Samsung يانفونىغا ئۇيغۇرچە تونۇتقۇچ
[ IT خەۋەرلىرى ]Samsung يانفونلارنىڭ بىر قىسىملىرىدا root ھوقۇقى ئېلىش بەك تەس، بولۇپمۇ قوش كارتىلىق Samsung يانفونلىرىغا root ئېلىش بەك مۈشكۈل. يەنە بەزى ئىشلەتكۈچىلەر يانفونغا root ھوقۇقى ئالمايلا ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن، بۇنداق بولغاندا يانفون سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىلى بولماي قالىدۇ، بۇ ئەھۋال يانفوندا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق چىقماسلىقتەك ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرچە قىلاي دېسە root ھوقۇقى يوق، قىلماي دېسە ئۇيغۇرچە خەتلەر سەت… قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمدى بۇنىڭدىن ئەنسىرمەيسىز. يېقىندا قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىمىز تۈزۈپ چىققان «قۇتيار فونت قاچىلىغۇچ» نىڭ root ھوقۇقى يوق ئەھۋالدا ئىشلەيدىغان پەقەت Samsung يانفونلىرىغا ماس كېلىدىغان بىر ئەپنى ياساپ چىقتۇق. بۇ ئەپ ئارقىلىق سىز Samsung يانفونلىرىڭىزنىڭ ئىچىدىكى بارلىق يېزىق ھالىتىنى جۈملىدىن ئۇيغۇرچە يېزىق شەكلىنى چىرايلىق قىلالايسىز. ئەمما تور بېكەت ۋە يانفون سىرتىدىكى يېزىقلارغا ئامال يوق. قالدى تەپسىلاتلارنى ئەپنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ ئاندىن ئىنكاس يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. قېنى ئەمىسە ئەپ كۆرۈنمە يۈزلىرىگە قاراڭ.
ئەپكە قوشۇلغان خەت نۇسخىسى ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىدۇر. ئۆزىڭىز قايسى خەت نۇسخىسىنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى بار ئىخچام نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
كېيىنكى تېمىدا root ھوقۇقى بار بولغان بارلىق ئاندرويد يانفونلارغا ماس كېلىدىغان «قۇتيار فونت قاچلىغۇچ» بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىسىز. دىققىتىڭىز كېلەركى قېتىملىق يازمىمىزدا بولسۇن!
بىزنى قوللاپ ئۆز بلوگىدىن بىر كىشلىك ئورۇن بەرگەن ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيە ئىشخانىسى
2015-يىلى 16-مارت
- يازما كۆرۈلۈشى: 2,402 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 03-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:03
- ئالدىنقى يازما :«تەرجىمانلار ياردەمچى قورالى» بارلىققا كەلمەكچى
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت تەرجىمانلار ياردەمچىسى يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ
ئۇيغۇرچە تونۇتالمىغانلارغا ناھايىتى ياخشى ياردەم بوپتۇ ، رەھمەت سىلەرگە .
تور ﺪەرىسىنى ﻗاچان باشلارسىز مۇئەللىم
تور ﺪەرىسىنى ﻗاچان باشلارسىز مۇئەللىم
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمدىن سورايدىغان بىر سۇئال بار ئىدى:
windows10 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئىلان قىلىندىغان ۋاقتى يىقىنلىشىۋاتىدۇ. مەزكۇر مەشغۇلات سېستىمىسى ئىلان قىلىنداندا
ئۇنىڭ ئىچىدە microsoft uighur دىن ئىبارەت بىرلا خەت نۇسخىسىنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقى ئىنق. مۇمكىن بولسا سىز مىكروسوفىت شىركىتى بىلەن كۆپرەك ئالاقىلىشىپ، ئىلان قىلىنماقچى بولغان windows10 مەشغۇلات سېستىمىسىنڭ ئىچىگە ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىتىۋىتىشكە ماقۇل كەلتۈرسىڭىز تولىمۇ ياخىشى ئىش بولاتتى. شۇنداق قىلىشقا ئىمكانىيەت بارمىدۇ مۇئەللىم؟
كەچۈرۈڭ، ھازىرچە بۇنداق ئىمكانىيەت يوق
بۇ بەك ياخشى بوپتۇ، سامسۇڭ تېلفوندىن باشقا تېلېفونلارغىمۇ قاچىلاشقا بولامدۇ؟ مېنىڭ تېلېفونوم خۇاۋېي ئىدى. سىناپ باقاي دېگەن.
قۇملۇق ۋە مەجنۇنتالغا جاۋاب:
سىلەر ئاندرويدنى چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسىلەر. بۇ يەردە دېيىلگەن ئۇيغۇرچە تونۇتۇش پەقەت ئۇيغۇرچە خەتلەرنى سىپتا ۋە مۇشۇ ئالىم مۇئەللىمنىڭ بلوگىدىكى خەتلەردە چىقرايلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. سىلەرنىڭ Windows Phone رىڭلاردىمۇ ئۇيغۇرچە خەتلەر ئالاھىدە چىرايلىق ئەمەس پەقەتلا شۇ نورمال ئۇلىشىپ كۆرۈنىدۇ، بىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس بۇ Windows Phone مەھسۇلاتى. ئاندرويددىمۇ خەتلەر ھازىر ئۇيغۇرچە يوق ئەھۋالدا شۇنداق چىرايلىق ۋە بەلەن تونىيدۇ. ئەمدى بۇ ئەپنى ياساشتىكى مەقسەد ئۈستىدىكى تېمىدا ئېيتىقلغاندەكلا… بۇنى يەنە قايتا دېيىشنى ئورنى يوق.
ئادىلغا جاۋاب:
ئۈندىداردىكى خەتلەر تولۇق بەلەن چىقىدۇ ئەمما تور ھالەتتە كەلگەن توپ ئۇچۇرى بولسا بەلەن چىقمايدۇ.