Build 2015 يىغىنىدا مىكروسوفتنىڭ يېڭى نىيىتى ئاشكارلاندى.
[ IT خەۋەرلىرى ]ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە، مىكروسوفت قۇرۇلۇش يىغىنى (Build 2015) ئامېرىكا سان فىرانسىسكودا ئېچىلدى.
مۇنداق يېڭىلىقلار بار ئىكەن: مىكروسوفت Windows 10 نى ئېلان قىلغان 2-3 يىل ئىچىدە 1 مىليارد ئۈسكۈنىنى قوزغىتىشنى پىلانلاپتۇ. IE نىڭ ئورنىنى ئالىدىغان تور كۆرگۈچنىڭ نامى Microsoft Edge غا بېكىتىلىپتۇ. Android ۋە iOS ئەپلىرىنى Windows 10 غا ئاسانلا يۆتكەشكە بولىدىكەن. Office قا Uber قوشۇۋېلىپ تاكسى چاقىرىش قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپتۇ. Windows 10 تېلېفون نەشرىنىڭ Continuum ئىقتىدارى تېلېفوننى كومپيۇتېرغا ئۆزگەرتىشكە بولىدىكەن. پۈتۈنلەي يېڭى Visual Studio Code تەھرىرلىگۈچ Windows، Mac ۋە Linux ئۈچ چوڭ سۇپىنى قوللايدىغان بولۇپتۇ.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,445 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 04-ئاينىڭ 30-كۈنى am 8:41
- ئالدىنقى يازما :Is Racism a lasting Element of American World?
- كېيىنكى يازما :THE FOUR Fundamental Exercises THAT Make up THE Control Course of action; As Well As How THEY ARE RELATED TO One Other
تېخىمۇ كۆپ
ئالىم مۇئەللىم Windows 10 ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق كۆرىستەمدۇ؟
بۇرۇنقىدەك نورمال
مەن ئىزچىك دىققەت قىلىپ كىلۋاتىمەن مۇمكىن بولسا تىزراق ئېلان قىلىنسا دىگەن ئۇمۇتتىمەن
ئىزچىل دىققەت قىلىپ كىلۋاتىمەن
باشقا سېستىمدىكى ئەپلەرنى يۆتكەش،باشقا ھەممە چوڭ سۇپىلارنى قوللاش بۇ بەك دەھشەت ئىش بوپتۇ.
ئەمدى ie نىڭ ئورنىنى mg ئالىدىغان بوپتۇ دە؟!
بۇ توركۆرگۈنىڭ ئىقتىدارى زادى قانچىلىكتۇ؟
Windows 10 ئىلان قىلىنغاندا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى دەرھال ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چىقىرىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى Windows 10 نىڭ تىلفۇن نۇسخىسىغىمۇ ماس كىلەمدىغاندۇ؟ مەن مۇشۇ مەسىلىگە ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتىمەن. Windows 10 سېستىمىلىق تىلفۇن چىققاندا تىلفۇن ئالىمەن دەپ ھازىرغىچە كونا تىلفۇنۇمنى ئىشلىتىۋاتىمەن. ۋاقتى كەلگەندە پۈتۈن كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدىغان Windows 10 سېستىمىلىق تىلفۇنلارنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا ئوموملىششىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم.
بۈگۈن تور ئارلاۋىتىپ، 360 شىركىتىنىڭ مىكروسوفىت بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى، Windows 10 ئىلان قىلىنغان ھامان 360 شىركىتى Windows 10 نى ھەقسىز تەمىنلەيدىغانلىقىنى يىزىپتۇ. ئادىرسى مانا:
http://360.cn/huodong/win10/index.html
blackberryنىڭ يېڭى چىققان يانفۇنلىرىمۇ Android ئەپلىرىنى بىۋاستە blackberry گە قاچىلەپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ چىققان ئىدى ، لىكىن مۇۋەپىقىيەت قازىنالمىغان ، Windows شىركىتى blackberryنىڭ باشقان يولىنى باسماقچى بولاۋېتىپتۇ ، بەلكىم ئۇلارنىڭ تەييارلىقى پۇختىدۇ ، لىكىن ….
ئۇلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن !
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم . تورداشلار ۋە ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىزلەر . Windows10 ئىلان قىلىندىمۇ ياكى ئىلان قىلىنمىدىمۇ .؟
بۇ يىل يازدا ئېلان قىلىنىدۇ
Windows 10 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىلان قىلىنغاندا ، ئۇ تىل بولىقى Windows 10 نىڭ تىلفۇن نۇسخىسىغىمۇ ماس كىلەمدۇ؟ چۈشەنچە بىرىلسە بوپتىكەن. رەھمەت.
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ،مۇشۇ mac os X نۇسخىسىدىكى wordقا ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقتىكى دوكمىنىتلارنى تەھرىرلەش ئىقتىدارى قۇشۇشنى ئويلاشماپتۇمۇ.مۇ شۇ مەسىلە ھەل بۇلۇپ كەتسە بەك پەيزى ئىش بۇلاتتى.
فىلىمنىڭ ئاۋاز ۋە خېتىنى تەرجىمە قىلىدىغانلار بولسا، فىلىمنى كىرىشتۈرۈپ بېرىشكە مەن تەييار!
چ چ 1149686212
بەك ياخشى بولغۇدەك
ۋاھ نىمانداق ياخشى…
بۇ مىكروسوفت ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن سىن ھۆججىتىنىڭ ئەڭ سۈزۈك نۇسقىسى . چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن :
سىن ھۆججىتىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
http://video.ch9.ms/sessions/build/2015/KEY01.mp4
چۈشۈرۈش بېتى ئادىرىسى :
http://channel9.msdn.com/Events/Build/2015/KEY01
ھازىر ۋىندوۋس 10تېلفۇن سىستىمىسىنىڭ ئاچقۇچىلار نەشرى تارقىتىلدى. ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى يوقكەن، ئەمما ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بار ئىكەن. نۇرغۇن يىڭىلىقلار بار بۇ نەشرىدە. سىستىمىنى ئىككى قېتىم يىڭىلاپ بولدى.