«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»غا تىزىملىتىش باشلاندى
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ](ئىلگىرىكى بەزى تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ?p=2343)
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان شىركىتىمىز دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ ياكى يېڭىلاپ كېلىۋاتىمىز، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز، بۇلارنىڭ ئىچىدە Microsoft قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى بىلىمگە ۋە قىممەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىرنەچچە يېڭى تۈرلەرنى ئالدۇق، شۇنىڭ بىلەن خىزمەت مىقدارىمىز تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، شۇڭا دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە بىرقىسىم كارخانىلارنىڭ زاكاز يۇمشاق دېتاللىرىنى كېچىكتۈردۇق ياكى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، چۈنكى شىركىتىمىزدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەم بولۇشى ئۇزۇندىن بۇيان بېشىمىزنى قاتۇرۇپ كەلگەن مەسىلە ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەتراپىمىزدىكى بىرنەچچە كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن توردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنىمۇ كۆردۇق، قارىغاندا بۇ بىزگە ئوخشاش باشقا شىركەتلەر ئۈچۈنمۇ ئورتاق مەسىلە ئىكەن. بۇ بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقتىدارلىق خادىملارنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇزۇندىن بۇيان توپلىغان ئەمەلىي تەجرىبە ۋە يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتىمىزنى چۆرىدەپ، تەربىيەلەشنى ئويلاشتۇق.
دەرسلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى (دىققەت ھەربىر مەزمۇننىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن كىچىك مەزمۇنلار بار)
ئەڭ يېڭى پىروگرامما ئېچىش قورالى – Microsoft Visual Studio 2012
پىروگرامما لايىھەلەش تىلى ئاساسىي بىلىملىرى
ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى
پىروگرامما لايىھەلەشكە مۇناسىۋەتلىك يادرولۇق تېخنىكىلار
Windows 8 ئۈستەليۈزى ئەپلىرىنى ئېچىش ۋە دائىم ئىشلىتىدىغان كونتروللار
Windows 8 دۇكىنى ئەپلىرىنى ئېچىش ئاساسىي بىلىملىرى
ساندان لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى
Microsoft Server 2008 مۇلازىمىتېرى قۇرۇش، تەڭشەش، ئاسراش
Microsoft SQL Server 2008 قاچىلاش، تەڭشەش، ئاسراش
مۇلازىمىتېرغا يۈزلەنگەن ساندان پىروگراممىلىرى لايىھەلەش
… … … … …
پۈتۈن ئوقۇتۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەمەلىي مەھسۇلاتىمىزنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە نەزەرىيە زىچ بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا دەرسكە تولۇق قاتنىشىپ، ۋاقتىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭسىڭىز، بۇنداق دېتاللارنى لايىھەلەشتە قىينالمايسىز. بىزگىمۇ بۈگۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئەتىسى خىزمەتكە كىرىشەلەيدىغان خادىملار كېرەك.
ئەمەلىي مەشىق 1: ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر قاتناش بېكىتىگە جايلاشقان «لوقمان تېز يەتكۈزۈش ئورنى» ئىشلىتىۋاتقان «ئۇيغۇرسوفت يۈك-تاق باشقۇرۇش سىستېمىسى»نى تۈزۈش، ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ۋە ئەسلىي كودى تەپسىلىي چۈشەندۈرىلىدۇ.
ئەمەلىي مەشىق 2: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە باشقا ئورۇنلار ئىشلىتىۋاتقان «ئۇيغۇرسوفت ماقالە» سىستېمىسىنى ياساش، ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ۋە ئەسلىي كودى تەپسىلىي چۈشەندۈرىلىدۇ.
تەربىيەلەش مۇددىتى: 3 ئاي، دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە دەرس ئۆتىلىدۇ.
ئوقۇش باشلاش ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتراپىدا
دەرس ئوقۇتقۇچىسى: ئالىم ئەھەت
تىزىملاش ئورنى: ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر
تىزىملىغۇچى: مۇرات، زەينۇرە
تېلېفون: 2813300، 2839871
- يازما كۆرۈلۈشى: 64,236 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 02-ئاينىڭ 20-كۈنى am 0:13
- ئالدىنقى يازما :قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
- كېيىنكى يازما :ئالىم ئەھەتنىڭ «ئاتلان»دىكى لېكسىيە فىلىمى
ئالىم مۇئەللىم ، ياخشىمۇسىز ،
مەن بۇ يىل 18 ياشقا كىردىم ، ئوتتۇرا تېىنىكومنى پۈتتەدىم ، ھازىر مەلۇم بىر شېركەتتە توربەت ياساشنى ئۈگىنىۋاتىمەن .
ئۈگىنىپ بۇلاي دىدىم ،
پىروگىرامما تۈزۈشنى ئۈگىنىپ سىزنىڭ شېركىتىڭىزدە ئىشلىگىم بار ئىدى ، ھازىر ئوقۇش باشلاپ بولدىمۇ ؟
3ئايلىق ئوقۇش ھەققى قانچە پۇل ؟
رەھمەت
يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن باشلىنىدۇ،
مەن ئەتە تىزىملاتسام ئۈلگىرەمدىم ؟
ئۈلگۈرىسىز، 2-3 زاپاس ئورۇن بار.
ئالىم مۇئەللىم كۈنىگە 3 سائەت دەرس سەل ئازمۇ قانداق ؟ بولسا شەنبە كۈنىمۇ دەرس ئۆتۈپ بەرسىڭىز بوپتىكەن
ئەمسە مەن چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن شىركەتكە بېرىپ سۆزلىشىپ باقاي. سىلەمۇ قىزىل بايراقنىڭ نورمال ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشەمسىلە؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم
ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن كەچلىك،شەنبە يەكشەنبىلىك تەربىيىلەش سىنىپلىرى بارمىدۇ؟ مەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئونېۋېرىسىتىتى ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سېستىمىسى كەسپىدە ئوقۇيتتۇم. مېنىڭمۇ سىزنىڭ سىنىپىڭىزدا ئوقۇغۇم بار ئىدى. ئامال بارمىدۇ؟
بار، لېكىن دەرسنى مەن ئۆتمەيمەن
مەنمۇ تىزىملاتقان ، لېكىن ئوقۇش پۇلىنى ھازىر تاپشۇرۇشقا شەل ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن ، شۇڭا سەل كېچىكىپ تاپشۇرسام بولامدۇ ؟ …
پىلان بويىچە ئەتە تىزىملاش ئاخىرلىشىدۇ، كېلەر ھەپتە ئىچىدە دەرس باشلىنىدۇ. بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق ۋاقتى خەۋەر قىلىنىدۇ. ئەتە خىزمەت ۋاقتىدا مەن قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرىدىكى ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىدە بولۇشۇم مۇمكىن. مەن بىلەن يۈز-تۇرانە سۆزلىشىدىغانلار (2839871 غا) تېلېفون قىلىپ كەلسەڭلار بولىدۇ.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.مەن بەكمۇ پىروگىراممىغا قىززىقىمەن. ئالىم ئەخەت مۇئەللىم بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن.چچ ياكى ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى يوللاپ بىرىسىڭىز .مەنبۇ سەپ مۇ سەپگە قىتىلسام دەيمەن…
بۇندىن كېيىن بۇ بىلوگدا ئالىم مۇئەللىمنىڭ QQ رى دېگەندەك سۇئاللارنى سورىماڭ ،ئالىم مۇئەللىم ئۇنداق نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيدۇ.ئېلخەتنى مۇشۇ بىلوگنى ئوبدان كۆرسىڭىز
تاپالايسىز.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ئالىم مۇئەللىم ھەپتىنىڭ 1-كۈنى دەرىس باشلانسا vb.netلا سۆزلىنەمدۇ ؟ مۇمكىن بولسا #C.ۋە javaلارمۇ 3 ئايلىق سۆزلەنسە بۇلاتتى ! شۇلارنى بىر ئويلىشىپ باقسىلا ؟
دۈشەنبە كۈنى ئۈلگۈرمەي قالدى. ئەمما خۇدايىم بۇيرىسا كېلەر ھەپتىنىڭ ئىچىدە باشلىنىدۇ. سىز دېگەن مەخسۇس بىر تىلنى ئۆگىتىدىغان دەرسلەر ئايلىق كەچلىك كۇرۇستا بار.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم ! مەن سىلىنىڭ جاۋاپلىرنى كۇتۇپ ، تىلفۇنلىرنى كۇتۇپ تۇرۇپ قالدىم ؟كەچلىك #C,ۋە javaسىنىپى ئېچىلامدۇ ؟
ئالدى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا بۇ كۇرۇسنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن، ئايلىق كەسپىي كۇرۇسنىڭ ۋاقتى كېلەر ھەپتىدە ئېنىق بولۇشى مۇمكىن
ئالىم مۇئەللىم مەن خىزمەت قىلىش سەۋەبىدىم قاتنىشالمايمەن.لىكىن سىز سۆزلىگەن بارلىق دەرىسلەرنى سېتىۋېلىپ ئۈزەم ئۆگەنگىم بار.7500يۈەن ئۇقۇش پۇلنى تۆلىسەم بولامدۇ.ماڭا ھەر قېتىملىق سۆزلىگەن دەرسىلىرىڭىزنىڭ ئىلىكتىرۇنلۇق نوسقىسى لازىم.نەق مەيداندا تۇرۇپ ئۆگەنسەم بەك ياخشى بولاتتى.ئەمما ئىدارەم ماڭا ئۇنداق جىق ۋاقىت چىقىرىپ بېرەلمەيدۇ.ياردەم قىلغان بولسىڭىز بۇلۇپتىكەن.
ئالىم مۇئەللم تورلاردا Windows Blue نىڭ پاراڭلىرى كۆپۈيۈپ قالغىلى تۇرۇپتۇ، يەنە بۇنى Windows 8 نىڭ يېڭىلانغان نەشرى بولارمىش دەپ. بۇ توغۇرلۇق ئاشكارلىغىلى بولىدىغان خەۋەر بارمۇ؟
«بۇ يىل يازدا ئېلان قىلىنىدۇ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە تېخىمۇ لايىقلاشتۇرۇلغان» دېگەندىن باشقا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.
ۋاقتى كەلگەندە يېڭىلىۋالساقلا ئىش تامامكەن-دە.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم دەرستە يۇقارقى ئىككى سىستىما تولۇق سۆزلىنەمدۇ؟
شۇنداق، تولۇق سۆزلىنىدۇ، دەل شۇنداق نەرسىلەرنى ياساشنى ئۆگىتىش ۋە شىركىتىمىزگە ئېلىپ قېلىش بۇ كۇرۇسنىڭ مەقسىتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم بۇ تەربىيلەش كۈرسى ئاخىرى ئېچىلدىغان بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن ! ئەگەر تەربىيلەش كۈرسىنى سىنغا ئالماقچى بولساق مەندە ئالغىلى 3كۈن بولغان sony ex-160 سىن ئالغۇ ئاپىراتى بار ئىدى. ئەگەر مۇمكىن بولسا مەن ئېلىپ بەرسەممۇ بۇلىدۇ.
ئېچىلدىغان بولدى، رەھمەت، ھازىرچە ئۇنداق پىلان يوق. كېيىن شۇنداق قىلىدىغان ئىش بولسا، سىزنى ئىزدەي.
مەن ئوقويالمايدىغان بولدۇمدە ،ھەي تۇرمۇش ھەي جاھاندارچىلىق ،يەنە بىر پۇرسەت كەلگۈچە گۈلدەك ياشلىقىم ئۆتۈپ كىتىدۇ.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، بايا بېرىپ ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرىۋىتىپ كەلدىم، دەرس مۇشۇ شەنبە كۈنى باشلىنامدۇ؟
كېلەر ھەپتە ئىچىدە باشلىنىدۇ، تېلېفون ئارقىلىق خەۋەر قىلىمىز، بۇ بىلوگدىمۇ ئايرىم تېما ئېچىپ خەۋەر قىلىمەن.
بولىدۇ مۇئەللىم، خەۋىرىڭىزنى تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلايمىز.