«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»غا تىزىملىتىش باشلاندى
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ](ئىلگىرىكى بەزى تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ?p=2343)
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان شىركىتىمىز دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ ياكى يېڭىلاپ كېلىۋاتىمىز، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز، بۇلارنىڭ ئىچىدە Microsoft قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى بىلىمگە ۋە قىممەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىرنەچچە يېڭى تۈرلەرنى ئالدۇق، شۇنىڭ بىلەن خىزمەت مىقدارىمىز تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، شۇڭا دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە بىرقىسىم كارخانىلارنىڭ زاكاز يۇمشاق دېتاللىرىنى كېچىكتۈردۇق ياكى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، چۈنكى شىركىتىمىزدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەم بولۇشى ئۇزۇندىن بۇيان بېشىمىزنى قاتۇرۇپ كەلگەن مەسىلە ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەتراپىمىزدىكى بىرنەچچە كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن توردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنىمۇ كۆردۇق، قارىغاندا بۇ بىزگە ئوخشاش باشقا شىركەتلەر ئۈچۈنمۇ ئورتاق مەسىلە ئىكەن. بۇ بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقتىدارلىق خادىملارنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇزۇندىن بۇيان توپلىغان ئەمەلىي تەجرىبە ۋە يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتىمىزنى چۆرىدەپ، تەربىيەلەشنى ئويلاشتۇق.
دەرسلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى (دىققەت ھەربىر مەزمۇننىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن كىچىك مەزمۇنلار بار)
ئەڭ يېڭى پىروگرامما ئېچىش قورالى – Microsoft Visual Studio 2012
پىروگرامما لايىھەلەش تىلى ئاساسىي بىلىملىرى
ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى
پىروگرامما لايىھەلەشكە مۇناسىۋەتلىك يادرولۇق تېخنىكىلار
Windows 8 ئۈستەليۈزى ئەپلىرىنى ئېچىش ۋە دائىم ئىشلىتىدىغان كونتروللار
Windows 8 دۇكىنى ئەپلىرىنى ئېچىش ئاساسىي بىلىملىرى
ساندان لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى
Microsoft Server 2008 مۇلازىمىتېرى قۇرۇش، تەڭشەش، ئاسراش
Microsoft SQL Server 2008 قاچىلاش، تەڭشەش، ئاسراش
مۇلازىمىتېرغا يۈزلەنگەن ساندان پىروگراممىلىرى لايىھەلەش
… … … … …
پۈتۈن ئوقۇتۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەمەلىي مەھسۇلاتىمىزنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە نەزەرىيە زىچ بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا دەرسكە تولۇق قاتنىشىپ، ۋاقتىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭسىڭىز، بۇنداق دېتاللارنى لايىھەلەشتە قىينالمايسىز. بىزگىمۇ بۈگۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئەتىسى خىزمەتكە كىرىشەلەيدىغان خادىملار كېرەك.
ئەمەلىي مەشىق 1: ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر قاتناش بېكىتىگە جايلاشقان «لوقمان تېز يەتكۈزۈش ئورنى» ئىشلىتىۋاتقان «ئۇيغۇرسوفت يۈك-تاق باشقۇرۇش سىستېمىسى»نى تۈزۈش، ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ۋە ئەسلىي كودى تەپسىلىي چۈشەندۈرىلىدۇ.
ئەمەلىي مەشىق 2: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە باشقا ئورۇنلار ئىشلىتىۋاتقان «ئۇيغۇرسوفت ماقالە» سىستېمىسىنى ياساش، ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ۋە ئەسلىي كودى تەپسىلىي چۈشەندۈرىلىدۇ.
تەربىيەلەش مۇددىتى: 3 ئاي، دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە دەرس ئۆتىلىدۇ.
ئوقۇش باشلاش ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتراپىدا
دەرس ئوقۇتقۇچىسى: ئالىم ئەھەت
تىزىملاش ئورنى: ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر
تىزىملىغۇچى: مۇرات، زەينۇرە
تېلېفون: 2813300، 2839871
- يازما كۆرۈلۈشى: 64,240 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 02-ئاينىڭ 20-كۈنى am 0:13
- ئالدىنقى يازما :قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
- كېيىنكى يازما :ئالىم ئەھەتنىڭ «ئاتلان»دىكى لېكسىيە فىلىمى
ئالىم مۇئەللىم، تور ۋاستىسى ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشنى ھازىرچە ئويلاشمىغان ئوخشايسىز، شۇڭا دەرس ئۆتۈۋاتقان مەزگىللىرىڭىزدىكى ھېس قىلغانلىرىڭىزنى، نەتىجىلىرىڭىزنى، پىروگرامما سىنىپىدا بولۇۋاتقان قىزىقارلىق ئەمما ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارنى مۇشۇ مېكرو بىلوگىڭىزدا پات-پات خەۋەر قىلىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇنداق، توردا دەرس ئۆتۈشنىڭ شارائىتلىرى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى، ھازىر تېز تەربىيەلەپ قولۇمدا بار ئىشلارنى تېز تاماملاش. ئەمما دەرس ئۆتۈش مەزگىلىدە ھېس قىلغانلىرىمنى، Microsoft تىن ئۆگەنگەن يېڭى بىلىملەرنى، قىزىقارلىق ئىشلارنى بۇ يەردە خەۋەر قىلىپ تۇرىمەن، بىلوگىمنى يوقلاپ تۇرۇڭلار
ئالىم مۇئەللىم ، مەشرەپنى سىنغا ئالغاندەك سىنغا ئالغىلى بولارمۇ؟ ستەنفوردنىڭ ئوچۇق دەرسلىرىدەك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايىنى چىقارماي، ئوقۇتقۇچىنىلا چىقىرىپ ئېكرانغا؟
مېنىڭچە سىزغۇ بۇنى قوللايسىز، ئەمما دەرس سۆزلەيدىغان باشقا ئوقۇتقۇچىلار. ھەم تەربىيىلەش مەكتىپى بۇنى قوللىماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر بىلسە ئىدى، بۇ ھەم ئۆزلىرىگە شۇنداق ياخشى ھەم ھەقسىز ئېلان بولاتتى، ئابروي دىگەن مۇشۇنداق يەردە كۆتۈرۈلەتتى ئەمەسمۇ؟
مۇشۇ ئىشنى مۇزاكىرىلەشسەڭلار، ئاز بولسىمۇ تېلىكامىرانىڭ پۇلىنى ۋە سۈرەتكە ئالىدىغانلارنىڭ ئىش ھەققىنى چىقىراتتۇق.
بۇنداق دىيىشىمدە بۇ ئىش ھازىر ياشلارغا بىر ئۈمىد بېغىشلايدىغان ئىش بولۇپ قالدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئۇيغۇر سوفتنىڭ خادىم تولۇقلاشتەك شەخسى ئىشىدىن ئىگىلىك تىكلەش روھىنى ئۇرغۇتىدىغان كوللىكتىپ بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن ياشلاردىكى بۇ قىزغىنلىقنى سىز ياندۇردىڭىز، ئەجرىڭىزنىڭ جاۋابى كەلگەي!
ئالىم مۇئەللىم، بىلوگىمنى يوقلاپ تۇرۇڭلار دەيسىزغۇ، ماۋۇ چاشقانغا سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىن ‹‹كۈندە يوقلاپ تۇرۇش›› ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، ئاۋۇ سىزنىڭ سىنىپىڭىغا بارالماي تېخىمۇ ئىغىرلىشىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ(چاقچاق).
ھە ئالىمكا ماگەپ جايىدا جۇما ، يەنەبىر تەلەپ قۇشۇپ قۇيسىلا سېستىما تۈزۇپ باققانلار چۇقۇم باشقۇرۇش سېسىتىمىسى ، ۋە ئىستاتىسكا قىلىش سېستىمىسىدىن سىرىت يەنە بىر ئەقلى ئىقتىدارلىق سېستىمىدىن بىرنى (ئۈزى تۈزگەن بۇلىشى كىرەك ) ئالغاچ كەلسە ياخشى بۇلامىكىن دەيمەن ، چۈنكى كۆپ قىسىم كىشلەر sqlجۈملىسىدىن 5 قۇر گەپنى ئۈگۈنۈپلا باشقۇرۇش سېستمىسى ۋە سىتاتىسكا سىېستىمسى تۇزۇپلا مەن پروگىراممر دەيدۇ ، بىرەر ئەقلى ئىختىدارلىق پروگىرامما (ماتىماتىكىلىق ) تۈزۇپ باقمايلا كىرسە مەنچە كىين ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ . ئاقساقىللىق قىلىپ قۇيدۇم كەچۈرسىلە ! ئەمسا ئالىمكا تىلفۇندا دىيىشكەندەك مەن 5 -چىسلاگىچە خۇدايىم بۇرسا بارمەن جىمۇ !
توغرا دەيسىز، شۇڭا ئۇلاردىن ئاددىي لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سوراپ باقىمەن.
ئالىم مۇئەللىم كۇرسانىتلارنىڭ چۇقۇم تۇلۇق ئوتتۇرا سەۋىيسىگە ئىگە بۇلىشى شەرتمۇ ؟
ھازىرچە شۇنداق، كۆپ ئوقۇغانلار، تېز ئۆگىنەلەيدۇ. بولمىسا ئۆزىگە تەس كېلىشى مۇمكىن.
مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقومىغان تولۇقسىز ماتىماتكىسىنىمۇ بىلمەيمەن دىسەممۇ بولىدۇ ، لىكىن ئوتتۇرا سىفەندە خەنزۇ تىلى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىدا 2 يىل خەنزۇ تىلىدا بىلىم ئاشۇرغان. 3~4 يىل بولدى. سېستىما تۈزدىغان قوراللار بىلەن ئەپلىشىۋاتقىلى. ھازىر Microsoft Visual Studio 2008 دىن پايدىلىنىپ كىچىك دۇكان دىگەنلەرنىڭ ھېسابنى باشقۇردىغان ساندانى توردا ياكى يەرلىك كومپيۇتېردا بولغان سېستىما تۈزەلەيمەن. لىكىن ئۈگەنمىسەم بولمايتى. مەن قوبول قىلىنالارمەنمۇ؟
دېمەك سىز يەنە ئىلگىرلەپ ئوقۇپسىز، تولۇقسىز سەۋىيەدە توختاپ قالماپسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرنەچچە سىستېمىلارنى تۈزۈپ چىقتىم دەيسىز. مېنىڭچە چوڭ مەسىلە يوق، ئەمدى سىستېمىلىق ئۆگەنسىڭىز بولغۇدەك.
ئالىم مۇئەللىم كومپىيوتور مەشخۇلاتى قىلغاندا خەنزۇچە سەۋيە بولمىسا بولمامدۇ
ئۇيغۇرچە بىلسىڭىز، Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىڭ، خەنسوچە بىلمىسىڭىزمۇ ئىشلىتەلەيسىز ھازىر كومپيۇتېرنى.
قايسى مەزمۇنلاردىن ئىمتاھان ئېىلندۇ ،، قايسى دائىرلەردىن دىمەكچى ، مەن vbئۆگەنگەن،،،شۇڭا سوراپ بېقىشىم ،،،،
ئالدىنقى تېمىدا دېيىلگەن ئادەتتىكى مەسىلىلەردىن ئېلىنىدۇ، ئۆز ئالدىغا مەسىلىلەرنى ئويلىيالايدىغان بولسا، تېخىمۇ تېز ئۆگىنەلەيدۇ.
ئالىم مۇئەللىم، بۇ قىتىم تىزىملىتالمايدىغان ئوخشايمەن،شۇنداق تىزىملاتقۇم بار ئىدى،لېكىن يەنە شۇ ئوقۇش بۇ ئىشنى كېچىكتۈردى. بۇ سىنىپنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاچامسىز؟ يازلىق تەتىلدە ماڭ پۇرسەت بارمىدۇ؟
ئالىم مۇئەللىم ! ئىنتاھانچۇ ؟ بۇ ھەققتە گەپ يوقما ؟ مەن قەشقەرنىڭ بىر ناھىسىدا ھازىر بىر شىركەتنىڭ سېستىمىنى تۈزۋاتقان ، قارغاندا تىزرەك بولسام بوغۇدەك !
سىستېما تۈزۈپ باققانلار، مەھسۇلاتىنى ئېلىپ كەلسە ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىمەن.
ياتاق تاماقنى ئۆزىمىز ھەل قىلىمىزمۇ ياكى مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرامدۇ ؟ بۇ توغرىسىدا تپسىلاتى يوقمۇ ؟
بۇنى مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بولالمايدۇ، ناۋادا، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغانلار بولسا، بىرنەچچىڭلار ئۆي ئىجارا ئالساڭلار بولىدۇ، كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئېنىق بولسا سۈرۈشتە قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ.
بۇ قېتىم ئاساسەن سىلەردەك پىروگراممىچىلار كېلەمدۇ-نېمە؟ دەرسنى تېخىمۇ پۇختا تەييارلاش مۇھىم بولۇپ قاپتۇ ئەمدى.
سىز بۇرۇنقى بارخان تورىدىكى تاھىر بولامسىز؟ شۇ بولسىڭىز ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، بەك مۇھىم ئىدى. مېنىڭ ئېلخەت:mouse719@outlook.com
مېنى قوشىۋالسىڭىز، سىزنى كۈتىمەن.
ئىمكان قەدەر چۈشەۈن بۇرۇن ئۇرۇنلاشتۇرۇلسا سەھەردە كاللا ئۇچۇق بۇلىدۇ
مۇبارەك بولسۇن، ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. مۇئەللىم سالامەت بولۇڭ…
رەھمەت، سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇنداق، مۇمكىنقەدەر چۈشتىن بۇرۇن بولىدۇ
بولسا android,iphone ئەپلىرىنى ياساشنى ئۆگۈتۈش سىنىپلىرى بىلەن يۇقارقى تۈرنىڭ ۋاقتى ماس ئۇرۇنلاشتۇرۇلسا ، ھەر ئىككىلسكە قاتنىشىش پۇرسىتى بۇلاركەن
بۇنداق بىر ئايلىق مەخسۇس سىنىپلار ھەركۈنى كەچتە ياكى شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى چۈشتىن بۇرۇن بولىدۇ. بىر-بىرىگە تاقاشمايدۇ. ئۈچ ئايلىق سىنىپ دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە چۈشتىن بۇرۇن ياكى چۈشتىن كېيىن بولىدۇ.
مۇئەللىم ،سىزنىڭ تىخمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىڭىزگە تىلەكداشمىز!
يۇقردىكى تۈرلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قلىنىدىغان سەۋىيە چىكى يوقمۇ ؟
مىسال مەن تولۇقسىز سەۋىيەگە ئىگە خەنزۇتىلى ۋە ۋە باشقا تىللارنىمۇ تازا پىششىق بىلىپمۇ كەتمەيمەن ،لىكىن كومپىيۇتىرغا قىزقىشىم يۇقرى ۋە كۇمپىيۇتىردىن ئاز تولا بىلمەن
مۇشۇنداق ھالەتتە مەن يۇقۇردىكى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تۈرىگە ماس كىلەرمەنمۇ ؟
قوبۇل قىلىش شەرتلىرى ئاز دېگەندە 18 ياشتىن ئاشقان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە، پىروگرامما لايىھەلەشكە قىزىقىدىغان ياشلار.
ئۇنداقتا مەن بۇ قىتىمقى ئۈگۈنۈشكە نىسبەتەن سەۋيە جەھەتتىن تۆۋە كەپ قالمەنمۇ قانداق؟ ياكى بۇ ئىشلارنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇبارەك بولسۇن ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي ، شۇنى سورۋالسام ئوقۇش ۋاقتى كۈندە قانچە سائەت ؟ ئوقۇش ئورنىمىز قەيەرگىرەك جايلاشقان ؟ ئەيىپكە بۇيرىمغايسىز
كۈندە يېرىم كۈن ئوقۇيدۇ، تەخمىنەن 3 سائەتتىن كەم بولمايدۇ. ئورنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا.
مۇئەللىم ئالدىنقى يازمىدا PHP,JAVA,C#,C++ قاتارلىق تىللارنىڭ گىپى بولۇنغان ئىدى ، بۇ يازمىدا ئاساسلىقى Visual Studio ئائىلىسىدىكى تىمىلار ئاساس قىلىنىپتۇ . ئالدىنقى يازمىدىكى مەزمۇنلارمۇ باردۇ . مەن ئاساسلىقى Java ئۈگەنمەكچى ئىدىم .
يەنە ئايرىم-ئايرىم مەخسۇس Visual Basic .NET 2012 ,Java, C#, PHP قاتارلىقلارنى ئۆگىتىش، يەنە Android ئەپلىرىنى مەخسۇس ئېچىش سىنىپىمۇ بار، ئوقۇش مۇددىتى بىر ئاي، كۈندە 2 سائەت، ھەر كۈنى كەچتە ياكى شەنبە-يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتۈلىدۇ. باھاسى تەخمىنەن 2500 يۈەن ئەتراپىدا.
مۇئەللىم مۇشۇ كەچىلىك ياكى شەنبە-يەكشەنبىلىك دەرىسكە توردىن يىراق مۇساپىلىك قاتناشساقمۇ بولامدۇ؟(ئالدىنقى يازمىدا مۇشۇخىل ئۇسۇلدا قاتنىشىشقا بولىدۇ دىيلىپتىكەن).
ھازىرچە ئۇنداق پىلان يوق. كېيىن بىر گەپ بولار.
مۇئەللىم ئوقۇش پۇلىنى بىر قىتىمدا بىراقلا تاپشۇرۇش شەرتمۇ ياكى بۆلۈپ تاپشۇرساقمۇ بولامدۇ ؟
نەزەرىيە جەھەتتىن شۇنداق بولىدۇ، چۈنكى بۇنى مەن مەلۇم بىر تەربىيەلەش مەكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاچماقچى بولۇۋاتىمەن، تىزىملاش، باشقۇرۇش،…ئىشلىرى شۇ مەكتەپنىڭ قائىدىسى بويىچە بولىدۇ.
ئالىم مۇئەللىم يەنە 1 سان ھەل قىلغىلى بولامۇ بۇسىنىپقا ئوقۇشنى باشلاپ بولدى شۇنداق بولسىمۇ
شۇنداق باشلانغىلى 3 كۈن بولدى، ئۇنداقتا ۋاقتىدا كېلىپ رەسمىيەت ئۆتەپ قويۇڭ، 1-2 ئورۇن چىقىپ قالار. بەك كېيىن قالساڭلار كېچىكىپ قالىسىلەر.
ئالىي مەكتەپتىكىدەك دۆلەت بېرىدىغان ئۆسۈمسىز ئوقۇش قەرز پۇلى بولغان بولسا نۇرغۇن بالىلار ئوقۇۋالاتتىدە. ئىسىت،
مېنىڭ جىقمۇ پۇلۇم يوقكەن ،بولمىغان بولسا. . .
مىڭ سوم چىقىرىپ 1 يىللىق بېرىپ تۇراي، بىر يىلدىن كېيىن قايتۇرسىڭىز بولىدۇ. تورخەت kokasman12@126.com
كۆڭلىڭىزگە رەھمەت . ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن . خۇداغا شۈكىرى دەردلىرىممۇ ئۆز يولىدا ھەل بوپ قالدى .
رەھمەت سىزگە