ئۇيغۇرسوفت، مەرھابا 15 يىل | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت، مەرھابا 15 يىل

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

بىز بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى يەنى 1998-يىل 14-ئىيۇن (يەكشەنبە) تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن «ئۇيغۇرسوفت» (يەنى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال) دېگەن نامدا ئىش باشلىغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن توپتوغرا 15 يىل بولۇپتۇ. ئەمما بىز بۇ ئۇزۇن يولدا نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردۇق، يېقىندا بىلىشىمچە چەتئەللەردە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆمرى 7 يىلغىمۇ يەتمەيدىكەن، جۇڭگودا 3 يىلغىمۇ بارمايدىكەن. جۇڭگودا ھەر يىلى تاقىلىپ قالىدىغان كارخانا 1 مىليونغا يېتىدىكەن، ئويلاپ باقسام ھاياتىمنىڭ ئالتۇندەك ۋاقىتلىرى ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن بېغىشلىنىپتۇ، شۇڭا مەن ئالىي مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇشقا يەنى ھازىرقى ماگىستىرلىقتىن يۇقىرى بولغان دوكتورلۇق ئوقۇشقا زېھنىمنى بېرەلمىدىم، ھازىرغىچە لېكتورلۇقتىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋانغىمۇ ئىگە ئەمەس ياكى مەكتەپتە ئىلغار ئوقۇتقۇچىمۇ ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن 15 يىل كۈچ بېرەلىگەنلىكىمدىن شۇنچىلىك رازىمەن، شۈكرى.

نۇرغۇن كىشىلەر شىركىتىمىزنىڭ ئاۋام ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك مەھسۇلاتىمىزنى بىلىپ، باشقا ساھەدىكى يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزدىن ئانچە خەۋەردار ئەمەس، بىز بۇ جەھەتتە ھەم داۋراڭمۇ قىلمىدۇق. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلىرىمىز رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئايرودۇرۇم ، بانكا، قاتناش، نەشرىيات، خەلق ئىشلىرى… قاتارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە بىر قىسىم خۇسۇسىي كارخانىلار تەرىپىدىن قوللىنىپ كەلمەكتە، بۇ مەھسۇلاتلىرىمىز ئۇلار ئۈچۈن ھەر كۈنى، ھەر سائەت، ھەر مىنۇت كەم بولسا زادى بولمايدۇ.

شىركىتىمىز دەسلەپتە قۇرۇلغاندا ئۆزىمىزگە تەۋە «ئەلكاتىپ»، «كوررېكتورى» ۋە «لۇغەت» قاتارلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقاردۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار ئىدى. كېيىن يەنە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىچىلار ئۈچۈن كەسپىي يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ، شۇ ساھە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردۇق، كېيىن يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋە دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ، ماددىي جەھەتتىن ئاز-تولا قوللاشقا ئېرىشكەنمۇ بولدۇق. مانا ھازىر بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھالقىپ، ئىچكىرى ئۆلكە ھەتتا دۆلەت سىرتىدىكى دۇنياغا داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، مەھسۇلات ئىشلەشكە قاتنىشىۋاتىمىز ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈۋاتىمىز (ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتىمىز). بۇ مەھسۇلاتلار ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ توختىماي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. يېقىندا Microsoft نىڭ ئاتالغۇ ئامبىرىغا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارمۇ قوشۇلۇپ ئېلان قىلىندى.

بۈگۈن «ئۇيغۇرسوفت»نىڭ 15 يىللىق قۇتلۇق كۈنى، شۇڭا ناغرا-سۇناي چېلىپ ناخشا-مۇقام ياڭرىتىپ تەبرىكلىسەممۇ ياكى بىرەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نەتىجىلىرىمىزنى تەشۋىق قىلساممۇ بولاتتى ياكى ھېچبولمىغاندا ئۆيدە جىم ئولتۇرۇپ ئارام ئالساممۇ بولاتتى، چۈنكى بۈگۈن يەنە مېنىڭ 39 ياشقا كىرگەن كۈنۈم ئىدى. ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە ئايلىق Microsoft نىڭ جىددىي ئىشلىرى ۋە ئۇيغۇرسوفتنىڭ تەربىيەلەش ئىشلىرى مېنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتتى. بۈگۈنمۇ شۇلارنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمەن، بىر تەرەپتىن تاماملانغان ۋەزىپىنى تورغا يوللاپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان Windows 8.1 Preview (كۆرۈپ بېقىش نەشرى)نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ تاماملاندى. قارىغاندا Windows نىڭ سىناق نەشرىدىلا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بىللە تارقىتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندەك قىلىدۇ. ياردەم ھۆججەتلىرىمۇ تولۇقلاپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. مانا بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەبرىكلەش، ئەڭ زور خۇشاللىق ۋە ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس دەقىقىلەردۇر، چۈنكى ھەممە ئادەمگە بۇنداق ئەھمىيەتلىك خىزمەت پۇرسىتى كېلىۋەرمەيدۇ. تەقدىر ھاياتىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇنداق مۇھىم خىزمەتنى ماڭا نېسىپ قىلىپتۇ، شۈكرى. شۇڭا مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىشلىمىسەم بولمايدۇ. بىزنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە، كەسىپداشلارغا ۋە ئورۇنلارغا سەمىمىي رەھمەت!

ھايات مۇساپەمنى ئويلاپ باقسام، بۇرۇنقى ئىپتىدائىي كومپيۇتېر دەۋرىدىن باشلاپ، DOS تىن Windows غىچە، ئاندىن ئىنتېرنېت دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپتىمەن، يېقىندا بۇلۇت تېخنىكىسى ۋە كۆچمە ئىنتېرنېت تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۇچۇر ساھەسىدە يەنە بىر مەيدان تېخنىكا ئىنقىلابى ئاللىبۇرۇن باشلاندى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ Windows قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۆز ئانا تىلىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. دېمەك ئۇيغۇر ئۈچۈنمۇ ئۇچۇر ساھەسىدە يېڭى بىر دەۋر باشلاندى، مانا ئەمدى غايەت زور ئۇچۇر دولقۇنى بىزگە شىددەت بىلەن يېقىنلاپ كەلمەكتە…

مەن كەسىپداشلارنىڭ بۇنداق مۇھىم پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق بىرلىكتە ئەجىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن:
ئالىم ئەھەت
2013-يىل 14-ئىيۇن

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
89 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئالىم مۇئەللىم،ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي. ئىككى تەكلىپىم بار ئىدى.
    بىرى: windows 8 گە ئۈرۈمچى ۋاقتىنى قوشۇش، ئۈرۈمچى ۋاقتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت بولغاچقا ھۆكۈمەتنىڭ رادىيو،تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىلگەندىن سىرىت ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى ۋاقتىنى ئىشلتىدۇ ئەمەسمۇ؟ تۆۋەندىكى تور بەتتىمۇ مۇنداق مەزمۇنلار بار ئىكەن ھەم ئۈرۈمچى ۋاقتىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن.
    http://www.timedate.cn/worldclock/city.asp?n=39
    乌鲁木齐当地时间

    中国 新疆 乌鲁木齐
    China Xinjiang Ürümqi

    当地时间
    2013年6月16日 星期日 18:09:22

    所在时区
    标准时区:+6 时区 UTC/GMT +6 个小时

    夏时制

    2006-2012年时区变换及夏时制实行时间

    时差对照
    乌鲁木齐时间与北京时间24小时时差对照表

    电话区号
    国家区号:+86(中国)
    地区区号:991

    经纬度
    纬度:北纬43°43’
    经度:东经87°38’
    ئىككىنچىسى: «تىل بولىقى» دىكى بولاق سۆزى بىلەن 语言包دىكى 包 مەنبەداشمۇ؟ «تىل بولىقى»نى «تىل بوقچىسى» دەپ ئېلىشقا بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:18
  • ۋاقىت نېمە دىگەن تىز ئۆتكەن. مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى قۇرۇلغان ئىدى. ھەش پەش دىگۈچە 15 يول ئۆتۈپ كىتىپتۇ. ئالىم مۇئەللىم سىز بۇ جەرىياندا مىللەت ئۈچۈن كۆپلىگەن ۋاقىت، زىھىن، قان-تەرى سىڭدۇردىڭىز. سىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلگەيتىسى دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.
    مۇبارەك بولسۇن، ئۇيغۇر سوفىتنىڭ كىينكى قەدەملىرىنىڭ تېخىمۇ داغدام ۋە نەتىجىلىك بولىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 16:26
  • ۋاقىت نېمە دىگەن تىز ئۆتكەن. مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى قۇرۇلغان ئىدى. ھەش پەش دىگۈچە 15 يول ئۆتۈپ كىتىپتۇ. ئالىم مۇئەللىم سىز بۇ جەرىياندا مىللەت ئۈچۈن كۆپلىگەن ۋاقىت، زىھىن، قان-تەرى سىڭدۇردىڭىز. سىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىگەيتىسى دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.
    مۇبارەك بولسۇن، ئۇيغۇر سوفىتنىڭ كىينكى قەدەملىرىنىڭ تېخىمۇ داغدام ۋە نەتىجىلىك بولىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 16:25
  • 15 يىل ھەقىقەتەن ئاز ۋاقىت ئەمەس . ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:45
  • ئالىم مۇئەللىم تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ۋە ئۇيغۇر سوفتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:25
  • مۇبارەك بولسۇن، مۇئەللىم. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى am 08:45
  • ئاپىرىن! قولاي كەلسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:15
  • تۇغۇلغان كۈنىڭىز ۋە ئۇيغۇر سوفتنىڭ تۇغۇلغان 15 يىلىنى قۇتلۇقلايمەن مۇئەللىم.
    بۈگۈن چۈشۈمدە ساۋاقداشلارنى چۈشەپ قاپتىمەن، ھەممىمىز غۇلجىغا مۇھەممەتجاننىڭ ئۆيىگە بېرىپتىمىشمىز، ئۇلارنىڭ ئۆيىنى سىرلىدۇق دەپ، بىزنى سىرتتا بىر چىدىرغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇدەك، قوپۇپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ كېتىپتىمەن، بۇ 3ئاي بەك تېزلا ئۆتۈپ كەتتى دېسە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:24
  • مۇبارەك بولسۇن !
    مەن ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ مەڭگۈلۈك قوللىغۇچىسى …

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:05
  • ئالىم مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر سوفتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن! ئېگىمىز ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ! بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭلار تېخىمۇ ياخشى بولغاي ئىنشائاللاھ !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:13
  • مۇبارەك بولسۇن،مۇئەللىم،سىلەردەك تىرىشچان كىشىلەر بولغاچقا كەلگۈسىگە ھەر ۋاقىت زور ئۈمىد بىلەن تەلمۈرىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:57
  • مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم . تىنىڭىزنىڭ ساغلام ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولشىغا تىلەكداشمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:54
  • ئالىم مۇئەللىم تۇغۇلغان كۇنىڭىزگە ۋە ئۇيغۇر سوفىتنىڭ تۇغۇلغان كۇنىگە مۇبارەك بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:20
  • ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 16:48
  • ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىنى ۋە ئالىم مۇئەللىمنىڭ تېنىنىڭ ساق سالامەت تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 16:02