يەلتاپان شىركىتىدىكىلەر ياساپ بولغان ئىدى، شۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسىڭىز.windows8 ياقتۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:21
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئالىم مۇئەللىم،مۇمكىن بولسا رەخ دۇكان ،شارپا ياغلىق باشقۇرۇش دېتالىدىن بىرنى تۈزۈپ باققان بولسىڭىز.سىز ھازىر ئۆزتۇرك مەبلەغ سېلىشتا دەرىس سۆزلىگىلى تۇرۇپسىز،شۇ شىركەتنىڭ ئەڭ غوللۇق كەسپىي ئىدى.لىكىن ھازىرغىچە مۇۋاپىق دېتال تاپالمىدى..

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 13:56
  • مۇئەللىم بۈگۈن مىنىڭ بىر ئىشقا بەك ئىچىم پۇشۇق. ماۋۇ ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە،يەنە مۇنچە ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز دەپ چىقىدۇ،لىكىن بىز بىر ھەرپ كىرگۈزسەك ھەرپ كىرگۈزگىلى بولىدىغان ھەرپ ساندىن ئۈچى ئازلايدۇ.دىمەك بىر ئۇيغۇرچە ھەرىپ كىرگۈزگىلى بولىدىغان يەرگە ئۈچ ئىنگىلىزچە ھەرپ كىرگۈزگىلى بولىدۇ.بۇ زادى نىمىشقا؟ ئۇيغۇرچە يازسا يا بىر بىر جۈملە يازماي تۇرۇپ 200 ھەرپ ساندا تۈگەپ قالغان،بەك ئىچىم پۇشىدۇ. ئاندىرويىد تېلېفۇندىمۇ بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتسە ئاشۇنداق ھەرپ سانى خورايىتتى،خەنزۇچە بىر ئۇچۇرغا 70 خەت كىرگۈزگىلى بولسا، ئۇيغۇرچە 70 ھەرپ كىرگۈزگىلى بولاتتى،بىزنىڭ بىر سۆزنىڭ ئۇزۇنلىقى سىزنىڭ سىتاستىكىڭىز بويىچە 5.7 ھەرپ،دىمەك بىر ئۇچۇردا بىز ئاران 70/5.7=12.28دانە سۆز كىرگۈزەلايمىز دىگەن گەپ.بىز بەك زىيان تارتىمىزمۇ نىمە؟ يەنە بىرسى بۇ توربەتلەر ئىلانغىلا دۈم چۈشمەي،ئانچە-مۇنچە مۇشۇنداق كىچىك تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگىمۇ دىققەت قىلىپ،مۇشۇنىڭغا ئازراق مەبلەغ ۋە زىھنىنى ئاجراتسا بولاتتى.

    يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ،بىزنىڭ WPدا كىرگۈزگۈچىمىز بولسا،ئۇنىڭ بىر پارچە ئۇچۇرغا قانچە ھەرپ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ بۇنداق ھەرپ خوراش ئۇ كىرگۈزگۈچتە يۈزبەرمەس ھە؟! بىر ئۇچۇردىكى ھەرپ سان چەكلىمىسىنىغۇ مەن چوقۇم ئەرەبچە بىلەن ئوخشاش بولىدۇ دەپ ئويلايمەن، مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بىرەلەرسىزمۇ؟ بۇغۇ مەنچە ھىچقانچە تېخنىكا تەلەپ قىلمايدۇ دەپ قارايمەن،لىكىن ماۋۇ ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى ھەرپ خورىشىغا قاراپ،ئىچىم بەك ئاچچىق بولىدۇ،خەنچە سىستىمىغا چاپان كەيگۈزۈپلا ئىشلەتتىمۇ دەيلى،مۇشۇ كىرگۈزگۈچكە كۈچەپ قويسىچۇ..بىر پۇل سەرپ قىلىپ بۇنى تولۇق ئۇيغۇرچە قوللايدىغان قىلىلى دەپ ئويلاپ باقمامدىكى تاڭ.مەن شۇ ئاتىكاچىلىق قىلىپ ئەسكەرتىپ قويدۇم،مۇمكىن بولسا مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرسىڭىز،ئۆز ئوي-پىكرىڭىز بولسىمۇ مەيلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى am 05:57
باھا بېتى: 1 2 3