نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

جىددىي خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز

[ تاغدىن-باغدىن ]

ئۇيغۇرسوفت جىددىي خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
(1) تەرجىمانلىق، 5 نەپەر
ئاساسىي شەرتى
ئىنگلىزچە سۆزلەش ۋە يېزىش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولغان، ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتېر، ماتېماتىكا ياكى فىزىكا كەسىپلىرىنىڭ خالىغان بىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن بىر نەچچە نەپەر مۇقىم ۋە ئىشتىن-سىرت خىزمەت قىلغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. باشقا ئالاھىدە شەرت قۇيۇلمايدۇ.
مۇقىم خىزمەتچى بىلەن ئىككى يىللىق مۇقىم ئەمگەك توختامى تۈزىلىدۇ، كۈندە 8 سائەت خىزمەت قىلىدۇ، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى، قانۇندا بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملاردا ۋە يىللىق دەم ئېلىش كۈنىدە ئارام ئالىدۇ. سۇغۇرتا ھەققى تۆلەپ بېرىلىدۇ. ئىش ھەققى ۋە مۇكاپات ۋاقتىدا بېرىلىدۇ.
ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىشتىن-سىرت ئىشلەشنى خالىسا، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ۋەزىپە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ۋەزىپىسىگە قاراپ ئىش ھەققى بېرىلىدۇ.
ئۆز تالانتىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ، بۇ قېتىم ئالىم مۇئەللىم بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدۇ، تەپسىلاتىنى تېلېفون، ئى.خەت ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ ياكى قەدەم تەشرىپ قىلىڭ.
ناۋادا، ئىنگلىز تىلى ئىمتىھان نەتىجىڭىز بولسا، بىللە ئالغاچ كېلىڭ.

مۇقىم خىزمەت قىلىدىغانلار مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بېكىتىلىدۇ. ئىنگلىزچە سۆزلەش، يېزىش قابىلىيىتى ئالىم مۇئەللىمدىن كۈچلۈك بولغاندا، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايدۇ. ئالىم مۇئەللىم ئۇنىۋېرسىتېتقا دەرس ئۆتكىلى ياكى يىغىنلارغا كەتكەندە، ياردەملىشىپ تۆۋەندىكى خىزمەتلەرگە ئىشلەيدۇ.

چۈشىنىش قابىلىيىتى:
ھەر ئايدا بىر نەچچە قېتىم ئىنگلىزچە تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ، ئەستايدىل بولۇشى كېرەك.

يېزىش قابىلىيىتى:
ھەر ئايدا بىر نەچچە قېتىم ئىنگلىزچە جەدۋەل تولدۇرىدۇ، تور ئارقىلىق خەت-ئالاقە ئېلىپ بارىدۇ، ئىپادىلەش قابىلىيىتى ياخشى بولۇش كېرەك، كومپيۇتېرغا ئائىت بىلىملەردىن ئازدۇر-كۆپتۇر خەۋىرى بولۇشى كېرەك.

سۆزلەش قابىلىيىتى:
ھەر ئايدا بىر نەچچە قېتىم تېخنىكىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىنگلىزچە راۋان سۆزلەش قابىلىيىتى بولۇشى كېرەك.

ناۋادا، يۇقىرىقى تەلەپلەرگە لايىق كەلسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. ماتېرىيالىڭىزنى ئى.خەت ئارقىلىق ئەۋەتىڭ، يۈز-تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتىنى سىزگە خەۋەر قىلىمىز، ئىمتىھان مەزمۇنى ئاساسەن نەق مەيداندا ئىنگلىزچە چۈشىنىش، يېزىش ۋە سۆزلەشتىن ئىبارەت.

تېلېفون: 8561400
ئى.خەت: alim.ahat@gmail.com
ئادرېس: ئۈرۈمچى يەنئەن يولى شىنخۇا كىتابخانا بىناسى 9-قەۋەت 9001-نومۇر
ھۆرمەت بىلەن: ئالىم ئەھەت
ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
41 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. كەسپىم بىلەن كومپيۇتېر بىلەن بەك باغلىنىشلىقمۇ ئەمەس، لېكىن مەن كومپيۇتېرغا بەك قىزىقىمەن. ئازتولا ئۇششاق پروگىراممىلارنى لاھىيەلەپ باقتىم. vb پروگىراممىلىرىنى تەرتىپلىك ئۈگەنمىگەن بولغاچقا بەزى خاتالىقلىرىمنى تۈزىتەلمەيمەن. شۇڭا سىزنىڭ تەربىيلەش كۇرسىڭىزغا قاتنىشىپ باقسام دەپ ئويلىغان ئىدىم. قاتناشسام چوقۇم سىز تاللايدىغان ئوقۇغۇچىڭىز بولىشقا ئىشەنچىم بار. تەربىيلەشنى قاچان باشلايسىز ئۇقۇپ باقسام بوپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 12:56
  • ھەقسىز تەربىيلىشىم مۇمكىن دەپسىز ئالىم ئاكا بۇ يەردە تەربىيلەيدىغىنىڭىز ئازراق بىلىمى بارلارنى تەربىيلەمسىز ياكى قىززىققۇچىلارنىمۇ؟مەنمۇ بەك قىزىقاتتىم مۇشۇ كومپىيۇتىر بىلىملىرىگە قارلۇققا تىزىملىتىپ بولۇپ ئائىلە ئىقتىسادىمىز يار بەرمەيدىكەن دەپ ئوقۇمىغانتىم .ھازىر بىكار بولساملا تور بىلەن ھەپىلىشپ دىتال ئىزدەپ سىناپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ يۇردۇم.مۇشۇنىڭمۇ پايدىسى بولارمۇ ؟يا ۋاقىت ئىسراپچىلىقىمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:23
    • ھەقسىز تەربىيەلەش بەلكىم مۇنتىزىم تەربىيەلەشكە يەتمەسلىكى مۇمكىن، ئادىمىي پەزىلىتى ياخشى بولسا، قالغان تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىتىۋالغىلى بولىدۇ ھەم ئۆزىمۇ تېز ئۆگىنەلەيدۇ، لېكىن، ئاز دېگەندىمۇ بىر نەچچە يىل مۇقىم خىزمەت قىلىپ بېرەلىشى كېرەك.

      ئەلۋەتتە زىيىنى يوق، لېكىن، تېز ئىلگىرلەيمەن دېسىڭىز، مەلۇم بىر نىشاننى بەلگىلىۋالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بىر ئۇستازنىڭ ياردىمى ياكى يول كۆرسىتىشىگە ئېرىشەلىسىڭىز، ئەگىرى يوللارنى ئاز بېسىشىڭىز مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:53
  • ئالىم ئاكا ، مىنىڭغۇ شىركىتىڭىڭلاردا بەكلا ئىشلۈگۈم بار ئىدى ،كەسپىم چۈشىدىكەن ، شەرتىممىۇ توشۇدىكەن . تىخى ئوقۇش پۈتتۈرمىدىم ئەمەسمۇ … كىيىنچە مۇشۇنداق پۇرسەت بولۇپ قالسا چوقۇم سىناپ باقىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى am 11:16
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم ئاكا،،، مەن سزنىڭ شىركىتىڭىزدە ئىشلەي ەېگەن ،،،لىكىن 5 نەپەر خىزمەتچىنى قۇبۇل قىلىپ بولدۇڭلارمۇ ئۇنى بىلمىدىم ،ئەگەر ئىېلىپ بولالمىغان بولساڭلار ،بىلوگقا ئۇچۇرىني بەرگەن بولسىڭىز ،مەن بىرىپ ئېمتىھان بېرىپ باققان بولسام ،،،،،،،،،،،،،ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،،،،،،،،،،،،،،

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:47
    • ياق، تېخى. تەلەپلەرنى پۇختا كۆردىڭىزمۇ؟ ئىشەنچ قىلسىڭىز، خەت يېزىڭ، مەن ھەممەيلەنگە ئوخشاش بىر مەزمۇننى ئەۋەتىپ بەردىم، شۇنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ سەۋىيەسىنى ھېس قىلالايسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:06
  • .nwar.Dolkun@yahoo.com.cnسھ؟‹؟دائ مەن ئالى مەكتەپتە،ئوقىمغان لىكىن ئوتتۇر مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ 2يىل كۇرۇستا ئنگىلز تىلڭدا ئوقىغان يىزىش ئوقۇش سەۋيەممۇ يامان ئەمەس .ئايئلتىس ئىنتھام گىمۇ قاتناشقان مەن سىز دىگەن تەلەپ لەرگە ماس كىلەم دىم ئۇنى بىلمەيمەن سىز نڭ قار شىڭز نى بىلگىم با ؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:25
باھا بېتى: 1 2