Windows 8.1 Preview نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟
[ IT خەۋەرلىرى ]Windows 8.1 Preview (كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟
Windows 8.1 Preview (كۆرۈپ بېقىش) نەشرى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى (چارشەنبە) ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ Windows 8 نى ئىشلىتىلىۋاتقانلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر Windows دۇكىنى ئارقىلىق چۈشۈرەلەيدۇ.
Microsoft بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەنىلا سىناق نۇسخىسى بولغاچقا، بەزى يېتەرسىزلىكلەر بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھازىرچە ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرغا ئاساسىي مەشغۇلات سىستېمىسى قىلىپ قاچىلاشنى تەشەببۇس قىلمايدىكەن، ئەڭ ياخشىسى باشقا كومپيۇتېرغا ياكى مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالى ئارقىلىق قاچىلاپ كۆرۈپ باقساق بولىدىكەن. ئىشلەتكۈچىلەر 6-ئاينىڭ 26-كۈنى Windows Update ئارقىلىق يېڭىلانما ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالىدىكەن، يېڭىلانما ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن قاچىلاشنى بېكىتسە بولىدىكەن. 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا ئىلگىرى Windows 8 نى سېتىۋالغانلار ھەقسىز يېڭىلاپ ئىشلەتسە بولىدىكەن، ئەمما بارلىق ئەپلەرنى چوقۇم قايتىدىن قاچىلاشقا توغرا كېلىدىكەن. قارىغاندا ئۆزگەرتىش خېلە باردەك قىلىدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 11,933 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 06-ئاينىڭ 17-كۈنى am 8:58
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت، مەرھابا 15 يىل
- كېيىنكى يازما :بۇ ئەڭ يېڭى ئاتالغۇلارنى قانداق تەرجىمە قىلساق بولار؟
ھورمەتلىك ئالىمجان ئاكا سىزدىن بىر سۇئال دىگەن ئەيىپكە ئالماي جاۋاپ بەر گەن بولسىڭىز ، Windows8
نىڭ ساختا ياكى ھەققىي نۇسقىدا ئىكەنلىگىنى نەدىن بىلىمىز
مەن تاپالماي يۈرىيمەن windows8.1 نەشرىنىڭ سىناپ بىقىش نەشرىنى . مەن ئەڭ ياخشىسى .10- ئايدا رەسمى نۇسقىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتەي.!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىمكا، مەن Windows 8.1 Preview نى قاچىلىغانتىم، ھەممە يېرى نورمال قاچىلاندى، بىراق ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىدى. A language pack isn’t availabble دەپ چىقىۋالدى. تورمۇ نورمال بولمىسا، بۇ نىمىشتۇ؟ باشقىلارنىڭكىدە نورمالمىدۇ؟
تېخى ئېلان قىلىنمىدى، ھازىر RTM نى قىلىۋاتىمىز.
مەندە ئارتۇق ئېلىپ قويغان ۋىندوۋس 8 ئاچقۇچى بار ئىدى. پۇلنى تۇتۇپ ياتتى، لازىم بولغانلار ئالاقىلىشىڭلار
تىلىفۇن 18909988229
مەن كوپمىيۇتېرىمنىڭ يېڭلانمىلىرىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرىۋاتمەن. لېكىن Windows 8.1 Preview ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرمىدىم. بۇ قانداق ئىشتۇ؟
مەن ۋىندوۋسىنىڭ دۇكىنىدن تاپالمىدىم، ھەممە يەرنى ئىزدەپ قېزىۋاەتتىم ، پەقەتلا يوق، قانداق تاپىدىغاندۇ ئۇنى
ئەلى120 : بۇ باھاغا پىكرىم بار
ئېلان قىلىندى مانا
http://windows.microsoft.com/en-us/windows-8/download-preview
مۇشۇ توربەيكە كىرىپ Get the update بۇنى بىسىپ يامىقىنى چۈشۈرۈپ قايتا قوزغاتسىڭىز مەن ۋىندوۋسىنىڭ دۇكىنىدن تاپالايسىز
Windows 8.1 Preview نىڭ سىناق نەشىرنىڭ 64bit
لىغىنى Windows ئەپ دۇككىندىن.يىڭىلىماق تەسكەن
يەنىلا شۇ رەسمى نەشرىنى ساقلاپ تۇراي
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:http://pan.baidu.com/share/link?shareid=4217976473&uk=1261733552
ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم، سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟ Win8.1 توغۇرلۇق يەنىمۇ توختالسىڭىز بولارمۇ؟ بەك ھلدىراش بۇلۇپ كەتكەنسىز، بىراق بۇ جەھەتتە سىز يول كۆرسەتمىسىڭىز بولمايدىكەن، يەنە بىر گەپنى سورىسام، wp8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندىمۇ؟ مەن يانفۇنۇمغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىدىممۇ يە؟ wp8 توغۇرلۇقمۇ تىما يوللىغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى. تور بەتلەردىكى ئويغۇرچە خەتلەرغۇ بەك ئېنىق ھەم ئۆلچەملىك كۈرۈنىدۇ بولمىسا.
ئېلان قىلىندى مانا
http://windows.microsoft.com/en-us/windows-8/download-preview
ساقلاپ-ساقلاپ ھېچ ئېلان قىلمىدىيا ئەينا، بى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ سىناپ باقاي دىسەم، ھوددەس ئېلان قىلمىدىيا!
ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى. بۈگۈن چارشەنبىغۇ…
ئالىم مۇئەللىم بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىمۇ نېمە؟! بۇگۈن 8.1نىڭ تارقىتىلغانلىقى تۇغۇرلۇق تېما يوققۇ؟