بۈگۈن Surface قا زاكاز باشلاندى
[ IT خەۋەرلىرى ]Microsoft تور دۇكىنى رەسمىي ئېچىلدى، جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار http://www.microsoftstore.com/store/mscn/home ئارقىلىق Surface نى ئالدىن سېتىۋالالايدۇ. Microsoft تور دۇكىنى ئامېرىكا، رۇسىيە، ياپۇنىيە، كورېيە،…قاتارلىق 230 دۆلەت ۋە رايونلارنى قاپلىغان.
جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئۈچۈن:
Windows RT قاچىلانغان، 32GB سىغىمدىكى Surface نىڭ باھاسى 3688 يۈەن.
Windows RT قاچىلانغان، 64GB سىغىمدىكى Surface نىڭ باھاسى 5288 يۈەن.
تەپسىلاتى:
http://www.microsoft.com/china/press/2012/10/1019.mspx
تەپسىلاتى:
http://devices.microsoftstore.com.cn/Surface
ھەر ئىككى نۇسخىدىكى Surface نىڭ سېلىشتۇرمىسى
http://www.microsoft.com/Surface/zh-CN/surface-with-windows-rt/help-me-choose
=======================
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە SONY شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تاختا كومپيۇتېرلارمۇ سېتىلىشقا باشلىدى.
http://www.sony.com.cn/news_center/press_release/product/1972_2791_4012.htm
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,287 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 17:11
- ئالدىنقى يازما :مىكروسوفت TechEd 2012 كاتتا يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ
- كېيىنكى يازما :Windows 8 بۈگۈن كەچ 9:15 دا رەسمىي تارقىتىلدى
Win8قاچىلانغانsur face تاۋباۋ تورىدا تۇرىدۇ راسمىدۇ تازا جەزىملەشتۈرەلمىدىم ئالىم مۇئەللىم مۇ شۇخىلدىكى تاختا كومپىيۇتېرغا يۇمشاق دېتالىڭىز تەيياردۇ ھە..
ۋىندوۋس8نىڭ ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش دىتاللىرىنى قوللايدىغان نۇسخىسى قاچىلانغان تاختا كومپىيۇتېرلا ھەقىقى تاختا كومپىيۇتېر بۇلالايدۇ . چۈنكى ھەممىلا ئادەم تاختا كومپىيۇتېرنى كۈڭۈل ئېچىشقىلا ئىشلەتمەيدۇ – دە !
باھاسى 1000 يۈەندىن ئارتۇق ئىكەن، شۇنداقتىمۇ ئالامسىلەر؟
مەن ئىلىۋىرەتتىم،بىراق دەيلىكنى ئىلىش نىسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
248بىلەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە چۈشۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مۇبارەك بولسۇن! مۇبارەك بولسۇن!! مۇبارەك بولسۇن!!!
ئالىم مۇئەللىم بۇ نەرسە 3gتورىنى قوللىمامدا؟
64gلىق win8قاچىلانغىنىدىن بىرنى ئالاي دىگەن ..سىلىنىڭ شىركەتتە بامىكى؟
بۇ تېخى ئېلان قىلىنمىدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمجان ئاكا، كەلگۈسىدە بازارغا سېلىنىدىغان Windows Pro Surface نىڭ 32G لىقىنىڭ سىغىمى سېستىما قاچىلانغان بوشلۇقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ياكى سېستىمىدىن باشقا تولق ئىشلەتكىلى بولىدىغان بوشلۇق 32G مۇ؟
ياق، Windows 8 تەخمىنەن 16GB بوشلۇقنى يەيدۇ، لېكىن 120 يۈەنگە 32GB لىق Micro SD كېلىدۇ
ئەسسالامۇئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم، مەن سىزنىڭ تىېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇق، ئائىلىڭىزگە بەخت تىلەيمەن!
ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم مەن يېقىندا بىر دانە تاختا كومپىيۇتېر سېتىۋالغان، ئاساسلىق سەپلىمىسى: CPU intel atom 2800 يەنى 1.86GHz ، ئىچكى ساقلىغۇچ 4GM ، قاتتىق دېسكا 64GM ، ئىكران 9.7 ، 768*1024 ، نۆۋەتتە Win7 نىڭ بايراقدار نۇسخىسى قاچىلاقلىق بولۇپ ناغايىتى نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. بىراقWin8 Pro نىڭ سىناق نۇسخىسىنى قاچىىلىسام نورمال قاچىلىنىدۇ، بۇرۇنقىدەك ئېكران يۈزى ھالىتىدە بىرقىسىم پىروەىراممىلارنى قوزغۇتۇپ ئىشلەتسەم نورمال ئىشلىدى، ئەمما ئاشۇ پىروەىراممىلارنى باشلاش كۆزنىكى(يەنى Win8 نىڭ يېڭى كۆرۈنمە يۈزى)ھالىتىدە قوزغاتسام قارا ئېكران بولۇپ بىرئازدىن كېيىن «خاتالىق كۆرۈلدى، قايتا قوزغۇتۇڭ» دىگەن ئۇچۇر چىقىپ قېتىۋالىدۇ ياكى ئۇچۇر چىقىپ بىردەمدىن كېيىن ئۆزلىكىدىن قايتا قوزغۇلۇدۇ، قوزغۇلۇشى نورمال، لېكىن يۇقارقى مەشغۇلاتنى تەكرارلىسام ئەھۋال يەنە شۇ يۇقۇرىدىكى بىلەن ئوخشاش، بۇ كومپىيۇتېردىكى مەسىلىمۇ ياكى Win8 سېستىمىدىكى مەسىلىمۇ بىلەلمىدىم ، چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت!
مېتىرو يۈزىدە پەقەت مېتىرو ئەپلىرى ئىجرا بولىدۇ، ئۇيەردە كونا، كىلاسسىك، ئەنئەنىۋىي پىروگراممىلارنى قوزغاتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۇ سىزدىكى مەسىلە ئىكەن، كومپيۇتېردا ياكى Windows 8 Pro نىڭ ئىشى ئەمەس
كەچۈرۈڭ، ئەسلى 64GB, 4GB يېزىلىشى كېرەك ئىدى، خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن، ئىنتايىن خىجىلمەن!
ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم مەن Microsoft Skydrive ئىشلىتىۋاتىمەن، چۈشەندۈرۈشىدە 25GB ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ دىيىلىپتىكەن، بىراق ئەمىلىيەتتە 7GB بوشلۇق بىرىدىكەن، 25GB بوشلۇق بىرىدىغانلىقى يالغانمۇ ياكى تىزىملىتىش ئۇسۇلۇمدا خاتالىق بارمۇ بىلەلمىدىم، قانداق قىلسام 25GB بوشلۇققا ئىرىشەلەيمەن، ئېغىر كۆرمەي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز؟ رەھمەت!
پۇل تۆلىسىڭىز چوڭ بولىدۇ
كەچۈرۈڭ ئالىم مۇئەللىم، Microsoft Skydrive توغرۇسىدىكى يازمامغا جاۋاپ بەرمىسىڭىزمۇ بولۇدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا چۈشەنچە بەرگەن يازمىڭىزنى كۆردۈم.
ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم Win8 نىڭ مېتىرو يۈزىدىكى ئۆزى بىلەن بىللە قاچىلانغان SkyDrive, IE، ئى-خەت ، ھاۋارايى ، خەرىتە ، سىن قويغۇ ، ….. قاتارلىق پىروگىراممىلارنى قوزغاتساممۇ ئوخشاشلا يۇقۇرىدا دىگىنىمدەك ئەھۋال يۈز بىرىدۇ، ئۇنداقتا بۇ پىروگىراممىلار مېترو ئەپلىرى ئەمەسمۇ؟ كەچۈرۈڭ، سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، ئەيىپكە بۇيرۇماسلىغىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.رەخمەت!
دوسلار قېرىنداشلار بىز بۇ Windows 8 سېستىمىسىنى چۇقۇم سېتۋالايلى ، مىللىتىڭىز ئۇيغۇر بۇلدىكەن چۇقۇم سېتۋېلىڭ ، باشقا جايدىن قالايمىقان سېتۋالماڭ چۇقۇم Microsoft شىركىتىدىن سېتۋېلىڭ ، Microsoft شىركىتى نۇرغۇن مەۋلەق سېلىپ ئۇيغۇرچە يېزىق قوللايدىغان سېستىمنى بارلىققا كەلتۇردى ، ئۇلار بىزنى قوللىدى بىز مۇ ئۇلارنى قوللىشىمىز كېرەك ، ئويلاپ بېقىڭلار قېرىنداشلىرىم باشقىلار بىز ئۈچۈن مەۋلەق ئاجىرتىپ ، كاللا قاتتۇرۇپ ياسىغا سېستىمىسىنى ئۇيغۇرلار سېتۋالمىسا ، ئۇلار بىزنى نېمە دە ؟ بۇ بىر راۋاج تاپمايدىغان مىللەتكەن دېيىشى مۇمكىن ، بۇندىن كېيىنكى سېستىما ۋە يۇمشاق دېتاللار ۋە كومپىيوتىر ساھەسىدە مىللىتىمىزنى مەۋجۈت ئەمەس قاتارىغا چىقىرۋېتىشى مۇمكىن ، شۇڭا چۈقۇم سېتۋالايلى ، بۇ ئازغىنە پۇل بىزنى بېسۋالمايدۇ ، بىر ئامال قىلىپ بولسىمۇ سېتۋالايلى ،ئۈتۈنۈپ قالاي قېرىنداشلىرىم بۇ ئۆمۈرىڭىزدە بىر قېتىم مىللىتىمىز ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىشىڭىز بۇلۇپ قالا، ھەرگىزمۇ مەن بىر ئادەم سېتۋالمىسام نېمە بوپتۇ،باشقىلا سېتۋالسا بولمىدىمۇ دەپ ئويلىماڭ ، ھەممە ئادەم شۇنداق ئويلىسا سېتۋالدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ ، ئەزەلدىن مىللىتىمىزنى ئېغىزمىزدىن چۈشۇرمەيمىز ، ئەمدى ۋاختى كەلدى ، ئۆزىمىزگە ۋە مىللىتىمىزگە ياردەم قىلايلى ، بۇ تېمىنى باھارلىق ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە كۈچۈرۈپ يوللاپ قۇيۇششىڭلارنى ئۈمۈت قىلمەن،
ئەسكەرتىش : Windows 8 سېستىمىسىنى سېتۋالغاندىن كېيىن Microsoft نىڭ شىركەت تورىدىن ئۇيغۇرچە خەت بۇلۇقىنى چۈشۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، بولمىسا بۇسېستىمنى بىر ئۇيغۇرنىڭ سېتۋالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ