نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

ھوشۇر ئىسلام جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

http://www.cae.cn/cn/yszx/gbmd/20111208/cae11415.html

ئۇستاز ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىڭ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، بۇ كومپيۇتېر ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقان باشقىلار ئۈچۈنمۇ زور ئىلھام بولدى.
(Academician of China National Engineering Research Institute)

8-دېكابىر جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى 2011-يىللىق ئاكادېمىك شەرپىگە ئېرىشكەنلەرنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ئۇچۇر ۋە ئېلېكتىرون قۇرۇلۇشى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلاندى.

ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئاسپرانت يېتەكچىسى بولۇپ، كومپيۇتېر قوللىنىش تېخنىكىسى ۋە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال نەزەرىيەسى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدىغان مۇتەخەسىس بولۇپ، دۆلەت پەن-تېخنىكىسى ئىلگىرى سۈرۈش مۇكاپاتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پەن-تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

تەپسىلاتىنى ئەلكۈيى تورىدىن كۆرۈڭ

http://news.alkuyi.com/show.php?mid=11755

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
18 پارچە باھا يېزىلدى
  • سالام، ئالىم مۇئەللىم!
    ئالدى بىلەن خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. ئاندىن بىلوگلىرىدا ياخشى ماقالىلەرنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    «ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ۋە قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ پروفېسسورى، » ماۋۇ مەزمۇن تۈزۈتۈلسە توغرا بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:12
  • مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ، ئۇستازنىڭ شەرىپىگە مۇبارەك بولسۇن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 07:34
  • تۈنۈگۈندىن بىرى ھەممە يەردە شۇ گەپيا؟ ھىچ بىر تور بىكەتتە نىمە ئىشلىقىنى بىلمىدىم.
    قارىغاندا، «زىرەكلىك»، «تىزلىك» دىگەن سۆزلەرگە ماس كەلتۈرۈپ، «ئەقىللىك» دەپ ئۆزگەرتكەن ئوخشىمامدا؟ «ئەقىللىق»، «ئەقىللىك»كە ئۆزگەرگەن بولسا، «چاققانلىق» نىمىگە ئۆزگەرگەندۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:27
  • ھوشۇر ئىسلام تاغىنىڭ ئاكادېمىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن!
    ئەپسۇس، نۇرغۇن تور بەتتە ھوشۇر ئىسلام تاغىنىڭ ئەمەلىي ئىش قىلمىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت ئاجرىتىپ بەرگەن مەبلەغنى ياخشى تۈرلەرگە ئىشلەتمەي ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكىنى، پۇرسەتلەرنى كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى يېزىپ قاقشاپ كېتىپتۇ، مۇشۇنداق بولغىيمىتى؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:21
    • ھەيرانمەن، نېمە ئۈچۈن كىشىلەر يامان سۆزلەرنى ئاڭلاشقا شۇنچە ھېرىسمەن؟ ياخشى ئىشلارنى ئاڭلاشقا، ياخشى خەۋەرلەرنى بىلىشكە شۇنچىلىك ئالدىرمايدۇ؟

      ئىنسان كەمچىلىكلەردىن خالىي بولغان ئەمەس، بىل.گېيتس(Microsoft) ، سىتېۋى.جوبس(Apple) ، لارا پېيج (Google) ھەممىسى شۇنداق، لېكىن ئۇستاز ھوشۇر ئىسلام ئاكىمىزنىڭ ئاكادېمىك بولغانلىقى بەرھەق. بۇنى تېخىمۇ كۆپ تەشۋىق قىلىش كېرەك، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلەرگە مۇشۇنداق ھايات ئۇستازلارنىمۇ كىرگۈزۈش كېرەك،

      يەنە بىر مۇھىم نوقتا شۇكى، ھوشۇر ئىسلام ئاكىمىز 45 ياشقا يېقىنلاشقاندا ئاندىن كومپيۇتېر بىلەن تونۇشۇپ، ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، 25 يىل ئىچىدە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ياراتتى، ئەمما يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بار، ئۇلار يېشىم 45 كە يېقىنلاشتى، ياشلىقىم ئۆتتى، كاللام ئىشلىمەيدۇ، ئىش خوشياقماس بولۇپ قالدى، پۇل تۆلەپ ئارام ئېلىشقا چىقىۋالسام بولاتتى، ئىشلىمەي بىكارغا يەپ ياتسام بولاتتى، بىلىم ئىگەللەي دېسەم بەل بوش، كومپيۇتېر ئۆگىنەي دېسەم ئوھوش خوشياقمايدۇ دەيدىغان نۇرغۇن ئىرادىسىز كىشىلەر ئارىمىزدا مەۋجۇت. بىز ئىمكان بار ياخشى تەرەپلەرنى كۆپرەك ئويلايلى

      ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىڭ سالامەت تۇرۇشىنى، تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 08:59
    • ھېلىقى مىسرانىمدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىڭ بىر ئېغىز گېپى گۈدۈكنى بىر ئالدى. كېيىن مەن بۇ سۆھبەت سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ئالدىرىماي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ھېلىقى گۈدۈككە سۆرەپ چىققان «ئەڭ» سۆزى ھەققىدە ئازراق ئويلىنىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە ئاشۇ گەپنى قىلغان قېرىندېشىمىز ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىڭ ئاشۇ «ئەڭ» سۆزىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتىكى سۆزىنى خاتا چۈشىنىۋالغان ئىكەنتۇق.
      بىزنىڭ ئادىتىمىز شۇغۇ، ئارىمىزدىن داڭلىقلار چىقمىسا چىقىمىدى دەپ قاقشاپ قويىمىز. چىقسا ھە ياخشى چىقىپتۇ دەپ خوشال بولۇشنىڭ ئورنىغا تازا غاجاپ ئادەم بولغانغا، بۇ يەرشارىدا ئۇيغۇر بولۇپ توغۇلۇپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرۇپلا تۈگەشتۈرىمىزغۇ ئاخىرى….

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 09:20
      • شۇنداق، مەن ئۈستىدە دېگەندەك بىز باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى ئاڭلاشقا ھېرىسمەن، ئەمما، ئۆزىمىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىشقا مايىل كېلىمىز. ئەسلىدە بىز دەل ئەكسىچە يەنى باشقىلارنىڭ ياخشى گەپلىرىنى ئىزدەپ-سوراپ ئاڭلاشقا ھېرىسمەن، ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقلىرىنى ئىمكان قەدەر تۈزىتىشكە مايىل بولساق ئەڭ ياخشى بولار ئىدى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:20
  • كومپيۇتېرشۇناسلىرىمىزدىن ئاكادېمىك چىققانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
    70 كە كىرىپ قالغان ئادەمنى ئۇنى-بۇنى دېگۈچە، ھەممىمىز قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىۋەرسەك ياخشى بولاتتى. بىزلەر 70 كىمۇ كىرەلەمدۇق-يوق؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 08:31
  • پەن تىخنىكىدا ئالغا باسقان كىشىلىرىمىزنى قوللاپ- قۇۋەتلىشىمىز قولىمىزدىن كىلىشچە ياردەم قىلىشىمىز لازىم. ئۇلارنى غاجىلايدىغان غاجىلىغۇچىلار پىشانىسىنى سىلىۈىتىپ گەپ قىلىسا بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى am 08:57
  • ئالدى بلەن ھوشۇر ئسلام ئاكنىڭ تېنىغا سالامەتلىك تىلەيمەن.
    ھوشۇر ئىسلام ئاكىنى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلقىنىڭ تۇرىڭى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ…
    ئالىم ئەھەد مۇئەللىم شۇنداق ياخشى گەپتىن بىرنى قىپتۇ؛ھوشۇر ئىسلام ئاكىمىز 45 ياشقا يېقىنلاشقاندا ئاندىن كومپيۇتېر بىلەن تونۇشۇپ، ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، 25 يىل ئىچىدە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ياراتتى،
    بىز ھوشۇر ئىسلام ئاكدىن رازى بولماستىن ئلگىرى ئۆزىمىزگە سۇئال قويايلى…
    سىز كومپيۇتېر ۋە ئېنتىر تورى بلەن تونۇشقلى قانچىلىك بولدى، ھازىرغا قەدەر قېرنداشلىرىڭىز پايدىلانغۇدەك نېمە ئىشلانى قلىپ باقتىىڭىز…
    ئۇيغۇرلار ئېنتىر تورى بىلەن شۇغۇللانغلى 10 يىلغا قەدەم قويدى…بېراق نېمشقا تېخىچە مۇكەممەل بىر تور بېتىمىز يوق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 13:41
  • ئالدى بلەن ھوشۇر ئسلام ئاكنىڭ تېنىغا سالامەتلىك تىلەيمەن.
    مەنما ئازراق سۆز قىستۇرۇشنى لايىق كۆردۈم مىنىڭ كاللامدا ئېنىق بولمىغان بىر مەسىلە بار مۇشۇ پۇرسەتتە بىر سورىۋالسام قانائەتلەنگىدەك بىر جاۋاپنى ئاڭلىساق:
    1-سۇئال:Google تورىنىڭ بىر ئىقتىدارى بار ئابزاس،جۈملىلەرنى سىكۈنتقا قالماي بىردەمدىلا باشقا تللارغا تەرجىمە قىلىۋىتىدىغان مۇشۇ ئىقتىدار بىزنىڭ تىلىمىزدا قاچان ھەل بولا؟ بۇ ئىش بولىدۇ دىگەن تەغدىردە قانچىلىك ۋاقىتتا بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىش ئېھتىماللىقى بار؟
    2-سۇئال:قول تىلفۇن ئۇيغۇرچە لۇغىتى ياساش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ياكا بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇشۇ ساھادە ئىزدىنىۋاتقان كىشىلىرىمىز بارمۇ؟
    بولسا سىلەرنىڭ شىركەت مۇشۇنداق ئىشلارنى بىر ھەل قىلىۋەتكەن بولسا ئالەمچە ياخشى ئىش بولغان بولاتتى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:07
    • 1-سوئالغا جاۋاب: بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكلەر تەييار بولۇشى كېرەك
      ئاز دېگەندە 500 مىڭغا يېقىن كۆپ ئىشلىتىدىغان خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ماتېرىيال ئامبىرى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن:
      我去书店==كىتابخانىغا بارىمەن
      我去医院==دوختۇرخانىغا بارىمەن
      ….
      بۇنداق ئامباردىن تېپىلمىغانلارنى مەسىلەن: 我去二道桥 نى تەرجىمە قىلىشتا سۆزگە ئاجرىتىپ، مىليون سۆزلۈك لۇغەت ئامبىرىغا ئۇلاپ تەرجىمىسىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن، گىرامماتىكىلىق تەڭشەش ئېلىپ بارالايدىغان قائىدە ئامبىرى بولۇشى كېرەك.
      خەنزۇچە: ئىگە\خەۋەر\تولدۇرغۇچى === ئۇيغۇرچە: ئىگە\تولدۇرغۇچى\خەۋەر
      مەن بېرىش دۆڭكۆۋرۈك ==› مەن دۆڭكۆۋرۈك (غا، قا، گە، كە) بېرىش==› مەن دۆڭكۆۋرۈككە بارىمەن

      بۇنى ھەل قىلالايدىغان ئىدىيە شەكىللەنگەن بولسىمۇ، بۇنداق غايەت زور ئامبارنى تەييارلاش ئۈچۈن، بەك كۆپ ئادەم كۈچى ۋە ۋاقىت كېتىدۇ، تىل جەھەتتىن ئىملا ۋە ئاتالغۇلارنىڭ ئۆزگەرمەي جىم تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ناۋادا، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى،….قاتارلىق ئورۇنلار 10 يىلدىن بۇيان تەرجىمە قىلىۋاتقان خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە خەۋەرلەرنى تەمىنلەپ بېرەلىسە، قوش تىللىق جۈملە ئامبىرى قۇرۇش كۆپ ئاسانغا چۈشىدۇ.

      2-سوئال: ئەلۋەتتە بار، بۇنداق كىشىلەر ئارىمىزدا خېلە نۇرغۇن، ھازىرمۇ تېلېفون لۇغىتى بار. سېتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى am 11:38
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
    گۈدۈك بلوگىدىكى پەخىردىن قارلۇق ئەپەندىنىڭ بىر سۆزى يادىمغا كېلىپ قالدى.
    «خىشلار ئۆزىنى مەناغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىككى يولدىن بىرنى تاللىشى كېرەك. 1. قالايمىقان بىر دۆۋە خىش بۇلۇش. 2. رەتلىك، سېستىمىلىق تىزىلىپ ئابىدىلىك بىنالارغا ئايلىنىش

    دېمەك قېرىنداشلار بىز ھەرقانداق ئىش بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ئىناقلىقىمىزنى قوغدىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز ئۆزىمىزنى بىلىپ ئۆزگىنى تونۇشىمىز لازىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 15:29
  • بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوشال بولدۇم . يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇستازنىڭ ياراتقان ئاجرىنىڭ قىممىتى كۈنسېرى ئېشىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنچىمىز كامىل . ھەممىدىن مۇھىمى ئۇيغۇرنىڭ تارىخىدا ئاكادىمىك بولماسلىقتەك بوشلۇققا خاتىمە بېرىلدى . دىمەك بۇ ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدىكى بىر زۇر ئىش دىيىشكە بولىدۇ . ئۇستازنىڭ ياراتقان تۆھپىسىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىلگىرلىشى ئۈچۈن ، ئۈگىنىش ھەم ئىزدىنىشى ئۈچۈن يول چىراق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل ……..

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:55
  • ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىڭ تىخمۇ زور نەتىجە قازىنىشىغا ۋە تىنىنىڭ سالامەت تۇرۇشىنى، تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ھەم مىللىي مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن بۇندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:45
  • سالام ئالىمجان

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:20
  • ئاللاھ ھوشۇر ئىسلام ئاكىمىزنىڭ ئۆمرىنى تېخىمۇ ئۇزۇن قىلسۇن. بىز مۇشۇنداق جان كۆيەر ئاكادېمىكىمىز بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىشىمىز لازىم. خۇددى ئالىم مۇئەللىم ئېيىتقاندەك ئىنسان خاتالىقتىن خالىي ئەمەس، شۇنداقلا كىچىككىنە خاتالىقلار ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ تۆھپىسىنى يوققا چىقىرىشقا سەۋەب بولالمايدۇ. ھوشۇر ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققياتىغا قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن كۆپ. بىز ھوشۇر ئاكىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىمىز، كىچىكلەرگە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش، كەلگۈسىدە ئاشۇنداق داڭلىق ئاكادېمىك بولۇش لازىملىقى توغرىسىدا ئىلھام بېرىشىمىز لازىم.
    ھوشۇر ئىسلام جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلا ئارىسىدىن چىققان تۇنجى ئاكادېمىك. ئاللاھ ئىگىمىزنىڭ شاپائىتى بىلەن جۇڭگۇدىكى ئۇيغۇرلاردىنمۇ ئاكادېمىك چىقتى، بىز ئاللاھقا كۆپلەپ ھەمدۇ-سانالارنى ئېيتىشىمىز، ياشلىرىمىزدىن تېخىمۇ كۆپلەپ مۇشۇنداق ياراملىق كىشىلەرنى چىقىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.
    ئاخىرىدا ئاللاھ ئىگەمدىن ھوشۇر ئاكىمىزنىڭ ئۆمرىگە بەرىكەت، تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تەربىيەلەۋاتقان ئوقوغۇچىلىرىغا ئىلىم-مەرىپەت تىلەيمەن؛ شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ئارىسىدىن تېخىمۇ كۆپلەپ ياراملىق ئالىملارنىڭ چىقىپ پەن تەتقىقات ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرشىنى چىن ئۈمىد قىلىمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 13:39