ئۇيغۇرسوفت، مەرھابا 15 يىل | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت، مەرھابا 15 يىل

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

بىز بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى يەنى 1998-يىل 14-ئىيۇن (يەكشەنبە) تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن «ئۇيغۇرسوفت» (يەنى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال) دېگەن نامدا ئىش باشلىغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن توپتوغرا 15 يىل بولۇپتۇ. ئەمما بىز بۇ ئۇزۇن يولدا نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردۇق، يېقىندا بىلىشىمچە چەتئەللەردە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆمرى 7 يىلغىمۇ يەتمەيدىكەن، جۇڭگودا 3 يىلغىمۇ بارمايدىكەن. جۇڭگودا ھەر يىلى تاقىلىپ قالىدىغان كارخانا 1 مىليونغا يېتىدىكەن، ئويلاپ باقسام ھاياتىمنىڭ ئالتۇندەك ۋاقىتلىرى ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن بېغىشلىنىپتۇ، شۇڭا مەن ئالىي مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇشقا يەنى ھازىرقى ماگىستىرلىقتىن يۇقىرى بولغان دوكتورلۇق ئوقۇشقا زېھنىمنى بېرەلمىدىم، ھازىرغىچە لېكتورلۇقتىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋانغىمۇ ئىگە ئەمەس ياكى مەكتەپتە ئىلغار ئوقۇتقۇچىمۇ ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن 15 يىل كۈچ بېرەلىگەنلىكىمدىن شۇنچىلىك رازىمەن، شۈكرى.

نۇرغۇن كىشىلەر شىركىتىمىزنىڭ ئاۋام ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك مەھسۇلاتىمىزنى بىلىپ، باشقا ساھەدىكى يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتلىرىمىزدىن ئانچە خەۋەردار ئەمەس، بىز بۇ جەھەتتە ھەم داۋراڭمۇ قىلمىدۇق. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلىرىمىز رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئايرودۇرۇم ، بانكا، قاتناش، نەشرىيات، خەلق ئىشلىرى… قاتارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە بىر قىسىم خۇسۇسىي كارخانىلار تەرىپىدىن قوللىنىپ كەلمەكتە، بۇ مەھسۇلاتلىرىمىز ئۇلار ئۈچۈن ھەر كۈنى، ھەر سائەت، ھەر مىنۇت كەم بولسا زادى بولمايدۇ.

شىركىتىمىز دەسلەپتە قۇرۇلغاندا ئۆزىمىزگە تەۋە «ئەلكاتىپ»، «كوررېكتورى» ۋە «لۇغەت» قاتارلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقاردۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار ئىدى. كېيىن يەنە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانىچىلار ئۈچۈن كەسپىي يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ، شۇ ساھە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردۇق، كېيىن يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋە دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەپ، ماددىي جەھەتتىن ئاز-تولا قوللاشقا ئېرىشكەنمۇ بولدۇق. مانا ھازىر بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھالقىپ، ئىچكىرى ئۆلكە ھەتتا دۆلەت سىرتىدىكى دۇنياغا داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلەرنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، مەھسۇلات ئىشلەشكە قاتنىشىۋاتىمىز ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈۋاتىمىز (ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىۋاتىمىز). بۇ مەھسۇلاتلار ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ توختىماي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. يېقىندا Microsoft نىڭ ئاتالغۇ ئامبىرىغا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارمۇ قوشۇلۇپ ئېلان قىلىندى.

بۈگۈن «ئۇيغۇرسوفت»نىڭ 15 يىللىق قۇتلۇق كۈنى، شۇڭا ناغرا-سۇناي چېلىپ ناخشا-مۇقام ياڭرىتىپ تەبرىكلىسەممۇ ياكى بىرەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نەتىجىلىرىمىزنى تەشۋىق قىلساممۇ بولاتتى ياكى ھېچبولمىغاندا ئۆيدە جىم ئولتۇرۇپ ئارام ئالساممۇ بولاتتى، چۈنكى بۈگۈن يەنە مېنىڭ 39 ياشقا كىرگەن كۈنۈم ئىدى. ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە ئايلىق Microsoft نىڭ جىددىي ئىشلىرى ۋە ئۇيغۇرسوفتنىڭ تەربىيەلەش ئىشلىرى مېنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتتى. بۈگۈنمۇ شۇلارنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمەن، بىر تەرەپتىن تاماملانغان ۋەزىپىنى تورغا يوللاپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان Windows 8.1 Preview (كۆرۈپ بېقىش نەشرى)نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ تاماملاندى. قارىغاندا Windows نىڭ سىناق نەشرىدىلا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بىللە تارقىتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندەك قىلىدۇ. ياردەم ھۆججەتلىرىمۇ تولۇقلاپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. مانا بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەبرىكلەش، ئەڭ زور خۇشاللىق ۋە ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس دەقىقىلەردۇر، چۈنكى ھەممە ئادەمگە بۇنداق ئەھمىيەتلىك خىزمەت پۇرسىتى كېلىۋەرمەيدۇ. تەقدىر ھاياتىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇنداق مۇھىم خىزمەتنى ماڭا نېسىپ قىلىپتۇ، شۈكرى. شۇڭا مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىشلىمىسەم بولمايدۇ. بىزنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە، كەسىپداشلارغا ۋە ئورۇنلارغا سەمىمىي رەھمەت!

ھايات مۇساپەمنى ئويلاپ باقسام، بۇرۇنقى ئىپتىدائىي كومپيۇتېر دەۋرىدىن باشلاپ، DOS تىن Windows غىچە، ئاندىن ئىنتېرنېت دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپتىمەن، يېقىندا بۇلۇت تېخنىكىسى ۋە كۆچمە ئىنتېرنېت تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۇچۇر ساھەسىدە يەنە بىر مەيدان تېخنىكا ئىنقىلابى ئاللىبۇرۇن باشلاندى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ Windows قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۆز ئانا تىلىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. دېمەك ئۇيغۇر ئۈچۈنمۇ ئۇچۇر ساھەسىدە يېڭى بىر دەۋر باشلاندى، مانا ئەمدى غايەت زور ئۇچۇر دولقۇنى بىزگە شىددەت بىلەن يېقىنلاپ كەلمەكتە…

مەن كەسىپداشلارنىڭ بۇنداق مۇھىم پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق بىرلىكتە ئەجىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن:
ئالىم ئەھەت
2013-يىل 14-ئىيۇن

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
89 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 6
  • ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ 15ياشقا كىرگەن كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن،بۇندىن كىيىن تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:27
  • ئالىم مۇئەللىم،جاپا چەكتىڭىز،ئۇيغۇر ئۇچۇر ئىشلىرى ساھەسى سىزنىڭ ئەمگىكىڭىز بىلەن ئالغا باسقۇسى!
    تىنىڭىزگە سالامەت،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:25
  • ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگەمۇبارەك بولسۇن!تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلەرگە تىلەكداشمىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:58
  • ئىشلىرىڭلارنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:46
  • ئالىم مۇئەللىم تىنىڭىزگەسالامەتلىك ئائىلىڭىزگەبەخىت ياربولسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:30
  • مەن ئەڭ بۇرۇنقى DOS سىستىمىسىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئۇيغۇرچە يىزىق كىرگۈزۈش دىتاللىرىنى ئىشلەتكەن ۋە ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن . ئۇيغۇرسوفت شىركىتى قۇرۇلۇپ ئەلكاتىپ مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن ئىزچىل مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىپ كەلدىم ، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن . ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىزنىڭ پەخرىمىز . مەن بىلوگىڭىزنىڭمۇ دائىملىق مىھمىنى . بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق كۈننى ئالاھىدە تەبرىكلەيمەن . شۇنداقلا سىزگىمۇ سالامەتلىك تىلەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:01
  • مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز، ياراتقۇچىمىز تىنىڭىزنى سالامەت، ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشىڭىزنى خاتىرجەم بەخىتلىك قىلسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:40
  • ئۇيغۇرسوفت، ئالىم مۇئەللىم تۇغۇلغان كۈنۈڭلارغا مۇبارەك بولسۇن….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:38
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم:
    ئۇيغۇرسوفىتنىڭ ۋە سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭىزنى تەبرىكلەيمەن،جۈملىدىن بىزگىمۇ ھەم ئاتا ۋە ئانا يوللۇق بولغان ئاتا -ئانىڭىزغا چىن يۈرىكىمدىن تەشەككۈرلەر بىلدۈرىمەن. ئانا تىلىمز ئۈچۈن تارتىۋاتقان جاپالىرىڭىزنى گەرچە بىز تولۇق بىلىپ كەتمىسەكمۇ لىكىن ھەممىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ ئاللا چوقۇم تېخىمۇ شېرىن تېخىمۇ مول نەتىجىنى ئاتا قىلغۇسى. ئامىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:38
  • ئالىم مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر سوفتنىڭ قۇتلۇق كۈنىگە مۇبارەك! ياراتقۇچىمىز ئالىم مۇئەللىمنىڭ تېنىنى سالامەت، ئۆمىرىنى ئۇزۇن، ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلغاي!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:57
  • ئالىم مەلىم، مەن بۈگۈن مىكروسوفتنىڭ يېڭىدىن تارقاتقان يامىقىنى قاچىلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ۋورد ۋە تور بېكەتكە خەت يازغاندا ڧڧڧڧف ھەرىپى نۇرمال ئەمەس، ياكى چىقمايدۇ يا بولمىسا ئوتتۇرا ڧڧڧڧڧف دەو چىقىۋالىدۇ، بۇ زادى نېمە ئىشتۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:00
  • جاپا چەكتىڭز ئالىم مۇئەللىم. كېيىنكى ئىشلىرىڭزغا ئۇتۇق تىنىڭزگە سالامەتلىك تىلەيمەن. ھارمىغايسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:59
  • ئالىم مۇئەللىم، جاپا چەكتىڭىز، ھارمىغايسىز!
    مەن خېلى بۇرۇنلا سىزنىڭ ئىزىڭىزنى بېسىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنمەن. ھازىر نەنخاڭ ئۇنىۋېرسىتىدا كومپيۇتېردا ئوقۇۋاتىمەن. ھازىرچە Aplisin.com نى قۇرغاندىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمىدىم، پۇرسەت بولسا بىرەر تەتىلدە مۇئەللىمنىڭ شىركىتىدە پراكتىس قىلغاچ مۇئەللىمدىن تەلىم ئالسام دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:20
  • مۇئەللىم بۇ يازمىنىڭ تېمىسى يوقكەن،قارىغاندا مۇشۇنداق ئادەمنى ھاياجانغان سالىدىغان دەقىقىلەرنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىز كەپقاپسىزدە…..راست، ئىنىق بىلمىسەكمۇ توردىن ئانچە مۇنچە خەۋەردار بولۇپ تۇرۋاتىمىز،بۇ 15 يىللىق نەتىجە ئانچە ئاسان قولغا كەلمىدى ،بۇنداق دەقىقىلەردە ھەقىقەتەن ھاياجانغا تولماي تۇرالمايمىز….يەنە بۇ 15 يىل سىزنى كۆپ چارچىتىۋەتكەن بولسىمۇ قىلچە ۋايسىمىدىڭز،داۋاملىق «ئۇيغۇر»،«ئۇيغۇرسوفىت»لا دەيسىز،چۈشىڭزدىمۇ سوفىت كۆرىدىكەنسىز،مانا بۈگۈنمۇ داۋاملىق ئىشلەۋىتىپسىز،مەنمۇ بۇ ھاياجىنىمنى سۆزلەپ تۈگۈتۈشكە ئامالسىز مەن ……ئۇلۇغ ئاللاھ باسقان ئىزىڭزدىن گۈللەر ئۈندۇرگەي.ئامىن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى am 10:57
  • ھە بۈگۈن ئەسلىدە ئالىم ئەخەت مۇئەللىم بىلەن ئۇيغۇرسوفىتنىڭ تۇغۇلغان كۇنىكەندە، كۆپ جاپا تارتىڭز مۇئەللىم،ئەمما ئەجىرىڭز يەردە قالمايدۇ.
    ئۇيغۇر كومپىيوتېر تېخنىكسىنىڭ تىخمۇ تەرەققى قىلىشىنى،گۈللىشىنى، ئالىم مۇئەللىمىنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ،ئائىلسىنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى am 10:41
باھا بېتى: 1 2 3 6