مىكروسوفت ۋە ئۇيغۇرسوفت
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]بېيجىڭدىكى ئىككىنچى ئىشىم مىكروسوفت (جۇڭگو) شىركىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى دوكىلات قىلىش ئىدى. بۈگۈن يەنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى (سەيشەنبە) بېيجىڭ ۋاقتى 5:45 (ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:45)دە ئويغىنىپ كەتتىم. يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تەييارلىغان نەرسىلىرىمنى يەنە بىر تەكشۈرۈپ چىقتىم. ناشتا(نان+ئۇشتا)قىلىپ بولغاندىن كېيىن، رەتلىك كىيىنىپ يولغا چىقتىم، مېھمانخانا ئالدىدىن 695-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، ئولىمپىك باغچىسىدا چۈشۈپ، 8-نومۇرلۇق مېتىروغا ئولتۇرۇپ، 10-نومۇرلۇق مېتىروغا ئالماشتىم، ئاندىن سۇجۇ كوچىسىدا چۈشۈپ، پىيادە مېڭىپ، جۇڭگۇەنسۈنگە جايلاشقان دەنلىڭ كوچىسىدىكى مىكروسوفت ئاسىيا قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىگە كەلدىم.
مەن سەل بالدۇر كەلگەن بولغاچقا، ئۆزۈمچە ئايلىنىپ باقاي دېسەم، خالىغان كىشىنى كىرگۈزمەيدىكەن، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش چىڭ ئىكەن. ئەمما، بىرىنچى قەۋەت زالدا ۋاقىت ئۆتكۈزگەچ، سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى بىرەر قۇر تەكرار قىلىۋالدىم. كۆرۈشىدىغان ۋاقىتقا ئاز قالغاندا، مەن بىرىنچى قەۋەتتە ساقلاۋاتقانلىقىمنى تېلېفونىغا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەر قىلدىم. مەن تېخى بىرەرسىنى پەسكە بۇيرۇپ، مېنى ئۈستىگە ئېلىپ چىقىدۇ- دېسەم، مەن بىلەن كۈرۈشمەكچى بولغان (مىكروسوفت يۇقىرى قاتلامدىكى باشلىق) بۇ كىشى ئۆزى پەسكە چۈشۈپتۇ. ئۇ «مىكروسوفت مۇھىم مېھمان»دېگەن بەلگىنى مەيدەمگە تاقاپ قويدى، ئاندىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ، لىفىتقا چىقتۇق.ئەينەك لىفىتتىن زال ئىچىدە بىليارت ئويناۋاتقان، چېنىقىۋاتقانلارنى كۆرۈشكە بولاتتى، بەزىدە يەنە بۇلۇڭلاردا ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىپ، ئۆز-ئارا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغانلارنىمۇ كۆردۈم. مەن ئىچىمدە بۇلار مۇشۇنداق ئويناپ يۈرۈپ قانداقمۇ پىروگرامما يازىدىغاندۇ-دەپ ئويلۇدۇم. ئەمما، بۇ يەرگە جۇڭگودىكى ئەڭ تاللانغان خادىملارنىڭ توپلانغانلىقى ئېنىق ئىدى. ھەر بىر ئىشىكلەردىن كارتا سىيرىپ ئۆتتۇق. ئەڭ ئاخىرقى ئىشىكتە يەنە بارماق تەكشۈرۈش بار ئىكەن. شۇنداق قىلىپ مىكروسوفت (جۇڭگو) شىركىتىدىكى بۇ كىشىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.
ئىشخانا ئىنتايىن ئاددىي، لېكىن رەتلىك ئىدى. بىز ئىنتايىن قىزغىن سۆھبەتلەشتۇق. مىكروسوفت (جۇڭگو) شىركىتى مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگودا يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، Windows 7 دىكى ئۇيغۇرچىغا ئائىت بارلىق مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ، ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم ۋە بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇردۇق. مىكروسوفتنىڭ يېقىنقى خىزمەتلىرىمىزدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، يۈز تۇرانە پاراڭلىشىش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى تېخنىكا ئاساسىمىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك، ئۆز-ئارا پىكىر-ئالماشتۇرۇش جەھەتتىمۇ ھېچقانداق توسالغۇ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا، يەنە «ئۇيغۇرسوفت» ماركىسىنىڭ جايىدا قۇيۇلغانلىقىنى، 2008-يىلى جىنەندە ئېرىشكەن شەرەپتىن ئاللىبۇرۇن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەن خۇددىي مۇشۇ گەپنى دىسەڭ سوۋغات بېرىمەن دېگەندەك ئۇنىڭغا ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىنى سوۋغات قىلدىم ۋە ئۈرۈمچىدىن ئېلىۋالغان بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، ئۈزۈم، چىلان…قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چىقىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى بەردىم. دوپپىنى قايتا-قايتا قۇلىغا ئېلىپ، بەك خۇشال بولۇپ كەتتى.
مەن تېخى 15 كۈن ئىلگىرى، ھەقىقەتەنمۇ مىكروسوفت شىركىتىنى زىيارەت قىلىپ چۈش كۆرگەن ئىدىم، بۇ چۈشۈمنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۈلۈمىدىكى خادىملارغىمۇ ئېيتقان ئىدىم. «توخۇ داڭگال، ئۆچكە جاڭگال» چۈشەپتۇ-دېگەندەك، ئالىم مۇئەللىم چۈشىدە «سوفت»نى چۈشەيدۇ. لېكىن، مەن بۇنچە تېز ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئۇلار خۇددىي مەن كۆرگەن چۈشنى بىلىدىغاندەك مىكروسوفت شىركىتىنى زىيارەت قىلدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇدى. بۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ چوڭ تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇلار بۇ يېڭى بىناغا بىر ئاي ئىلگىرى كۈچۈپ كەپتىكەن. ھەممە نەرسىلەر پۈتۈنلەي يېڭى بولغاچقا، بەزى ئەسلىھەلەر ھەتتا مىكروسوفت (ئامېرىكا) باش شىركىتىدىنمۇ ئىلغارمىش. زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 1-قەۋەتكە چۈشۈپ ئالاھىدە ئۇزۇتۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى سەپىرىمدىكى ئەڭ مۇھىم (ئەلۋەتتە 2 كۈن ئىلگىرىكى يىغىندىنمۇ مۇھىم)، شۇنداقلا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىر ئىش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.
ئەمما باشقا رەسىملەرنى ھازىرچە يوللىماي تۇراي، ئەتە، ئۆگۈن تەكلىپكە بىنائەن يەنە بىر قانچە مۇھىم شىركەتلەرگە بارىمەن. بالدۇر ئارام ئالاي.
- يازما كۆرۈلۈشى: 8,644 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 05-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:07
- ئالدىنقى يازما :10 مۇنەۋۋەر شەخس ۋە بېشىمدىكى دوپپا
- كېيىنكى يازما :يەنىلا قەلەم، قەغەز ئىشەنچىلىكمۇ؟
« مەن خۇددىي مۇشۇ گەپنى دىسەڭ سوۋغات بېرىمەن دېگەندەك ئۇنىڭغا ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىنى سوۋغات قىلدىم» ھا ھا ھا …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، شۇ تاپتا win8 دە خەت يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .مېنىڭ بۇ بىلوگىڭىز بىلەن تونۇشقىلى ئىككى ھەپتىچە بولۇپ قالدى ،سىلەرنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن قىلۋاتقان ئىشلىرىڭلارغا خەلقىڭىز ئاپىرىن ئېيتىدۇ . مېنىڭ پەرىزىمدە ، پىرگىرامما يېزىش بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىدىغانلار جىمغۇر ،تېرىككەك كېلىدۇ دەپ ئويلايتتىم . لېكىن سىز بۇنىڭ ئەكىسىچە تېتىك ، باشقىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ناھايتى ئەركىن ،يۇمۇرىستىك ،قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرىدىكەنسىز ،بۇ تەرىپىڭىز كىشىنى خۇشال قىلىدۇ .
ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم(ئابدۇ) ئالىم ئاكا!
ئىشلىرىڭز ئاخىرغىچە ئۇتۇقلۇق بولغاي!
سىزگە قۇرۇق ‹‹يارايسىز!،خو!،تېرىشىڭ!››دىن كۆرە ،سەپەردىن مەنزىلگە قايتىپ كەلگەندە قۇرۇق ،ھۆل يۇيۇش دۇكىنىمغا كىلىپ كىيىملىرىنىڭىزنى ماڭا بېرىپ كېتىڭ! پاكىز يۇيۇپ،قىلىچنىڭ بىسىدەك قىلىپ دەزماللاپ بېرەي!!
ئازراق بولسىمۇ ۋاقتىڭىز تېجىلىپ يەڭگىللەپ قالارسىز !
مەنزىل:غالىبىيەت يولى دەريا بۇيى (خابا)مەسچىتىنىڭ يېنىدا.
ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىڭ تېمىسىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن 开题 قېلىتىم ، ياكى بولمىسا 开题 رىم بارئىدى دىگەندەك گەپلەرنى تولا دەيدىكەن . مۇشۇ ئاتالغۇنى ئۆز ئانا تىلىمىزدا نىمە دىسەك ياخشى بولدىغانغۇ؟
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! ئالىم ئۇستاز ئۇتۇق سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن.
يارايسىز ئالىمجان ئاكا….
ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىڭىزگە ئالىي ئېھتىرام بولسۇن!
بۇ قېتىمقى سۆھبىتىڭىزنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا كىيىنكى نەشىردىكى Windows 7 دە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچتىكى مەسىلىلەر تامامەن ھەل بولغاندەك قىلامدۇ نىمە؟، ئەلكاتىپنىڭ بىرەر فونتىنى قوشۇدىغان بولدىمۇ يا؟
قوشۇمچە تەكلىپىم: رەسىم ئاپىراتىڭىز يېنىڭىزدىلا تۇرسۇن، سۈرەتكە تارتىپ بلوگىڭىزدا ئېلان قىلىشنى ئۇنۇتماڭ (ئەلۋەتتە ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا)
بۇ سوئاللارغا بىلوگىمدا ئالدىرماي بىر-بىرلەپ تەپسىلىي جاۋاب بېرىمەن.
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن
ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت، يۇلىڭىزنى كەڭ قىلسۇن!
ئۇيغۇرسوفتنىڭ توربېتىگە كۈچەپ باققان بولساڭلار، چۈشۈرۈش بېتى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ دەۋاتقىلى بەك ئۇزۇن كۈنلەر بوپ كەتتى……….
يېقىندا يەنە ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ئىشلىنىۋاتىدۇ،
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ مىكروسوفت بىلن بولغان ھەر بىر ھەمكارلىقى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن بولغاچقىمىكىن مۇشۇ تىمىڭىزنى باشقا مۇنبەردە كۈرۈپ شۇنچە ھاياجانلانغان ھەم خۇشال بولدۇم . سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشىڭىزنى توختىتىپ قويماسلىقىڭىزنى ھەم داۋاملىق ئۇتۇقلارغا ئىگە بولۇشىڭىزنى تىلەيمەن .
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!
بلوگىڭىزنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىدىن خۇشالمەن،مەندە بىر ئۇيغۇربەگ تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ئۇسلۇب بار ئىدى، قارا رەڭنى ئاساس قىلغان خالىسىڭىز بلوگىڭىزغا ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،
تەييار ئۇيغۇرچە ئۇسلوب بولسا، تەمىنلەپ بەرسەڭلار تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئېلخەت ئادىرسىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ مەن ئەۋەتىپ بېرەي
ئۇسلۇب دېسىڭىز بەگلىكتىكى ئاتامانلار سىز ئۈچۈن تەييار تۇرىمىزغۇ(ئاقسالىق بىلەن كۈلۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)
يېقىندىن بېرى gmail تازا راۋان ئەمەس، ماۋۇ ئادرېسقا ئەۋەتىڭ.
xjalimu@sina.com
ھەقسىز ئۇسلۇپلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەدە :http://www.prestan.net/
مۇئەللىم سىز ھەقىقەتەنمۇ يىتىشلك ئىكەنسىز . ھاردۇق يەتمىسۇن!ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمىز،بىز سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز بولغانلىقمىزدىن پەخىرلىنىمىز!
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
مەن بۇ بىلوگىنىڭ يىڭى كونا ئىشتىراكچىلىرىغا ۋاكالىتەن بىلوگىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن.