ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يىغىنى ئېچىلدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يىغىنى ئېچىلدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

2011-يىل 22-دېكابىر (پەيشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتوتى يىغىن زالىدا، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىللىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى بولغان دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاخىرقى قېتىم قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو ئېلېكتىرون تېخنىكىسى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەتقىقات ئورگىنىدىكى تەتقىقاتچىلار، ش ئۇ ئا ر ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر كومىتېتىدىكى رەھبەرلەر، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىلى مۇتەخەسىسلىرى، تىلشۇناسلار، تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزلىرى قاتناشتى.


(بۇ يان تېلېفونۇمدا تارتىلغان رەسىم بولغاچقا، مېنىڭ ئورنۇم بوش چىقىپ قاپتۇ، بۇ ئەقلىي تېلېفون SAMSUNG i9100 ئىدى)
بۇ دۆلەت ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك:

1. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى
2. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يان تېلېفون كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى
3. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يۇمشاق (چەكمە) كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى
4. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۇچۇر تېخنىكا ئاتالغۇ ئۆلچىمى
5. چاغاتاي تىلى ھەرپ-بەلگىلەر كود ئۆلچىمى
6. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان بەت تىزىش قائىدىسى
7. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە شەكىل ئۆزگەرتىش ۋە كونتىرول بەلگىسى قائىدىسى

ھەممە ئۆلچەملەردە ئاساسىي جەھەتتىن پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىندى، پەقەت ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ئۆلچىمىدە يەنىلا «يۇمشاق دېتال»، «يۇمشاق بۆلەك»، «يۇمشاق ماتېرىيال»، «يۇمتال» دېگەن ئاتالغۇلار ۋە «كۆڭۈلدىكى قىممەت»، «سۈكۈت قىممىتى» قاتارلىق ئاتالغۇلار قىزغىن بەس مۇنازىرە قوزغىدى، «يان تېلېفون» (يانفون ئەمەس) ئاتالغۇسىنىڭ قېلىپلاشقانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى. باشقا ئاتالغۇلار يەنىلا 3-ئايدىكى يىغىن بويىچە بولدى.
http://bbs.bilik.co/thread-23772-1-1.html

ئەلۋەتتە، مېنىڭ پىكىرىم يەنىلا شۇ «يۇمشاق دېتال» ۋە «سۈكۈت» ئىدى، مەن ئۆز پىكىرىمنى ساقلاپ قالدىم، لېكىن، باشقىلار قوشۇلمىدى.

software يەنى 软件 نى قانداق دېسەك مۇۋاپىق؟
1. يۇمشاق ماتېرىيال
2. يۇمشاق دېتال
3. يۇمشاق بۆلەك

ئىزاھات: يۇمتال ئاتالغۇسى ھازىرقى بار بولغان قائىدىگە چۈشمىگەنلىكتىن مۇۋاپىق دەپ قارالمىدى. شۇڭا، يۇقىرىقى نامزاتقا كىرەلمەيدۇ.

default يەنى 默认 نى قانداق دېسەك مۇۋاپىق؟
1. كۆڭۈل
2. كۆڭۈلدىكى
3. سۈكۈت

ئەسكەرتىش: بۇ يەردە پىكىر ھاسىل قىلىنغان بىلەن ئاخىرقى قارارنى يەنىلا تىل-يېزىق كومىتېتى ئاتالغۇ ئىشخانىسى قاراپ چىقىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە چۈشكەن ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويالايمەن. كۆپچىلىككە رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
50 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • مەنمۇ «تەتۈر» ئاتلىق توردىشىمىزنىڭ پىكىرىنى ياقتۇردۇم. ئەمەلىي تۇرمۇشتا كۆڭلىمىزدىكدەك بولسا سۈكۈت قىلىمىز، ئەمما سۈكۈت قىلغاننىڭ ھەممىسى كۆڭۈلدىكى بويچە بولمايدۇ. چۈنكى تۇرمۇش دېگەننى ھەممىمىز كۆرىۋاتىمىز. بەزىدە كۆڭلىمىزدىكى بويىچە سۈكۈت قىلساقمۇ، بەزىدە كۆڭلىمىزدىكىدەك بولمىسمۇ سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولمىز.
    توردا بولسا ھەر ھالدا خېلى ئەركىن، كۆڭلىمىزدىكدەك بولمىسا سۈكۈت قىلماي، توردىن چىقىپ كىتىمىز، ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئنكاس يازىمىز.
    مېنىڭ تەكلىپىم، « سۈكۈت » دەپ ئومۇملىششقا قاراپ يۈزلەنگەن بولسا شۇ بويىچە ئېلىۋىرەيلى. ئەگەر يەنە يېڭىدىن ئومۇملاشتۇرۇشقا بولسا تىلمىزدا «默认 » غا بەدەل قىلىدىغان ياخشى سۆزلەرنىڭ بارلقىقىغا ئىشىنىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى am 11:37
  • ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك يىغىن بوپتۇ!
    گەرچە مەن يىغىن سىرتىدىكى ئاددى شەخس بولساممۇ، ئۆزەمنىڭ ئاتالغۇلارغا بولغان ئانچىكە قاراشلىرىمنى دەپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ.
    1. software يەنى 软件 ھەققىدە بۇرۇن كۆپ تالاش-تارتىشلار بولغان ئىدى. «يۇمشاق دېتال» دىگەن سۆز ئېنىقكى سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىنغان ئاتالغۇدىن ئىبارەتتۇر. مەن بۇرۇن «بوش دېتال» دەپ ئېلىشىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان ئىدىم. لېكىن ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمىدى. «بوش دېتال»نىڭ تىلىمىزدىكى ئىلمىيلىكى شۇكى، «بوش» سۆزىدىن ئۇ نەرسىنى بوشاتقىلى، ئېلىپ يۆتكىگىلى بولىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. دېمىسىمۇ، 软件 نى قاچىلىغىلى ، چىقىرۋەتكىلى، شۇنداقلا باشقا يەرگە ئاپىرىپ كۆچۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ كومپىيۇتېرنىڭ «بوش دېتالى» ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا 硬件 بولسا، «چىڭ دېتال» دۇر، ئۇ كۆمپىيۇتېر بىلەن چىڭ باغلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنى ئاسان يۆتكىلىگىلى، باشقا يەرگە قاچىلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ كۆمپىيۇتېردىكى دېتاللارغا نىسبەتەن «چىڭ دېتال» ھېساپلىنىدۇ.
    ئۇنىڭدىن باشقا، «بوش دېتال» سۆزى ئاران 3 بوغۇم بولۇپ، تىلغا كۆندۈرمەك ئاسان. ئېغىز تىلىدىمۇ ياخشى ئوموملاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر «يۇمشاق دېتال» دەپ داۋاملىق ئېلىنسا، بۇ ئۇزۇن بوغۇملۇق ئاتالغۇنى تىلغا كۆندۈرمەك تەس. ھازىرمۇ %70-%80 ئۇيغۇرلار سۆزلەپ كېتىپ بېرىپ، «رۈەنجيەن» دەپ ئاتاپ مېڭىۋاتىدۇ.
    شۇڭا، يۇقارقى 3 نامزاتنىڭ قاتارىغا «بوش دېتال»نىمۇ قوشۇپ قويۇش كېرەك دەپ قارايمەن.

    2. default يەنى 默认 غا كەلسەك، default نىڭ مەنىسى «مەلۇم نەرسىگە ئادەتلىنىش» ياكى «مەلۇم نەرسىنىڭ ئەسلىي ھالىتى» دىگەندەك مەنالارغا چېتىلىدۇ. شۇڭا بۇنى «ئادەت» ياكى «ئەسلى» دىگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشمۇ بىر قەدەر مۇۋاپىق. «سۈكۈت» سۆزىمۇ ئىخچاملىق، خەنزۇچىغا يېقىنلىق سەۋەبلىك، ئويلىشىشقا بولىدىغان نامزاتتۇر.
    مەسىلەن: 请把设计默认到重新启动
    لاھىيەنى قايتا قوزغىلىدىغانغا ئادەت قىلىپ قويۇڭ.
    لايىھەنىڭ ئەسلىسىنى قايتا قوزغىلىدىغان قىلىپ قويۇڭ
    لايىھەنى قايتا قوزغىلىدىغانغا سۈكۈت قىلىڭ
    لايىھەنى قايتا قوزغىلىدىغانغا تەڭشەپ قويۇڭ

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى am 10:07
  • بىر ئوبدان ئومۇملاشقان سۆزلەرنى يەنە مۇزاكىرە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟
    يۇمشاق دىتال ۋە سۈكۈتتىكى قىممەت دېگەنلەر شۇنداق ياخشى جايىغا چۈشكەن ئىدىغۇ؟ ئەمدى بۇلارنى يەنە قايتا مۇزاكىرە قىلىپ ۋاقىت ۋە زېھىن كۈچنى سەرپ قىلغۇچە، باشقا يېڭى-يېڭى ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرسە بولمامدىغاندۇ؟ يېڭى ئاتالغۇلارنى مۇزاكىرە قىلسا بولمامدىغاندۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى am 09:56
    • 3-ئايدىكى يىغىندا شۇنداق ئىدى، لېكىن، بۇ قېتىم «يۇمشاق بۆلەك»، «كۆڭۈلدىكى» دەپ بېكىتىپتىكەن، شۇڭا، ئالىم مۇئەللىم ئۇنىماي تۇرىۋالدى، ئۆز پىكىرىنى ساقلاپ قالدى. قارىغاندا يىغىننى تولا ئاچسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ،

      لېكىن، يەنە بىر ھەپتە ۋاقتىمىز بار، پىكىرىمىزنى يەتكۈزۈپ قويايلى، بولمىسا، يۇمشاق بۆلەك ۋە قاتتىق بۆلەك دەپ بېكىتىلىپ كېتىشى مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 13:21
  • بىر تەرەپ قارشى تەرەپكە ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا دائىر تەلەپنى قويغاندا، قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ پىكرىنى تىل ياكى خەت ئارقىلىق ئېنىق بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىن قوبۇل قىلغانلىقى ئىپادىلەنسە، كۆڭلىدە قوشۇلغان دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ. قىل دېگەننى قىلماي، كۆڭلىدە قوشۇلۇش، قانۇندا بەلگىلىمە بولغان ياكى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن ئەھۋال ئاستىدىلا پىكرىنى بىلدۈردى، دەپ ھېسابلانسا بولىدۇ.

    بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «كۆڭلىدە قوشۇلۇش» نىڭ خەنزۇچىسى 默认 بولۇپ، قانۇن ئاتالغۇلىرىدا يۇقۇرىدىكىدەك ئېلىنىۋاتىدۇ.

    «كۆڭۈلدىكى» دەپ ئېلىنسا بولغىدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:59
  • يۇمشاق دېتال ۋە سۈكۈتكە 100 بېلەت تاشلىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:58
  • 1. يۇمشاق دېتال
    2. سۈكۈت (قىممىتى) ياكى سۈكۈتتىكى (قىممەت)، «مۇقىم» دىسەك بولماسمۇ؟

    يان تېلېفۇن دەپ بېكىتىلگىنىمۇ بوپتۇ، ئەمدى مۇشۇنداق كۆنگۈدەكمىز.

    ئەمما ئالىم مۇئەللىم، تېخى يېقىندا پارىڭى تولا بولغان «ئەقىللىك» نى ئاشۇ «ئەقىللىق» لارغا ئەسكەرتىپ قويسىڭىز، زادى تىل كۆنمەي تۇرىۋېلىۋاتىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:28
    • بۇنىڭغا مەنمۇ كۆنەلمەي يۈرىمەن، ماۋۇ گۇرۇپپىدىكىلەر ئاتالغۇ گۇرۇپپىسىدىكىلەر، لېكىن، سىز دېگەن «ئەقىللىق»نى لۇغەت بۆلۈمى بېكىتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى am 08:02
  • يۇمشاق دېتال، سۈكۈت

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 21:14
  • مېنىڭچە يۇمشاق دېتال مۇۋاپىق، ھەم ئومۇملىشىپ بولغان. 默认 دېگەننى «نورمال، دەسلەپ، ئاددىي» دېگەنلەردىن مۇۋاپىق كۆرۈلەرمۇ بىلمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 19:18
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ! ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك !
    مەن تۆۋەندە ئازراق كۆز-قارىشىمنى دەپ باقسام.
    ئاۋۋال يۇمشاق دېتال مەسىلىسىدىن باشلاي.
    يۇمشاق دېتال دېگەن سۆز ھازىر خەلق ئاممىسى بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان بىرخىل ئاتالغۇغا ئايلىنىپ بولدى.
    مەن يۇمشاق دېتالنى يۇمشاق ماتېرىيال دەپ ئاتاشنى قوللىمايمەن. سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

    1. يۇمشاق دېتال ۋە يۇمشاق ماتېرىيال دېگەن ئىككى سۆزنى تەپەككۈر قىلىپ باقساق، مەنا جەھەتتە ناھايىتى چوڭ پەرقىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
    يۇمشاق دېتال: ئاخىرىدىكى دېتال دېگەن سۆز مەلۇم بىرخىل قۇرۇلمىنى كۆرسىتىدۇ. يۇمشاق دېتال كومپيۇتېردىكى ئەڭ مۇھىم بىر خىل قۇرۇلما بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دېتال دېگەن سۆز ماس كېلىدۇ.
    يۇمشاق ماتېرىيال: ئاخىرىدىكى ماتېرىيال دېگەن سۆز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. مەسىلەن:(يوتقان-كۆرپە، كىيىم-كېچەك، پاختا…..) قاتارلىقلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش قىيىنلىشىپ كېتىدۇ.
    ئەلۋەتتە دېتال دېگەن سۆزمۇ ھەرخىل نەرسىلەرنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. ئەمما دېتال دېگەن سۆز بىرخىل تۈزۈلۈش ۋە قۇرۇلمىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ماتېرىيال دېگەن سۆز قۇرۇلمىنىڭ تۈزۈلىشى ئۈچۈن لازىم بولغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بىرخىل قۇرۇلما بۇلۇش سۈپىتى بىلەن يۇمشاق ماتېرىيال دەپ ئاتاش ناھايىتى چوڭ سەھۋەنلىك بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    2. يۇمشاق دېتال – قاتتىق دېتال، قاتتىق دېتال – يۇمشاق دېتال دېگەندەك ئاتىساق، باشقىلارغا كومپيۇتېر سېستىمىلىرىنىڭ تۈزۈلىشىنى چۈشەندۈرگەندىمۇ ئاسان، چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈرگىلى بۇلىدۇ. يۇمشاق ماتېرىيال دېگەن سۆز قاتتىق دېتال دېگەن سۆزگە يانداش ياكى قارشى جەھەتتىن مەنا بېرەلمەيدۇ.

    3. خەلق ھازىر بۇ يۇمشاق دېتال دېگەن سۆزنى چۈشىنىپ بولدى ھەم بۇ سۆز ئومۇملىشىپ بولدى. ھەرقانداق ئادەم كومپيۇتېرنىڭ نېمىلىكى ھازىر يۈزەكى بولسىمۇ بىلىدۇ. شۇڭا بۇ سۆزنى ئۆزگەرتىش چوڭ سەھۋەنلىك بۇلۇپ، ھېسابلىنىدۇ.

    يۇمشاق بۆلەك دېسەك، تېخىمۇ چوڭ خاتالاشقان بۇلىمىز. چۈنكى يۇمشاق بۆلەك مەلۇم بىر بۆلەكنى كۆرسىتىدۇ. يۇمشاق دېتال پروگراممىسى ناھايىتى كۆپ بۆلەكلەردىن تۈزىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇمشاق بۆلەك دېسەك، بىر پۈتۈن يۇمشاق دېتالنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى ئاتىغان بۇلىمىز ۋە قايسى بۆلەكنى دەۋاتقانلىقىمىزنىمۇ بىلىش تەس بولۇپ قالىدۇ.

    يۇمتال دېگەن سۆز تازا چۈشىنىكسىز سۆز دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇ سۆز توغرىسىدا ئارتۇق سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق.

    默认 دېگەن سۆزنى ئەلۋەتتە سۈكۈت دەپ ئاتاش توغرا بۇلىدۇ. چۈنكى 默认值 بولسا، كۆڭۈلدىكى قىممەت دېگەن بۇلىدۇ. ئەمدى بۇ 默认 دېگەن سۆز يالغۇز كەلسە، بۇنى ئەلۋەتتە كۆڭۈلدىكى دېمەيمىز. بەلكى سۈكۈت دېيىش توغرا بۇلىدۇ.

    بەلكىم خەلق ئارىسىدا بۇ سۆزلەر قانداق ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا بىر قىسىم تىلشۇناسلار نەزەر سېلىپ باقمىغان بولسا كېرەك. بىز ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش بولسا، يۇمشاق دېتال دېگەننى يۇمشاق ماتېرىيالغا ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىز 软件 دەپ ئاتاۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئاتاۋاتقانلارنى يۇمشاق دېتال دەپ ئاتاشقا كۆندۈرۈش ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

    سىزگە كۆپ رەھمەت مۇئەللىم !
    ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام كۆپچىلىك ئەپۇ قىلغايسىلەر

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 16:26
  • يۇمشاق دېتال ۋە سۈكۈت

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى am 09:24
  • مەنچە بىرىنجىسىنى يۇمشاق دىتال دىگەن تۈزۈك بەك يېقىشلىق ئاڭلىنىدۇ.
    ئككىنجىسىنى سىز 3 تال كۆرسەتمە بىرىپسىز ،مەن بۇنىڭدىن باشقىنى دەپ باقاي يەنى: «مۇۋاپىق» .
    ئۆزەمنىڭ ئويلىغىنىنى دەپ باقاي،بۇنداق دىيىشىمدىكى مەخسەت بىر يۇمشاق دىتال تۈزگىچىنى مىسالغا ئالايلى بۇ پروگراممىر بىر باشقۇرۇش سېستىمىسى ياسىغان بولسۇن بۇ سېستىمىنىڭ مەلۇم بىر تېكىست رامكىسىغا ئىشلەتكۈچىلەر خالىغانچە سان-سىپىر كىرگۈزسە بولىدۇ. لىكىن ئىشلەتكۈچىلەر بىز ئۇچۇرلارنى كىرگۈزىشتىن بۇرۇن مۇشۇ تېكىست رامكىسىغا مەلۇم بىر سان-سىپىرنىڭ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا پروگراممىر مۇۋاپىق دەپ قارىغان بىز سان-سىپىرنى چىقىرىپ قويۇشى مۇمكىن. مەسلەن:مەلۇم بىر شەھەرنىڭ ئۆي ساتىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئۆي ئالىدىغانلارنى تىزىملايدىغان سېستىمىسى دەيلى ، بۇ يەردە ھەرخىل كوۋادىرات مىتىرلىق ئۆيلەر بار،لىكىن بۇلار سىتاستىكىلىسا 89.2 كوۋادىرات مىتىرلىق ئۆينى جېقاراق ئالىدىكەن.شۇڭا پروگراممىر بۇ يەرگە مۇشۇ مۇۋاپىق دەپ قارىغان ساننى يىزىپ قويدى .ئىشلەتكۈچىلەر ئەلۋەتتە يۇمشاق دىتالنى ئىشلەتكەندە خالىغانچە ساننى كىرگۈزسە بولىدۇ.
    يۇقارقىسى پەقەت مىنىڭ كۆز قارىشىم.默认 دىگەن خەتنى تەرجىمە قىلسىغۇ «مۇۋاپىق» دىگەن مەنىسى چىقمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 22:11
  • يۇمشاق دېتال،سۈكۈت. بۇنى ئەمدى تالاشمايلى،بولۇپمۇ ماۋۇ سۈكۈت دىگەننى مۇزاكىرىسىز ماقۇل كۆرسەك بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 18:36
  • يۇمشاق دېتال ۋە سۈكۈت دەپ ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 17:33
  • يۇمشاق دېتال ؛ سۈكۈت ؛

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:37
  • «يۇمشاق دېتال» نى قوللايمەن، كۆپلىگەن ئادەم مۇشۇنىڭغا كۆندى، ھەم شۇنداق دېسە ئاڭلىغان ئادەم چۈشىنەلەيدۇ. يەنە ئۆزگەرتىپ يۈرسەك، بىرمۇنچە قالايمىقانچىلىك تېرىيمىز. يۇمشاق ماتېرىيال، يۇمىشاق بۆلەپ ئاتالغۇلىرىنى بۈگۈن ئاڭلاۋاتىمەن مەنمۇ.
    default قا قارتا «سۈكۈت»نى ئىشلەتسەك، بۇ سۆز ئالدىنقى قېتىملىق بەس-مۇنازىرىدە كۆپىنچىمىزنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەن. ئىلگىرى دېگىنىمىزدەك default قانداقتۇر بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى قىممەت ئەمەس بەلكى، بىز ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەي سۈكۈتتە تۇرغان ۋاقىتتا بېكىتىلىدىغان قىممەتنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن «سۈكۈت»نى ئىشلىتىش تەرەپدارىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 15:26
باھا بېتى: 1 2 3