«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»غا تىزىملىتىش باشلاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»غا تىزىملىتىش باشلاندى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

(ئىلگىرىكى بەزى تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ?p=2343)

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان شىركىتىمىز دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ ياكى يېڭىلاپ كېلىۋاتىمىز، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز، بۇلارنىڭ ئىچىدە Microsoft قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىش ئارقىلىق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى بىلىمگە ۋە قىممەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىرنەچچە يېڭى تۈرلەرنى ئالدۇق، شۇنىڭ بىلەن خىزمەت مىقدارىمىز تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، شۇڭا دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە بىرقىسىم كارخانىلارنىڭ زاكاز يۇمشاق دېتاللىرىنى كېچىكتۈردۇق ياكى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، چۈنكى شىركىتىمىزدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەم بولۇشى ئۇزۇندىن بۇيان بېشىمىزنى قاتۇرۇپ كەلگەن مەسىلە ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەتراپىمىزدىكى بىرنەچچە كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن توردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنىمۇ كۆردۇق، قارىغاندا بۇ بىزگە ئوخشاش باشقا شىركەتلەر ئۈچۈنمۇ ئورتاق مەسىلە ئىكەن. بۇ بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقتىدارلىق خادىملارنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇزۇندىن بۇيان توپلىغان ئەمەلىي تەجرىبە ۋە يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتىمىزنى چۆرىدەپ، تەربىيەلەشنى ئويلاشتۇق.

دەرسلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى (دىققەت ھەربىر مەزمۇننىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن كىچىك مەزمۇنلار بار)

ئەڭ يېڭى پىروگرامما ئېچىش قورالى – Microsoft Visual Studio 2012
پىروگرامما لايىھەلەش تىلى ئاساسىي بىلىملىرى
ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى
پىروگرامما لايىھەلەشكە مۇناسىۋەتلىك يادرولۇق تېخنىكىلار
Windows 8 ئۈستەليۈزى ئەپلىرىنى ئېچىش ۋە دائىم ئىشلىتىدىغان كونتروللار
Windows 8 دۇكىنى ئەپلىرىنى ئېچىش ئاساسىي بىلىملىرى
ساندان لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى
Microsoft Server 2008 مۇلازىمىتېرى قۇرۇش، تەڭشەش، ئاسراش
Microsoft SQL Server 2008 قاچىلاش، تەڭشەش، ئاسراش
مۇلازىمىتېرغا يۈزلەنگەن ساندان پىروگراممىلىرى لايىھەلەش
… … … … …

پۈتۈن ئوقۇتۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەمەلىي مەھسۇلاتىمىزنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە نەزەرىيە زىچ بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا دەرسكە تولۇق قاتنىشىپ، ۋاقتىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭسىڭىز، بۇنداق دېتاللارنى لايىھەلەشتە قىينالمايسىز. بىزگىمۇ بۈگۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئەتىسى خىزمەتكە كىرىشەلەيدىغان خادىملار كېرەك.

ئەمەلىي مەشىق 1: ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر قاتناش بېكىتىگە جايلاشقان «لوقمان تېز يەتكۈزۈش ئورنى» ئىشلىتىۋاتقان «ئۇيغۇرسوفت يۈك-تاق باشقۇرۇش سىستېمىسى»نى تۈزۈش، ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ۋە ئەسلىي كودى تەپسىلىي چۈشەندۈرىلىدۇ.
ئەمەلىي مەشىق 2: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە باشقا ئورۇنلار ئىشلىتىۋاتقان «ئۇيغۇرسوفت ماقالە» سىستېمىسىنى ياساش، ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ۋە ئەسلىي كودى تەپسىلىي چۈشەندۈرىلىدۇ.

تەربىيەلەش مۇددىتى: 3 ئاي، دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە دەرس ئۆتىلىدۇ.
ئوقۇش باشلاش ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتراپىدا

دەرس ئوقۇتقۇچىسى: ئالىم ئەھەت

تىزىملاش ئورنى: ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر
تىزىملىغۇچى: مۇرات، زەينۇرە
تېلېفون: 2813300، 2839871

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
289 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ مېنىڭ بىلوگىڭىزنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىم بولغاچقا جىق ئىشلاردىن خەۋەرسىز، شۇڭا كۆپلەپ ياردەمدە بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:40
  • ھە راس يەنە ئۇيغۇرچە خەنزۇچە تېز سۈرئەتتە خەت ئۇرۇشنىمۇ بىلىمەن جۇمۇ!!! يەنە ……………..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:04
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئەپەندى.مېنىڭمۇ بۇ تەربىيلەش سېنىپىدا ئوقۇغۇم باتتى.مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرخىل كومپىيوتىر سېستىمىللىرىنى بىمالال ئىشلىتەلەيمەن .مەسىلەن win8, winxp، win7 قاتارلىقلارنى. word، excel،Photoshop، قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلىتەلەيمەن،、ئۈستەل كومپىيوتېرى،خاتىرە كومپىيوتىرى قاتارلىقلارغا سېستىما قاچىلاش،تەڭشەش قاتارلىقلارنىمۇ بىلەن،خەنزۇتىلىنىمۇ يامان ئەمەس بىلىمەن،ئادەتتىكى كومپىيوتېر مەشغۇلات سېستىمىسى ياساشنى ئاز تولا ئۆگەنگەن.
    قانداقراق مېنىڭ سەۋىيەم بۇ سېنىپتا تەربىيەلىنىشكە سەۋىيەم توشەمدىكەن؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:01
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئەپەندى. مېنىڭمۇ بۇ تەربىيەلەش سىنىپىدا ئۇقۇغۇم باتتى. مەن تۇلۇقسىزغىچە ئوقۇغان. كومپىيوتىر مەشغۇلاتىنى پىششىق بىلىمەن،مەيلى win7,winxp,win8 ) بۇلار بولسۇن خېلى پىششىق بىلىمەن . word، Photoshop Excel قاتارلىقلاردىمۇ خېلى سەۋىيەم بار خەنزۇتىلىنىمۇ يامان ئەمەس بىلىمەن.ئۇيغۇرچە خەنزۇچە خېلى تېز سۈرئەتتە خەت ئۇرالايمەن، ئۈستەل كومپىيوتىرى، خاتىرە كومپىيوتىر ۋە باشقىسى بولسۇن سېستىما قاتارلىقلارنىمۇ قاچىلاشنى بىلىمەن ، ئادەتتىكى سېستىما ياساشنى ئاز تولا ئۆگەنگەن……….
    قانداق مېنىڭ سەۋىيەم سىزنىڭ تەربىيەلەش ئۆلچىمىگە يېتەمدىكەن ؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى am 10:44
  • ئەجەپ ئاچچىقىم كەلدى …نىمىشقىمۇ مەن بۇ ئۇچۇرنى بالدۇرراق كۆرمىگەندىمەن …قاچانغىچە مۇشۇ كومپىيۇتىردا تىلفۇنغا سىستىما يىزىش ئىشى بىلەن كۈنۈم كىتەر.
    ماۋزۇنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ …ۋاقىتنى كۆرۈپ تولىمۇ ئاچچىقىم كەلدى (بۇ بىلوگقا بالدۇرراق كىرىپ باقمىغىنىمغا ).

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 18:13
  • كەچۇرۇڭ ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنالمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 13:02
  • ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم.مىنىڭ خەنچە سەۋىيەم يوق، لىكىن كومپىيۇتىرغا ناھايىتى قىزىقىمەن.ئۇزۇندىن بىيرى تورغا چىقىشقا ۋاقتىم چىقمىغانتى، مەن سەل كىيىن قالدىممۇ نىمە؟
    مەن مەكتەپتىمۇ ئوقۇمىغان ، لىكىن ئۇيغۇرچىنى راۋۇرۇس ئوقۇپ يازالايمەن ،ۋە خەنچىدىن 20-30 چە خەتنى كومپىيۇتىردا باسالايمەن،قولۇمدا يازالمايمەن، كومپىيۇتىر ھەپىلىشىش جەريانىدا ئۇگۇنۇپ قالغان خەتلەر. مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم . مىنىمۇقۇبۇل قىلارسىزمۇ؟ ھەرقانچە مۇھىم ئىشىم بولسىمۇ تاشلاپ قاتنىشىمەن.مەن ھازىر خۇتەندە ئاتا ئانام بىلەن بىللە.ناۋادا قۇبۇل قىلسىڭىز ئاتائاناممۇ ماڭا پۇرسەت يارىتىپ بىرىدۇ، ۋە دەرھال ئاتلىنىپ قىشىڭىزدا.ۇگەنسەمكەن دەيمەن؟ قۇبۇل قىلارسىزمۇ؟ ئەگەر قۇبۇل قىلىپ قالسىڭىز بىۋاستە ماڭا تىلفۇن قىلسىڭىز ،
    18520178709 ماۋۇ مىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرۇم. ماۋۇ دادمنىڭ .18637777254
    ھەراس يىشى 18 ياش دىگەنتىڭىز، مىنىڭ يىشىم بۇيىل 15 ياشقا كىردىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 13:01
  • ئالىم مۇئەللىم سىزدىن بىر سوئال سورىسام بولارمۇ ؟
    سىز نىمە ئۈچۈن ھەر قايسى شەھەرلەردە مۇشۇنداق سىنىپلارنى ياكى ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ تارماق ئورۇنلىرىنى قۇرمايسىز…قۇرغان بولسىڭىز ياكى قۇرماقچى بولسىڭىز ھەمكارلاشقان بولاتتۇق …….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 20:28
  • ئالىم مۇئەللىم مىنىڭمۇ ئوتتەك ئىشتايىقىم بىلەن سىزدىن دەرىس ئۈگەنمەكچى ئىدىم بىراق يىراق ئارلىق ،تۇرمۇش بىسىمى ھازىرقى خىزمەت مۇھىتى تۈپەيلىدىن سىزنىڭ نەق مەيداندا ئۆتكەن دەرىسىڭىزنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالمايدىغان ئوخشايمەن ….بىراق سىزنى توردا بولسىمۇ ئۇستاز تۇتۇپ بەكمۇ ئۈگەنگۈم بار ،،،،،،
    سىزدىن سۇراپ باقسام سىلەر دىگەن دەرىسنى توردا ئۈگۈندىغان بىرەر تور بەت بارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى am 09:10
  • ۋاي مۇئەللىم بىلوگىڭىزنى ئاچماس بولۇپ كەتتىڭىزغۇ !
    ئەگەر ئىچۋاتقان بولسىڭىز تورداشلار سورغان سوئاللارغا بىر جاۋاپ بىرۋەتسىڭىز !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:57
  • ئەسسا لامۇ ئەلەيكۇم !
    ئالىم مۇئەللىم سوراپ باقسام 2-قىتىملىق تەربىيلەش قاچان باشلىندۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:55
    • مەنمۇ مۇشۇنڭغا ساقلاۋاتىمەن،ھازىر تىخى مەكتەپ پۇتتۇرمىگەچكە بۇ قىتىم ئۆتكۇزۇلگەن تەربىلەشكە قاتنىشالماي قالدىم ئەپسۇس،بۇ يىل6 – ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا ئوقۇش پۇتتۇرىمەن ،مەكتەپتە كۇندە ئېنگىلىس تىلى بىلەن كومپىيۇتېر تىلى ئۇگۇن ۋاتىىمەن،c++نى ئۇگۇنۇپ بولاي دىدىم ،يەنە ئشىپ كەتسە بىر ھەپتىدە تۇگەيدۇ،بولسا ئۇقۇش پۇتتۇرۇپلا شىركىتىڭىزدە ئشقا چۇشۇپ كەتسەم دەيمەن،ھە راس سىزنىڭ ئىمتىھانىڭزدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۇش ئۇچۇن c++ نى ئۇگۇنۇپ بولغاندىن كىيىن javaنى ئۇگۇنەيمۇ يا باشقا تىل ئۇگۇنىشم كىرەكمۇ؟ ئازراق بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز مۇئەللىم….رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:27
  • ئالىم مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز ! مەن ئۆزۈم كۇچادىن ، مەنمۇ سىز ئاچقان شۇ تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشماقچى ئىدىم ، لىكىن مەن پىروگىرامما يېزىشنى ئەمدى ئۆگەنمەكچى ، مەدەنيەت سەۋىيەم تۇلۇق كۇرىس ، خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچە سەۋىيەم خېلى ياخشى ، سىزنىڭچە مەن سىزنىڭ تەربىيلەش ئوبىكتىڭىزغا ماس كېلەمدىم ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:08
  • مىنىڭمۇ شۇنداق بەك ئوىۇغۇم بارئىدى لىكىن مىنى يەنىلا قايتۇرۇۋەتتىلە ھەي!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:21
  • مەن ئەتە تىزىملاتسام بۇلامدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 22:56
  • مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،لېكىن پروگرامما تىلىنى ئوتتەك ئۆگەنگۈم بار…. تەتىللىك سىنىپلارمۇ ئېچىلامۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:21