بۈگۈن Surface قا زاكاز باشلاندى
[ IT خەۋەرلىرى ]Microsoft تور دۇكىنى رەسمىي ئېچىلدى، جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار http://www.microsoftstore.com/store/mscn/home ئارقىلىق Surface نى ئالدىن سېتىۋالالايدۇ. Microsoft تور دۇكىنى ئامېرىكا، رۇسىيە، ياپۇنىيە، كورېيە،…قاتارلىق 230 دۆلەت ۋە رايونلارنى قاپلىغان.
جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئۈچۈن:
Windows RT قاچىلانغان، 32GB سىغىمدىكى Surface نىڭ باھاسى 3688 يۈەن.
Windows RT قاچىلانغان، 64GB سىغىمدىكى Surface نىڭ باھاسى 5288 يۈەن.
تەپسىلاتى:
http://www.microsoft.com/china/press/2012/10/1019.mspx
تەپسىلاتى:
http://devices.microsoftstore.com.cn/Surface
ھەر ئىككى نۇسخىدىكى Surface نىڭ سېلىشتۇرمىسى
http://www.microsoft.com/Surface/zh-CN/surface-with-windows-rt/help-me-choose
=======================
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە SONY شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تاختا كومپيۇتېرلارمۇ سېتىلىشقا باشلىدى.
http://www.sony.com.cn/news_center/press_release/product/1972_2791_4012.htm
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,290 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 17:11
- ئالدىنقى يازما :مىكروسوفت TechEd 2012 كاتتا يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ
- كېيىنكى يازما :Windows 8 بۈگۈن كەچ 9:15 دا رەسمىي تارقىتىلدى
خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە رەخمەت . . . ماڭا بۇ تاختا كومپىيوتېر ئانچە كېرەك بۇلۇپ كەتمەيدىكەن . .
خاتىرە كومپىيوتۇرۇمنىلا ئىشلىتەي . . . لىكىن قولتېلفۇنىدىن بىرنى ئالىمەن . . 5 كۈن قالدى 8 ئېلان قىلىندىغانغا مۇبارەك بولسۇن …..
ھەي پۇل … خەپ مائاشىم چىققان ھامان بىرنى سېتىۋېلىشقا تۇتۇش قىلمىسام.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئالىم مۇئەللىم ياخشى تۇردىڭىزمۇ، سىزدىن بىرئىشنى مەسلىھەت سوراي دىگەن.مەن win8،ios،android قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللاشتىكى بىرقىسىم كۆز قاراشلىرىمنى يەكۈنلەپ چىقتىم.
ھەرقايسى مەشغۇلات سىستېمىسىدا تور يۈزىدىكى ئۇيغۇرتىلىنىڭ قوللاش ناھايتى ياخشى ئىكەن.لىكىن مەشغۇلات ئارا يۈزدە ئۇيغۇرچە خەت ھەرقانچە قىلسمۇ چىرايلىق قىلغىلى بولمايدىكەن،يەنى ئەرەب خەت بىلەن ئوخشاشلىق بولغانلىقى ئۇچۇنمىكىن بەك سەت چىقىدىكەن.
بۇنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل unicode (چۈنكى ھەرقايسى مەشغۇلات سىستېمىسىدا unicode بىردە ئۆلچەن قىلىندۇ)دىن قايتتا ئىلتىماس قىلىش ناھايتى زۆرۈر ئىكەن. ئالدى بىلەن بۇنى
ئېلان قىلماي تۇرۇپ ھەرقايسى مەشغۇلات سىستېمىسىدا نورماللاشتۇرغاندىن كىيىن ئېلان قىلساق ناھايتى ياخشى بولغۇدە.ۋاقتى كەلگەندە كونا خەت رايۇننى يېڭى رايونغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەنبەلارنى تۇلۇقلىۋاغىلى بۇلۇدۇ.
مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئارايۈزدە ئۇيغۇرچىنى نورمال قىلىش ئەڭ مۇھىم نوقتا بۇلىشى كىرەك.ھەرخىل ۋاستىلىق ئۇسۇل-چارىلەر قوللۇنۇش ئۆز-ئۆزنى ئالدىغانلىق ،پەقەت بۇنىنىڭ ئۇچۇنى كۆرگەنلىك.
بۇنى سىزگە دىيشىمدىكى مەقسەت ھازىر پەقەت سىزلا مۇشۇنداق قىلالايدىغان بىردىنبىر ئادەم!
ئۇنىكودتا بېكىتىلىپ بولغان ئۆلچەمنى قايتا ئىلتىماس قىلىپ ئۆزگەرتىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چارىسى ئۆزىمىز كۆرەم فونتلارنى ياساش.
ئالما ئۈسكۈنىلىرىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى سەت دېگىلى بولمايدۇ. ئۆز ئەزىمەتلىرىمىز ياسىغان فونتتىن باشقا فونتلار ئىچىدە ئەڭ كۆركەم ئۇيغۇرچە خەت يەنىلا ئالمىنىڭ دەپ قارايمەن، ھەتتا رايونىمىزدا ياسالغان نۇرغۇن فونتلاردىن چىرايلىق كۆرىنىدۇ.
توغرا دەيسىز، بۇ پەقەت ئادەتلىنىش مەسىلىسى، خالاس!
باھاسى سەل ئۆرىدەك بىلىندى ، ئاۋال Win8 ئىشلىتىپ كۆنىۋېلىپ ئېلىشنى ئويلۇدۇم
ھەجەپ ئالغۇم كەلدى، كۆزۈمگە ئوت كۆرۈنىۋاتىدۇ، جۇمۇ! مۇشۇ مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قەۋەتلا ئامراقمەن. مۇشۇ ئەسكى خۇيفۇ خاتىرە كومپيپوتېرىمنى تاشلاپ بىراقلا مۇشۇ تاختا كومپيوتېرغا كۆچىدىغان گەپمىكىن. خەپ، خۇدايىم بۇيرۇسا بىر ئالىمەن مۇشۇ سىرفەيسنى!!!
يوۋ نىمىنداق قىممەت بۇ ئۇيغۇرچىمۇيا بۇ تاختا كومپىيۇتىر
ئاخىرى چىقىپتۇ دە بۇ ….، مۇئەللىم بۇ تاختا كومپىيوتېرغا ئۇيغۇرچە كۇرۇنمە يۇز تىل بۇلقى قاچلاشقا بۇلامدۇ ؟ ئۆتكەندە دەۋاتقان ھىچ قانداق تىل بۇلقى قوشقىلى بولمايدىغان «جۇڭگۇچە» نۇسقىسمۇ؟
مۇئەللىم مەن بەزەن ماتىرياللارنى كورسەم Windows RT بۇرۇن تۇزۇلگەن(Windows RT چىقىشتىن بۇرۇنقى) ئەپلەرنى ئاساسەن قوللىمايدىكەن، مەسلەن photoshop…. دىگەندەك ئۇچۇنجى تەرەپ تەمىنلىگەن ئەپلەر. بۇنىڭدىكى سەۋەپ مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ تۇزلىشى ئوخشىمايدىكەن.يەنە تېخى Windows 8 ۋە Windows RT نىڭ نۇرغۇن جەھەتتە چوڭ پەرقى بارئىكەن ، Windows RT نىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ تۇزلىشى ARM ئىكەن ، Windows 8 نىڭ بولسا ئەسلىدىكى ئەنئەنۋى ئېنتىل مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ تۇزلىشدە ئىكەن . بۇ جەھەتتە ئېنىقراق بىر مەلۇمات بەرسىڭىز ؟ بىز زادى بۇ تاختا كومپىيوتېرنى سىتۋالساق ياخشىمدۇ ياكى يەنە ئازراق چىداپ تۇرادمدۇق؟
مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز
ئالىم مۇئەللىم، windows تور دۇكىنىغا قانداقلا پروگرامما چىقارساق بولامدۇ؟ ئەگەر باشقىلار چۈشۈرمىسە بىزگە زىيان بولامدۇ ياكى؟
مەن كەسپىي نۇسخىسىنى (ئۈستەل كومپيۇتېرىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەپلەرنىمۇ بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدىغان نۇسخىسىنى كەسپىي نۇسخىسى دەمدۇق ياكى…) ئېلىشنى ئويلاشقان. Windows RT دېگىنىمىز ئاددىي نۇسخىسى شۇغۇ دەيمەن؟ ئۈستەل كومپيۇتېرىدا ئىلىتىدىغان ئەپلەرنى Windows RT نۇسخىسىدا ئىشلەتكىلى بولمايدىغۇ دەيمەن. ئۇنى قاچان زاكاس قىلغىلى بولار؟ باھاسى قانچە پۇللاردا چىقار؟ ئالىم مۇئەللىم چۈشەنچە بەرسە بوپتىكەن.
«Surface نىڭ Windows 8 كەسپىي نۇسخىسى قاچىلانغانلىرىنى ئېلىڭ، ئۇ چۈشەمدۇ؟ بۇ بولماي قالارمۇ؟-دېگەن غەمدىن بىراقلا خالاس بولىسىز.»
Surface نىڭ Windows 8 كەسپىي نۇسخىسى قاچىلانغانلىرىنى نەدىن ئالغىلى بولىدۇ؟ تېخى بازارغا چىقارمىغاندۇ؟ قاچان بازارغا چىقىدىغانلىقىدىن خەۋرىڭىز بارمىدۇ؟
Windows 8 كەسپىي نۇسخىسى قاچىلانغان Surface تاختا كومپيۇتېر يىل ئاخىرىغا قالماي چىقىپ قالار، 12-ئايدا ئېچىلىدىغان بېيجىڭدىكى يىغىندا سېتىلىدىغاندەك قىلىدۇ.
RT نۇسخىسىدا ۇيغۇرچە تىل بارمۇ يا؟
نىمانداق قىممەت؟ ۇنداقتا ر ت م ەمەس تولۇق نەشىرى بىر تۈمەندىن قىممەت بولامدۇ نىمە؟ شۈنچە ۇزۇن ېشـتەي ساقلىسام ماۋۇ باھانىڭ يۇقۇرلىقىنى
Windows RT قاچىلانغان تاختا كۇمپىيۇتىرلارغا سىغىمنى سەل كىچىك كۇردۇم. ئەسلى 32g لىك نىڭ باھاسى 64g دەك بۇلغان بۇلسا سەل مۇۋاپىق بۇلغىدەك دەپ ئۇيلىدىم. لىكن ئىشلار ئۇنداق ئەمەستە؟
مۇئەللىم مۇشۇ تاختا كۇمپىيۇتىر ھەققىدە ئىلىش ئامماسىلق مەسىلىسى تۇغۇرسىدا ئازىراق چۇشەنچە بەرسىڭىز؟
بۇنداق دىگەنلىك ھەرگىز پۇلىڭىز بۇلسا ئىلىڭ، بۇلمسا پۇل تاپتقاندا ئىلىڭ دىگەنىلىك ئەمەس.
سىز بىزنىڭ پەخىرىمىز ھەم سىزگە ئىزچىل ئەگەشكۇچىلەر بۇلۇش سۇپتۇم بىلەن سىزنىڭ مۇشۇ ھەقتە باھايىڭىزغا قاراپ باقماقچى. سەل ساقلاپ باقساق باھاسى چۇشۇپ قالارمۇ يە؟(چاقچاق)
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
بۇنىڭدا ئۇيغۇرچە تىل قوشۇقلۇقمۇ؟
ئاندىن يەنە بىرسى ئالىم مۇئەللىم، مەن ئاخشام win8 نىڭ كەسپىي نەشىرىنىڭ توردا تارقاتقان سىناق نۇسخىسىنى قاچىلىغان ئىدىم. قاچىلاشتىن بۇرۇن كىرگۈزۈش ھالىتى دېگەن يەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ قاچىلاپتىكەنمەن. كېيىن قارىسام بىر قىسىم خەنزۇچە دېتاللارنىڭ خېتى قالايمىقان تۇرىدۇ. بۇ ئىشلار ھەقىقىي نەشردە ئوڭشىلارمۇ؟ بۇ تېمىغا مۇنسىۋەتسىز بولۇپ قالدى، شۇنداق بولسىمۇ جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن. خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە ھالىتىنى تەڭشەپ قاچىلىساق ئۇنداق بولمايدىكەن.
مەن تۈنۈگۈن مىكروسوفتنىڭ تور بىتىدىن سىناق نۇسخىسنى ئورناتقان ئىدىم
ئەڭ باشتىكى كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە ئىكەن .
تەڭشىگىلى بولىدىغان يەرلىرىنىڭ ھەممىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەڭشىدىم
لېكىن سىز ئۇچۇرغان ئەھۋالغا ئۇچراپ باقمىدىم .
كەچۈرسىز ، سىز دېگەن ئەھۋال ھەقىقەتەن مەۋجۇد ئىكەن
بەزەن بىر خەنچە دېتالنىڭ خەتلىرى ئىكەن
ئەمما بارلىق خەنچە دېتاللار ئەمەس ئىكەن .
(خىجىل بولغان چىراي ئىپادىسى)
شۇ گەپ، ھەممىسى ئەمەس بىر قىسىمى شۇنداق بولۇپ قالىدىكەن. مۇشۇنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟ ھەقىقىي نەشرىدە ئوڭشىلارمۇ؟ مۇشۇنى بىلسەك بولاتتى ھازىر.
بۇ ئەزەلدىن بار ئىش، سىستېما رايون تەڭشىكىنى «سەئۇدى ئەرەبىستانى»غا تەڭشەپ، خەنزۇچە (يۇنىكود بولمىغان) سىستېمىلارنى قاچىلىسىڭىز، خەنزۇچە خەتلەر ئەلۋەتتە توغرا كۆرۈنمەيدۇ. بۇ سىستېمىنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى غەيرىي يۇنىكودلۇق يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىشىدۇر
مەلىم ، ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرچە بولغان زاكاز باشلانسا بولاتتى !
جىمجىتلا تۇرسىلەر
زاكاز ياكي سېتىش ئورنىنى بالدۇراق بىلسەك بولاتتى
(تېماغا مۇناسىۋەتسىز ئېنكاس يازغان چىراي ئىپادىسى )
باھاسى 1000 يۈەندىن ئارتۇق ئىكەن، شۇنداقتىمۇ ئالامسىلەر؟
مەن ئۈچۈن ئەرزىيدۇ .
باشقىلار ئۈچۈن قانداق ؟ ئۇنى بىلمىدىم
مۇشۇ كۈننى كۈتكىلى خىلى كۆپ يىللار بولدى
ئەمدى مەنزىلگە يەتكەن چاغدا باھاسىنى ئويلىماي كېيىنكى تەرەققىياتنى ئويلىسا ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ .
ھارماڭ مەلىم ، بىز سىزنى قوللايمىز !
خەلقىڭىز ئۈچۈن قىلغان ئىشىڭىزنى خەلقىڭىز بىلىدۇ .
خەلق سىزنى ھەرگىزمۇ نائۈمىددە قالدۇرمايدۇ .