جۇڭگولۇقلارمۇ يۇمشاق دېتال سېتىۋالالايدۇ، ئەمما | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

جۇڭگولۇقلارمۇ يۇمشاق دېتال سېتىۋالالايدۇ، ئەمما

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستىۋى.باللمېر (Steve Ballmer) ئەپەندى 24-مايدىن 27-مايغىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، «مىكروسوفت چوڭ جۇڭخۇا رايونى BizSpark يېڭىلىق ياراتقان كارخانىلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى»گە قاتناشتى ۋە مىكروسوفت ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تەتقىقات گۇرۇھى باش ئىشتابى بىناسى(ئالىم مۇئەللىم دەل بىر ئاينىڭ ئالدىدا زىيارەت قىلغان بىنا)نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ لېنتا كەستى.

بۇ بىنا بېيجىڭ جۇڭگۈەنسۈن مەركىزىي سودا رايونى-جۇڭگۈەنسۈن مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يىل 3-ئايدا رەسمىي پۈتكەن ئىدى. بۇ بىنانى سېلىشقا مىكروسوفت جەمئىي 2 مىليارد يۈەن خەجلىگەن (بىلىشىمچە ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار 500 مىليون يۈەن بىلەن پۈتكەن ئىكەن).


(سولدىن-ئوڭغا: بىل.گېيتس، ستىۋى.بالمېر)
ستىۋى.باللمېر مۇنداق دېدى، «جۇڭگو ۋە ئامېرىكىدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاساسەن تەڭلىشىدۇ، ئەمما، جۇڭگودىن كەلگەن تىجارەت كىرىمى مىكروسوفت ئومۇمىي تىجارەت كىرىمىنىڭ %5 نى ئىگىلەيدۇ يەنى بۇ تەخمىنەن 2 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىدۇ»-دېدى، ئاندىن يەنە مىكروسوفتتىكى خادىملارغا سۆز قىلغاندا، «جۇڭگودا مۇنداق بىر ئورتاق كۆز قاراش بار، جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار ساختا يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشىمىزدىكى سەۋەب ھەقىقىي يۇمشاق دېتالنىڭ بەك قىممەت بولغانلىقىدا دېيىشىدۇ، ئەمما، مەن بۇ كۆز قاراشقا قوشۇلمايمەن. مەن ھەرگىزمۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ كومپيۇتېر سېتىۋېلىشىغا قۇربى يەتمەيدۇ دېمەكچى ئەمەسمەن، ئەمما، كومپيۇتېر سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتكەنلەرنىڭ يۇمشاق دېتال سېتىۋېلىشقىمۇ قۇربى يېتىدۇ دېمەكچى، ئەمما»-دېدى.

ستىۋى.باللمېرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا جۇڭگودا بىر كومپيۇتېر سېتىلسا، مىكروسوفتنىڭ تىجارەت كىرىمى ھىندىستاندىن قىلىدىغان كىرىمنىڭ ئالتىدىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىكەن، جۇڭگودىن كېلىدىغان كىرىمى نوپۇسى 17 مىليونغىمۇ يەتمەيدىغان گوللاندىيەدىنمۇ ئاز ئىكەن. گەرچە، ئالدىنقى يىلى جۇڭگودا كومپيۇتېرنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئامېرىكا بىلەن تەڭلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما، تىجارەت كىرىمى ئامېرىكىنىڭ ئاران يىگىرمىدىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
46 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ھازىر پائالىيەت مەزگىلى بولغاچقا، كومپىيۇتىر سىستىمىسىنى ھەقسىز ۋىندوۋىس 10 غا كۆتىرىپ ئىشلىتىۋاتىمەن، سىلەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىشڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:41
  • ھازىر كومپىيۇتىرنى ۋىندوۋىس 10 نۇسقىسىغا ھەقسىز كۆتىرىپ ئىشلىتىۋاتىمەن، شۇنداق نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:39
  • ئالىم ئاكام نىمىدىگەن بەخىتلىك ھە، ئادەم دىگەن ئەنە شۇنداق دۇنيادا ئەھمىيەتلىك ياشىسا ئاندىن ھەقىقى بەخىتلىك بولغان بۇلىدۇ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى am 04:44
  • مەنمۇ 5يۇەنلىك دېسكىنى ئشلىتىمەن ،سەۋەبىم راس بىلىەن يالغاننىڭ پەرقىنى بىلمىگىنىمدىن ئىگەردە بىرەرسى چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسا مەنمۇ رانى ئشلىتىشىم مومكىن مەنمۇ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھورمەت قىلىدىغان ئادەم.ماڭا چۇشەندۇرۇشنى خالايدىغىن ئادەم بارمىدۇ.؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 12:29
  • بەش ساوملۇق دىسكىلار كۆندۈرىۋەتتىغۇ بىزنى. نەچچە مىڭ سومغا كومپيۇتېر سېتىۋالغان يەردە، نەچچە يۈز سوم خەجلەپ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالغانمۇ بەك ياخشى ئىشتى. بارا-بارا بۇ ئىشلارمۇ تۈگەپ قالر

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:15
  • بۇ بىر ئىلىم قەھەتچلىكى بولسا كېرەك.
    كومپيوتېر ئەمەس ھېسابلىغۇچنىمۇ كەشىپ قىلىپ باقمىغانلار خەقنىڭ تېخنكسىنى ئاز -تولا ئىگەللىۋىلىپلا ئۇلارنىڭ ساختسىنى ياساپ، كومپيوتېر سەپلىملىرنى ساختلاشتۇرۇپ ئۆزلىرنى ئالداپ يۈرمەكتە. تېخى بۇنى ئەقىلنىڭ كۈچى دەپ قارايدۇ. مۇشۇنداق مەدەنىي بىر دەۋردە دۇنيادىكى ئوبرازغا ھىندىستانچىلىك دىققەت قىلالماپتۇق. ھالبۇكى قىلۋاتقان ئىشلىرىمىزنى 2مىلىيارت يۈەن خەجلەپ جۇڭگۇ بازىرىنى ئاچىمەن دەپ پىلان تۈزگەن مىكروسوفتمۇ بۇ ئىشلاردىن ئوبدان خەۋردار ئىكەن.

    يۈزۈمىزگىمۇ ئوبدان ساپتۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا كىم بۇنداق رايون بىلەن ھەققىي ھەمكارلىشىدۇ. تېخنكىدا يېڭلىق يارىتىش سەۋىيسى جۇڭگۇنىڭ سىرتقا چىقارغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ كەتمىگەن ئەھۋالدا قول قولنى يۇسا قول كېلىپ يۈزنى يۇيار.دېگەن ماقالىنى ئەستىن چىقارمسلىقى كېرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:28
  • بۇ تېمىدىكى ئاساسىي مەسىلە كومپيۇتېر سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتكەن كىشىلەرنىڭ يۇمشاق دېتال سېتىۋېلىشنى خالاش-خالىماسلىق مەسىلىسىدۇر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:09
  • جۇڭگۇساختا نەرسىلەرنى ئىشلەشكە قارشى تۇردىيۇ يەنە ئۆزى ئىشلەيدۇ.ھەم كۆنۈپ كەتكەن.مەسلەن:ئايفوننىڭ لى فونسىنى چىقاردى.ئايپەدنىڭ لى پەدنى چىقاردى. بۇنىڭغا نىمە دەيسىلەر؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 14:31
  • ساختا نەشىردىكى windows7نىڭ بىر ھەقىقىي ھېكايىسىنى دەپ بېرەي.
    بىر دوستۇم بىر قوراشتۇرغان قول كومپيۇتېرنى توردىن سېتۋلغان ئىدى.win7قاچلىنىپتىكەن، 15 ئىچىدە توردىن نۇرغۇنلىغان ماتىرياللارنى چۈشۈرگەن ئىدى ، ئۆتكەندە نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ دەپ خەت چىقىپتىكەن ‹كېنىنكى قەدەم› دېگەننى بېسىۋېرىپتۇ،بىر چاغدا ساقلاڭ……….
    ئىككى سائەت ساقلىسا يەنە شۇنداق،بىر قايتا قوزغىلىپتىكەن ئىچىدىكى بارلىق دېسكىلاريىغلىپ بىر دېسكا بۇلۇپ قاپتۇ. ھېچنېمە يوق،دەرھال مېنى ئىزدەپ ئەھۋالىنى ئېيىتتى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرسەڭ دپ تۇرۋالدى مەن ئامال قىلغىلى بولمايدۇ توردىن سەۋەبىنى ئىزدەپ باق دېسەم كېتىۋىدى بىر كۈنى دەيدۇ،ئەسلى مەن قاچىلغان win7ساختا نەشىر ئىكەن،نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە ساختا بولسا شۇنداق بولۇپ قالدىكەن دەيدۇ. يەنە بىر قانچە كۈندىن كېيىن win7نى ھەقسىز قىلدىغان ،ئاكتىپلايدىغان بىر دېتالنى تاپقانلىقىنى ماڭا سۆزلەپ بەردى…………
    ھازىرغىچە نورمال ئىشلەۋاتىدۇ،نۇرغۇن ئۇيغۇرلار پۇلغا يۇمشاق دېتال سېستۋېلىشنى خالىمايمىز.
    مەنچە كومپيۇتېر ماشنىغا،دېتال ئىچگە قاچلانغان مايغا ئوخشايدۇ،ماشنا ياخشى بولسىمۇ،ماينىڭ ناچىرنى قاچىلاپ ماڭسا،ماشىنى ئاسان بۇزىدۇ،يولدا قۇيىدۇ،ئېغىر بولغاندا قاتناش ۋەقەسى كېلىپ چىقىدۇ. كومپيۇتېر ۋە يومشاق دېتالمۇ ئوخشاش.لېكىن بىز جۇڭگۇلىقلار ئەرزان،ساختا نەرسىلەرگە ئامراق شۇڭا ئىقدىسادىمىز تەرققىي تېز قىلمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 17:25
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ھەققى نەشىردىكى سىسىتىمىنى ئىشلىتىشكە بەك قىزىقىمەن ،لىكن مەن ئوقۇغۇچى ئەمەس مەنمۇ بىر تال ۋىندۇۋس ئىكىس پى سىستىمىسىنى سىتىۋالسام ئەڭ مۇقىم ئىشلەيدىغان نۇسخىسىنى ۋىندوۋىس 7 نى ئەمەس قانچە يۇەنگە ئالالايمەن.ماڭا ۋاكالىتەن ئەۋەتىپ بىرەمسىز مىنڭ تىل سەۋىيەم تۆۋەن بولغاچ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى am 11:44
    • ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام. ۋىندوۋس ئېكسپىي نى ئورگان تەرەپنىڭ دۇكىنىدىن مەنمۇ تاپالمىغانتىم. (ئەمما سېتىشنى توختاتتىمۇ بىلمەيمەن) ۋىندوس يەتتىنى مىكروسوفت باش بېتىدىن ئائىلە نۇسخىسىنى 350سوم ئەتراپىدا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. سىز سېتىۋالىدىغىنىڭىز ئاچقۇچ نۇمۇرى. سېستىمىنىڭ ئۆزىنى مىكرو سوفت باش بەتتىن چۈشۈرىسىز.  

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 19:46
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ھەققى نەشىردىكى سىسىتىمىنى ئىشلىتىشكە بەك قىزىقىمەن ،لىكن مەن ئوقۇغۇچى ئەمەس مەنمۇ بىر تال ۋىندۇۋس ئىكىس پى سىستىمىسىنى سىتىۋالسام ئەڭ مۇقىم ئىشلەيدىغان نۇسخىسىنى قانچە يۇەنگە ئالالايمەن.ماڭا ۋاكالىتەن ئەۋەتىپ بىرەمسىز مىنڭ تىل سەۋىيەم تۆۋەن بولغاچ…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى am 11:40
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    تۆۋەندىكى ئادىرىستا ئورگان تورىدىن office 专业版 نى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 149 يۈەن ستىۋېتىپتۇ…بۇ ئېتىبار سېتىش ۋاقىتلىقلا ئىكەن…
    http://ms.shop.edu.cn/product?p=office

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:08
  • توغرا،،،
    يۇمشاق دېتالنى سېتىۋېلىش – ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلغانلىق
    يۇمشاق دېتالنى سېتىۋېلىش- ئۇلارنى قوللىغانلىق.
    ئۇيغۇر يۇمشاق دېتاللىرىنى قوللايلى، ئىجاتكارلىرىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:51
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    مەن بىر سۇئال سورىۋالاي…
    مەن ئالدىنقى مەۋسۇمدا ۋىندوۋس7 نىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن چىقارغان ئىتىبار بېرىش پائالىيىتى مەزگىلىدە 200 سومغا سېتىۋالغان. ئەمما office يوق. شۇڭا جىنشەن wps نى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان. بۇ مەۋسۇم مەكتەپ مىكروسوفت بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىزگە 50 يۇەنگىلا ۋىندوۋس7 بىلەن office نى سېتىپ بېرىدىكەن. office نىلا دەپ سېتىۋالسام، بۇرۇنقى ۋىندوۋس7 ئىشلىتىلمەي قالىدىكەن.
    سورىماقچى بولغىنىم، بۇرۇنقى ۋىندوۋس7 نى باشقا كومپيۇتېر ئىشلىتەلەمدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى am 10:39
    • مېنىڭچە ئىشلىتەلمەيسىز، چۈنكى خاتالاشمىسام 200 يۈەنلىك Windows نى بىرلا كومپيۇتېردا ئىشلىتىدۇ دەپ بەلگىلىمە بار، تەپسىلاتىنى ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن كۆرۈڭ.
      ناۋادا، 50 يۈەنگە Windows ۋە Office نى بەرسە ئىككىلەنمەي سېتىۋېلىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 13:00
باھا بېتى: 1 2