ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يىغىنى ئېچىلدى
[ IT خەۋەرلىرى ]2011-يىل 22-دېكابىر (پەيشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتوتى يىغىن زالىدا، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىللىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى بولغان دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاخىرقى قېتىم قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو ئېلېكتىرون تېخنىكىسى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات ئورگىنىدىكى تەتقىقاتچىلار، ش ئۇ ئا ر ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر كومىتېتىدىكى رەھبەرلەر، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىلى مۇتەخەسىسلىرى، تىلشۇناسلار، تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزلىرى قاتناشتى.
(بۇ يان تېلېفونۇمدا تارتىلغان رەسىم بولغاچقا، مېنىڭ ئورنۇم بوش چىقىپ قاپتۇ، بۇ ئەقلىي تېلېفون SAMSUNG i9100 ئىدى)
بۇ دۆلەت ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك:
1. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى
2. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يان تېلېفون كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى
3. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يۇمشاق (چەكمە) كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى
4. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۇچۇر تېخنىكا ئاتالغۇ ئۆلچىمى
5. چاغاتاي تىلى ھەرپ-بەلگىلەر كود ئۆلچىمى
6. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان بەت تىزىش قائىدىسى
7. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە شەكىل ئۆزگەرتىش ۋە كونتىرول بەلگىسى قائىدىسى
ھەممە ئۆلچەملەردە ئاساسىي جەھەتتىن پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىندى، پەقەت ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ئۆلچىمىدە يەنىلا «يۇمشاق دېتال»، «يۇمشاق بۆلەك»، «يۇمشاق ماتېرىيال»، «يۇمتال» دېگەن ئاتالغۇلار ۋە «كۆڭۈلدىكى قىممەت»، «سۈكۈت قىممىتى» قاتارلىق ئاتالغۇلار قىزغىن بەس مۇنازىرە قوزغىدى، «يان تېلېفون» (يانفون ئەمەس) ئاتالغۇسىنىڭ قېلىپلاشقانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى. باشقا ئاتالغۇلار يەنىلا 3-ئايدىكى يىغىن بويىچە بولدى.
http://bbs.bilik.co/thread-23772-1-1.html
ئەلۋەتتە، مېنىڭ پىكىرىم يەنىلا شۇ «يۇمشاق دېتال» ۋە «سۈكۈت» ئىدى، مەن ئۆز پىكىرىمنى ساقلاپ قالدىم، لېكىن، باشقىلار قوشۇلمىدى.
software يەنى 软件 نى قانداق دېسەك مۇۋاپىق؟
1. يۇمشاق ماتېرىيال
2. يۇمشاق دېتال
3. يۇمشاق بۆلەك
ئىزاھات: يۇمتال ئاتالغۇسى ھازىرقى بار بولغان قائىدىگە چۈشمىگەنلىكتىن مۇۋاپىق دەپ قارالمىدى. شۇڭا، يۇقىرىقى نامزاتقا كىرەلمەيدۇ.
default يەنى 默认 نى قانداق دېسەك مۇۋاپىق؟
1. كۆڭۈل
2. كۆڭۈلدىكى
3. سۈكۈت
ئەسكەرتىش: بۇ يەردە پىكىر ھاسىل قىلىنغان بىلەن ئاخىرقى قارارنى يەنىلا تىل-يېزىق كومىتېتى ئاتالغۇ ئىشخانىسى قاراپ چىقىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە چۈشكەن ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويالايمەن. كۆپچىلىككە رەھمەت!
- يازما كۆرۈلۈشى: 12,707 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 15:13
- ئالدىنقى يازما :زادى «تور كۆرگۈ»مۇ ياكى «تور كۆرگۈچ»مۇ؟
- كېيىنكى يازما :音频 ۋە 视频 ئاتالغۇسى ھەققىدە
默认 دېگەن ئاتالغۇنى «شۈك» دەپ ئاتىساق قانداق بولا. 默认值 دېگەننى « شۈك قىممەت».
بىر كۈنى بىر تونۇشۇم ئايپەدنى كۆتۈرۈپ مېنى ئىزدەپ كەپتۇ. مۇشۇنى بىر تەڭشەپ بەرسىڭىز دەپ. بەزى يەرلىرىنى تەڭشىگەندە، ئۇ تونۇشۇم، بۇ يەرگە چېقىلمايلى، شۈك تۇرسۇن دېدى. تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، مۇشۇ 默认 دېگەن ئاتالغۇنى شۈك دەپ ئالساق قانداق بولا دەپ… سىلەرچىچۇ؟
مۇشۇنداق گەپلەرنى بالدۇر دېسەڭلارچۇ؟ يىغىندا ئوتتۇرغا قويۇپ باقار ئىدۇق.
ھە ياخشى ئويلاپسىز، بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق ئشىلەتسەكمۇ بولغىدەك. يىغىندىكىلەر يوقنى تاپماي ،بارنى بۇزۇپ ئولتۇرىدىكەن.ئەگەر ئالىم مۇئەللىم سىز باش بولۇپ تەشۋىق قىلسىڭزلار باشقىلارمۇ شۇنداق ئىشلەتكەن بولاتتى.
ھە راست.كۆزنەك 8.1 نى ئىلان قىلمىدىغۇ تىخى ،شۇڭا مۇشۇنداق ياخشى سۆزلەر تىپىلغاندا پۇسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزكەرتىدىغان جايلارنى ئۆزگەرتىۋالساق(ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلسا دېمەكچى مەن).
默认 دېگەننى سۈكۈت دېسەكمۇ, كۆڭۈلدىكى دېسەكمۇ بولماس. بۇ سۆز ئادەتتە بىز ھېچقانداق بىر تەڭشەش ئېلىپ بارمىساقمۇ پىروگىرامما ئۆزى تاللاپ تەڭشىلىدىغان ھالەت، ھەم بىز ئۆزگەرتىپ بولۇپ، باشتىكى ھالەتكە يەنى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئىشلىتىمىز. پىروگىراممىرلارمۇ شۇ بۇيرۇققا ئادەتتە نۇرمال ھالەتتە تەڭشىلىدىغان ئەھۋالنى تەڭشەك قىلىپ لايىھەلەيدۇ. شۇڭا نورمال ھالەت دېسەك ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
يۇمشاق دىتال دىگەن ئاتالغۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ پەقەتلام ھاجىتى يوق ، لىكىن سۈكۈت بەك تومتاق ،ئۇنداق ئويلىساقمۇ مۇنداق ئويلىساقمۇ ئەسلى مەشغۇلاتنىڭ نىملىكىنى پەقەت ئەكىس ئەتتۈرەلمىگەن ، بىز شۇ تەرجىمە قىلساقلام بولامدۇ ؟ ھەرقانداق بىر ئىلىكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىققاندىكى ئەسلى تەڭشىكىنى ،تەڭشىمىگەندىكى ھالىتىغۇ ، سۇكۈت بۇ راسلام پەقەت مۇۋاپىق ئەمەس . ئويلىنايلى ئەسلى ھالىتىنى كۆرسىتىدىغان ئىشنى ، سۈكۈت دىسە قانداق بولىدۇ ؟
默认 ، تور كۆرگۈچ ياكى باشقا دىتاللارنى تەڭشەيدىغان ۋاقىتتا 设为默认模式 دىيىلىدۇ ، يەنى ئەسلىدىكى تەڭشەك ھالتىگە قايتۇرۇش دىگەنلىك ، شۇڭا مېنىڭچە ئەسلىدىكى ھالات دىسەك بولغۇدەك .
يۇمشاق دىـتال،سۈكۈت
software يەنى 软件 نى يۇمشاق دېتال
default يەنى 默认 نى : كۆڭۈلدىكى
‹ئەسلى›
软件يۈمشاق دېتال ۋە 默认 بىكىتىلگەن ھالەت دىگەن تەكلىپنى بېرىمەن .
بۇ ئۆزەمنىڭ چۈشۈنچىسى ، ئويلىغانلارنى مۇلاھىزە قىلىپ ئولتۇرمىدىم ، 软件 دىگەنگە ‹ بوش دېتال › دەپ تەكلىپ بەرگەننى كۈرۈپ ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بۇلۇپ قالدى ، ‹ يۇمشاق دېتال › دىگەنگە ئاساسى قاتلامدىكى دېھقانلاردىن تارتىپ مەركىزى رايۇنغىچە بولغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر قۇبۇل قىلىپ بولدى ‹ يۇمشاق دېتال › ئۇيغۇر تىلى گىراماتكىسىغا ھىچقانداق ماس كەلمەيدىغان يەرلىرى يوق تۇرۇپ يەنە ‹ يۇمشاق دېتال › دىگەن ئاتالغۇغا باشقىچە ئىزاھات بىرىپ باشقىچە ئاتالغۇ تېپىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، جېق سۆزلەپ قويدۇم .
ھەممە ئادەم يانفۇن ياكى يانفون دەۋاتسا بۇنى مەجبۇرىيلا يان تېلفۇن دەپ ئۆزگەرتكىنى نىمىسى ،ھەي جۇڭگۇچىلىق …
يەنە ئېقى قەغەز, قارىسى سىياھ ،قىزىلى تامغا بىر ئۆلچەم بۇلۇپ قالغۇدەك بۇ !!!!!!!!؟؟؟؟؟؟؟؟
ھەممە ئادەم خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ «ياۋسەنبا سەنچى باياۋ، جۇجۇلىڭسەن، سىگې ۋۇ»دەۋېرىدۇ، ھەممە ئادەم «زۇلاۋاتقان(ئىجارە ئالغان) ئۆينىڭ فاڭدۇڭى(ئۆي ئىگىسى) ئۆينى جۇاڭشۇ قىلىشقا ئۇنىمىدى» دەۋېرىدۇ. ۋاقىت ئۆتسە مۇشۇ سۆزلەرمۇ ھەممە ئادەم چۈشىنىدىكەن، ئومۇملاشتى دەپ قاراپ لۇغەتكە كىرىپ كېتىدۇ.
بۇ يەردىكى مەسىلە گىرامماتىكا(تىلقۇرۇلمىسى)نىڭ مۇنتىزىملىق مەسىلىسى، توغرا-خاتالىق مەسىلىسى.
1. يۇمشاق دېتال
2. كۆنۈك قىممەت