C تىلى ئاتىسى دېننىس.رىتچى ۋاپات بولدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

C تىلى ئاتىسى دېننىس.رىتچى ۋاپات بولدى

[ IT خەۋەرلىرى ]


C تىلى ئاتىسى دېننىس.رىتچى (Dennis Ritchie) ۋاپات بولدى، پۈتۈن دۇنيادىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى پىروگرامما تىلى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان بۇ كىشىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، ھەر قايسى مۇنبەرلەردە يازما ئېلان قىلدى. ئەمما، يازما مەزمۇنىدا باشقا ھېچقانداق مەزمۇن بولماستىن بەلكى «؛» ئىدى.
ئۇ 1941-يىل 9-ئاۋغۇست تۇغۇلغان، كېيىن خاراۋار ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان. 1967-يىلى بېل تەجرىبەخانىسىغا كىرىپ سىستېما يۇمشاق دېتالى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1983-يىلى ئامېرىكا كومپيۇتېر جەمئىيىتى قائىدىسنى بۇزۇپ يۇمشاق دېتال ئىنژېنىرى بولغان بۇ كىشىگە ئۇنىڭغا ئالان.تىيۇرىڭ مۇكاپاتىنى بەرگەن، ئاساسىي سەۋەبى «ئورتاق ئىشلىتىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى نەزەرىيىسى تەتقىق قىلغان، بولۇپمۇ UNIX مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقان». 1999-يىلى C تىلى ۋە UNIX مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىدا تۆھپىسى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەت تېخنىكا ئوردېنىغا ئېرىشكەن. ئالما كومپيۇتېرىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ دەل UNIX ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان.
گەرچە C تىلىدىن كېيىن C++, Java تىللىرى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن پىروگراممىچىلار C تىلىنى ئىخچام، ئاددىي، قۇلاي دەپ قارايدۇ. بەزى كىشىلەر ئۇ C تىلى ئاتىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە خايكېرلار ئاتىسىمۇ دەپ تەرىپلىشىدۇ، چۈنكى، خايكېرلار دەسلەپتە C تىلى ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىق خاراكېتىرىگە ئىگە پىروگراممىلارنى تۈزۈپ، سىستېمىنى قالايمىقان قىلغان.
كېيىن بۇ كىشى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلىدۇ.

گۇگېلدىن Dennis Ritchie دەپ ئىزدەپ باقسام، 3 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق نەتىجە چىقتى، ھەقىقەتەنمۇ داڭلىق ئادەم ئىدى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
27 پارچە باھا يېزىلدى
  • مەنمۇ پىروگىرامما لايھىلەشكە بەك قىزىقىمەن.بۇ ھەقىقەتەن چوڭ ئىش تە! لىكىن بۇنىڭغا ئامال يوق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 20:35
  • مېنىڭچە مۇنبىلوگ ياكى بىلوگبەر دېگەندەك ئىسىم قويساق قانداق بۇلار….
    بەربىلوگ دېسەكمۇ بۇلامدۇ نېمە …

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:50
  • مۇنازىرە دېگەن مۇشۇنداق بولسا دەيمەن. ئالىمكا، قارىغاندا بىلوگىڭىزنى مۇنازىرە مۇنبىرىگە ئۆزگەرتسىڭىز بولامدۇ نېمە؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:50
    • مۇنبەردىن قېچىپ، بۇ يەرگە كەلسەم، مۇنبەردەك بولۇپ قالدىغۇ تاڭ؟
      مۇنبەر بىلەن بىلوگ ئارىسىدىكى يېڭى بىر نەرسە پەيدا بولامدۇ-نېمە؟ بىدار قۇتلان ئاكىمىزغا دېسەم، ياخشى ئاتالغۇدىن بىرنى قويۇپ بېرەتتى.
      مۇنبەر+بىلوگ=؟ ياكى بىلوگ+مۇنبەر=؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:28
  • ھە چۈشەندىم. كۆپ رەھمەت ئالىم مۇئەللىم! مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىمەن…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى am 05:39
    • ھەر قايسى پروگرامما تۈزۈش تىللىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا خاس ئارتۇقچىلىق-كەمچىلىكلىرى بار. بىر تەييار ئادەتتىكى پروگراممىنى ئىشلەتكەندە، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قايسى تىلدا يېزىلغانلىقى بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن يېڭىدىن پروگرامما تۈزۈشتىن بۇرۇن، شۇ خىل مەقسەتنى قايسى پروگرامما تىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە سېلىشتۇرۇش، تەھلىل قىلىشلار ئەخمەقلىق ئەمەس بەلكىم بەكمۇ دانالىقتۇر. ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچىدىغان ئالەم ئايرۇپىلانلىرى، ئادەمسىز كۈرەشچى ئايرۇپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ پروگراممىلىرىنى JAVA بىلەن تۈزۈشكە بولمايدۇ. چەمبەر تۇراقلىقىنى 50 خانىغىچە ئېنىقلىقتا ھىساپلايدىغان ئىشقا C ياكى ++C تىلىدىكى double, long double دىگەن سانلار تىپلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
      ====================================
      گەرچە بۇ يازمىنى بۈگۈن كۆرگەن بولساممۇ لىكىن يەنىلا جاۋاپ قايتۇرۇشنى لايىق تاپتىم، چۈنلى بۇ يازمىدىكى بەزى گەپلەر يىڭى تىل ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ كاللىسىنى كايمۇقتۇرۇپ قويىشى مۇمكىن،يەنى چەمبەر تۇراقلىقىنى 50 خانىغىچە ئېنىقلىقتا ھىساپلايدىغان ئىشقا C ياكى ++C تىلىدىكى double, long double دىگەن سانلار تىپلىرى يەتمەيدىغانلىنى راس،لىكىن بۇھەرگىزمۇ C ياكى ++C نىڭ چەمبەر تۇراقلىقىنى 50 خانىغىچە ئېنىقلىقتا ھىسابلىيالمايدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ،double, long double نىڭ ئورنىغا سانلار گورپىسى(数组)ئىشلەتسەك ھېلىغۇ 50 خانىسىكەن،50مىڭ خانىسى بولسىمۇھىسابلىغىلى بولىدۇ.‹‹ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچىدىغان ئالەم ئايرۇپىلانلىرى، ئادەمسىز كۈرەشچى ئايرۇپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ پروگراممىلىرىنى JAVA بىلەن تۈزۈشكە بولمايدۇ.›› نىمىشقا بولمىغۇدەك، Javaتامامەن بولىدۇ،لىكىن Java غا قارىغاندا شۇ ئۈسكىنىگە تېخىمۇ ماس كەلگەن تىلنى ئېشلەتكەن بولىشى مۇمكىن. كومپىيۇتىر تىللىرنىڭ ئېشىلتىش نىسبىتىنى ھەر يىلى ئېستاستىكا قىلۋاتقانلىقى راس قىرىندىشىم،لىكىن بۇھەرگەزمۇ تىللارنىڭ يامان-ئاجىزلىقىنى سىلىشتۇرۇش ئەمەس. ھازىر Java بىرىنجى-ئۇرۇندا تۇرۋاتىدۇ،لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ Java ئەڭ يامان دەپ قارىساق بۇ بەكمۇ بالىلارچە ھۆكۈم چىقارغان بولىمىز. شۇنى بىلىش كىرەككى بازاردا نىمىگە ئىھتىياج چۇشسە شۇنىڭ بازىرى چىقىدۇ. كۆپ سۆزلەپ قويدۇم ئەپۇ قىلغايسىلەر…

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:31
  • مۇۋاپىقىيەتلك بىر پېروگېراممىنى ئۇنىڭ ئىشلىتىش قىممىتى بىلەن ئۆلچەيمىز،ئۇنىڭ قايسى تېلدىن پايدىلنىپ تۈزۈلگەنلىكى مۇھىم ئەمەس دەپ ئويلايمەن، چۈنكى ھەرقانچە يامان تىلدىن پايدىلنىپ تۈزدۈم دىگەن بىلەن پېروگېراممىنى ياخشى تۈزەلمىسىڭىز شۇ يامان دىگەن تېللارمۇ بىكار.
    شۇڭا كومپىيۇتىر تىللىرنى بىر-بىرى بىلەن ئۇ يامان ئىكەن،بۇ يامان ئىكەن دەپ سىلىشتۇرۇش ئەخمىقانىلىق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:48
    • شۇنداق، خۇددىي ئۇيغۇر تىلىدا ياخشى ئەسەرنى يازغىلى بولامدۇ؟ ياكى قازاق تىلىدىمۇ؟ ياكى تۈرك، ئۆزبەك، خەنزۇ تىلىدىمۇ؟ ئاڭلىسام ئىنگلىز تىلىدا ئەڭ ياخشى رومان يازغىلى بولارمىش، ھەممە ئادەم ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتىدۇ، شۇڭا، مەنمۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنەيچۇ؟-دېگەن سوئالغا ئوخشايدۇ.
      ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يازغىلى بولىدۇ ئەمەلىيەتتە،

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:59
    • شۇڭا كومپىيۇتىر تىللىرنى بىر-بىرى بىلەن ئۇ يامان ئىكەن،بۇ يامان ئىكەن دەپ سىلىشتۇرۇش ئەخمىقانىلىق.
      ——————————————————–
      ھەر قايسى پروگرامما تۈزۈش تىللىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا خاس ئارتۇقچىلىق-كەمچىلىكلىرى بار. بىر تەييار ئادەتتىكى پروگراممىنى ئىشلەتكەندە، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قايسى تىلدا يېزىلغانلىقى بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن يېڭىدىن پروگرامما تۈزۈشتىن بۇرۇن، شۇ خىل مەقسەتنى قايسى پروگرامما تىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە سېلىشتۇرۇش، تەھلىل قىلىشلار ئەخمەقلىق ئەمەس بەلكىم بەكمۇ دانالىقتۇر. ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچىدىغان ئالەم ئايرۇپىلانلىرى، ئادەمسىز كۈرەشچى ئايرۇپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ پروگراممىلىرىنى JAVA بىلەن تۈزۈشكە بولمايدۇ. چەمبەر تۇراقلىقىنى 50 خانىغىچە ئېنىقلىقتا ھىساپلايدىغان ئىشقا C ياكى ++C تىلىدىكى double, long double دىگەن سانلار تىپلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
      قىسقىسى، لەغمەننى چوكىدا يەيمىز، چۆچۈرىنى قوشۇقتا ئىچىمىز. شۇڭا پروگرامما تىللىرى نەزىرىيەسى، ئۇلارنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇش 50 يىلدىن بۇيان بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالغىنى يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى am 05:24
  • مەنمە بۇ تىلغا يامان قىزىقىمەن بۇر بىر پروگرامما تىل ساھەسىدە چوڭ بىر يوقىتىش بولدىدە.
    #include
    int main()
    {
    printf(”خەيرى خوش c تىل ئاتىسى“);
    return 0;
    }

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:46
    • تۈزىتىش بېرەي:
      #include
      int main(void)
      {
      printf(”خەيرى خوش c تىل ئاتىسى\n“);
      return 0;
      }

      قىززىق ئىش ئەسلىدە بىرىنچى قۇردا ئىنگلىزچە ئۆلچەملىك كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش ئامبار ھۆججىتى‹ئېس.تى.دى.ئاي.ئو چېكىت ئېيچ›نى يازسام، بۇ يەردە كۆرۈنمىدى

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:54
      • قىزىق ئىش مىنىڭما چىقمىغانتى سىزنىىڭمۇ چىقماپتۇ.
        رەھمەت تۈزىتىش بەرگىنىڭىزگە.
        راس سىزدىن بىر نەرسا سوراي c تىلدا ياسىغان نەرسىلەرنى قايسى دىتالدىن پايدىلىنىپ يۇمشاق دىتال بولىقىنى چىقارغىلى بولىدۇ.
        مەنغۇ بۇرۇن يېڭى ئۆگەنگەندە turbo c دا يازاتتىم ھازىر c++ 6.0 دە يىزىپ قۇيىمەن.
        بولمىسىغۇ باشقۇرۇش سېستىمىسىنىما يازغىلى بولىدىكەن .مەھسۇلات قىلىپ قانداق چىقىرىمىز .بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 17:55
  • بۇ تىما تېخى باشقا مۇنبەرلەردە يوللانماپتۇ ، يوللانسا قانچىلىك غولغولا قوزغاپ كېتەر؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:28
    • ناتايىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ كىشىنى بىلىدىغانلار بەكمۇ ئاز، پىروگرامما تۈزۈش تىللىرىنى بولۇپمۇ C, C++, Java تىللىرىنى بىلىدىغانلار تېخىمۇ ئاز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:53
  • كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ھازىر مەن JAVAنى ئۆگىنىشنى باشلىغان ئىدىم. داۋاملاشتۇرىۋەرسەم بولغۇدەك.
    پىكىر قىلىش دېگەن سۆزىڭىزنى چۈشەنگەن بولساممۇ، پىكىر قىلىش ئىقتىدارىم تازا ياخشى ئەمەس دەپ قارايمەن. بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان دوستۇم ماڭا بىر قېتىم لوگىكىلىق پىكىر قىلالىشىڭ كېرەك دېگەن ئىدى. لوگىكىلىق پىكىر دېگەن قانداق پىكىر؟ قانداق پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىشىم كېرەك؟ مۇمكىن بولسا چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز؟ رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:14
    • لوگىكىلىق تەپەككۈر ئىقتىدارى توغرا پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يەنى مەسىلەرنى كۆزىتىش، سېلىشتۇرۇش، ئانالىز قىلىش، ئابىستراكىتلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، ئەقىلىي خۇلاسە چىقىرىش،…دېگەندەك جەريانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
      =======================
      مەلۇم بىر پىروگرامما تۈزۈش تىلىنى ئۆگىنىپلا يۇمشاق دېتال تۈزىمەن دېيىش قۇرۇق خىيالدىن ئىبارەت، مەسىلەن: سىز مەلۇم بىر تىلنى ئۆگىنىپلا، كومپيۇتېر ئالدىدىن قوپمايلا، ھازىر تاماقخانىلاردا ئىشلىتىۋاتقان تاماق تىزىملاش سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىقىمەن دېسىڭىز، بۇ قۇرۇق خىيال بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، يۇمشاق دېتال چوقۇم بىر كەسىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، سىز شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىسىڭىزمۇ، شۇ كەسىپنى چۈشىنىشىڭىز لازىم. مەسىلەن: خېرىدار ئاشخانىغا كىرىپ بىر قاچا لەغمەن بۇيرۇتقان بولسا، بۇ بىر قاچا لەغمەننى تەييارلاش ئۈچۈن قانداق خىزمەت ھالقىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. تاماق تىزىملىغۇچى زادى نېمىنى تىزىملايدۇ؟ بۇنى كىمگە بېرىدۇ؟ ئاشپەزگە كىم بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ؟…..لېكىن، بۇ جەرياندا بىرەر ھالقا چاتاق چىقسا قانداق قىلىدۇ؟…..دېگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئويلاش لازىم، شۇڭا، نېمىنى قىلالايمەن ئەمەس، نېمىنى قىلالمايدىغانلىقىڭىز كۆپ ئويلاڭ، بىلەلمىسىڭىز، ئاددىي پىكىر قىلىڭ، ئەڭ ئاددىي ئىشتىن باشلاڭ، مەسىلەن: بىرلا خېرىدارى بار، پەقەت بىرخىل تاماق چىقىدىغان، بىرلا ئاشپەز، تاماق تىزىملىغۇچى بار ئاشخانا لايىھەسى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ دېگەندەك،….
      شۇڭا قىسقىسى، بۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېتىلدۈرۈش ئوڭاي ئەمەس، ئەمما، ئىشلار مۇشۇنداق ئاز-ئازدىن باشلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىردا سىزنىڭ مۇشۇنداق ئاز-ئازدىن ئۆگەنگەن نەرسىلىرىڭىز قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ئاسان يولدا ماڭالايسىز. ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن، مەن مۇشۇنچىلىك يازاي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:46
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن ھازىر JAVA پروگرامما تىلىنى ئۆگىنىۋاتقان ئىدىم. مەدەنىيەت سەۋىيەم باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن. C تىلى JAVA قاتارلىق بۇ تىللاردىن زادى قايسىنى ئۆگەنسە ياخشى، JAVAنىڭ نەرى C تىلىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىم. ئەمما دۆلىتىمىزدىمۇ نۇرغۇن پروگراممىرلار JAVAنى ئىشلىتىدىكەن. JAVAنى تاللىغىنىم مېنىڭچە توغرا دەپ ئويلايمەن. مۇمكىن بولسا، JAVA ۋە C تىللىرىنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 18:18
    • سىز نەزەر دائىرىڭىزنى دۆلىتىمىز بىلەن چەكلىۋالماڭ، بۇ كەسىپ ھازىر خەلقئارالاشقان كەسىپ، مەيلى قايسىنى پۇختا ئۆگەنسىڭىز، شۇنىڭدا بىرەر ئىشلارنى قىلالىسىڭىز شۇ مىڭ ئەۋزەل

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى am 08:59
      • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم مەن بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،بىزگە cتىل ئۆتىۋاتىدۇ،قانداق ئوگەنگەندە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ.مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:03
        • ھەرگىزمۇ پەقەت ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈنلا ئۆگەنمەسلىك كېرەك. ئەلۋەتتە، دەرسلىك بىر پارچە كىتاب بىلەن چەكلىنىپ قالساق پۇختا ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. ئاۋۋال نەزەرىيەنى ئۆگىنىپ، ئاندىن دەرھال شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەشىقنى ئىشلەپ، مەشىق داۋامىدا شۇ نەزەرىيەلەرنى پىششىق بىلىدىغان بولغاندا ياخشى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ، شۇڭا، ھازىرقى شارائىتتا بىر C تىلى بىلەن چوڭ بىر ئىش قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما پىروگرامما تۈزۈشنىڭ جەريانلىرىنى راۋرۇس مەشىق قىلىۋالغىلى بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بىرەر كىتاب ياكى بىرەر ئوقۇتقۇچى بىلەن چەكلىنىپ قالماڭ. بۈگۈن مۇشۇنچىلىك بولسۇن

          يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:51
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم. مەن بىر يېڭى ئۆگەنگۈچى. كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن چىققىدەك ئۆگەندىم. مەدەنىيەت سەۋىيەم باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن. ماتېماتېكىغا ئانچە ياخشىمۇ ئەمەس. خەنزۇچە ماتېرىياللارنى ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ چۈشىنەلەيمەن. ھازىر مەن پروگرامما تىلى ئۆگىنەي دېگەن. نۇرغۇن ئادەملەردىن مەسلىھەت ئالغان بولساممۇ يەنىلا قايسى تىلنى ئۆگىنىشنى بىلەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن بەيدۇدىن ئىزدىسەم JAVA ئىشلىتىدىغانلار ئەڭ كۆپكەن ھەم JAVAنى بەك كۈچلۈك دېگەن ماختاشلارنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن JAVA نى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆگىنىشنى باشلىدىم. سىزنىڭچە JAVAنى ئۆگەنمەكچى بولغىنىم توغرا بوپتىمۇ؟ ياكى مەن بەك تەس تىلنى تاللىۋالغاندىمەنمۇ؟ JAVA ۋە C تىلىنىڭ نېمە پەرقى بار. يەنە كېلىپ C تىلىمۇ نۇرغۇن تۈرگە بۆلىنىدىكەن. زادى قايسىنى ئۆگىنىش كېرەك؟ مەن JAVA نى قانچىلىك ۋاقىت ئۆگەنسەم، مۇستەقىل پروگرامما تۈزگىدەك بۇلارمەن ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 16:14
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مېنىڭچە تۇتۇپلا بىر تىلنى ئۆگىنىش مىڭ ئەۋزەل، ئۇنىڭ-بۇنىڭغا قاراش ھاجەتسىز. ئەلۋەتتە مودا قوغلاشمايمەن دېسىڭىزلا. ئۇنىڭدىن پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىش تېخىمۇ ئەۋزەل، ئۆلۈك ھالدا پىروگرامما تۈزۈشنى يادلاپ يۈرمىسىڭىزلا. قاچان مۇستەقىل پىكىر قىلالىغاندا ۋە پىروگرامما تىلىنى پىششىق ئۆگەنگەندىلا ئاندىن مۇستەقىل پىروگرامما يازالايسىز، بۇنىڭغا بەك ئالدىراپ كەتمەڭ، ئاساس پۇختا بولسۇن

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى am 08:58
  • نېمانداق IT ساھەسىگە زور تۆھپە قوشقانلار ئارقا-ئارقىدىن كېتىپ قالىدۇ؟ بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغاندۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى am 10:48
    • مەيلى داڭلىق ئادەم بولسۇن ياكى پۇلدار ئادەم بولسۇن ھامان بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا داۋاملىق يېڭى ئىنسانلار بارلىققا كېلىپ، كومپيۇتېر تەرەققىياتىدا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى am 08:55
  • مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغان نادىر كومپيۇتېر تىلى ئىدى بۇ C دېگەن.
    بۇ يىل كومپيۇتېر ساھەسىدە ئانچە خەيرلىك ئىش بولمىدى دېسە، خۇددىي 1995-يىلى مەرھۇم ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىنلەر ۋاپات بولۇپ كەتكەندەك، بۇ يىلمۇ جوبس ۋە رىتچىلار تۈگەپ كېتىپ قالدى. ھەي ئىسسىت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:08
    • مەن ئەڭ پۇختا بىلىدىغان پىروگرامما تىلىمۇ C تىلى ئىدى، 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا دىلشات ھېۋىزۇللامۇ C تىلىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ياسىغان ئىدى.
      جوبستەك ۋە رىتچىدەك ئادەملەر بەلكىم 100 يىلدا ئاران بىرەسى چىقىدۇ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن،….لارغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ نەچچە 10 يىلدا ئاران بىرسى چىقىدۇ ياكى چىقمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:45
  • زەردار كىشلەر بىر-بىرلەپ تۇگەپ كىتىپ بارىدۇ.ئىنشاللا ئىزنى باسىدىغانلار يەنە چققۇسى..

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:30