«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»غا تىزىملىتىش باشلاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»غا تىزىملىتىش باشلاندى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

(ئىلگىرىكى بەزى تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ?p=2343)

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان شىركىتىمىز دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ ياكى يېڭىلاپ كېلىۋاتىمىز، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز، بۇلارنىڭ ئىچىدە Microsoft قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى بىلىمگە ۋە قىممەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىرنەچچە يېڭى تۈرلەرنى ئالدۇق، شۇنىڭ بىلەن خىزمەت مىقدارىمىز تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، شۇڭا دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە بىرقىسىم كارخانىلارنىڭ زاكاز يۇمشاق دېتاللىرىنى كېچىكتۈردۇق ياكى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، چۈنكى شىركىتىمىزدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەم بولۇشى ئۇزۇندىن بۇيان بېشىمىزنى قاتۇرۇپ كەلگەن مەسىلە ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەتراپىمىزدىكى بىرنەچچە كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن توردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنىمۇ كۆردۇق، قارىغاندا بۇ بىزگە ئوخشاش باشقا شىركەتلەر ئۈچۈنمۇ ئورتاق مەسىلە ئىكەن. بۇ بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقتىدارلىق خادىملارنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇزۇندىن بۇيان توپلىغان ئەمەلىي تەجرىبە ۋە يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتىمىزنى چۆرىدەپ، تەربىيەلەشنى ئويلاشتۇق.

دەرسلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى (دىققەت ھەربىر مەزمۇننىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن كىچىك مەزمۇنلار بار)

ئەڭ يېڭى پىروگرامما ئېچىش قورالى – Microsoft Visual Studio 2012
پىروگرامما لايىھەلەش تىلى ئاساسىي بىلىملىرى
ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى
پىروگرامما لايىھەلەشكە مۇناسىۋەتلىك يادرولۇق تېخنىكىلار
Windows 8 ئۈستەليۈزى ئەپلىرىنى ئېچىش ۋە دائىم ئىشلىتىدىغان كونتروللار
Windows 8 دۇكىنى ئەپلىرىنى ئېچىش ئاساسىي بىلىملىرى
ساندان لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى
Microsoft Server 2008 مۇلازىمىتېرى قۇرۇش، تەڭشەش، ئاسراش
Microsoft SQL Server 2008 قاچىلاش، تەڭشەش، ئاسراش
مۇلازىمىتېرغا يۈزلەنگەن ساندان پىروگراممىلىرى لايىھەلەش
… … … … …

پۈتۈن ئوقۇتۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەمەلىي مەھسۇلاتىمىزنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە نەزەرىيە زىچ بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا دەرسكە تولۇق قاتنىشىپ، ۋاقتىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭسىڭىز، بۇنداق دېتاللارنى لايىھەلەشتە قىينالمايسىز. بىزگىمۇ بۈگۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئەتىسى خىزمەتكە كىرىشەلەيدىغان خادىملار كېرەك.

ئەمەلىي مەشىق 1: ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر قاتناش بېكىتىگە جايلاشقان «لوقمان تېز يەتكۈزۈش ئورنى» ئىشلىتىۋاتقان «ئۇيغۇرسوفت يۈك-تاق باشقۇرۇش سىستېمىسى»نى تۈزۈش، ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ۋە ئەسلىي كودى تەپسىلىي چۈشەندۈرىلىدۇ.
ئەمەلىي مەشىق 2: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە باشقا ئورۇنلار ئىشلىتىۋاتقان «ئۇيغۇرسوفت ماقالە» سىستېمىسىنى ياساش، ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ۋە ئەسلىي كودى تەپسىلىي چۈشەندۈرىلىدۇ.

تەربىيەلەش مۇددىتى: 3 ئاي، دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە دەرس ئۆتىلىدۇ.
ئوقۇش باشلاش ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتراپىدا

دەرس ئوقۇتقۇچىسى: ئالىم ئەھەت

تىزىملاش ئورنى: ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر
تىزىملىغۇچى: مۇرات، زەينۇرە
تېلېفون: 2813300، 2839871

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
289 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 9 10 11
  • مەنمۇ ئوقۇي دىگنىدىم قانداق تىزىملىتىمەن بوش ئورۇن بارمىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:41
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ ۋاقتىڭىز خەيرلىك بولسۇن،مەن بىر كومپيۇتېر ھەۋەسكارى،شۇڭا سىزنىڭ يوللىغان مەزمۇنلىرىڭىزنى كۈندە كۆرۈپ تۇرىمەن،مەقسەتكە كەلسەك مەن ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى ئۈچتاش رايونىدىكى لوقمان تىز يەتكۈزۈش ئورنىغا مال ئالغىلى چىقسام كىملىك تەلەپ قىلدى كىملىكنى بەرسەم مال ئىلىش ئىسپاتى(تالون)چىقىرىپ بەردى قۇرسام تالون ئۇيغۇرچىكەن سۆيۈنۈپ قالدىم،ئاستىدا ئۇيغۇرسوفت تۈزدى دېگەن خەت تۇرۇپتۇ،تالونغا تەپسىلىي قاراپ چىقسام تالونغا تولۇق ئىسىم،كىملىك تولۇق نومۇر،تېلېفون(تولۇق)نومۇر مال كەلگەن ئورۇن ھەممىسى شۇنداق تەپسىلىي بوپ كېتىپتۇ،مىنىپ بۇ قىلغىنىڭلارغا بىر پىكىرىم بار بوپ قالدى ،كىملىك نومۇرى،تېلېفون نومۇرى،خەنزۇچە تولۇق ئىسمى بېسىلغان تالون يوللارغا تاشلىنىپ يېتىپتۇ،بۇ بىر شەخسنىڭ مەخپىيەتلىكى بۇ ئۇچۇرىدىن يامان نىيەتلىكلەرنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىنى سىزلەر ساقىت قىپ قۇيدۇڭلارمۇ قانداق ،بولسا كىملىكىنىڭ ئوتتۇرىدىكى 8 خانىسى ******شەكلىدە،ئىسىمنىڭ ئاخىرقى ۋە بېشىدىكى 2دىن ھەرپ ****شەكىلدە بېسىلسا،تېلېفون نومۇرنىڭ 4خانىسى ****شۇنداق بېسىلسا بىخەتەررەك بولىدىكەن دەپ ئويلاپ بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،ئالدىڭىزدا بالىلىق قىلىپ ئەدەپسىزلىك قىلغان بولسام كەچۈرىسىز،كەمىنە قۇتبەگدىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 14:33
    • بەك ياخشى تەكلىپ يوللاپسىز، بىز بۇ سىستېمىنى ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ياساپ بەرگەن، دېمىسىمۇ بۇنداق قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى، بىز لوقمان ھاجىمنىڭ سەمىگە سېلىپ، بۇ ئىشنى چۈشەندۈرسەك بولغۇدەك، رەھمەت سىزگە

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 14:37
  • ئاندىرويت نۇسخۇدىكى لۇغەت بارمىدۇ ؟ ئۇيغۇرسوفىت لۇغىتى تور بولغان ئەھۋالدىلام ئىشلىتەلەيدىكەنمىز، تور بولمىغاندا قىيلىنىپ قالدۇق ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:13
  • ئالىم مۇئەللىم يەنە قاچان كۇرۇس ئاچارسىز مەن ئۇقۇي دىگەن.مەن پىروگىرامما تۈزەشكە بەك ھەۋەس قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:46
باھا بېتى: 1 9 10 11