ئۇيغۇرسوفت، مەرھابا 15 يىل | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت، مەرھابا 15 يىل

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

بىز بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى يەنى 1998-يىل 14-ئىيۇن (يەكشەنبە) تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن «ئۇيغۇرسوفت» (يەنى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال) دېگەن نامدا ئىش باشلىغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن توپتوغرا 15 يىل بولۇپتۇ. ئەمما بىز بۇ ئۇزۇن يولدا نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردۇق، يېقىندا بىلىشىمچە چەتئەللەردە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆمرى 7 يىلغىمۇ يەتمەيدىكەن، جۇڭگودا 3 يىلغىمۇ بارمايدىكەن. جۇڭگودا ھەر يىلى تاقىلىپ قالىدىغان كارخانا 1 مىليونغا يېتىدىكەن، ئويلاپ باقسام ھاياتىمنىڭ ئالتۇندەك ۋاقىتلىرى ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن بېغىشلىنىپتۇ، شۇڭا مەن ئالىي مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇشقا يەنى ھازىرقى ماگىستىرلىقتىن يۇقىرى بولغان دوكتورلۇق ئوقۇشقا زېھنىمنى بېرەلمىدىم، ھازىرغىچە لېكتورلۇقتىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋانغىمۇ ئىگە ئەمەس ياكى مەكتەپتە ئىلغار ئوقۇتقۇچىمۇ ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن 15 يىل كۈچ بېرەلىگەنلىكىمدىن شۇنچىلىك رازىمەن، شۈكرى.

نۇرغۇن كىشىلەر شىركىتىمىزنىڭ ئاۋام ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك مەھسۇلاتىمىزنى بىلىپ، باشقا ساھەدىكى يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزدىن ئانچە خەۋەردار ئەمەس، بىز بۇ جەھەتتە ھەم داۋراڭمۇ قىلمىدۇق. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلىرىمىز رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئايرودۇرۇم ، بانكا، قاتناش، نەشرىيات، خەلق ئىشلىرى… قاتارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە بىر قىسىم خۇسۇسىي كارخانىلار تەرىپىدىن قوللىنىپ كەلمەكتە، بۇ مەھسۇلاتلىرىمىز ئۇلار ئۈچۈن ھەر كۈنى، ھەر سائەت، ھەر مىنۇت كەم بولسا زادى بولمايدۇ.

شىركىتىمىز دەسلەپتە قۇرۇلغاندا ئۆزىمىزگە تەۋە «ئەلكاتىپ»، «كوررېكتورى» ۋە «لۇغەت» قاتارلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقاردۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار ئىدى. كېيىن يەنە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىچىلار ئۈچۈن كەسپىي يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ، شۇ ساھە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردۇق، كېيىن يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋە دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ، ماددىي جەھەتتىن ئاز-تولا قوللاشقا ئېرىشكەنمۇ بولدۇق. مانا ھازىر بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھالقىپ، ئىچكىرى ئۆلكە ھەتتا دۆلەت سىرتىدىكى دۇنياغا داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، مەھسۇلات ئىشلەشكە قاتنىشىۋاتىمىز ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈۋاتىمىز (ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتىمىز). بۇ مەھسۇلاتلار ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ توختىماي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. يېقىندا Microsoft نىڭ ئاتالغۇ ئامبىرىغا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارمۇ قوشۇلۇپ ئېلان قىلىندى.

بۈگۈن «ئۇيغۇرسوفت»نىڭ 15 يىللىق قۇتلۇق كۈنى، شۇڭا ناغرا-سۇناي چېلىپ ناخشا-مۇقام ياڭرىتىپ تەبرىكلىسەممۇ ياكى بىرەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نەتىجىلىرىمىزنى تەشۋىق قىلساممۇ بولاتتى ياكى ھېچبولمىغاندا ئۆيدە جىم ئولتۇرۇپ ئارام ئالساممۇ بولاتتى، چۈنكى بۈگۈن يەنە مېنىڭ 39 ياشقا كىرگەن كۈنۈم ئىدى. ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە ئايلىق Microsoft نىڭ جىددىي ئىشلىرى ۋە ئۇيغۇرسوفتنىڭ تەربىيەلەش ئىشلىرى مېنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتتى. بۈگۈنمۇ شۇلارنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمەن، بىر تەرەپتىن تاماملانغان ۋەزىپىنى تورغا يوللاپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان Windows 8.1 Preview (كۆرۈپ بېقىش نەشرى)نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ تاماملاندى. قارىغاندا Windows نىڭ سىناق نەشرىدىلا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بىللە تارقىتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندەك قىلىدۇ. ياردەم ھۆججەتلىرىمۇ تولۇقلاپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. مانا بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەبرىكلەش، ئەڭ زور خۇشاللىق ۋە ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس دەقىقىلەردۇر، چۈنكى ھەممە ئادەمگە بۇنداق ئەھمىيەتلىك خىزمەت پۇرسىتى كېلىۋەرمەيدۇ. تەقدىر ھاياتىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇنداق مۇھىم خىزمەتنى ماڭا نېسىپ قىلىپتۇ، شۈكرى. شۇڭا مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىشلىمىسەم بولمايدۇ. بىزنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە، كەسىپداشلارغا ۋە ئورۇنلارغا سەمىمىي رەھمەت!

ھايات مۇساپەمنى ئويلاپ باقسام، بۇرۇنقى ئىپتىدائىي كومپيۇتېر دەۋرىدىن باشلاپ، DOS تىن Windows غىچە، ئاندىن ئىنتېرنېت دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپتىمەن، يېقىندا بۇلۇت تېخنىكىسى ۋە كۆچمە ئىنتېرنېت تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۇچۇر ساھەسىدە يەنە بىر مەيدان تېخنىكا ئىنقىلابى ئاللىبۇرۇن باشلاندى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ Windows قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۆز ئانا تىلىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. دېمەك ئۇيغۇر ئۈچۈنمۇ ئۇچۇر ساھەسىدە يېڭى بىر دەۋر باشلاندى، مانا ئەمدى غايەت زور ئۇچۇر دولقۇنى بىزگە شىددەت بىلەن يېقىنلاپ كەلمەكتە…

مەن كەسىپداشلارنىڭ بۇنداق مۇھىم پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق بىرلىكتە ئەجىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن:
ئالىم ئەھەت
2013-يىل 14-ئىيۇن

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
89 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 4 5 6
  • مۇبارەك بولسۇن!!!!! ئۇيغۇرسوفىت تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىغاي !ئۇيغۇر تىل-يىزىقى مەڭگۈ ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ھەمراھ بولغۇسى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 15:21
  • ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان، يوللىرىڭىزنى راۋان، تىنىڭىزنى سالامەت، ئۆمرىڭىزنى ئۈزۈن قىلسۇن…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 19:30
  • ئالىم جان سىز گە راس لا قايىلمەن سىز گە ھورمىتىم با سىز ئۇيغۇر لانىڭ پەخرى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى am 07:12
  • قارىغاندا مەن مەقسىدىمنى تۇغرا ئىپادىليەلمىگەن ئوخشايمەن
    رىقابەت گەرچە ئابىستىراكىت ئۇقۇم بولغىنى بىلەن،بىراق ئۇ ئىنسان تەبىئىتىدىكى كۈچلۈك ھىسيات،.ئوتۇۋېلىش ياكى ئۇتتۇرۇپ قۇيۇش بىزنىڭ نىشانىمىز ئەمەس، پەقەت ئەڭ مۇۋاپىق شەكىدە ئىزچىللىشىش،رىقابەت ئېلان قىلغۇدەك جۈرئەت پەيدا قىلىدۇ، بىز باشقىلارنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە،ئۈزىمىزنى ئىتىراپ قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
    توغرا تەپەككۇر ئىنسانلارغا بىرىلگەن ئەڭ چوڭ بايلىق،مەن باشقىچە پىكىر يۆنىلىشىدە بۇ بايلىقىمدىن تۇلۇق پايدىلاندىم.
    بىلىشىمچە ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى 98 -ئىكەن. شۇڭا مەن زېھنىمنى بۇ ئىشقا سەرىپ قىلدىم،ئەلۋەتتە مۇۋاپىقىيەت قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
    دەسلەپكى قەدەمدە توپلىغان ماتىرياللىرىم ئارقىلىق مۇمكىن بولسا سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باققۇم بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 17:38
  • تۈزۈتۈش( بەكلا ئىزا تاتقان چىراي ئىپادىسى)، 9- قۇردىكى بىز سۆزنى خاتا يىزىپ قېپتىمەن، ئەسلى: ئەلۋەتتە ھازىرچە ئۇيغۇر تىلى- ئىنگىلىز تىلى ھەم كومپىيوتۇر بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ، بىراق بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋال. دىگەن خەت ئىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 15:28
باھا بېتى: 1 4 5 6