ئۇيغۇرسوفت، مەرھابا 15 يىل | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت، مەرھابا 15 يىل

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

بىز بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى يەنى 1998-يىل 14-ئىيۇن (يەكشەنبە) تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن «ئۇيغۇرسوفت» (يەنى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال) دېگەن نامدا ئىش باشلىغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن توپتوغرا 15 يىل بولۇپتۇ. ئەمما بىز بۇ ئۇزۇن يولدا نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردۇق، يېقىندا بىلىشىمچە چەتئەللەردە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆمرى 7 يىلغىمۇ يەتمەيدىكەن، جۇڭگودا 3 يىلغىمۇ بارمايدىكەن. جۇڭگودا ھەر يىلى تاقىلىپ قالىدىغان كارخانا 1 مىليونغا يېتىدىكەن، ئويلاپ باقسام ھاياتىمنىڭ ئالتۇندەك ۋاقىتلىرى ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن بېغىشلىنىپتۇ، شۇڭا مەن ئالىي مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇشقا يەنى ھازىرقى ماگىستىرلىقتىن يۇقىرى بولغان دوكتورلۇق ئوقۇشقا زېھنىمنى بېرەلمىدىم، ھازىرغىچە لېكتورلۇقتىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋانغىمۇ ئىگە ئەمەس ياكى مەكتەپتە ئىلغار ئوقۇتقۇچىمۇ ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن 15 يىل كۈچ بېرەلىگەنلىكىمدىن شۇنچىلىك رازىمەن، شۈكرى.

نۇرغۇن كىشىلەر شىركىتىمىزنىڭ ئاۋام ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك مەھسۇلاتىمىزنى بىلىپ، باشقا ساھەدىكى يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزدىن ئانچە خەۋەردار ئەمەس، بىز بۇ جەھەتتە ھەم داۋراڭمۇ قىلمىدۇق. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلىرىمىز رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئايرودۇرۇم ، بانكا، قاتناش، نەشرىيات، خەلق ئىشلىرى… قاتارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە بىر قىسىم خۇسۇسىي كارخانىلار تەرىپىدىن قوللىنىپ كەلمەكتە، بۇ مەھسۇلاتلىرىمىز ئۇلار ئۈچۈن ھەر كۈنى، ھەر سائەت، ھەر مىنۇت كەم بولسا زادى بولمايدۇ.

شىركىتىمىز دەسلەپتە قۇرۇلغاندا ئۆزىمىزگە تەۋە «ئەلكاتىپ»، «كوررېكتورى» ۋە «لۇغەت» قاتارلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقاردۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار ئىدى. كېيىن يەنە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىچىلار ئۈچۈن كەسپىي يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ، شۇ ساھە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردۇق، كېيىن يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋە دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ، ماددىي جەھەتتىن ئاز-تولا قوللاشقا ئېرىشكەنمۇ بولدۇق. مانا ھازىر بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھالقىپ، ئىچكىرى ئۆلكە ھەتتا دۆلەت سىرتىدىكى دۇنياغا داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، مەھسۇلات ئىشلەشكە قاتنىشىۋاتىمىز ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈۋاتىمىز (ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتىمىز). بۇ مەھسۇلاتلار ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ توختىماي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. يېقىندا Microsoft نىڭ ئاتالغۇ ئامبىرىغا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارمۇ قوشۇلۇپ ئېلان قىلىندى.

بۈگۈن «ئۇيغۇرسوفت»نىڭ 15 يىللىق قۇتلۇق كۈنى، شۇڭا ناغرا-سۇناي چېلىپ ناخشا-مۇقام ياڭرىتىپ تەبرىكلىسەممۇ ياكى بىرەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نەتىجىلىرىمىزنى تەشۋىق قىلساممۇ بولاتتى ياكى ھېچبولمىغاندا ئۆيدە جىم ئولتۇرۇپ ئارام ئالساممۇ بولاتتى، چۈنكى بۈگۈن يەنە مېنىڭ 39 ياشقا كىرگەن كۈنۈم ئىدى. ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە ئايلىق Microsoft نىڭ جىددىي ئىشلىرى ۋە ئۇيغۇرسوفتنىڭ تەربىيەلەش ئىشلىرى مېنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتتى. بۈگۈنمۇ شۇلارنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمەن، بىر تەرەپتىن تاماملانغان ۋەزىپىنى تورغا يوللاپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان Windows 8.1 Preview (كۆرۈپ بېقىش نەشرى)نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ تاماملاندى. قارىغاندا Windows نىڭ سىناق نەشرىدىلا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بىللە تارقىتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندەك قىلىدۇ. ياردەم ھۆججەتلىرىمۇ تولۇقلاپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. مانا بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەبرىكلەش، ئەڭ زور خۇشاللىق ۋە ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس دەقىقىلەردۇر، چۈنكى ھەممە ئادەمگە بۇنداق ئەھمىيەتلىك خىزمەت پۇرسىتى كېلىۋەرمەيدۇ. تەقدىر ھاياتىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇنداق مۇھىم خىزمەتنى ماڭا نېسىپ قىلىپتۇ، شۈكرى. شۇڭا مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىشلىمىسەم بولمايدۇ. بىزنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە، كەسىپداشلارغا ۋە ئورۇنلارغا سەمىمىي رەھمەت!

ھايات مۇساپەمنى ئويلاپ باقسام، بۇرۇنقى ئىپتىدائىي كومپيۇتېر دەۋرىدىن باشلاپ، DOS تىن Windows غىچە، ئاندىن ئىنتېرنېت دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپتىمەن، يېقىندا بۇلۇت تېخنىكىسى ۋە كۆچمە ئىنتېرنېت تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۇچۇر ساھەسىدە يەنە بىر مەيدان تېخنىكا ئىنقىلابى ئاللىبۇرۇن باشلاندى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ Windows قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۆز ئانا تىلىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. دېمەك ئۇيغۇر ئۈچۈنمۇ ئۇچۇر ساھەسىدە يېڭى بىر دەۋر باشلاندى، مانا ئەمدى غايەت زور ئۇچۇر دولقۇنى بىزگە شىددەت بىلەن يېقىنلاپ كەلمەكتە…

مەن كەسىپداشلارنىڭ بۇنداق مۇھىم پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق بىرلىكتە ئەجىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن:
ئالىم ئەھەت
2013-يىل 14-ئىيۇن

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
89 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم،
    ئالدىنقى قېتىملىق ئىنكاسىمغا جاۋاپ قايتۇرمىدىڭىز، سىز بىلەن راستىنلا يۈزتۇرانە كۈرۈشۈپ پاراڭلاشقۇم بار، مەندە كومپىيوتۇرنىڭ ئۇيغۇرتىلى ئۈچۈن خىزمەت قىلشى ئۈچۈن يېڭىچە تەپەككۇر بار،بەلكىم ھەمكارلىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن،

    قۇشۇمچە تەكلىپ: سىز بىز ئۈچۈن ئىمسمى-جىسمىڭىزغا لايىق،ئالىمىمىز ھەم مۇئەللىمىمىز، بىراق ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،ھەم تۈزۈتۈپ مېڭىشى كېرەك.
    مەن سىزدە كىچىك ئەمما ئەھمىيىتى بولغان بىر خاتالىق بار دەپ ئويلاپ قالدىم، يەنى، بۇ تور بەتتە سىزدىن باشقا كىشلەرنىڭ ئىسمى ئاساسەن، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان يىزىقىدا كۈرۈنىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسىسىزنىڭ تۆھپىڭىز ئىدى،بىراق سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئىجدىمائىي تەرەققىياتىمىزنى بەلگىلىك ئۇخلىتىپ قۇيغان،لاتىن يىزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يىزىقىدا چىقىدۇ،بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئەۋەتتە ھازىرچە ئۇيغۇر تىلى، ئىنگىلىز تىلى ھەم ئۇيغۇر تىلى بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ،بىراق بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋال، بىراق ئەڭ ئاۋال بىز ئۆز يىزىقىمىزنىڭ ئىچىكى قارشىلشىنى تۈگۈتۈشمز كېرەك، بۇ نوقتا ھەممىدىن بەك سىزگە ئايان، قايتا يىزىق ئۆزگەرتمەسلىكىمىز ئۈچۈن سىزقاتارلىقلار كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفىت= ئۇيغۇر يۇمتال شىركىتى قۇرۇلغان ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان،
    ئەگەر سىز كومپىيوتۇر ياكى ئىنگىلىز تىلىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش سەۋەبلىك ياكى بولمىسا ئۇيغۇر تىلىنى تۇلۇق ئەقلىيلەشتۈرمىگىچە مۇشۇ ھالەتنى قوللانماقچى بولسىڭىز شۇ سەۋەبلىكمۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىنكاس رامكىسىدا كۈرۈندىغان ئىسمىڭىزنى سىز ھەم بىز سۈيۈپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدا ئالىم ئەھەت دەپ چىقىرىپ قويغان بولىڭىز،
    چۈنكى سىز بىزگە ئۈمۈت بېغىشلىغان،بىز بۇنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، بىراق ئۈستىدىكى پارچىدا ئۈزىڭىز ئېتقاندەك،‹‹ ئەمدە غايەت زور ئۇچۇر دۇلقۇنى ئۇيغۇر تىلىغا يېقىنلاپ كىلىدۇ›› بىز تخى ئەمدى ئۇيغۇنىۋاتقان بىلەن، بىراق كۆپ تىللار بەلگىلىك تەرەققىي قىلىپ بولدى، بىز بۇ رىقابەت جەريانىدا بەزىدە ئۈمۈتسىزلىنىپ قېلىشمىز مۇمكىن، شۇنداق ۋاقىتلاردا سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە كىرىپ سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا،سىز يازغان ئىنكاسنىڭ بېشىدى alimahat دىگەن ئىنكاسنى كۆرسەك خۇدۇكسىرەپ قېلىشمىز مۇمكىن، چۈنكى ‹‹ سۇنىڭ بېشى لاي بولسا،ئايىقىمۇ لاي›› شۇڭا مۇشۇ كىچىك پەرۋاسىزلىق سۇنىڭ تۆۋىنىگە بارغىچە تەرەققىي قىلىپ كىتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئېقىن مەنبەسىنىڭ ساپ بۇلىشى ئۈچۈن
    ئالىم ئەھەت دىگەن ئۆز ھەقدارلىقىدىكى يىزىلىشىغا ئۆزگەرتىپ قويغان بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 15:22
    • ئۆز ۋاقىتىدا alimahat.com نى ئىلتىماس قىلىپ، ئىشلەتكۈچى نامىغا alimahat دەپ يېزىلىپ، بۇ بىلوگ قۇرۇلغان ئىدى. ھازىرچە بۇنى تەڭشەكلەرگە كىرىپ ئاددىي ئۇسۇلدا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن. ئەمما ئېكراندا كۆرسىتىش نامىغا «ئالىم ئەھەت» دەپ يېزىلغان. ئىشلارنى بەك مۇرەككەپ ئويلىۋالماڭ، چارچاپ قالىسىز، رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:20
      • پىكرىمگە قۇشۇلغىنىڭىزغا رەخمەت مۇئەللىم
        پەقەت سىزگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرچە ھەرپ ھەۋەسكارى بولغانلىقىم ئۈچۈن،پىكىرمنى بىلدۇرگۈم كەلدى،بۇ ھەرگىزمۇ سىزدىن قەستەن قۇسۇر تاپقانلىقىم ئەمەس،بىز ئۈچۈن راستىنلا ئالىم ئەھەت دىگەن ئىسىم مۇھىم،ھەم سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز (ئۇقۇغۇچىنىڭ ئېلىپبەنى تۈگەتكەن چىراي ئىپادىسى)
        بۇ ئىشنى مۇرەككەپ ئويلىۋالغنىم،مۇھىم دەپ قارىغانلىقىم.
        مەن بىر خىيالپەرەس،تەپەككۇر مىنىڭ بايلىقىم،ھەم مەن ئۈزەمگە ئىشىنىمەن.
        سىزدىن بىر سۇئالىمغا جاۋاب ئالغۇم بار
        ئۇيغۇر تىلى، ئىنگىلىز تىلى بىلەن رىقابەتلىشەلەمدۇ؟
        (15 يىل بۇرۇن نۇرغۇن كىشلەر مۇلازىمەت قىلالىشىنىمۇ مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلايتى)

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 21:49
        • تەپەككۈر پەقەت سىزنىڭلا ئەمەس، ھەممە ئىنسانلارغا بېرىلگەن بايلىق، ئۇ ھايۋان بىلەن ئادەمنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىدۇر.
          بۇ ئىككىسىنى رىقابەتكە سېلىپ نېمە ئىش قىلماقچى ئىدىڭىز؟ ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسا ياكى ئۇتۇۋالغان بولسا نېمە بولماقچى ئىدى؟ زېھنىڭىزنى بۇنداق ئىشلارغا سەرپ قىلماڭ. مۇمكىن بولسا بۇ ھەرئىككى تىلنى پۇختا ئىگەللەڭ. ئۇتتۇرۇپ قويۇش ياكى ئۇتۇۋېلىش سىز، مەن، بىزلەرگە شۇنداقلا ئۇلارغا باغلىقتۇر.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 22:59
  • ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ 15ياشقا كىرگەن كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن،بۇندىن كىيىن تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 12:17
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، 39ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ھەم شىركىتىڭىزنىڭ 15-يىلىغا مۇبارەك بولسۇن. ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن، ئۇيغۇرنىڭ كومپىيوتۇر ئىشلىرى ئۈچۈن يۈز-يۈز يىللارچە ياشىغايسىز، ئاللا سىزنى سالامەت قىلسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 19:28
  • 7 يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن، تۇلۇقسىز 2 نىڭ (قاچانقى نەشىر ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن،بىراق شۇ چاغدا ئۇ بىزنىڭ ئۇقۇشلۇق ئىدى) ئەدەبىيات كىتاپىدا‹‹ ئۇيغۇر كونا يىزقى كومپىيوتۇرغا ماسلىشالمىدى، ئالىملىرىمىز يىزىق ئالماشتۇرۇش ھەققىدە ئويلىنۋاتىدۇ،سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز،ساۋاقداشلار مۇنازىرلىشىپ بېقىڭلار›› دەپ بار ئىكەن، شۇ چاغدا مۇئەللىمىز ئۇيغۇر تىلى 50 يىلدىن يوقاپ كىتىش خەۋىپى باردىگەن، مەن يىزىقىمىزنى ئەمەس كومپىيوتۇرنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك،دىسەم ئۇقۇتقۇچىمىز مىنى _ ‹‹ساراڭ››دىدى، بارىلىق باللار كۈلۈپ كەتتى، شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئالىم ئەھەت دىگەن ئىسىمنى ئاڭلىدىم.ھەم كىمنى مۇئەللىم دەپ چاقىرىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى،كىمگە ئەگىشىم كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىم،
    ‹‹ ھەممە ئادەم بېلىق تۇتقىلى كۆلگە بارسا،ئالىم ئەھەت مۇئەللىم چۆلگە بارغان،ھەم ئۈزى ئورەك كولىغان،ئۈزى سۇ قۇيغان،ئۈزى بېلىق باققان،ھەم شۇ بېلىقنى ئۈزى يالغۇز چوڭ قىلغان،ھەم ئۇ بېلىقنى ئۈزى تۇتقان›› ئويلاپ بېقىڭلار بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن شۇنچە جاپا تارتقان ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بېلىقنى ئۈزى يالغۇر يىدىمۇ؟ياق 10 مىليون ئۇيغۇر بىلەن يىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىم ئەھەت مۇئەللىم شەكسىز ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ،‹‹ شام چىراق يوق دۇنياسىغا،نۇرىڭىز بەردى ھارارەت………….››

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:25
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، مەن سىز بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلىشاي دىگەنتىم، ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماسلىقنىڭ ئۈزى سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن،بىراق بۇ ئىش راسلا مۇھىمتى، مەن ئۈرۈمچىدە،قاچان ۋاقتىڭىز بارلىقىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:09
  • جاپا چەكتىڭلار سىلەر بىزنىڭ ئۈمۈدىمىز بىز ھەر ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە سىلەرگە ئىشىنىمىز !!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 13:32
  • كىچىككەن بولساممۇ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم، ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن ئاللاھ ئىگەم، سىزنىڭ جاپايىڭىزنى تۆھپىڭىزنى خەلقىمىز ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ… مۇشۇ يولدا توختىماي ئىلگىرلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 19:41
  • شۇنداق ئالىم مۇئەللىم،بۇ 15يىلدىن بىرى ئۈن-تۈنسىز ئىشلەۋاتىسىز بىز ئۈچۈن.داۋىراڭسىز ئىشلىگەن بۇ 15يىللىق ھاياتىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى تونىۋاتىمىز،لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇ نەتىجىلەرنىڭ شۇنداق بولىشىنى ئادەتتىكى ئىشتەك يۈرىۋەردۇق.دېگەندەك ئەتىراپىمىزدا ئادەتتىكى ناخشىچىنى تونىيدىغانلار بەلكىم سىزنى تونىماسلىقى مومكىن،لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ھەر قانداق بەدەلنىڭ ،ئەجىرنىڭ نەتىجىسى ،مۇكاپاتى بولىدۇ،سىزگە ئائىلىڭىزگە چەكسىز بەخىت،سالامەتلىك تىلەيمەن.
    ھەراست،15يىلدا 15نەپەر ئىز باسارنى-ھەمدەمچى ئەزىمەتنى قاتارغا قوشقان ئوخشىمامسىز(رەسىمدە 15نەپەر ياش باركەن،سىزنىغۇ بۇ ياشلار قاتارغا قوشمىدۇق،39غا كىرىپ قاپسىز ئەمەسمۇ!ھى ھى).

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى am 00:19
  • سېزدېن بەكمۇ سۆيىنىمەن ،سىزدەك مىللەتنىڭ تىل تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئۆزىنى بىغىشلايدىغان ئوغلانلىرىمىز بەك كەمدىن كەم چىقىدۇ …بارلىق ئالقىشلار ۋە چاۋاكلار سەھنىدە ئىشەكتەك ھاڭرىغان ناخشىچىلارغا ئەمەس سىزدەك ئوغلانلارغا چىلىلىشى كىرەك ئەلۋەتتە ……
    سىزنىڭ ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدە قانات يايدۇرىشىڭىزنى شۇنداقلا ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ئوغلانلارنى يىتىلدۈۈرپ چىقىشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلىمىز ھەم ئۈمۈت قىلىمەن ……

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:30
  • ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىنىڭ يېڭى نۇسخىسى قاچان چىقىدۇ؟ ئىدارىمىزگە بەش يۈرۈش ئالماقچىدۇق؟ بەك تەققەززا بولۇۋاتىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:33
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم. ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدىڭىز. بىز گەرچە تارتقان جاپالىرىڭىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمىگەن بولساقمۇ، ۋىندوس سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە بولغانلىقىدىن سىزنىڭ قىلغان ئەجرىڭىزنى، جاپالىرىڭىزنى ھەرھالدا مەلۇم دەرىجىدە ھېس قىلالايمىز.سىزنىڭ تۆھپىڭىز ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تىل يېزىقى، ئىلىم-پەن، مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى ياخشى كۆرىدىغان ھەرقانداق بىر كىشى ھازىرمۇ ۋە كېيىنمۇ سىزنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ ۋە ئەسلەيدۇ. سىزگە سالامەتلىك ۋە بەخت تىلەيمەن. مىللىتىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىكى تەرەققىياتى سىزگە ۋە سىزدەك كىشىلەرگە مۇھتاج. ئۆزىڭىزنى ئاسراش بىلەن بىرگە، داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەيسىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 14:25
  • ئەڭ ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك كىشىلەر يەنىلامىللەت ئۈچۈن ئۈن تۈنسىز تۆھپە قۇشىۋاتقان ئالىم ئەھەت مۇئەللىمدەك كىشلەردۇر.
    ئالىم مۇئەللىمنىڭ تىنىنىڭ سالامەت بۇلىشىنى ،ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم بۇلىشىنى , شىركىتىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى am 10:17
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،سىز ۋە شىركىتىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن،ھارمىغايسىز! ھەش-پەش دىگىچە ئەجىر مىھنىتىڭىز بىلەن تولغان 15يىللىق شانلىق مۇساپىنى بىسىپ ئۆتتىڭىز، شىركىتىڭىز ئېلان قىلغان ھەر بىر يۇمتالىڭىزنى كۆرگىنىمىزدە چەكسىز پەخىرلىنىش ۋە ھاياجان ئىچىدە سىزگە ۋە شىركىتىڭىزگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىدۇق، ئۇيغۇرچە يۇمتال قۇرۇلىشىغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىزگە، سىڭدۈرگەن قان-تەرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك،تېنىڭىزگە سالامەتلىك،ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمىز! سز بىزنىڭ مەڭگۈ پەخرىمىز!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 14:21
  • ئالىم مۇئەللىم تىنىڭىزگەسالامەتلىك ئائىلىڭىزگەبەخىت ياربولسۇن ئىشلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ تىخىمۇ روناق تىپىشىغا چىن كۆڭلىمدىن تىلەكداشمەن .ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئوڭاي ،كۈنلىرىڭىزنى خاتىرجەم ،ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلغاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:19
  • ئۇيغۇرسوفت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!
    ئەلنى ئويلىغان ئەر – ئەلنىڭ ئوغلى.
    ئەلكاتىپ -ئەلنىڭ كاتىپى.
    ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئۆتكەندە مەن يوللىغان ئەلكاتىپ نامىدىكى خەت نۇسخىلىرىنى ئۇيغۇر كونا يېزىق فونت نامى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمىكىن(ئەلۋەتتە ئەسلىدىكىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتەيلى دېمەكچى ئەمەسمەن).
    ھۆرمەت بىلەن ئابدۇۋېلى ئوسمان

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:01