Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مىكروسوفت شىركىتى Building Windows8 بىلوگىدا Windows 8 نىڭ كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچى ئارايۈزىنى تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 14 تىل قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
مەن بىر يىل بۇرۇن بىلىك كۇلۇبىدا، Windows 8 دە ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك كاتتا خۇشخەۋەرنىڭ بارلىقىدىن يوشۇرۇن شەپە بەرگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بېكىتىلگەن. لېكىن، قائىدە بويىچە ئورگان تەرەپنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم. كۈتكىنىمدەك مىكروسوفت شىركىتى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» كۈنى بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىدى.
ئەسلىي مەنبەسى http://blogs.msdn.com/b/b8/archi … guage-you-want.aspx
خەنزۇچە مەنبەسى: http://cnbeta.com/articles/173647.htm
ھەقىقەتەنمۇ Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بار. جەمئىي 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ، ئۇيغۇر تىلى 96-ئورۇندا تەستىقلانغان. ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى قاتارلىق تىللار ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە تەستىقلانغان.
ئەمما، كېلەر ھەپتە تارقىتىلىدىغان Windows 8 Beta دا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق. پەقەت يېڭىدىن قوشۇلغان سىستېما خەت نۇسخىسى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ يەرلىك ئۇچۇرى، …. بار.
دۇنيادىكى %90 دىن ئارتۇق كومپيۇتېردا Windows قاچىلانغان بولۇپ، ناۋادا، ئۇيغۇر تىل بولىقى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنسا قانداق ئۆزگىرىش بولار؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 21,294 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 02-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:00
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرچە 50 مىليون سۆزلۈك ئامبىرى (پېئىلنىڭ تۈرلىنىشى)
- كېيىنكى يازما :Windows 8 Beta نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟
ياخشىمۇسىز،
مەن كومپىيوتىرىمغا win8 نىڭ رەسمىي نۇسخسىنى قاچىلىغان ئىدىم. يەنى win7نى پۇل تۈلەپ نەشرىنى يۇقىرىلاتقان. ئەمما ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى چۈشۈرگىلى بولمايدىكەنغۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمكا ، ئاۋال سىزگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن ۋە چەكسىز بەخىتلەر تىلەيمەن. سىزىڭ ئۇيغۇر كومپيوتېرچىلىقىمىز ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي.
ئالىم ئەھەد ئاكا مەن كومپىيۇتېرىمغا ۋىن8نى قاچىلغان لېكىن ئەلكاىپنى قاچلىسام قاچلانمىدى ؟ قانداق قىلىش كىرەك
ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىڭ تېمىسىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن 开题 قېلىتىم ، ياكى بولمىسا 开题 رىم بارئىدى دىگەندەك گەپلەرنى تولا دەيدىكەن . مۇشۇ ئاتالغۇنى ئۆز ئانا تىلىمىزدا نىمە دىسەك ياخشى بولدىغانغۇ؟
塔吉克语 دىگەن قايسى مىللەتنىڭ تىلى؟ تاجىكلار ئەمەستۇ؟
ئېنىق تاجىك تىلى دەۋاتمامدۇ ئەنە، تاجىكلارنىڭ ئۆز تىلى بار، تاجىكىستاندا ئۆز يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.
开题نىڭ تولۇق نامى 开题报告تېما باشلاش دوكلاتى دېسىڭىز بولامدىكىن…