بۇ يېڭى ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

بۇ يېڭى ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟

[ ئاتالغۇلار ]

تۆۋەندىكى ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟ ئەتە چۈشتىن كېيىن 6:00 دىن بۇرۇن تاماملىنىشى كېرەك، بۇ ئاتالغۇ ئىنگلىز تىلىدىن باشقا تىللارغا تېخى تەرجىمە قىلىنمىغان. تۈرك ۋە ئۆزبېكلەرمۇ بىزنىڭ قانداق ئاتايدىغانلىقىمىزنى بىلگىسى بار ئىكەن.

1. Authenticator
The app that generates security codes that change frequently as part of two-step verification.
تەكلىپ: دەلىللىگۈچ، كىملىك تەكشۈرگۈچ

2. slide two fingers
To slide two fingers on a touchpad or similar device at the same time and with a relatively short distance between each other.
تەكلىپ: ئىككى بارماقنى سۈرۈشمۇ؟ سىيرىشمۇ؟

3. tap two fingers
To tap with two fingers on a touchpad or similar device at the same time and with a relatively short distance between each other.
تەكلىپ: ئىككى بارماقنى بېسىش

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
73 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • 2. slide two fingers
    To slide two fingers on a touchpad or similar device at the same time and with a relatively short distance between each other.
    تەكلىپ: ئىككى بارماقنى سۈرۈشمۇ؟ سىيرىشمۇ؟
    بۇنىڭغا قارىغاندا ۋە يانفوندىكى ئىقتىدارلارغا قارىغاندا، ئىككى بارماقتا ئېكراننى بېسىپ تۇرۇپ ،بارماقلارنى قارشى يۆنۈلۈشتە سىيرىگەندە(سىيرىس بولغاندا چوقۇم تېگىشىپ تۇرۇدۇ، ھەم ھەركەتنىڭ جەريانىنى كۆرسىتىدۇ،سۈرۈش بولغاندا چوقۇم تېگىشىپ تۇرۇشى ناتايىن، ھەركەتنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ،لېكىن ئىككىلا خىل ئەھۋالدا يۈز بېرىدىغىنى ئورۇن جەھەتتىكى يۆتكىلىش بولۇدۇ. سىيرىش بولغاندا تېگىشىپ تۇرغان نەرسىلەر ئارىسىدا يۆتكىلىش بولغانلىغىنى كۆرگىلى بولۇدۇ، ئىلغا بولۇپ قالغاندا مىس يارماقنى سۈرگەندەك.لېكىن سۈرۈش بولسا كۆپ مەنەلەردا ئىشلىتىلىدۇ،ھەم نەتىجىسىمۇ ھەر خىل بولۇدۇ،مەسىلەن دورا سۈرۈش، جىسىمنى سۈرۈش…. بۇ يەرلەردىكى مەنىسى ئوخشاش بولمايدۇ ) ئېكراندىكى مەزمۇن چوڭىيىدۇ ياكى كىچىلەيدۇ.
    شۇڭا ئىشلىتىش چاستوتىسىنىڭ ئازلىقى ،قوشۇمچە مەنىسىنىڭ ئاساسەن يوقلىقى جەھەتتىن ئويلىشىپ سىيرىش مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن.
    شۇڭا ئەگەر نەتىجىسىنى گەۋدىلەندۈرمەكچى بولساق:
    (قوش) بارماقتا چوڭايتىش دىسەكمۇ بولۇدۇ.
    ئەگەر جەرياننى ياكى ھەركەتنى تەكىتلىمەكچى بولساق:
    (قوش)بارماقنى سىيرىش دىسەكمۇ بولۇدۇ.
    ئەمدى گەپ قايسىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە باغلىق بولۇپ قالدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 13:07
  • ئىككى (قوش)بارماق سىيرىش(سۈرۈش) نىڭ نەتىجىسى ، ئىككى بارماق كەڭلەكىدە يۆتكەش بولىدۇ.
    ئىككى (قوش)بارماقنى سىيرىش(سۈرۈش) نىڭ نەتىجىسى ، ئىككى بارماقنى يۆتكەش بولىدۇ،بۇنىڭدا ئىككى بارماق يۆتكىلىدۇ،يۆتكىلىش ئارىلىقى ،شۇنداقلا جىسىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇدۇ.
    ئىككى (قوش)بارماقتا سىيرىش(سۈرۈش) نىڭ نەتىجىسى ، ئىككى بارماققا تېگىشىپ تۇرغان نەرسە ئىككى بارماق بىلەن تەڭ يۆتكىلىدۇ،بۇنىڭدا بارماقمۇ ،جىسىممۇ تەڭ يۆتكىلىدۇ.
    بەلكىم بۇ يەردە قايسى خىل ئەھۋالنى دىمەكچى بىلمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 12:42
  • دەلىللىگۈچ
    ئىككى بارماق سىرىش

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 14:55
  • 1. Authenticator __ ئېتىراپلىغۇچ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 13:50
  • يۇقارقى مەزمۇن ۋە ئىنكاسلارغا قارىغاندا windows phone 8نىڭ تىل بولىقى ئۇزۇن قالماي چىقىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئۆزەمغۇ بىرنى ئالدىم لۇمىيا 620 دىن، ئۇيغۇرچە خەتلەرنى كۆرۈپ ئاجايىپ خۇشال بولدۇم، بولسا تېلفۇننىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تېزراق چىققان بولسا، ئالدىراپ ئارانلا تۇرىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:17
    • ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ Windows Phone8 نىڭ تىل بولىقى توغرىسدا ئازراق بولسىمۇ خەۋەر بەرگەن بولسىڭىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى am 09:45
  • كۈندە نەچچە قېتىم قارايمەن ، ھېچبىر يېڭىلىق يوققۇ؟
    ئالىم مۇئەللىم ، بەكلا ئالدىراش بوپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟
    ياكى خوشخەۋەرلەر بولسا بىراقلا يەتكۈزۋېتەي دەپ ئويلاۋاتامسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:31
    • شۇنداق خۇشخەۋەرنى ساقلاپ، سەل مۇقىملاشقاندىن كېيىن يەتكۈزەي دەپ سىلەردىن بەك تىت-تىت بولۇپ كەتتىم، خۇشخەۋەرنى بۈگۈن ئېلان قىلدىم.
      ?p=2672

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:17
  • .
    1.شىفر دوختورى،(.خى خى مەن ئويلايمەنAuthenticator دىگەن سۆز دەلىللەش،ئىسپاتلاش،ھەم شىفر قۇرۇش،ئۆزگەرتىش دىگەن مەنىنى ئۆزگە مۇجەسسەمىلىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن،
    2.قوش بارماق سۇرۇش،(سرتىغا)
    3.قوش بارماق قىسىش .(ئىچىگە)
    تەكىلپ پىكىر بىرشىڭلارنى سورايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 23:36
  • سۈرۈپ دەلىللەش ياكى سىرىپ دەلىللەش دىسەك بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:52
  • قوشلاپ سېيرىش ، قوشلاپ چېكىش ياكى قوش سېيرىش ، قوش چېكىش دېسە تېخىمۇ ئاسان يېقىشلىق بولماسمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:50
  • ئىككى بارماق بېسىش ياكى سىرىشنى ‹قوش سىيرىش ›دەپ ئاتىساق

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 13:56
  • ھۆرمەتلىك كومپىيۇتېر تېخنىكىسنى ئۇمۇملاشتۇرۇش يۇلىدا ئىزدىنىۋاتقان بۇرادەرلەر . ئالدى بىلەن ئەجرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن . مەن يېقىندا مۇناق بىر مەسىلىگە دۇچ كىلىپ قالدىم . كومپيۇتېرىمغا WIN7 نىڭ 32 بىتلىق نۇسخىسى قاچىلانغان بۇلۇپ ، fx docuprint202 تىپىق خەتباسقۇ (تۇلۇق نامى fuji xerox富士施乐docuprint202پىرىنتىر) سەپلەنگەن . خەتباسقۇنىڭ زاۋۇت تەمىنلىگەن قوزغىتىش دىسكىسىدا WIN2000،WIN98،WINxp،WINntدىن ئىبارەت تۆت خىللا تاللاش بار ئىكەن . قاچىلاپ باقسام قاچىلىنىدۇ . لېكىن بېسىش بۇيرىقىنى بەرسەم قەتئىي ئىنكاس يوق . ماڭا ياردەم قىلىپ قانداق قىلسام WIN7شارائىتىدا fx docuprint202 خەتباسقۇمنى نورمال ئىشلىتەلەيمەن ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 13:45
    • سىز ئاشۇ سىياھلىغۇچنىڭ setup.exeدىگەن ھۆججىتىنى ئوڭنى چىكىپ سىغشما ھالەتتە قاچىلايمىز دىگەن يەردىن سىغىشچانلىقىنى xp ھالەتكە توغۇرلاپ قاچىلاپ بىقىڭ

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 17:45
  • مىنىڭ بلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىۋالغان بولسىڭىز تولىمۇ مىننەتدار بولاتتىم، بۇ بلوگ تەۋپىق مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى بايرىقى ئاستىدىكى بلوگ.www.aliphp.com/logo.gif

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى am 09:15
  • ئالىم مۇئەللىم تور خاتىرىڭز ئەجەپ ۋاقتى-ۋاقتىدا يىڭىلانماس بولۇپ قالدىيا،قارىغاندا ئالدىراش ئشلەۋاتقان ئوخشايسىلەر،بىراق ما تورنى بىر كۆرۋىتىپ ئاندىن ئشلىرىمغا مىڭىشقا ئادەتلىنىپ قاپتىكەنمەن،شۇڭىلاشقىمىكىن،ئەگەر يىڭى مەزمۇن كۆرمىسەم خۇددى ئەتتىگەندە ناشتىسىز قالغاندەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم……

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى am 08:14
  • ئەسسالام ئالىم مۇئەللىم :
    تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۇئال سوراي ،windows8 defender نى قانداق قوزغىتىمىز ؟ قالىسام ھالىتى ئىتىك دەپ چىقتى ،،ئاچسام ئېچىلمىدى؟ مۇشۇنىڭغا رەنجىمەي جاۋاپ بىرىۋەتسىڭىز ؟
    يەنە بىر گەپ ئەگەر سېستىمىدا ھازىر خاتالىق (سۆزدىكى ) بايقىساق دىسەك بۇلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 22:37
    • بەلكىم سىز ئۇچۇنچى تەرەپ ۋىرۇس تازلىغۇچنى(قسارتىپ «قاراۋۇل» دەيدىكەنمىز) ئشلىتپ ئىتىلىپ قالغان بولۇشى مومكىن ،سىز programfiles\windowsdefenderنى ئىچىپ windowsdefener نى قوش چىكىپ قوزغاتسىڭز بولىدۇ،
      مىنىڭ بىلىشمچە سىستىمىدىكى خاتالىقنى ئەمەلى ئسپات بىلەن كۆرسىتپ بەرسىڭز ئالىم مۇئەللىم ئىنتايىن خۇش بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:06
باھا بېتى: 1 2 3 4