قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر زاپچاسلىرى كۈندىلىك باھا ئۇچۇرى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىدىكى مۇرات، ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەتكە جايلاشقان بولۇپ، يۇمشاق دېتال سېتىش ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى، يېقىندىن بۇيان يەنە قاتتىق دېتال ئۇچۇرلىرىنى سوراپ كىرىدىغانلار ياكى بىۋاسىتە تېلېفون قىلىدىغان خېرىدارلار كۆپىيىپ قالدى. ئۇلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىشنى ئويلاپ، قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىدىكى قاتتىق دېتال كۈندىلىك باھا ئۇچۇرلىرىنى ھازىرچە ئالىم ئەھەت بىلوگىدا ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
كۈندىلىك باھا ئۇچۇرلىرىنى XJHQL.com دىن كۆرۈۋېلىڭ
بىر قىسىم زاپچاسلارنىڭ كۈندىلىك باھا ئۇچۇرى
2012-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى (يەكشەنبە)
بۇ باھا ئۇچۇرى بازار ئىچىدىكىلەرگە ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان توپ باھا بولۇپ، بىر تال ئالسىڭىزمۇ ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىدىكى خادىملار مۇشۇ باھادا ئېلىپ، سىزگە شۇ كۈنى ئەۋەتىپ بېرەلەيدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: مۇرات
ئادرېس: قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر(ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى)
تېلېفون: 2813300 2839871 (0991) (مۇرات، زەينۇرە)
يان تېلېفون: 13109977378
QQ: 1139236775
MSN: murat.imin@live.com
تىجارەت ۋاقتى: ھەركۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:00 دىن كەچ سائەت 5:00 كىچە
- يازما كۆرۈلۈشى: 7,873 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 14:00
- ئالدىنقى يازما :udict.cn «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى» ھەققىدە
- كېيىنكى يازما :مىكروسوفت TechEd2012 يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
3500~4500 ئەتىراپىدا ئاندا-ساندا ئويۇن ئوينايدىغان، 3DMAX دىگەندەك يۇمشاق دېتاللارنى سۆرىيەلەيدىغان بىر خاتىرە كومپيۇتېر ئالاي دەپ ئويلىشىۋاتقانتىم. بولسا ئۇستاملارنىڭ ياخشىراق ماركىدىكىلىرىنى مۇۋاپىق كۆمپىيوتىر بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار
ئالىمكامدىن سېتىۋالساق ۋىندوۋس8 نىڭ ئىشەنچىلىكىنى سېتىۋالغاندىن سىرىت (مەن ھازىرغىچە سېتىۋېلىپ بۇلالمايۋاتىمەن.ئىناۋەتلىك كارتا تاپالماي)لۇغەتنى ئەرزان باھادا بېرىدۇ. ھى ھى ھى
ئەگەر توردىن باشقا يوللار ئارقىلىق سېتىش مۇمكىنچىلىكى بولسىلا، مەن سېتىشقا تىرىشىپ باقىمەن، بۇنىڭدىن پايدا ئالمىساقمۇ بولىدۇ، سىز دېگەندەك يۇمشاق دېتاللىرىمىزنىمۇ ئەرزان قىلىشىمىز مۇمكىن، ھېلىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دۇرۇس يۇمشاق دېتال ئالىمەن دەپ توغرا يولغا يۈزلەنگىنى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال، سېتىۋېلىشقا پەقەت قۇربى يەتمىسە Ubuntu ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ،