نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرى (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرى (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى

يېقىندا ئاتالغۇ ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ، بىلوگىمدا يېڭى تېما يېزىپ بولالمىدىم. مەن ئۈچۈن بىلوگىمدا تىل-يېزىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك خۇشخەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش مۇھىم، ئەمما قىلمىغان ياكى قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى داۋراڭ قىلىش ياخشى ئادەت ئەمەس. بۇ ئىش مۇقىملاشقاندىن كېيىن، سىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىمەن.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن تورداشلار كومپيۇتېر ساھەسىدە تىل-يېزىقىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندى. بولۇپمۇ كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقانلار بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، Microsoft شىركىتى Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، Microsoft شىركىتى يەنە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئىشلەتكەن (بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىشلىتىدىغان) ئاتالغۇ ئامبىرىنى تولۇقلاپ ئېلان قىلدى. بۇ بىز ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئامبىرى مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئورتاق بولۇپ، ئىزچىللىقنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي يەنە تەرجىمە ئۇسلۇبى قائىدىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

http://www.microsoft.com/language

Microsoft مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن تەرجىمە ئۇسلۇبى قائىدىسى تۈزۈلىدۇ، ئاتالغۇلار تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئاندىن ئارايۈز ئۇچۇرلىرى تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئاخىرىدا تەرجىمە سۈپىتىنى تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇ تەرجىمىسى بويىچە تەكشۈرىدۇ. شۇڭا تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇ ئامبىرى Microsoft ئۈچۈن مۇھىم ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ.

سىز بۇ تور بېكىتىدە Microsoft مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلارنىڭ 100 نەچچە تىلدىكى تەرجىمىسىنى تاپالايسىز. بۇ ئاتالغۇنى قوغداش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئامباردا ئازدۇر-كۆپتۇر سەۋەنلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ بارا-بارا تۈزىتىلىدۇ، تولۇقلىنىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
72 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مۇشۇ تېمىدا دېيىلگەن ئاتالغۇ ئامبىرىنى ئىگە تەرەپ بېتىدىن چۈشۈرەلمىدىم. مۇمكىن بولسا بىرەر مۇقىم بوشلۇققا يوللاپ قويغان بولسىڭىز. دېتال يەرلىكلەشتۈرگەندە ئاتالغۇ خاتالىقىدىن ساقلىناي دېگەن. ھەر ۋاقىت تور بار شارائىتتا تۇرمايدىكەنمەن. يەنە كېلىپ بەزىدە مىكرو سوفت تورى ئېچىلمايدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:07
  • ئەسسالام ئالىم مۇئەللىم. بىز مۇشۇ مەشخۇلات سىستىمىسىنىڭ تىل بولىقى ئۇيغۇرچە بولۇش جەريانى بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقساق بەك ياخشى بولاتتى. مەسىلەن ئۇلار سىلەرگە ۋەزىپىنى قانداق ھالەتتە تاپشۇرىدىكەن. ئۇ شىركەتتە بىۋاستە سىلەرنى نازارەت قىلىدىغان ئۇيغۇرتىلىنى چۈشىنىدىغان ئادەم بولمىغان شارائىتتا توغرىلىق دەرىجىسىگە ، سۈپىتىگە، ۋە قىسمەن مەدەنىيەت ئامىلىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىكەن ؟ جۇگگۇدىكى ‹مىكروسوفت ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى› ، ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ، ۋە سىئاتولدىكى باش شتابى ئوتتۇرىسىدا خىزمەت بەلگىلەش . كىمنى قىلىشنى بىكىتىش . ۋەزىپە تەقسىملەش ، ئۇنى تەكشۈرۈش ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىرەر ئۇقتۇرۇش قىلسا MSN بىلەن ئالاقە قىلامسىلەر ؟ ياكى بىۋاستە تېلىفۇنمۇ قىلامدۇ ؟ پۈتۈن ئىشلار تۈگىگگەندە بىرىدىغان تەمىناتلارنى قانداق تارقىتىدىكەن ؟ ( بۇ ئەسلى سوراشقا تىگىشلىك بولمىغان ، لىكىن ئۇنداق كاپىتال دۆلىتىدە پۈتۈن ئىشلار پۇل بىلەن ئايلىنىدۇ ، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئەجرىگە راۋۇرۇس ھاردۇقى چىققۇدەك ، 5 يىل خالىغان تۈرگە زىيىنىنى ئويلاشمايدىغان ھالەتتىكى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىيەلىدىمۇ ؟ ئۆزلىرىنى ئۇلار ياللانما خادىم دەپ قارامدۇ ؟ ياكى رەسمى شىتاتلىق خىزمەتچىمىز دەپ قارامدۇ ؟ …………………..ۋە مۇشۇ جەرياندا يۇلۇققان قىزىقارلىق يۇمۇرىستىك ئىشلارنى بىر نەچچە تىمىغا بۆلۈپ يوللاپ قويسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى…..)
    مۇشۇ ئىنكاسقا نىسبەتەن جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى am 10:15
    • ياخشى سوئاللارنى سوراپسىز، .ئەمما بەزىلىرى مەخپىيەتلىك كېلىشىمگە خىلاپ ئىشلار ئىكەن.بەزى نەرسىلەرنى مەن رادىيو سۆھبىتىدىمۇ دېگەن ئىدىم، ھازىرچە شۇ يەردىن ئاڭلاپ تۇرۇڭ. مەھسۇلات تارقىتىشقا ئاز قالغانسېرى ئۇلار بەك كۆپ ۋەزىپە بېرىۋاتىدۇ، چوقۇم 1 سائەت ئىچىدە تاماملاش دېگەندەك. ھازىر بەك ئالدىراش ئىشلەۋاتىمەن. ھازىر جاۋاب يازالمايمەن، توغرا چۈشىنىڭ. بۇ ئىشلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندە، كېلىشىمگە خىلاپلىق بولمىغاندا، ئۆمرۈم بولغاندا، سىز دېگەن تەلەپ بويىچە كومپيۇتېرغا ئائىت بىرەر پوۋېست ياكى رومان يېزىشىم مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى am 10:53
  • چۈشۈنۈشلىك ھەم ئىنتايىن تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت..2.چارە بويىچە ئىش كۆرۈپ باقاي..
    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى am 08:58
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم .
    مەن ھازىر ئاساسى رايوندىكى خەتنى كېڭەيتىلگەن رايونغا ئۆزگەرتمەكچى ئىدىم. لېكىن ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئەرەپچە خەتلەر بولۇپ قالسا ئەرەپچە خەتلەردە خاتالىق كۆرلىدىكەن. ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەپچە خەتلەرنى كېڭەيتىلگەن رايونغا ئۆزگەرتكەندە نۇرمال ئۆزگۈرىدىغان قىلىشقا ئىمكانىيەت بارمىدۇ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:11
    • ئەرەبچە سۆزلەر ئاساسىي رايوندا قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىلا كېڭەيتىلگەن رايونغا ئالماشتۇرىدىغان دېمەكچىمۇ ياكى ئۇيغۇرچە ھەم ئەرەبچىنىڭ ھەممىسىنى كېڭەيتىلگەن رايونغا ئالماشتۇرۇشنى دېمەكچىمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 13:34
      • ئۇيغۇرچە ھەم ئەرەپچىنى بىراقلام كېڭەيتىلگەن رايونغا ئالماشتۇرماقچى. بولمىسا ئۇيغۇرچە خەتنى كېڭەيتىلگەن رايونغا ئالماشتۇرسام ئەرەپچە خەتلەردە خاتالىق چىقىپ قالدىكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:08
      • ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرسام ئەرەبچە ھەرپلەر بۇزۇلۇپ كەتتى دېگىنىڭىزگە قاراپ، كېڭەيتىلگەن رايوندا ئايلاندۇرۇش كودىنى يازغاندا ئەرەبچىدە بار ئۇيغۇرچىدە يوق بولغان بەزى ھەرپلەرنى(ص، ض، ط، ظ، ع، …) نەزەردىن ساقىت قىلىپ، پەقەت ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئالدى-كەينى ئۇلىشىش مەسىلىسىنىلا ئويلاشقانلىقتىن، يۇقىرىدىكى بەزى ھەرپلەرنىڭ كودى ئاساسىي رايوندا تۇرۇپ قېلىپ، بۇ بەزى ھەرپلەرنىڭ (ص، ض، ط، ظ، ع، …) ئاۋۋالقىدەكلا ئاساسىي رايوندىكى يالغۇز شەكلىلا كۆرۈنگەن، ئەكسىچە ئەرەبچە ھەم ئۇيغۇرچىگە ئورتاق ھەرپلەر بولسا كېڭەيتىلگەن رايون كودىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقتىن بۇ كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپلەر بىلەن قوشنا يېزىلغا ئاساسىي رايوندا يالغۇز شەكلى تۇرۇپ قالغان بەزى ھەرپلەرنىڭ (ص، ض، ط، ظ، ع، …) تۇتىشىدا مەسىلە كۆرۈلگەن دەپ قارىدىم ۋە بۇ قارىشىم توغرىمىدۇ دەپ ئويلاپ
        http://www.aljazeera.net/ebusiness/pages/5c1d0990-195e-465f-8cc5-ba02bb52231e
        دىكى ئەرەبچە تېكىستتىن
        التجارية الحرة تعد الطريق الصحيح للتعافي الاقتصادي
        دېگەن بۆلەكنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ،
        http://yulghun.com/imla/convert.html
        دىكى ئايلاندۇرغۇچتا ئاساسىي رايوندىن كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرۇپ سىناپ باقسام، دەرۋەقە
        ﺍﻟﺘﺠﺎﺭﻱة ﺍﻝحﺭة ﺕعﺩ ﺍﻝطﺭﻳﻖ ﺍﻝصحﻱح ﻟﻠﺖعﺍﻓﻲ ﺍﻻﻗﺖصﺍﺩﻱ
        بولۇپ ئايلاندى، قاراپ باقسام ئەرەبچىگە خاس(ئۇيغۇرچىدە بولمىغان) ھەرپلەرنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلىنىش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنماپتۇ(ھەرپلەرنىڭ كودىنى تەكشۈرۈپ باقمىدىم)، شۇ سەۋەبتىن بەزى ھەرپلەر ئۆز-ئارا ئۇلىنالايدىغان شەكىللىرى بار ھەرپلەر تۇرۇقلۇق ئۇلانمىغان ھالەتتە چىقىپتۇ.

        بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى:
        1. ئۇيغۇرچىدە يوق، ئەمما ئەرەبچىدە بار بەزى ھەرپلەرنىڭمۇ (ص، ض، ط، ظ، ع، …) ئالدى-كەينىدىكى ھەرپكە قاراپ كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى(كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ئۇلىنالايدىغان شەكىللىرىنى) قوشۇش.
        2. يەككە سۆز بويىچە مۇھاكىمە قىلىپ، بۇ يەككە سۆزنىڭ ئىچىدە ئەرەبچە بەزى ھەرپلەر(ص، ض، ط، ظ، ع، …) بولۇپ قالسا، بۇ ئەرەبچە سۆزنى كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرماي، ئاساسىي رايوندا قالدۇرۇپ قويۇپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش.
        بۇلاردىن 2.چارىنى تەۋسىيە قىلمايمەن، بۇنى پەقەت ئەرەبچە بەزى ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىش شەكىللىرىنى بىلمىگەن ۋە ئەرەبچنىڭ ئايلاندۇرۇلۇشى زۆرۈرىيەتسىز بولغان ئەھۋالدىلا، قوللانسىڭىز بولىدۇ.

        چۈشىنىشلىك بايان قىلالىدىممۇ-يوق، بىلمىدىم.

        تۆۋەندىكىلەر ماتېرىياللار ياخشى ئەسقېتىشى مۇمكىن.
        http://www.unicode.org/charts/
        http://www.unicode.org/charts/PDF/UFE70.pdf
        http://en.wikipedia.org/wiki/Template:Unicode_chart_Arabic

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى am 05:24
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم ، مەن مەكتەپتە گېزىت ئىشلەۋاتقان، بۇ جەرياندا بىر مەسىلىگە ئامال قىلالماي سىزدىن ياردەم سورىشىمغا توغرا كەلدى.
    باشقا گېزىتلەردە ، ژورناللاردا، بىر قۇر خەت ئاخىرلاشقاندا سۆز ئاخىرلاشمىغان شارائىتتتا ئاخىرلاشمىغان سۆزنى كىيىنكى بەتكە بىۋاستە سۆرەپ چۈشۈپ كەتمەي بوغۇمدىن ئۈزۈپ سىزىقچە تارتىپ كىيىنكى بەتكە سۆرەپ چۈشۈپ كېتىدۇ، مەن شۇنچە ئىزدەنگەن بولساممۇ بۇنداق قىلالمىدىم، بۇ كىرگىزگۈچنىڭ ئىشىمۇ ياكى خەت نۇسخىسىنىڭمۇ ۋەياكى يۇمشاق دىتالنىڭ ئىشىمۇ بىلمىدىم.
    گىزىتخانىلارنىڭ ئۆزئالدىغا يۇمشاق دىتالى بار دەيدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 19:24
    • بۇ شۇ بەت تىزىيدىغان يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشى، كىرگۈزگۈچ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:38
      • رەھمەت سىزگە، ۋوردقا قىستۇرما قوشۇش ئارقىلىق بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مومكىن دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىدىم، ئەگەر راستىنلا شۇنداق قىلغىلى بولسا سىز بىلەمسىز بۇ قايسى قىستۇرما؟ قانداق قىلسام بۇ قىستۇرمىغا ئېرىشەلەيمەن؟
        خەنزۇچە خەتكە بۇنداق قىستۇرما لازىم بولمايدۇ شۇڭا توردىن تاپقىلى بولمايدىكەن. بولسا سىزنىڭمۇ ئىزدىنىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداق چوڭ ئىشنى قىلدىڭىز بۇ سىز ئۈچۈن ھىچقانچە ئىش ئەمەس ، ھەقلىق تاقاتسىڭىزمۇ سېتىۋالىدىغانلار كۆپ چىقىدۇ ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا ئىشەنچىم بار.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:12
  • Windows ۋە Live نىڭ تەرجىمىلىرىدە توغرا ئېلىنغان، ئىملا خاتالىقىمۇ يوق، سىز دېگەن يەرنى باشقا گۇرۇپپا تاماملىغان، ئۇيغۇرسوفت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 14:18
  • سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:54
  • شۇ مۇئەللىم ،خاتالىق كۆرۈلمىسە نورمالسىزلىق بۇلىدۇ، ئېلان قىلغاننى ئېلان قىلدى،ئەمدى مۇكەممەللەشتۇرۇشنى باشلىمىساق بولماس.شۇڭا بۇلارنى يوللاپ تۇرىمەنغۇ،تۈمۈرنى قىزىقىدا سوقمىساق بولمايدۇ، 3،4يىلدىن كىيىن ئۆزگەرتىمىز دىسەك يەنە تەس كىلىپ قالمىسۇن .خۇددىي ئىملا قىلىپلاشتۇرۇشقا ئوخشاش.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:33
  • شۇنى تەڭشەش جەريانىدا «تېكىست ….1369953»دەپ بىر تاللاشنى كۆردۈم ،بۇ ئەسلىدەمۇشۇ تىلفۇنغا «ئۇچۇر ئەۋەتىش »دىگەن مەنىدىكەن ،مەن ئىشلىتىپ باقتىم .تىلفۇنىمغا ئۇچۇر كەلدى.مۇئەللىم ،كۆرۈپ باقسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 14:15
  • microsoftھىسابىتىمنى تەڭشەش جەريانىدا «ئىككى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش »دىگەن تەڭشەكنى كۆرۈپ قالدىم،بۇ ئاتالغۇ بۇرۇندىلا تەرجىمە قىلىنىپ بوپتىكەن. بۇ ئاساسلىقى باشقا كومپىيوتىردا بۇ ھىساباتىمىزغا كىرسەك ،ئۆزىمىز قۇرغان پارۇل بىلەن ئورگان تەرەپ تىلفۇنىمىزغا(ياكى باشقا ئېلىكتۇرۇنلۇق ساندۇقىمىزغا) ئەۋەتكەن بىخەتەر كودى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ شۇ ھىساباتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىمىزنى دەلىللەيدىكەنمىز.ئەگەر ئەقلىي ئىدراكلىك تىلفۇن بىلەن بۇ ھىساباتقا كىرسەك 验证器 دىگەن نەرسە بىلەن بىخەتەر كودى غا ئېرىشسەكمۇ بۇلىدىكەن.بۇنى بىز بىر ۋاقىتلاردا تەرجىمە قىلغان ئاتالغۇ شۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 14:03
  • مۇئەللىم ،固件 نىمە دەپ تەرجىمە قىلىدى،surface نى تۇنجى ئىشلەتكەندە «قاتۇرۇلما …..»دەپ لاپپىدە كۆرۈلۈپلا يۇقاپ كەتتى،توردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم.تېخى كىرگۈزۈلمىگەن ئوخشايدۇ.
    مۇشۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلىدا ماس كىلىدىغان سۆزنى تاپتىم .
    ئۆزەك:1.ئۆسۈملۈك غولىنىڭ مەركىزىدىكى قىسمى،نېپىز پوستىلىق ھۆجەيرىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ.
    2.بەزى ئۈسكىنىلەرنىڭ مەركىزى قىسىمىغا ئورۇنتىلىدىغان نېپىز دىتال.
    3.سۆزلەرنىڭ گىراماتىكىلىق قۇشۇمچىلارنى قۇبۇل قىلىدىغان ياكى گىراماتىكىلىق قۇشۇمچىلارنى ئۆزچىگە ئالمايدىغان قىسمى.
    ئىنگىلىزچىسى :The software that is embedded in a hardware device and controls how the device interacts with the operating system.
    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن «ئۆزەك دىتال »دەپ ئالساق بۇلىدۇياكى يومشاق بىلەن قاتتىق دىتال ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن «ئۆزەكلىك يۇمشاق دىتال»دەپ ئالساق بۇلىدۇ.
    پىكىرىمنى ئويلىشىپ باقسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى am 11:26
    • Firmware
      قاتتىق دېتال ئىچىگە قاتۇرۇلغان، مۇقۇملاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتال دېگەن مەنىدە، شۇڭا، قاتۇرما دېتال (ياكى قۇيما دېتال) دېسە ھېچ خاتا يېرى يوق. chip 芯片 نى ئۆزەك دەپ ئادەتلەنگەن، شۇڭا بۇ يەرگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، شۇڭا ھازىرقى تەرجىمىسىدە ئېغىر خاتالىق يوق. بۇنداق زور خاتالىق يوق نەرسىنى ئۆزگەرتىش توغرا كەلسە، ھەممە نەرسە قايتا چوۋۇلىدۇ. بۇنداق قىلساق ئالدىغا 2 قەدەم، كەينىگە 3 قەدەم ماڭغان بىلەن باراۋەر. خۇددىي ئىملادا بۇرۇن رادىئو دەپ يازسا نېمە بوپتۇ، ئۇنى ھازىر رادىيو دەپ ئۆزگەرتىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:59
باھا بېتى: 1 2 3