ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يىغىنى ئېچىلدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يىغىنى ئېچىلدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

2011-يىل 22-دېكابىر (پەيشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتوتى يىغىن زالىدا، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىللىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى بولغان دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاخىرقى قېتىم قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو ئېلېكتىرون تېخنىكىسى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات ئورگىنىدىكى تەتقىقاتچىلار، ش ئۇ ئا ر ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر كومىتېتىدىكى رەھبەرلەر، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىلى مۇتەخەسىسلىرى، تىلشۇناسلار، تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزلىرى قاتناشتى.


(بۇ يان تېلېفونۇمدا تارتىلغان رەسىم بولغاچقا، مېنىڭ ئورنۇم بوش چىقىپ قاپتۇ، بۇ ئەقلىي تېلېفون SAMSUNG i9100 ئىدى)
بۇ دۆلەت ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك:

1. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى
2. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يان تېلېفون كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى
3. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يۇمشاق (چەكمە) كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى
4. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۇچۇر تېخنىكا ئاتالغۇ ئۆلچىمى
5. چاغاتاي تىلى ھەرپ-بەلگىلەر كود ئۆلچىمى
6. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان بەت تىزىش قائىدىسى
7. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە شەكىل ئۆزگەرتىش ۋە كونتىرول بەلگىسى قائىدىسى

ھەممە ئۆلچەملەردە ئاساسىي جەھەتتىن پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىندى، پەقەت ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ئۆلچىمىدە يەنىلا «يۇمشاق دېتال»، «يۇمشاق بۆلەك»، «يۇمشاق ماتېرىيال»، «يۇمتال» دېگەن ئاتالغۇلار ۋە «كۆڭۈلدىكى قىممەت»، «سۈكۈت قىممىتى» قاتارلىق ئاتالغۇلار قىزغىن بەس مۇنازىرە قوزغىدى، «يان تېلېفون» (يانفون ئەمەس) ئاتالغۇسىنىڭ قېلىپلاشقانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى. باشقا ئاتالغۇلار يەنىلا 3-ئايدىكى يىغىن بويىچە بولدى.
http://bbs.bilik.co/thread-23772-1-1.html

ئەلۋەتتە، مېنىڭ پىكىرىم يەنىلا شۇ «يۇمشاق دېتال» ۋە «سۈكۈت» ئىدى، مەن ئۆز پىكىرىمنى ساقلاپ قالدىم، لېكىن، باشقىلار قوشۇلمىدى.

software يەنى 软件 نى قانداق دېسەك مۇۋاپىق؟
1. يۇمشاق ماتېرىيال
2. يۇمشاق دېتال
3. يۇمشاق بۆلەك

ئىزاھات: يۇمتال ئاتالغۇسى ھازىرقى بار بولغان قائىدىگە چۈشمىگەنلىكتىن مۇۋاپىق دەپ قارالمىدى. شۇڭا، يۇقىرىقى نامزاتقا كىرەلمەيدۇ.

default يەنى 默认 نى قانداق دېسەك مۇۋاپىق؟
1. كۆڭۈل
2. كۆڭۈلدىكى
3. سۈكۈت

ئەسكەرتىش: بۇ يەردە پىكىر ھاسىل قىلىنغان بىلەن ئاخىرقى قارارنى يەنىلا تىل-يېزىق كومىتېتى ئاتالغۇ ئىشخانىسى قاراپ چىقىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە چۈشكەن ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويالايمەن. كۆپچىلىككە رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
50 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئاخىرى قايسى سۆزنى ئىشلىتىدىغان بولدۇق ؟
    يىقىندا HTC ماركىلىق تىلفۇننى ئىشلەتتىم ،ئىچىدە 默认 دىگەن بىر تۈر باركەن ،بۇ تۈرنىڭ ئىچىدە تىلفۇنغا ئالدىن قاچىلانغان ئۇيۇن،يىزىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە باشقا دىتاللار قاچىلانغان ئىكەن ، ئەگەر مۇ شۇ تىلفۇننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق ،默认 نى خەتكە قاراپلا
    كۆڭۈلدىكى قىممەت ،سۈكۈت ،ياكى بولمىسا ئالدىن قىممەت دەپ يازساق پەقەت قاملاشمايدىكەن ،قارىغاندا ئوخشىمغان يەردە ئوخشىمغان سۆز ئىشلەتسەك بۇلىدىكەن .ئەگەر بۇ يەردىكى 默认 نى تەرجىمە قىلىش كەلسە «سەپلەنگەن» دەپ تەرجىمە قىلىشم مۇمكىن ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى am 10:45
  • ئالىپئەر قېرىنداشنىڭ دىگەنلىرىمۇ توغرا ،ئاشۇنداق ساپ تىل بىلەن نام بەرگەن بولساق توغرا بۇلاتتى .«يۇمشاق دىتال »دەيمىز ، بۇنى پەقەت خەنزۇچە ئاساسىمىز بولغاندىلار ئاندىن نىمە مەنە بىلدۇردىغانلىقنى ،نىمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز .بىراق سۆزنىڭ ئۆزىدە تۇرۇپ قارايدىغان بولساق بۇ سۆزدىن ھىچنىمنى چۈشەنمەيمىز .
    ئاتالغۇنى ئۆزگەرتىدىغان يەرگە كەلگەندە چۇقۇم ئۆزگەرتىش كىرەك .ئۆزگەرتمەيمىز دەپ تۇرىۋىلىشقىمۇ بولمايدۇ .
    بىراق ئۆزگەرتىشنىڭمۇ يۇلى بار ،شۇئار توۋلاپلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ ،چۇقۇم بىر ئۆتكۈنچى ھالەتتىن ئۆتىشمىز كېرەك ،يەنى 2 خىل نامنى تەڭ ئىشلىتىش ، كىيىن بارا بارا تىلىمىزغا ،تەپەككۈرىمىزغا ئەڭ يىقىن بولغان ھەم خەلىقلەر تەشەببۇس قىلغان سۆزنى ئېلىپ قىلىش كېرەك .
    يەنە بىر ،لوغەتكە كىرىپ كەتكەن سۆزنى ئۆلچەملىك دەپ ئۆزگەرتمىسەك ئەقىلغا مۇۋاپىق ئەمەس ، لوغەتنىمۇ
    توختىماي يىڭىلاپ تۇرۇش كېرەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:51
  • «سۈكۈت»دىگەن سۆز قانداق قىلىپ 默认 غا ماس كىلىپ قالدى ،ئەقلىم بەك ھەيران .ئىككىسى ئاسمان بىلەن يەردەك پەرىقلىق .
    默认 :心里承认,但不愿用话语表示出来
    سۈكۈت :ھىچقانداق سادا چىقمىغان ،تىنىچ ھالەت.
    ھىچ بولمىغاندا سۈكۈتتە ئىككى خىل مەنە بار ،كۆڭلىدە قۇشۇلماي سۈكۈتتە تۇرۇش ياكى كۆڭلىدە قۇشۇلۇپ سۈكۈتتە تۇرۇش ،ئادەتتە ئالدىنقى مەنىسى تۇلاراق ئىشلىتىلىدۇ.
    شۇڭا 默认 نى سۈكۈت دەم ئىلىش ئىنتايىن خاتا .
    ھەممە پىروگىراممىدا ئۆزى بىۋاستە ئالدىن تۇنۇيدىغان قىممەت كىرگۈزۈلگەن .شۇڭا ئەڭ توغرىسى :ئالدىن،دەسلەپ ،دەسلەپكى ،ئەسلى دەپ ئالسا توغرا بۇلىدۇ.
    默认值 ئالدىن قىممەت .دەسلەپكى قىممەت.
    默认状态 ئالدىن ھالەت ،دەسلەپكى ھالەت.
    كۆڭۈلدىكى قىممەت دىگەن سۆزمۇ تازا جايىدا ئەمەس ….
    كىچىكىپ بولسىمۇ ئويلىغانلىرىمنى يىزىپ قۇياي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:07
    • بۇ default نىڭ ئۆلچەملىك ئېنىقلىمىسى:
      A value that is automatically used by a program when the user does not specify an alternative. Defaults are built into a program when a value or option must be assumed for the program to function.
      ===============
      ئاندىن يەنە ئۆتكەن يىلى بىلىك كۇلۇبىدا قاينىغان ئاتالغۇ ھەققىدىكى تېمىلارغا يەنە بىرەر قۇر قاراپ باقارسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:08
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قېرىنداشلار
    مېنىڭ بىر تەكلىۋىم بار.يۇمشاق دېتال ياكى يۇمتالنى يازىلىم ياكى يېزىلما دېسەك سەۋەبى تۆۋەندىكىچە(مەن بۇنى ئېخەت يازەان ئىدىم سۈرئىتىم ئاستھ بولغاقا ئېخەتتىكى پېتى لاتىنچە يوللىدىم،كەچۈرۈڭلار):
    Türkchide software ni deydu dëgini yëziqlik (Yazighliq) turk tilida gh tawushi teleppuz kilinmay aldidiki tawushni sozush roligha ige bolup kalghan ,türk we özbeklerde qoshumchiliri ge özgergen iken, qoshumchisi bizge oxshahsh ,mesilen toplam,keslem,degendek .
    Yazilim bolsha Yizilma yeni komputerning yezilma detali dëgen menide.shunga Yumshaq dëtal ning ornigha yumtal emes türkchidiki ni yaki uyghurche qilip dësek

    Büyük türkçe Sözlükte mundak izahlighan(tirnaqning ichidikini men örüp qoydum)

    yazılım
    * Bir bilgisayar(kompyuter — )da donanıma(qattiq detal gha) hayat veren(bergen) ve bilgi(bilim,uchur,tonush,me’lumat) işlemde kullanılan programlar, yordamlar, programlama
    dilleri ve belgelemelerin tümü (Software).
    yazılım dizgesi
    * Yazılım sistemi.
    yazılım paketi
    * Genel işuygulamalarına yönelik olarak tasarlanıp hazırlanan yazılım.
    yazılım sistemi
    * Bir bilgisayar sisteminde denetim işlerini gerçekleştirmek amacıyla geliştirilen yazılım.

    دېمەك تۈركلەر كومپيۇتېرنى ‹‹بىلگىسايار››(بىلىكھېسابى) دەپ ساپ ساپ تۈرك تىلىدا ناملىغان بولۇپ ،يۇمشاق دېتالنىمۇ ‹‹يازىلىم›› (يازىلما،يېزىلىما) دەپ ئاتايدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 14:13
    • ناۋادا، 15 يىل بۇرۇن ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسا، مەن ئەلۋەتتە قوللايتىم، ئەمما، ھازىر بۇ پىكىرنى قوللىمايمەن. ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتالغۇنىڭ خالىغانچە ئۆزگىرىشى (ئىملا قائىدىسىنىڭ ئۆزگىرىشى)، 40-50 يىل بۇرۇنقى يېزىق ئۆرگەرتىشتىنمۇ زىيانلىق ئىش.
      60-70 يىل بۇرۇن يېزىق ئۆزگەرگەن بولسا، ئۇنىڭ زېيىنى بەك چوڭ ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇ دەۋردە ساۋاتلىق كىشىلەر بەكمۇ ئاز، نەشر قىلىنغان كىتاب-ژۇرناللارمۇ يوق دېيەرلىك، ئاساسەن قوليازما. لېكىن، ھازىر بىر ئاتالغۇنىڭ ئىملاسى ئۆزگەرگەن بولسا، زېيىنى بەك چوڭ بولىدۇ. ئۇچۇر دۇنياسىدا بىرسى چوقۇم ئەخلەتكە ئايلىنىپ، توردا دۇنياسىدا بىزگە پۇتلا كاشاڭ بولۇپ تۇرىدۇ. بىلىدىغانلارغۇ بىلدى دېسەك، بىلمىگەنلەر يەنە شۇنى ئىشلىتىپ يۈرۈۋېرىدۇ. تىلدىكى قالايمىقانچىلىق تۈگىمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئىككى خىل ئىشلەتكۈچە دەپ، ئورتاق يەنە بىر تىلدىكى ئاتالغۇدا سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. خەلق بۇنىڭغا ئادەتلەنگەن دەپ، شۇنىڭ بۇ لۇغەتكە كىرىپ كېتىدۇ، خۇددىي، زۇڭتۇڭ، ياڭيۇ، بەسەي، باۋئەن،…دېگەندەك.

      شۇڭا، ئىزچىللىشىپ قالغان بىر نەرسىگە ئىمكان بار تەگمەسلىك كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ ئىملاسىنى ئوڭشاپ بولالماي تۇرۇپ، ئىنگلىز تىلىنىڭ ئىملاسىغا پىكىر بېرىپ، مىللەتنىڭ نامىنى ئىككى خىل قىلىپ قويدۇق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 13:49
  • مېنىڭچە «يۇمشاق دېتال » بىلەن «كۆڭۈلدىكى قىممەت» بولسا مۇۋاپىق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 15:19
  • مىنىڭچە يۇمشاق دېتال دىگەن سۆز ئاللىبۇرۇن ئوموملىشىپ بولدى، بۇنى يەنە ئۆزگەرتىش بىھاجەت.
    بىراق default دىگەن سۆزگە كەلسەك، «كۆڭۈلدىكى قىممەت» بولىداغاندەك، لىكىن سەل ئۇزۇن بولۇپ كەتكەندەك بىلىندى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:26
  • مېنىڭچە «يۇمشاق دېتال» بىلەن «كۆڭۈلدىكى قىممەت» بولسا مۇۋاپىقمىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:01
  • يۇمشاق دېتال، سۈكۈت….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:02
  • ھەي……..
    كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بۇلىۋاتىدۇ ماۋۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ…….. يىغلىۋېتەي دېسەم تېخى ئەركىشى بولۇپ قاپتىمەن. يىغلىساقمۇ پايدىسى يوق بەرىبىر……….
    ئالىم مۇئەللىم مۇمكىن بولسا، تورداشلارنىڭ پىكىرىنى ئاشۇ تىل-يېزىق كومېتېتىدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ قويغان بولسىڭىز. ئەجىبا مىكرو بلوگدا تورداشلار بىلەن بىر پىكىرلىشىپ باقسا بولماسمىدى دەيمەن. بۇنداق سۆزلەرنى تولا ئۆزگەرتىپ جىم تۇرغان نەرسىنى بۇزسا، ئۇستام نېمە ئىش قىلىدۇ؟ تىكىپ-سۆكۈپ ئىش قىلىدۇ دېگەندەك ئىشقۇ بۇ.
    ئويلاپ باقايلى ھەتتا بىزنىڭ مۇنەۋۋەر شۇجىرىمىز جاڭچۈنشيەن شۇجىمۇ مىكرو بلوگ ئارقىلىق خەلقنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سېلىپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتمامدۇ. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى رەھبەرلەر مىكرو بلوگ ئارقىلىق ئاممىنىڭ سادىسىغا قۇلاق سېلىۋاتمامدۇ. بۇ تىل-يېزىق كومېتىتىنىڭ خادىملىرى نېمىشقا مىكرو بلوگ ياكى مۇنبەردىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ پىكىرىنى ئالمايدۇ. تىل-يېزىق كومېتېتىنىڭ بلوگى ياكى توربىكىتى يوقمىدۇ. بىز توردا بىر سۆھبەتلىشىپ باقساق ياخشى بۇلاتتىكەن. ئەگەر ئاتالغۇنى ئاشۇنداق يەنە ئۆزگەرتىپ بېكىتىۋەتسە، بىزدىمۇ ئامال يوق شۇڭا ئۆزىمىز بىلىپ بىر ئىش قىلامىز. نېمە ئامال ئەمدى بويسۇنماي بۇلارغا.

    ئەزەلدىن ئومۇملىشىپ بولغان كىشىلەر شۇنداق چۈشىنىۋاتقان، كەسىپلەشكەن ئاتالغۇتىغۇ بۇ يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال دېگەن. نېمە ئۈچۈن يۇمشاق بۆلەك دېگىدەكمىز بۇنى؟؟؟؟؟؟؟؟
    ئاشۇ ئاتالغۇنى بېكىتىدىغانلار بىر چۈشەنچە بېرىپ باقسا ياخشى بۇلاتتى مۇشۇ ئىشقا.
    بۆلەك دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى مەلۇم بىر گەۋدىنىڭ ياكى قۇرۇلمىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز تۇرسا، يۇمشاق دېتال دېگەن بىر پۈتۈن بىناغا ئوخشاش بىر قۇرۇلۇشقا ئوخشاش چوڭ قۇرۇلما تۇرسا، بۇ قۇرۇلما نۇرغۇن بۆلەكلەردىن تۈزىلىدىغان تۇرسا، يەنە نېمە ئۈچۈن يۇمشاق بۆلەك دېگىدەكمىز دەيمەن ؟

    يۇمشاق دېتال تۈزەپ باققان كومپيۇتېر ئىشلىتىپ باققان ئادەملەر دەۋاتامدۇ يا بۇ گەپنى؟ نېمانداق مەسئۇلىيەتسىزلىك بۇ…..

    ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ئۆزمىزنىڭ تىلىدا سۆزلەيلى ! ئىتتىپاق بۇلايلى ! تۇراقلىشىپ كەتكەن سۆزلىرىمىزنى ئومۇملاشتۇرۇپ ساپ ئۇيغۇرتىلىدا پاراڭلىشىش ئۈچۈن تىرىشايلى ۋە يىتەكلەيلى ھەم دەۋەت قىلايلى !
    ھەي… كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ! كەچۈرۈڭلار كۆپچىلىك !
    ھازىرچە مۇشۇنچىلىك سۆزلەي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:46
  • ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم ۋە ئاكىلار . مەن ئەسلى پىكىر ىمنى تۇختۇتاي دىگەن ئەمما قارسەم مايورئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىمۇ مىنىڭ ئويلۇغۇنۇمغا ئۇخشاش ئىكەن .ئادەتتە بۇdefaultدىگەن سۆز بىزگە پىروگىرامما يازغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ . بىزگە نىسبەتەن بۇ سۆزلەر پىروگىرامما تۈزگەندە كۆڭىلدىكى قىممەت دەپ ئېلىۋىرمىز . ئەمما بۇ سۈكۈت دېيىلسە تازا ئەمىليەتچانلىق يۇقتەكلا ،ئشقىلىپ سۈكۈتنىڭمۇ مەيلى ئۆز مەنىسى ياكى كۆچمە مەنىسى قوللىنىلسۇن تازا مۇۋاپىق كەلمەيدىغاندەكلا تۇيۇلدۇ . سۈكۈتنىڭ يەنە جىم تۇرۇۋىلىش ، ئىپادە بىلدۈرمەسلىك دېگەندەك مەنىلەرگىمۇ ئىگە ئىكەنلىكىنى مايورئەپەندى دىگەندەك نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ .defaultمەنچە ئالىم مۇئەللىم ئۈزىدىكى ھەرخىل بىلىملەر ئارقىلىق مۇقۇملاشتۇرسا ياخشىمىكىن دەپ ئويلايمەن . چۈنكى بىزگە قاراغاندا سىز كۆپنى كۆرگەن . ئەيىپكە بۇيرىماڭلار .
    راس ئالىم مۇئەللىم سىلىدىن بىر نەرسىنى سۇراي دىگەن ، ئادەتتە嵌入式قانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزىمىز ؟ قانداق باسقۇچلار ۋە قانداق ماتىرياللار كىتىدۇ ؟ ئەيىپكە بۇيرىمغايلا تىمىدىن سىر سۇئال سۇراپ قۇيدۇم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 18:27
  • مەنمۇ تازا توغرا سۆزلىيەلمەي قاپتىمەن. مۇستەققىل تىل بولىشى ئۈچۈنمۇ مۇھىمى ئاشۇ تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى. مەنمۇ بىۋاستە قوبۇل قىلايلى دېمەكچى ئەمەسمەن. بەزى ئاتالغۇلىرى ئۇيغۇر تىلىغىمۇ بەك يېقىن كېلىدۇ، پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
    يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بىر گېپى يادىمغا يەتتى، ئۇ دەيدۇكى:«مەن ئەسەر يېزىۋاتقاندا ئاتالغۇ تاپالمىسام باشقا قېرىنداش تىللارنىڭ لۇغەتلىرىنى كۆرۈپ باقىمەن(ئەلۋەتتە، تۈركىي تىللار دىۋانىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە).»

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:29
  • default — باشلانچ قىممەت، دەسلەپكى قىممەت، بۇلارنىمۇ ئويلۇشۇپ بېقىڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:21
  • يۇمشاق دېتال، سۈكۈت، تامام.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 13:15
  • يۇقۇرقى ئىنكاستا بىر گەپنى خاتا قىلىپتىمەن. بىزنىڭ ئويلايدىغىنمىز ھەرگىزمۇ «默认 » غا بەدەل قىلىدىغان ياخشى سۆز ئىزدەش بولماسلىقى كېرەك، بولمىسا بىز خەنزۇ تىلىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايمىز. بىزنىڭ ئويلايدىغىنىمىز « 默认» بىجىرگەن ۋەزىپىگە قاراپ ئۇيغۇرچە يېڭى سۆز ياساش بولىشى كېرەك.
    ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ياسىدىم دەيدۇ، ئەمما، كۆپىنچىلىرى خەنزۇچىدىن ياكى باشقا تىللارنىڭ سۆز تەرجىمىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئاتالغۇ ياسىغاندا، شۇ ڭا بىز بۇنداق قاتمال پوزىتسىيەدە بولماي، ئۆز ئانا تىلمىزغا ماسلاشتۇرىشىمىز كېرەك.
    بىر مىسال ئالسام، «二手» دېگەن سۆزنى بەزى كىشىلەر « ئىككىنچى قول» دەيدىكەن، ( مەسىلەن، ئىككىنچى قول تېلېفۇن، ئىككىنچى ىول ئۆي، ئىككىنچى قول ماشىنا…). بۇ ئېنىقتىن ئېنىق سۆز تەرجىمىسى دېگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىلدا نەدە «ئىككىنچى قول» دېگەن گەپ بار؟ ئەگەر « بەزى ماللارنى باشقىلار بىرىنچى قېتىم ئىشلەتكەن، بىز ئىككىنچى قېتىم ئىشلىتىۋاتىمىز. بۇ مالغا نىسپەتەن بىزنىڭ قولىمىز ئىككىنچى قول» دەپ چۈشەندۈرسە، بۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ ناھايىتى كۈلكىلىك بولىدىغانلىقىنى « ئىككىنچى قول» دەيدىغانلارنىڭ ئۆزىمۇ ئېنق بىلىدۇ. لېكىن يەنە كۆزىنى چىمچىقلاتماي تۇرۇپ « ئىككىنچى قول» دەپ كىتىۋىرىدۇ. چۈنكى ئەھۋال ئۇلار دېگەندەك بولسا ئىش قالايمىقانلىشىپ « ئۈچۈنچى قول، تۆرتىنچى قول، بەشىنچى قول … » لارنىڭ چىقىشى تۇرغانلا گەپ. ئەجىبا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سۆزنى خەنزۇچە ئاڭلىغاندا ئۇيغۇرچىدىكى « نىمكەش» دېگەن سۆز يادىغان كەلمەمدىغاندۇ؟!
    شۇڭا يېڭى ئاتالغۇ ياسىغاندا ئىكىنچى تىلنىڭ تەسىرىدىن جۈرئەتلىك ھالدا بۆسۈپ چىقىشمىز كېرەككى، ھەرگىزمۇ باشقا تىلدا مۇنداق دەيدۇ، ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق دېسەك ئۇ تىلدىكى مەنسىگە چۈشمەيدىكەن دەپ قاتماللىق قىلماسلىقىمىز كېرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 12:01
    • «شۇڭا يېڭى ئاتالغۇ ياسىغاندا ئىكىنچى تىلنىڭ تەسىرىدىن جۈرئەتلىك ھالدا بۆسۈپ چىقىشمىز كېرەككى، ھەرگىزمۇ باشقا تىلدا مۇنداق دەيدۇ، ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق دېسەك ئۇ تىلدىكى مەنسىگە چۈشمەيدىكەن دەپ قاتماللىق قىلماسلىقىمىز كېرەك.»…
      ئەكىلىڭا پولو يىگەن قولىڭىزنى ، ناھايتى دانا پىكر قىلىپسىز جۇمۇ ، نۇرغۇن سۆزلەرگە ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرچىدىن ئاتالغۇ ئىزدىسە چوقۇم چىقىدۇ ، لېكىن كاللىسى چەت تىلىغا بەكلا مايىللىشىپ كەتكەن بىلەرمەنلىرىمىز مۇشۇ تىلنى پەقەتلا چۈشەنمەس قىلىۋىتىپ بارىدۇ ، مىللىتىڭ نېمە ؟ ئۇيغۇر . ئسمىڭچۇ ئەرەبچە ، سۆزلىگەن سۆزۈڭچۇ ، ھەممە مىللەتنىڭ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى تامامەن تاپقىلى بولىدۇ .
      سۈكۈت — سۆزىنى يۇقارقىدەك بىكىتىپ قايتۇرۇپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلسە ئەسلىدىكى مەنىسىدىن يېراقلاپ كىتىدۇ ، شۇڭا بۇ يەردە default يەنى 默认 غا مۇستەقىل بىر سۆز ياساپ ، مۇشۇ مەنىدە ئۇدۇللاشتۇرۇپ قوللىنىسا ئۇقۇم خاتالىقى كىلىپ چىقمايدۇ . لېكىن ھازىر سۆز ياساشتا غۇلغۇلا كۆپ بولغانلىقتىن ، يەنىلا يۇقارقى default يەنى 默认 غا بىر قەدەر يېقىنراق كىلىدىغىنى «كۆڭۈلدىكى» دېگەن سۆزدەك تۇرىدۇ . مەسىلەن ، بۇ يەردە تالاش تارتىش بولۇۋاتقان default يەنى 默认 سۆزى ئاساسلىقى پروگرامما لايىھىلەشتە قوللىنىدىغان ، پروگراممېر ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان قىممەتتە تەڭشەلگەن بولغاچقا ، كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ ، لېكىن ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئۇنداق بولۇشى ناتايىن بولسىمۇ ، پروگراممېر ئۆزى تۈزگەن يۇمشاق دىتالنىڭ قىممىتىنى ئۆزىگە مۇۋاپىق دەپ قارالغان قىممەت بويىچە تەڭشەپ قويۇشى توغىرا . سۈكۈت دېيىلسە سۈكۈتنىڭمۇ مەيلى ئۆز مەنىسى ياكى كۆچمە مەنىسى قوللىنىلسۇن تازا مۇۋاپىق كەلمەيدىغاندەك تۇيۇلىدىكەن . سۈكۈتنىڭ يەنە جىم تۇرۇۋىلىش ، ئىپادە بىلدۈرمەسلىك دېگەندەك مەنىلەرگىمۇ ئىگە ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ .

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 14:58
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم ۋە قېرىنداشلار ، يۇقاردىكى يازمىغا مەن ئۈزۈمنىڭ ئازراق كۆزقارشىنى سۆزلەپ باقاي ، مەنچە يۇمشاق دىتال دەپ ئالساق بۇلىدۇ . سەۋەپ بىز پىروگىرامما يازغۇچىلار 10چە يىلدىن بۇيان يۇمشاق دىتال دەپ ئىشلىتىۋاتىمىز . ھەم بۇسۆز توردا ۋە ئۇمۇمى خەلىق ئارسىدا ئاساسەن سېڭىپ بولدى . ئاددى بىر قىسم جاپاكاش پىروگىرامما يازغۇچى قېرنداشلىرىمىز ئۆزئالدىغا يازاغان پىروگىرامما تۈزۈشنى ئۈگۈتىدىغان كىتاپ ۋە ئۇقۇتۇش دىتاللىردىىمۇ بۇ سۆز يەنىلايۇمشاق دىتال دەپ ئېلىنغان . ئاددىسى مەن ئۇزۇم تەرجىمە ئاساسىدا يىزۋاتقان #c,كىتابى java كىتاپ قاتارلىق كىتاپلاردىمۇ ئاساسەن يۇمشاق دىتال دەپ ئالدىم . ئەلۋەتتە بۇ ئۈزۈمنى كۆزدە تۇتۇپ دىگەن گەپ ئەمەس .بۇ ھەققىدە ئىلىمى ئاساسى بار مىساللار خىلى كۆپ ، بۇنى ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىزىگە بىز گە قارغاندا خىلى بەك ئايان .
    default يەنى 默认كەلسەك ، مەن بۇ نى كۆڭىلدىكى قىممەت دەپ ئېلىشقا قۇشۇلىمەن چۈنكى بۇ سۆز پىروگىرامما لاھىيلەش جەريانداناھايىتى كۆپ ئىشلەيدۇ . مەسلەن بىز بۇ كود نى كۈرۇپ باقايلى
    static void Main(string[] args)
    {
    Console.WriteLine(”************Time**********“);
    Console.WriteLine(”\t1、morning“);
    Console.WriteLine(”\t2、afternoon“);
    Console.WriteLine(”\t3、night“);
    Console.Write(”请选择时间:“);
    string time = Console.ReadLine();
    switch (time)
    {
    case ”1“:
    Console.WriteLine(”Good morning!“);
    break;
    case ”2“:
    Console.WriteLine(”Good afternoon!“);
    break;
    case ”3“:
    Console.WriteLine(”Good night!“);
    break;
    default:
    Console.WriteLine(”Selection error!“);
    break;
    }

    يۇقارقى كود بىز 3تىن يۇقارقى ساننى بەرسەك بىزگە
    (”Selection error!“);
    بۇ ئۇچۇرنى چىقىرىپ بەرسە دىمەك بۇ ئۇچۇر سىستىما ئىشلەتگۈچىگە بەرگەن بىر كۆڭۈلدىكى قىممەت بۇلىدۇ ، بىز بۇنى سۈكۈت دەپ ئالساك بۇ سۆز ھەرگىز سۈكۈت قىل دىگەنلىك بولمايدۇ ، ئەكىسچە ئۈزۈمىز ئېرىشمەكچى بولغان قىممەتكە ئىرىشكىچە ساقلايدۇ ، يۇقارقى مىنىڭ ئۈزۈمنىڭ كۆزقارشى . پەقەت پىروگىرامما نۇقتىسىداتۇرۇپ پىكىر بەردىم . كۆپچىلىك ئەيىپكە بۇيرىماڭلار .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى am 11:39
    • Default نىڭ ئېنىقلىمىسى
      ئىشلەتكۈچى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرسىنى كۆرسەتمىگەندە، پىروگرامما (ياكى يۇمشاق دېتال) تەرىپىدىن ئاپتۇماتىك ئىشلىتىلىدۇ. Default نى پىروگرامما (ياكى يۇمشاق دېتال) ئىچىدە مەلۇم بىر ئىقتىدار تەرىپىدىن جەزمەن ئىشلىتىلىدۇ دەپ پەرەز قىلىنىپ، بىر ئېنىق قىممەت ياكى تاللاش تۈرى ھالىتىدە قۇرۇلغان بولىدۇ.

      مۇنداقلا دېسەك بۇ پىروگراممىنى تۈزۈپ چىققانلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكى قىممەت، ئەمما ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن سۈكۈت قىلىدىغان قىممەت.

      ==========
      مەسىلەن: GHOST XP电脑公司 نى ئىشلىتىپ باققانلار ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ، بۇ دىسكىنى سېلىپ قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن، ئېكراندا بىر نەچچە تاللاش تۈرى كۆرۈنىدۇ،
      ========================
      1. WindowsXP نى ئاپتۇماتىك قاچىلاش
      2. قاتتىق دىسكىنى تۆت رايونغا ئايرىش
      3. WinPE قوزغىتىش


      7. قاتتىق دىسكىدىن قوزغىلىش
      8. چېكىنىش
      ========================
      ئەگەر گەپ قىلماي جىم (سۈكۈتتە) تۇرساق، ئەلۋەتتە 7-تۈر بويىچە قوزغىلىدۇ. لېكىن، بۇ ھەممە ئادەم ئۈچۈن كۆڭۈلدىكى قىممەت ئەمەس، بەزىلەر 1-تۈرنى تاللىماقچى بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەر 2-تۈرنى تاللىماقچى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا، بۇ 7-تۈر بولسا، بۇ پىروگراممىنى تۈزۈپ چىققانلار ئۈچۈن، شۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى قىممەت، ئەمما بىز ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن سۈكۈت قىلىدىغان قىممەتتۇر.

      ھازىرقى مەسىلە بۇنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاش مەسىلىسى

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى am 10:29