smart phone 智能手机 ئاتالغۇسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

smart phone 智能手机 ئاتالغۇسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

[ ئاتالغۇلار ]

http://bbs.bilik.co/viewthread.php?tid=24517&extra=&page=1
مەنمۇ بۇ تېمىنى ئانچە-مۇنچە كۆردۈم، بۇ ھەقتە ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى سۆزلەپ باقاي،
بىز ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىشتا ئەسلىي ئاتالغۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلىشىمىز، ئىمكان بار ئەسلىي تىلدىن پايدىلىنىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى تىلنى ۋاسىتە قىلماسلىقىمىز زۆرۈر، ئەمما، بۇلارنى قوشۇمچە پايدىلانغاننىڭ زېيىنى يوق.
بۇ ئىنگلىزچىدىن كەلگەن ئاتالغۇ ئىكەن، ئالدى بىلەن بۇ سۆزنى ۋە ئاتالغۇنىڭ يەشمىسىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئىنگلىزچە-خەنزۇچە قوش ئىزاھلىق لۇغەتتە مۇنداق بايانلار بار:
Smart
(esp US) having or showing intelligence; clever; ingenious
(بولۇپمۇ ئامېرىكا ئىنگلىز تىلىدا) ئەقىلگە ئىگە ياكى ئەقىللىق كۆرۈنىدىغان؛ زېرەك، چېچەن؛ ئەقىللىق ۋە چەبدەس دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ.
聪明的; 伶俐的; 聪敏的:
a smart student 聪明的学生
a smart answer, idea 巧妙的回答、 主意
It was smart of you to bring a map. 你很聪明, 能想到带张地图.

خەنزۇچە 智能 نىڭ مەنىسى 智慧和能力 (ئەقىل بىلەن ئىقتىدار) نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،
~机器人丨~双全丨培养~丨发展学生~ دېگەن سۆز بىرىكمىلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.

شۇڭا، smart نى ئۇيغۇرچە ئەقىللىق، زېرەك، چېچەن، ھوشيار دېگەن مەنىدە چۈشەنسەك بولىدۇ.
==================================================================
مىكروسوفت توپلىغان ئۇچۇر-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى ئامبىرىدا مۇنداق بايانلار بار:
smart phone
ئىنگلىزچە ئېنىقلىمىسى: A wireless, mobile device that combines platform software, a browser, a modern chipset, and a telephone handset.
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشى: سۇپا يۇمشاق دېتالى، تور كۆرگۈ، زامانىۋىي ئۆزەك گۇرۇپپىسى ۋە تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىمسىز كۆچمە ئۈسكۈنە

خەنزۇچە: 智能手机 (مەنىسى ئەقىللىق تېلېفون)
تۈرۈكچە: akıllı telefon (مەنىسى ئەقىللىق تېلېفون)
ئەرەبچە: هاتف ذكي (مەنىسى ئەقىللىق تېلېفون)
====================================================================
بىزدىن باشقا 60 قا يېقىن مىللەت بۇ سۆزنى ئىككى سۆز بويىچە يەنى ئەقىللىق ياكى زېرەك دېگەننى قوشۇپ تەرجىمە قىلىدۇ ۋە قوللىنىدۇ.
ئەسلىي ئاتالغۇ ئىنگلىزچە ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مەن ئۇنى زورمۇ-زور قىسقارتىپ ياكى ئۇلاپ يېزىپ يېڭى بىر تۈپ سۆز پەيدا قىلىپ «ئەقلىيفون»، «زېرەكفون» دەپ ئېلىشنى قوللىمايمەن، «ئەقىللىق تېلېفون» ، «ئەقلىي تېلېفون» ياكى «زېرەك تېلېفون» دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار ئارىسىدا، smart card, smart screen,… گە ئوخشاش ئاتالغۇلار بەك كۆپ، ئۇنى ئىلگىرى ئەقلىي كارتا، ئەقلىي ئېكران ياكى زېرەك كارتا، زېرەك ئېكران دەپ تەرجىمە قىلىۋاتقان ئىدى، ناۋادا، بىرىكتۈرۈپ يازساق «ئەقلىيئېكران»، «ئەقلىيكارتا» دەپ يېزىلىپ قېلىشىغا يول ئېچىپ بېرىمىز. شۇڭا، ھازىرچە بىرىكتۈرۈشنى مەن ياقتۇرمىدىم.
Mobile Phone نى تىل-يېزىق كومىتېتىدىن «يانفون» ئەمەس، بەلكى «يان تېلېفون» دەپ قېلىپلاشتۇرغان ئىدى. ئەقىللىق دەمدۇق؟ زېرەك دەمدۇق؟ ياقى ئىدراكلىق دەمدۇق؟ بۇنى كۆپچىلىك يەنە ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتىدە «فون» بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر:
تېلېفون
رادىيو تېلېفون
رىمىفون
ساكسفون
فاكىسلىق تېلېفون
فوتوفون
مارافون
مېگافون
مىكرو تېلېفون
يۆنىلىشلىك مىكروفون
پىروگراممىلىق تېلېفون
ھىدروفون

ئاخىرىدا يەنە بىر گەپ ئىملا قائىدىسىدە ئەقىللىق دەپ يېزىلماي، ئەقىللىك دەپ يېزىلىدۇ. مەنمۇ كۆنگەن بۇيىچە يۇقىرىدا ئەقىللىق دەپ يېزىپتىمەن، تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن: ئالىم ئەھەت

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
86 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • يەنە نۇرغۇن خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىغا ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولماسمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 13:10
  • مېنىڭچە بۇ يەردىكى Smart سۆزى تېلېفوننىڭ بىر سۈپەت سۆزى، دېمەك تىلىمىزدىكى ئەقىل، ئەقىللىك دېگەن سۈپەتنىڭ «ئەقلىي» دېگەن ئۆزگىرىشىگە ماس كېلىدۇ، شۇڭا مەن «ئەقلىي تېلېفون» دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:47
    • لېكىن، 2 كۈن ئىلگىرى، تېل-يېزىق كومىتېتىدا يىغىن ئېچىلغاندا، بۇ ئاتالغۇنى ئاقىل تېلېفون دەپ بېكىتىلدىغۇ دەيمەن. زېرەك، ئەقلىي دېگەنلەرگە قوشۇلمىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:42
      • بىر ئوبدان «زېرەك،ئەقلىي»دىگەن سۆزلەر تۇرسا،شۇنى ئىشلەتمەي، «ئاقىل» دىگەن سۆزنى ئشلەتكىنىنى قارا،يا بۇ «رېرەك،ئەقلىي»دېگەن سۆزلەر باشقا تېلدىن كىرگەن سۆز بولمىسا،تېل-يېزىق كومىتېتىدىكىلەر ئاستا مۇشۇنداق تور خاتىرسىدىن بىرنى قۇرۇپ ئەلنىڭ رايىغىمۇ قاراپ باقسا بولىدىغان ئوخشايدۇ،«ئاقىل تېلېفۇن» دەپ بىكىتىپ بەرگەن بىلەن ئەسلىدىنلا«زېرەك،ئەقلىي» دەپ ئشلىتىپ كىلۋاتقان خەلقىمىز ئۇ «ئاقىل»دېگەن سۆزنى ئىشلتىشى قانداق بولار،ئىشلەتمىسە شۇ لۇغەتتە بىرخىل ،ئەمەلىيەتتە بىر خىل بولۇپ بىرلىك بۇزىلىدۇ،مەسىلىلەر ئاستا-ئاستا كۆپىيىپ كىيىنكى دەۋىرلەرگە بارغاندا ئەۋلاتلىرىمز بىز مەخمۇت بوۋىمىز بىلەن يۇسۇپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنىڭ كىتابىنى لۇغەت ئاختۇرۇپ ئولتۇرۇپ كۆرگەنگە ئوخشاش ئەھۋالغا چۇشۇپ قالىدۇ.ئاڭلىسام 1500يىللار ئىلگىركى ئېىنگىلىس تېلىنى ھازىرقى كىشىلەر ئاساسەن قىينالماي ئوقۇپ چۇشۇنەلەيدىكەن،بۇ راسمىدۇ؟بەلكىم راستۇ،بۇلمىسا ئاسانلا دۇنياۋىي تېل بولۇپ قالماستى.كەچۇرسىز مۇئەللىم بىر ئاز چىچىلىپ قالدىم.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:30
  • ئۆزىنىڭ زىھنى بار،يان تىلفۇننى يانفۇن دىگەندەك ،تېخىمۇ ئاددى قىلىپ ، زىھىنفون دىسەك قانداق بولار؟ ياكى زىرەك فون.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 15:15
  • مېنىڭچىمۇ ‹‹ئەقىللىق ›› دەپ يازغان توغرا، چۈنكى بۇ بىر شەيئىنىڭ ئەقلىنىڭ كۆپ ياكى شۇنىڭغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىكىن ئۇنىڭدا ئەقىل ‹‹لىق›› يەنى ئۇنىڭدا ئەقىل كۆپ ،لىق ،تولۇق ،دىگەنلىك بولۇپ ئۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ئەمەسمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 01:25
  • ئادەتتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلغون دېۋالىمىز ، مېنىڭچە ئۇنىڭدا ئاساسلىقى مەشخۇلات سېستىمىسى بولغاندىكىن شۇنىڭغا قارىتا بىر ئىسىم قويساق بولاتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 14:10
  • چوڭ زىرەك دەمدۇق يا!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى am 10:08
  • مەنمۇ شۇنداق بولشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلىمەن.خېلى چوڭ ئاخپىرات ۋاستىللىردىمۇ ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ ،سۆزلەر بىرلىككە كېلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى قانۇن جەھەتتىن قوغداش كاپالاتكە ئىگە قىلىنسا دەيمەن !ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان ،ئۆز يېزقىنىمۇ توغرا يازالمايدىغانلار ئالدى بىلەن مىللەت ئالدىدا ھېچ بولمىسا قانۇن ئالدىدا جاۋاپكار بولىشى كېرەك ! ئالىم مۇئەللىم ئېيتقان لۇغەت نەشىردىن چىققاندىن كىيىن بەك ياخشى بولغۇدەك !ئالدىنقى كۈنى تېخى بىر چوڭ ئىدارە بىناسىنىڭ تېمىغا يېزلغان ‹‹پۇتوڭخۇانى ئومۇملاشتۇرايلى !››دېگەن بىر شۇۋارنى كۆرۈپ بەك ئاچچىغىم كەلگەنتى !خەت سۈپتىدىن خېلى ئۇستا خەتتاتتەك تۇرىدۇ !بېشى يوقمىدۇ دەيمەن شۇ خەتلەرنى يازغان گۇينىڭ !بىر مىللەتنىڭ تىل يېزقىغا قىلىنغان بىر ھۆرمەتسىزلىك ،ئالدى بىلەن شۇ گۇينىڭ ئۆزنى سېتىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس !مۇشۇنداق ئىشلارغا ئىگە بولدىغان بىرەر ئورگان يوقمىدۇ دەيمەن ! كەچۈرۈڭلار بۇ تېمىغا ئانچە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سۆزلەپ قويدۇم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى am 11:56
  • ۋاي، ئاللاھ بۇ نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق خەۋەر. بەزىلەر ئاللىبۇرۇن شۇ لۇغەتنى ئاساس قىلىپ كىتاب ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ بولغان تۇرسا……
    ئەمدى زە، بىر ئىملا لۇغىتىنى « كونا»، « يېڭى» دەپ ئىككىگە ئايرىپ يۈرىدىكەنمىز دە.
    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دۆلەت ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئامبىرىنى قۇرماقچى بولىۋېتىپتىكەن، ئۇلار زادى قايسى ئىملانى ئاساس قىلغاندۇ؟
    راسىت گەپ قىلغاندا، ئەمدى بۇ ئىملانى خۇددى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش قانۇنلاشتۇرۇپ بىكىتسە بولىدىغان ئوخشايدۇ. ( ئاڭلىسام، باشقا مىللەتلەر يېزىق ۋە ئىملاسىنى قانۇنغا كىرگۈزۈپ بولۇپتۇ. ئەگەر ئىملانى خاتا يازسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرلىدىغان، يېزىق ئۆزگەرتىش غەلۋىسىنى قىلىدىغانلارغا قانۇن بىلەن جاۋاب بىرىدىغان….. دېگەندەك ) بىزمۇ ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ قانۇنىغا بۇ بەلگىلىمىنى كىرگۈزۈپ، ئىملانى توختاتمىساق، بىزنىڭ ئىملايىمىزنىڭ چېكى مەڭگۈ توختىمايدىغاندەك قىلىدۇ. بولسا بۇ پىكىرنى سىزمۇ ئويلىشىپ باققان بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:25
  • ئالىم ئاكا، راست يېڭى چىققان ئىملا لۇغىتىنڭ 60- بېتىدا « ئەقللىق » دەپ بار ئىكەنغۇ؟ لېكىن « ئەقللىق » تىن يېڭى سۆز ياسىغاندا « ئەقىللقلىك » دەپ ئاپتۇ. سىز شۇنى دېمەكچى بولغانمىتىڭىز يا؟ بايا ئىملا لۇغىتىنى ۋاراقلاۋىتىپ بۇ سۆزگە قارىسام شۇ ھالەتتە كۆردۈم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:44
    • مەن ئۇ لۇغەتتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىش قوللانمىسىنى دەيمەن. ئۇ قوللانما ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان، توردا رەسىمى بىلەن يوللانغان.
      بۇ لۇغەت قايتا نەشرىدىن چىقماقچى. سىزنىڭ قولىڭىزدىكى لۇغەت ئەمەلدىن قالدى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:06
  • مەنمۇ ش ئە ئۇيغۇرىنىڭ پىكىرىنى قۇۋۋەتلەيمەن . تىلىمىزنى ھازىر شۇنداق ئاتىلىۋاتىدۇ دەپلا ، ئۇدۇم بۇلۇۋاتقان سۆزلىرىمىزنى ئۆزگەرتىۋاتسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە . ياڭيۇ ، بەسەي دىگەن گەپلەر كونا گەپلەر بولسىمۇ بىراق ، باۋئەن گىپى تېخى يېقىنقى تۇرمۇشىمىزدا پەيدا بولغان . شۇڭا ئۆزگەرتىشكە ئەمەس ، ئىزنى ، ئەسلىنى تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىلگىنى تۈازۈك . مۇشۇ قاتالىق خەنزۇ تىلى ، ئەرەپ ، پارىس تىللىرىدىن بىۋاستە قوللىنىۋالغان ، تىلىمىزدىمۇ ئىپادىلەشكە بولىدىغان گەپلەرگە قارىتا ئەسلى مەنىسى بۇيىچە قېلىپلاشقان بىرەر نەرسە چىقارغان بولسىڭىز بەلكىم دامۇڭ ، دەرۋازا (ھويلىنىڭ يولغا تۇتاشقان چوڭ ئىشىكى) دىگەندەك ئەبجەش گەپلىرىمىزمۇ يوقاپ ، بالىلىرىمىز بولسىمۇ ساپ ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بۇلاتتى ئۇستاز . ‹ئۆزىمىز قەدىرلىگەننى ئۆزگىلەر قەدىرلەر› ھەممە ئىشنىڭ جەريانىمۇ ، نەتىجىسىمۇ مۇھىم . بىزدىكى قارىغۇلارچە ئىنتىلىش بەزىبىر پۇرسەتلەرنى يارىتىپ قويىۋاتىدۇ بەلكىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:24
  • ideal condition 理想状态
    لوغەتتە ئىدېئال نىڭ چۈشەندۈرۈشى مۇنداقكەن: ھەممە جەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن ،نەمۇنە بۇلىدىغان ،كەم كۈتسىز ؛
    بۇنداق ھالاتكە كىلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس .شۇڭا يەنە
    غايىۋى دەپ چۈشەندۈرگەن .
    理想状态 غايىۋى ھالەت دەپ ئېيتىشمۇ مىنىڭچە ناھايىتى توغرا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 12:42
  • ئادەمنىڭ مىڭىسىدە ئاڭ -تەپەككۈر بار ،يەنى .ئەقىل بار ،بۇ مىڭىنىڭ خۇسۇسىيىتى. مۇشۇ خۇسۇسىيەت تىلفۇنغا ئادەم تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەن ،تىلفۇنمۇ ئادەمگە ئوخشاش ئەقلىي ئىقدارلىق بولغان . مەدەنىيەت سەۋەبىدىن بۇلىشى مۇمكىن ،چەتئەلدە مۇشۇنداق ئەقىل كىرگۈزۈلگەن تېلفۇندا كۆرۈلگەن
    ئالاھىدىلىكنى باشقا خىلدىكى تىلفۇنغا سىلىشتۇرۇپ ،
    ئەقىللىك تېلفۇن دەپ نام قويغان بۇلۇشى مۇمكىن .خەنزۇچىدا بولسا تېخنىكا تەرەپتە تۇرۇپ ،تىلفۇندا مۇجەسەملەنگەن ئىقتىدارنى كۆزدە تۇتۇپ تەرجىمە قىلغان .
    智能 نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەقىل-ئىدراك بۇلىدىغۇ دەيمەن ، ئەقىلنىڭ ئۆلچىمى ئىدراك ،ئەقىل بىر خۇسۇسىيەت ،ئىدراك بىر قابىلىيەت ،ئەقىل بولمىسا ئىدراك بولمايدۇ.
    پەقەت ئىدراكلىق بولغاندا ئەقىللىك ھىسابلىنىدۇ.
    بۇ خىل تىلفۇندا ئەقىل بار ، ئىدراك بار ،شۇڭا بۇنى سۈپەتلەپ ئەقلىي دىسەك بۇلىدۇ ،شۇڭا ئەقلىي تىلفۇن دەپ ئاتىساق ئەڭ مۇۋاپىق .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 12:22
  • مېنىڭچە ئەقلىي تېلېفون دېگەن ئاتالغۇ بەك چۈشكەن. بىر كۆرسىڭىزلا ئۆزىدىن مەنىسى تولۇق چىقىپ تۇرىدىكەن، ئۇنى يەنە قىسقارتىشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:02
  • مۇئەللىم، 2010- يىلى نەشر قىلىنغان ئىملا لۇغىتىنى كۆرگەنسىز؟ مەن شۇنداق ئۈمىدسىزلەندىمكى، ئۇ لۇغەتتە بىزنىڭ تىلىمىز ھېچنىمىگە ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىگە ئوخشاپ قاپتۇ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى am 10:14
    • يېڭىدىن نەشر قىلغان ئىملا لۇغىتى 2010- يىلى ئەمەس، 2009- يىلى 8- ئايدا نەشر قىلىنغان. مېنىڭ قارىشىم ئۇ لۇغەت پەقەت ئىملانىلا ۋەيرانى بەتتەر قىلىۋەتتى. ئەمما تىلىمىزغا چېقىلغىنى يوق. شۇڭا ئىملادىن ئۈمىدسىزلەنسىڭىز مەيلى تىلىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ. ( ئەمما ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، بۇ يېڭى ئىملا لۇغىتىدىمۇ نۇرغۇن ئىلغار تەرەپلەر بار ئىكەن. يەنە نۇرغۇن قېلىپلاشقان بىلملەرنى ئاساسەن تولۇق ئىپادە قىلىپ بىرىپتۇ، شۇڭا. ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ)
      ئۇ لۇغەتنىڭ بېشىدىكى چۈشەندۈرۈش قىسىمىدىنىڭ ئاخىرىدىكى مۇنۇ مەزمۇن ئىسىمدە قاپتۇ « ئاپتونۇم رايۇنىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىملا مەسىلىسى نەچچە قېتىم چوڭ تۈردە تەتقىق قىلىنىپ نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. ئىملا مەسىلىسى بىر قېتىمدىلا ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىزچىل بوشاشماي تىرشىشى بىلەن مۇۋاپىق ھەل قىلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىملا لۇغىتىدىمۇ ھەممە مەسىلىلەرنى ھەل بولدى دېيەلمەيمىز. ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنى كېيىنكى قېتىم ياخشى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز»
      قاراڭ، ئۇلار ناھايىتى ئۈمىدلىك ئىكەن، قارىغاندا يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن « يىپيېڭى ئىملا لۇغىتى» دىن يەنە بىرنى چىقىرىدىغانلىقىنى پۇرتۇپ قۇيۇپتۇ. سىز ئۈمىدسىزلەنگەن مەسىلىلەر شۇ چاغدا ھەل بولار، ئىنشا اللە!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:02
باھا بېتى: 1 2 3