Windows 8.1 Preview نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟
[ IT خەۋەرلىرى ]Windows 8.1 Preview (كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟
Windows 8.1 Preview (كۆرۈپ بېقىش) نەشرى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى (چارشەنبە) ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ Windows 8 نى ئىشلىتىلىۋاتقانلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر Windows دۇكىنى ئارقىلىق چۈشۈرەلەيدۇ.
Microsoft بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەنىلا سىناق نۇسخىسى بولغاچقا، بەزى يېتەرسىزلىكلەر بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھازىرچە ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرغا ئاساسىي مەشغۇلات سىستېمىسى قىلىپ قاچىلاشنى تەشەببۇس قىلمايدىكەن، ئەڭ ياخشىسى باشقا كومپيۇتېرغا ياكى مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالى ئارقىلىق قاچىلاپ كۆرۈپ باقساق بولىدىكەن. ئىشلەتكۈچىلەر 6-ئاينىڭ 26-كۈنى Windows Update ئارقىلىق يېڭىلانما ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالىدىكەن، يېڭىلانما ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن قاچىلاشنى بېكىتسە بولىدىكەن. 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا ئىلگىرى Windows 8 نى سېتىۋالغانلار ھەقسىز يېڭىلاپ ئىشلەتسە بولىدىكەن، ئەمما بارلىق ئەپلەرنى چوقۇم قايتىدىن قاچىلاشقا توغرا كېلىدىكەن. قارىغاندا ئۆزگەرتىش خېلە باردەك قىلىدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 11,942 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 06-ئاينىڭ 17-كۈنى am 8:58
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت، مەرھابا 15 يىل
- كېيىنكى يازما :بۇ ئەڭ يېڭى ئاتالغۇلارنى قانداق تەرجىمە قىلساق بولار؟
بۈگۈن 26 چىسلا ئېلان قىلمىدىغۇ
مىنىڭچە بولىدۇ مەخپى نومىرنى بىلسىڭىز نامىني سىزنىڭ نامىڭىزغا ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ!
يانفۇن نەشىرىمۇيېڭىلىنامدۇ؟يانفۇن نۇسقىسىنىڭ ئۇيغۇرچەتىل بۇلىقى قاچان ئىلان قىلنىدۇ؟
ھازىرچە چىقمايدۇ، ھېچبولمىغاندا بۇ يىل ئىچىدە ئۇنداق تامادا بولماڭ.
مەن ئۇيغۇرچەتىل بۇلىقىنى دەپلاwp8يانفۇنى سېتىۋالغان ئەپسۇس.
مىنىڭ مۇھىم بىر سىستىمام بار ئىدى ، 6ئايدىن بىرى سىستىما قاچىلىمىغان ئىدىم شۇڭىمۇ ، ناۋادا بۇنى قاچىلىسام ۇ سىستىماما يۇيۇلۇپ كىتەرمۇ ، دارىخانىنىڭ دارا سىستىمىسى ئىدى ، يۇيۇلۇپ كەتسە ئىككى كۈن قايتا دارا كىرگۈزۈشكە توغرا كىلىدۇ ، شۇڭا ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشنى سەممىي ئۇمىد قىلىمەن
ھەي مەن Windows8 نى سېتىۋالغان ۋاقىتتا دۇستۇمنىڭ ئىلخەت ساندۇقىنى ئىشلىتىپتىكەنمە ئۇ رەھمىتى قاتناش ھادىسىسىدە تۈگەپ كەتتى ئەمدى ئۈزەمنىڭكىگە يۈتكىگىلى بۇلماسمۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ۋىندوۋىس 8 نڭ ھەقىيقى نەشىرىنى سىتىۋىلىپ قاچلىغان ئىدىم سېستىما ناھايتى ياخشى ئىكەن ، ئەمما مەن ئىشللىتىدىغان pos 打印机 نىڭ ۋىن 8 موھىتىدا ئىشلەيدىغان قوزغاتقۇچ پېروگگىراممىسى بولمىغاچ يەنە xp ئىشلىتىۋاتىمەن .. توردىن كۆرسەم 8.1 نەشىرى pos ئۈسكىنىلەرنى قوللايدۇ دەپتۇ ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ ؟ ياردەم قىلساڭلار …..
چچ;466593994 .مەن pos58نى ئشلىتۋاتىمەن .نۇرمال.
ئالىم مۇئەللىم، سىزنىڭچە 8.1 دە قاچىلاش دېسكىسىغا ئۇيغۇرچە قاچىلاش تىلى قوشۇلامۇ؟ ئانا تىل ھوزۇرى دېگەن يەنىلا باشقىچىدە، ئاساسلىقى سىزنىڭ تۆھپىڭىز، سىزگە ئاجايىپ ھۆرمىتىم تۇتىدۇ.
مەن مۇ Windows8كەكۆنەپ قاپتىمەن Windows8.1كە قانداق يىڭلىقلار قوشۇلغاندۇ بەك بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ.
ئەجەپ ياخشى .بىزئەسلى نۇسخىنى سېتىۋالغانلار بۇنى ھەقسىز يېڭىلاپ ئىشلىتەلەيدىكەنمىز.ئانا تىل يېزىقىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش ،ۋىندوس 8 مەشخۇلات سېستىمىسى.
ئىلتەبىر قېرىندىشىم،سىزنى بۇيەردە ئۇچراتقىنىمدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم.ئانا تىلىمىزنى قوللاش ئىشىنى ئالىم مۇئەللىمنىڭ باشچىلىقىدا داۋاملاشتۇرغايمىز.
مەن ئىككى تال ئارتۇق ئېلىپ قويغان ئەينى ۋاقىتتا لازىم بولۇپ قالاردەپ ، قايسى كۈنى بىرنى قوشنامغا بەردىم ، يەنە بىرى بار قولۇمدا زاپاس لازىم بولسا سىزگە سىتىپ بەرسەم بولىدۇ . 18999050012
خاتىرجەم سىتىۋىلىڭ 100% ئىشەنچىلىك
مەن تۆت نۇسخا ئېلىپ قويغان . لازىم بولغانلار 549526005نۇمۇرلۇق پىنگىۋىنغا ياكى salam721@hotmailغا ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. ئورگان تەرەپتىن سېتىۋالغان.
8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە خەت شەكلى 8 بىلەن ئوخشاشمۇ ياكى باسما خەتتەك چىرايلىق ھەلەتكە كەلدىمۇ؟
ئانا تىل ھۇزۇرى ھەقىقەتەن قالتىس جۇمۇ، 8 كە تۇنجى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلغىنىمدىكى ھىسىياتىمنى ھازىرمۇ ئۇنتىيالمايمەن.
مۇشۇ كۆزنەك 8 نى ھېلىقى ئىتىبار باھا ۋاقتىدا سېتىۋالغان . ئالىدىدا بىر قاچىلاپ ئاكتىپلىيالماي ئەسلى سېستىمىغا يېنىۋالغان. مۇشۇ ئانا تىل ھۇزۇرىنى سۇرۇش ئىشتىياقى يەنە قاچىلاتقۇزدى. ئەمما 20 كۈنچە بولدى ، يا ئاكتىپلىيالماي ، يا بۇ سېستىمىدىن ۋاز كېچەلمەي يۇرۇپ كىتىۋاتىمەن. شاڭخەيدىكى مۇلازىمەت شىركىتىگە 3~4 قېتىم تېلفۇن قىلىپ بولدۇم ، ئومۇمىي سۆزلىشىش ۋاقتىم 2 سائەتتىن ئېشىپ كەتتىمىكىن دەيمەن. يەنىلا تېخى يولغا چىققان جايدىن مىدىرلىيالمىدىم . ئەمدى 8.1 نىڭ گېپى چىقىۋاتىدۇ.
مۇشۇ ئاكتىپلاشتا ياردەم قىلىدىغان دوستلار بولسا بىر قول كۆتۈرمەمسىلە !
تۈنجى قىتىم قاچىلىسىڭىز ئۆزى ئاكتىپلىندۇ لىكىن كومپىيۇتېربۇزلۇپ قىلىپ باشقا كومپىيۇتېرئالماشتۇرسىڭىز تىلفۇن ئارقىلىق ئاكتىپلايسىز 1دىن 9غىچە تەرتىپ نومىرى بارسىزشۇنومىرنى دەپ بىرسىز سىزگەa دىن باشلانغان كاتەك بار
مىكروسوفىت مۇلازىمەتچىسى دەپبەرگەن نومىرلارنى تولۇق توشقازسىڭىزئاندىن ئاتىپلىندۇ تىلفۇن نومىرى 8008301832
ئالىم مۇئەللىم ، بىز نەشىرىنى 8.1 گە (كۇرۇپ بېقىش نەشرىگە كۇتۇرسەك) 10 -ئايدا رەسمى نۇسقىسى ئۈچۈن قايتا سىستىما قاچلاپ يۇرمەسمىز؟ 10-ئايدا ئۆيدە بۇلالمىسام چوڭلار سىستىما قاچلاشنى بىلمەيتى!
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز! Windows8.1گەwinrar skype ,万能视频播放,转换,编码器دىگەنلەرنى قۇشۇۋەتكەن بولسا ياخشى بۇلىتى. خۇددى ۋىروسخۇرنى قاتقاندەك. ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭ شەخسى كۆزقارشىم . لىكىن كىيىنچە مىكروسۇفىتنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىغا ئىشىنىمەن.
سىز ئېيتقان نەرسىلەردىن skype دىن باشقىلىرى مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس، شۇڭا قوشۇلۇشى ناتايىن، كىرەك بولسا، windows8 دىكى قوللانما دۇكىنىدىن چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
winrar قاتارلىق پىرىسلاش قوراللىرى ھەقلىق دىتال. بىز پۈتۈنلەي يىشۋىتىلگەن نۇسقىلىرىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن.
编码器، 万能播放器 دىگەندەك نەرسىلەرنىڭ windwos نىڭ ئۆزىدە بەزىلىرى بار. بۇنداق قوللانمىلار ئۈچىنجى تەرەپ كودلاش پىروگراممىلىرىنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، rmvb نى قويۇش ۋە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم real شىركىتىنىڭ كودلاش پىروگراممىسىنى ئىشلىتىش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم كودلاش تەستىقى بولۇشى كىرەك، بۇ تەستىقمۇ ھەقلىق. مانا مۇشۇنداق ئىشلار.
بىز كۆنۈپ كەتكەن 万能播放器، 格式工厂 دىگەندەك نەرسىلەر ھەممىسى دۆلىتىمىزدىكى تاغ تۇرا قەھرىمانلىرىنىڭ ئىجادىيىتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ كودلاش قىستۇرمىلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئىشلىتىدۇ.
ئەمدى ئويلاپ بېقىڭ، باشقىلارنىڭ ھوقوقىغا دەخلى قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ windows قا قوشۋىتىلىشى مومكىنمۇ؟