Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

مىكروسوفت شىركىتى Building Windows8 بىلوگىدا Windows 8 نىڭ كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچى ئارايۈزىنى تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 14 تىل قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.

مەن بىر يىل بۇرۇن بىلىك كۇلۇبىدا، Windows 8 دە ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك كاتتا خۇشخەۋەرنىڭ بارلىقىدىن يوشۇرۇن شەپە بەرگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بېكىتىلگەن. لېكىن، قائىدە بويىچە ئورگان تەرەپنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم. كۈتكىنىمدەك مىكروسوفت شىركىتى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» كۈنى بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىدى.

ئەسلىي مەنبەسى http://blogs.msdn.com/b/b8/archi … guage-you-want.aspx
خەنزۇچە مەنبەسى: http://cnbeta.com/articles/173647.htm

ھەقىقەتەنمۇ Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بار. جەمئىي 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ، ئۇيغۇر تىلى 96-ئورۇندا تەستىقلانغان. ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى قاتارلىق تىللار ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە تەستىقلانغان.

ئەمما، كېلەر ھەپتە تارقىتىلىدىغان Windows 8 Beta دا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق. پەقەت يېڭىدىن قوشۇلغان سىستېما خەت نۇسخىسى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ يەرلىك ئۇچۇرى، …. بار.

دۇنيادىكى %90 دىن ئارتۇق كومپيۇتېردا Windows قاچىلانغان بولۇپ، ناۋادا، ئۇيغۇر تىل بولىقى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنسا قانداق ئۆزگىرىش بولار؟

مىكروسوفت ۋە ئۇيغۇرسوفت
بېيجىڭغا سەپەر (ئاخىرى)

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
65 پارچە باھا يېزىلدى
  • مىللىتىمىز سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ ، داۋاملىق تىرىشقايسىزلەر ، مېنىڭ مۇ ئۇيغۇر سوفىتنىڭ ئەزاسى بولغۇم بەك بار ئىدى ، ئەپسۇس !!!! ھارمىغايسىزلەر !!! ئاللا ئىشىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:10
  • بەزى گەپلىرىڭىز، دەپ باسسام، ھەييييي، ئىملا خاتالىقىدىن بەزىدە ساقلىنىپ بولغىلى بولمايدىكەن، كەچۈرۈڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:39
  • ئالىم ئەھەت ئەپەندىنى كۆپ چارچاتمايلى، باكار گەپ يازىدىغانلار يازماڭلار، مۇنازىرىنىڭ نەتىجىسى بولسۇن. نەتىجىسى بولمايدىغان گەپنى قىلمىغان تۈززۈك.

    ئالىم ئەھەت ئەپەندى، راستلا كۆپ جاپا تارتىپسىز، بەزى گەپلىرىنىڭ ھەقىقەتەن دۇرس، ئاۋۋال بىر چىقسۇق، يەنە 2-3يىل كىچىكىپ، %98، %100 بولالماي قالمىسۇن يەنە.
    بەزى ئىشلارنى بىرەر كوللىكىپ، گۇرۇپپا بىلەن قىلسا مۇشۇنداق كىيىنكى ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا كۆپ پايدىسى بار ئىدى، يالغۇز كۆپ جاپا چىكىپسىز.

    مۇھىم نوقتىغا كىلەيلى، تۆۋەندىكى ۋارس ئەپەندىنىڭ UKIJ دە يازغان ئىنكاسى ئىكەن، كۆرمەي قالمىسۇن دەپ، بۇ يەرگە چاپلاشقا توغرا كەلدى، توغرا چۈشىنىڭ:
    =================================
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

    ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا توردا پىكىر ئېلىش ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ. شەخسەن مەن ۋاقتىمنىڭ يار بېرىشىچە بۇ 100 ئاتالغۇغا پىكىرىم بولسا ئايىمايمەن.

    ئاتالغۇلار توغرىسىدا مەن http://www.ukij.org/munber/viewt … &extra=page%3D1 گە پىكىر يازغانىدىم. ئەگەر ئاتالغۇ بېكىتىش خىزمىتىنى مىكروسوفتنىڭ بۇ تۈرى تۈرتكىسىدە ئۇزۇن مۇددەت سىستېمىلىق داۋاملاشتۇرىمىز دېسەك مېنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىشىش پىكىرىم تۆۋەندىكىچە (يۇقىرىدىكى تېمىدىمۇ بەزى پىكىرىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان): 1) ئاتالغۇ بېكىتىش پرىنسىپىنى بەلگىلەش؛ 2) تورداشلار ئىتراپ قىلىدىغان بېكىتىش گورۇپپىسى تەسىس قىلىش (ئەگەر تىلكومدىكىلەر ئەزا قاتناشتۇرسا تېخى ياخشى)؛ 3) ئاتالغۇ بېكىتىش ۋە بېكىتىلگەن ئاتالغۇلارنى ئىزدەش قورالى ياساش (بۇ قورال خالىغان تور بېكەتكە قويۇلسا بولىدۇ ئەمما UKIJ دە بىر قەدەمداش زاپاس نۇسخىسى بولۇشى كېرەك)… قاتارلىقلارنى چوقۇم ئويلىشىش كېرەك دەپ قارايمەن. مۇمكىن بولسا ئالىم ئەپەندىم بۇ 3 نۇقتىنى روياپقا چىقىرىشقا تىرىشىپ كۆرگەن بولسا… ئەگەر 2-نۇقتىدا تىلغا ئېلىنغان گورۇپپا تەسىس قىلىنسا شەخسەن مەن ئۆزەمنى ئەزالىق نامزاتىلىققا كۆرسىتىمەن.

    ھۆرمەت بىلەن،
    ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى دائىمىي ئەزاسى
    ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز.
    =====================================
    ئەسلى مەنبە: http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=921&pid=4306&page=1&extra=#pid4306

    ئەمدى مىنىڭ تەكلىۋىم مۇنداق:
    ئىشنىڭ ھەممىسى مۇھىم، (دوپپىمىزنى جوزا ئۈستىگە قويۇپ، ئويلىنىپ باقايلى)، ھەممە نېمە ئۈچۈن؟ ھەممەيلەننىڭ نىشانى بىر.
    ھازىرچە، ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ 100ئاتالغۇنى بىكىتىش چاقىرقىغا ھەمدەم بولۇپ، پات يىقىندا تارقىتىلىدىغان windows8نىڭ ئۇيغۇرچىسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى. بۇ چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى ۋارس ئەپەندىمۇ بىلدۈرۈپتۇ- ئەينا.
    بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كىيىن، ۋارىس ئەپەندىنىڭ يۇقارقى تەكلىۋىنى چوقۇم ئويلىشىش زۆرۈر.

    ئاخىرىدا يەنە دەيدىغىنىم ھەممىمىزنىڭ نىشانى بىر.
    بىرلىك ھەممىدىن مۇھىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:37
  • تېنىڭىزغا سالامەتچىلىك ، ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشۇۋاتقان تۆھپىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ غەلبىلىك تاماملىنىشىغا تىلەكداشمەن ئالىم مۇئەللىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 23:14
  • ھەربىر تىل بولقىغا شۇ تىلغا تەۋە كومپىيوتىر ۋە تىل-يىزىق ساھاسىدىكى بىرئورۇن ياكى مەلۇم بىر شەخىس باش بولۇپ تىل بولاق ماتىرياللارىنى تەمىنلىدىمۇ ياكى ئۇلارMiscrosoftتىل بولىقى مۇتەخەسىسلىرى ئۇيغۇر تىل تەرجىمسىنى بىلىپ ئۇيغۇر تىل بولقىنى قوشتىمۇ؟ ئەگەربىرئورۇن ياكى مەلۇم بىر شەخىس باش بولۇپ تىل بولىقى ماتىرياللارنى تەمىنلىدى دىيىلىسە ئۇيغۇر تىل بولىقىغا ئۇيغۇرسوفىت شىركىتى باش بولدىمۇ قانداق ؟ بەكمۇ بىلگۈم بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 20:19
    • ئەمدى بۇ توغرىلىق ھەر قانداق نەرسىنى ئاشكارە تىلغا ئېلىشنى تېخىمۇ خالىمايمەن. گېپىڭلار بولسا خەت يېزىڭلار، تېلېفون قىلىڭلار، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياكى شىركىتىمگە كېلىڭلار، مېنى ھەر ۋاقىت تاپالايسىلەر. لېكىن قۇرۇق گەپ قىلىپ ۋاقتىمنى ئالىدىغانلارغا ئانچە قىزغىن بولالمايمەن، رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 20:30
  • مەن ساھران ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىنى قەتئىي قوللايمەن ،بۇيرۇق پېئىللارنى ئۆزپىتى ئېلىش ۋە ئاجىزلاتماي قوللىنىش ھەر جەھەتتىن ئەۋزەللىككە ئىگە .
    بىرىنچىدىن ،ئىخچام ،تەلەپپۇز توغرا بولىدۇ ئاۋازلىق باشقۇرۇشقاقولايلىق،كومپيۇتېر ساھەسىدىلا ئەمەس ،كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلەر بىلەن بىردەكلىكنى ۋە ئىخچاملىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ .
    ئىككىنچىدىن ،كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلەر ۋە ئەقلىي ئېقتىدارلىق تېلىفۇنلار ئاللا بۇرۇن ئاۋاز ئارقىلىق باشقۇرۇش ۋە پەرىقلەندۈرۈش ئەمەلگە ئاشتى ،پېئىللار ئاجىزلاتماي ئېلىنغاندا يەرلىك شىۋىلەردىن خالى قىلغىلى ئاسان تونۇتقىلى بولىدۇ .يەنە تىلىمىزدىن قاخشايدىغان ،پروگراممىچىلاردىن قاخشايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ .
    ئۇنىڭدىن باشقا مەن Windows8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى قوشۇلغان خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا بىر تەرەپتىن خۇشال بولسام بىر تەرەپتىن ئاتالغۇلار توغرىسىدا ئەندىشە قىلغان ئېدىم ،ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ خىل ئىھتىماللىق يۇقىرىدەك قىلىدۇ ،ئۆز ۋاقتىدا windowsXPنى تەرجىمە قىلغان ۋاقىتتا نۇرغۇن ئاتالغۇلار ۋە تەرجىمە توغرىسىدا قەرەرلىك ھالدا يېغىلىپ ئەركىن پىكىرلىشىپ ،ئاتالغۇلارنىڭ بىردەكلىكىنى ،خەلقىمىزگە تېخىمۇ يېقىشلىق ۋە چۈشۈنۈشلىك بولۇشنى مۇزاكىرە قىلىشغان ،ۋە نۇرغۇن تەجىربە ۋە سۆزلۈك ئامبىرىغا ئىگە بولغان ئېدۇق،بۇ جەرياندا ساھران ئەپەندى بىلەن بىلىك تورىدىكى ئالىپ ئەپەندىلەر باشتىن-ئاخىر نۇرغۇن قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن ئىدى ، ھەم بۇ ئەمگەك مىۋىسىمۇ« ئۇيغۇر ئاكادىمىك»ئاكىلىرىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن ،تەرجىمىنىمۇ ئالىم مۇئەللىم ھەم كۆرگەن ئىدى ،گەرچە مەلۇم سەۋەپ بىلەن قايتا يېڭىلانمىغان بىلەن ئىچكى جەھەتتە ھەرقاچان قايتا تەھرىرلىنىپ ،تېخىمۇ مۇكەممەل بولىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى. بۇ ئەزىمەتلەردىن ساھران ئەپەندى بوشاشماي ئىزدەندى ۋە تەتقىق قىلدى ،ئۇيغۇر تىلىمىزنى كومپيۇتېرغا تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇش يولدا ئىزچىل تىرىشتى ،تا ھازىرغا قەدەر بىزگە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردا ساھران ئەپەندىنىڭ قولى بار دىسەك ھەرگىز ئوشۇق كەتمەيدۇ ،يېقىندا مودا بولىۋاتقان ئاندرويىت سېستىمىسىنىڭ كۆپىنچە ئۇچۇرلىرىنى ساھران ئەپەندى تەرجىمە قىلغان ،مۇشۇنداق بىر تالانتلىق بىر تەرجىماننىڭ Windows8نىڭ تەرجىمىسىگە تەكلىپ قىلىنماسلىقى كىشى كۆڭلىنى تولىمۇ يىرىم قىلىدۇ .
    مەنچەمېكروسوفىتنىڭ Windows8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى قوشۇشقا قوشۇلىشى linux Ubuntu ,FireFox,Openofiiceقاتارلىق دېتاللارغا ئۇيغۇرچىنىڭ قېتىلىشى ۋە تارقىتىلشى بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارايمەن .

    شۇڭا ئۇيغۇر سوفىتتىلەرنىڭ ساھران ئەپەندىنىڭ پېكىرلىرنى ئوبدانراق ئويلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

    Windows 8نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ مۇكەممەل بولىشى بارلىق ئۇيغۇرنىڭ ئارزۇسى !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:02
    • ئاخشام بىر نەچچە ئاتالغۇنى تاماملاپ، شۇنداق خۇشال كەيپىيات ئىچىدە بۇ تېمىنى تەييارلىغان ئىدىم، ئەمما، بەزى ئىشلار
      ===========بۇ ئىنكاسنى ھەر قانداق يەرگە چاپلىماڭ=============بۇ ئىشتىن ئارتۇق غەم يېمەڭ، چۈنكى مىكروسوفت 10 يىلدىن بۇيان Windows نى تەرجىمە قىلىدىغان مۇھىم ئىشقا ئۆزى بىر قوللۇق رەھبەرلىك قىلىپ، 90 دىن ئارتۇق تىللارغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلاردا بۇ جەھەتتە بەك كۆپ تەجرىبە بار. قانداق تىل ئۇسلۇبى ئىشلىتىش، قانداق ئاھاڭدا تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا بەك ئېنىق بەلگىلىمىسى بار. تېخىمۇ ھەيران بولىدىغان ئىش Windows بىلەن باشقا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىل ئۇسلۇبىدا يەنە روشەن پەرق بار. ئۆلچەم بولسا شۇنى ئىشلىتىش، ئۆلچەم بولمىسا ئومۇملاشقانلىرىنى ئىشلىتىش ئۇلارنىڭمۇ مۇھىم قائىدىسىدۇر. ئومۇملاشقانلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى يەرلىكتىكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دېتاللار، بانكىلاردىكى ATM، ئۆيىڭىزدىكى سىملىق تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچ ئۈسكۈنىسى(ئېسىڭىزدە بولسۇن ئۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇرچە بار)، كومپيۇتېرغا ئائىت رەسمىي نەشرىدىن چىققان كىتاب-ژۇرناللار، نوپۇزلۇق تور بېكەتلەر،….. بولۇپ، قانداق تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. لېكىن، ئاخىرقى تەكشۈرۈش ۋە قارارنى 3-، 4-تەرەپكە تەكشۈرتۈپ دەلىللەپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى چىقىرىدۇ، بولمىسا تۈزەت دەيدۇ، بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن شۇ بويىچە ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ۋەزىپە بېرىدۇ.

      يەنە دىققەت قىلساق ئىنگلىزچە Mac OS بىلەن ئىنگلىزچە Windows تىل ئۇسلۇبىدا پەرق بار، ھەتتا بەزى ئاتالغۇلىرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. رەقىبلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان قىلىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا تېخىمۇ يېقىملىق، چۈشىنىشلىك تىل ئىشلىتىش مىكروسوفتنىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشايدۇ. بۇنى مەن 91-يىللىرى تۇنجى ئالما كومپيۇتېرىنى ئىشلىتىپ، كېيىن يەنە IBM PC دىكى MS-DOS نى ئىشلەتكەندىلا ھېس قىلغان. Mac OS دا CATALOGE دېسەك، MS-DOS تا DIR دەپ يازاتتۇق، ھەتتا ئۇزارتىپ يازساقمۇ، قىسقارتىپ 3 ھەرپ بىلەن يازساقمۇ ئوخشاشلا ئىجرا قىلاتتى.

      كىمنى تەكلىپ قىلىش، كىمگە قىلدۇرۇشنى مىكروسوفت ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ھەر بىر تىل ئۈچۈن مىكروسوفتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نەچچە شىركەت تەڭ قاتنىشىدۇ، لېكىن، بىرسى چوقۇم رەھبەرلىك قىلىدۇ، ھەر بىر ھالقىلاردا ئىش تەقسىماتى بەك ئېنىق بولىدۇ. ئۇلار شىركەتلەر بىلەن بولۇپمۇ ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن شىركەت بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. رىقابەتچىلىرىگە ياكى مەھسۇلاتلىرىغا تېخىمۇ يېقىن كەلمەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خالىغان ئادەمگە ياكى شىركەتكە تىل ھۆججىتى مانا دەپ تاپشۇرۇپ بەرمەيدىكەن، ئۆزەڭ Excel دە ئېچىپ، ئۆيۈڭدە خوتۇن بالىلىرىڭ بىلەن چاي ئىچكەچ خالىغانچە تەرجىمە قىلغىن دېمەيدىكەن.

      مەن يەنە يازىدىغان بولسام، 2 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدىكى بارلىق جەۋرى-جاپالارنى توختىماي يازالايمەن، لېكىن، ماۋۇ ئىشقا ئېنىقلا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھازىرغا قەدەر چوڭ-كىچىك 30 نەچچە مەھسۇلات (ياكى تارماق دېتال) تاماملاندى. نەچچە يۈز مىڭ جۈملە پۈتۈپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى. ئەگەر قايتىدىن ئىش باشلاپ چۇۋۇيمەن دېسە، مەن ھەرگىزمۇ ياق دېمەيمەن، جاپادىن، گەپتىن قورقمايمەن، لېكىن، يەنە 2-3 يىل ئىچىدە پۈتۈشى مۇمكىن ياكى پۈتمەسلىكىمۇ مۇمكىن. مەن ياكى ئۇلار ھېچكىمگە ۋەدە قىلالمايدۇ. قايتىدىن ئىش باشلاش توغرا كەلسىمۇ، بۇنى ئۇلار ھەرگىزمۇ باشقا شىركەتلەرگە تاشلاپ بەرمەيدۇ، باشقىلار يېڭىدىن كەلسە، نۇرغۇن تەربىيەلەش، سىناق، دوكلات بېرىش، ئىمتىھان ئېلىش، سىناق ئىشلىتىش،….قاتارلىق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. Windows 8 ئەمەلدىن قالاي دېگەندە چىقسا نېمە پايدىسى؟ بىر نەچچە تىللارنىڭ Windows 7 دىكى تىل بولىقى Windows 8 چىقاي دېگەندە، تېخى ئالدىنقى يىلى 9-ئايدا تاماملاندى. مېنىڭ مەقسىدىم چوقۇم ۋاقتىدا بىر چىقىپ باقسۇن، كېچىكسە ياكى چىقمىسا ھەممىسى 0 گە تەڭ. كېچىككەنسېرى ئىملانىڭ گېپى چىقىدۇ. بىر پۇتىمىز مۇقىم دەسسەپ باقسۇن، كېيىن، ئاتالغۇلاردا ۋە باشقا جەھەتتە مەسىلە بولسا، چىرايلىق ھەل قىلالايمىز. شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇنكى ھەر قانداق تەرجىمە ئەسلىدىكىدەك چىقمايدۇ، ھەر قانداق بىر دېتالمۇ بىر قېتىمدا مۇكەممەل بولمايدۇ، تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

      كۈندىلىك، ھەپتىلىك خىزمەت بەك ئېنىق ھەم ئاز ئەمەس. نەچچە كۈندىن بېرى نۇرغۇن روھى بېسىم بىلەن نۇرغۇن خەتلەرگە، تېلېفونلارغا جاۋاب بېرىمەن دەپ ئىشىم پەقەت ئاقمىدى، 100 ئاتالغۇنى قايتا قاراپ چىقىش 1-چېسلا رەسمىي باشلىنىدۇ، تېخىچە تۈزۈك ئادەمنىڭ تايىنى يوق. ئەمدى قانداق ئاقىۋەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلالمايمەن. شۇڭا، مەن ھازىردىن باشلاپ بۇ بىلوگىمدىن باشقا ھەر قانداق مۇنبەردە بىر نەرسە يازمايمەن. بۇ يەردە يازىدىغان مەزمۇنلارمۇ ئازىلاپ كېتىشى مۇمكىن، گەرچە ئۆزەم بۇنداق بولۇشنى ئارزۇ قىلمىساممۇ، بۇ بىلوگىمنى تاقىۋېتىشىم مۇمكىن، چۈنكى ۋاقتىم ئىسراپ بولماسلىقى كېرەك، ماڭا ۋاقىت كېرەك، ياردەم بېرىدىغانلار كېرەك، ساغلام كەيپىيات كېرەك. ئەمدى بۇ توغرىلىق ھەر قانداق نەرسىنى ئاشكارە تىلغا ئېلىشنى تېخىمۇ خالىمايمەن. گېپىڭلار بولسا خەت يېزىڭلار، تېلېفون قىلىڭلار، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياكى شىركىتىمگە كېلىڭلار، مېنى ھەر ۋاقىت تاپالايسىلەر. لېكىن قۇرۇق گەپ قىلىپ ۋاقتىمنى ئالىدىغانلارغا ئانچە قىزغىن بولالمايمەن، رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 18:13
  • مەنمۇ شۇنداق ھاياجان ئىچىدە كۈتىۋاتىمەن ، قاچان چىقار ھە ؟ …. ھەي مۇشۇ سېستىما چىقسا ….خىيالغا چۈكۈپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن …..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى am 00:00
  • ھاياجېنىمنى تىل بىلەن ئىپادلەشكە ئاجىزلىق قىلۋاتمەن!!!مىڭ رەھمەت!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:25
  • نىمىدىگەن كاتتا خوش خەۋەر بۇ !!!! بۇ كۈننى بىز كۈتىۋاتقىلى بەك ئۇزۇن بولغان

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 20:50
  • مىنىڭ كومپىيوتىر سەۋىيەم بەك چەكلىك ،شۇنى ئايدىڭلاشتۇرغۇم كىلىۋاتىدۇ :تىل بۇلىقى چىقىدۇ دىگەن گەپ ،ئۇيغۇرچە ۋىن 8 نىڭ سېستىمسى چىقىدۇ دىگەن گەپما ؟ئاستىدىكى ئىنكاسلارغا قارىسام شۇنداقدەك تۇرىدۇ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 17:34
    • ياق 8نىڭ سېستىمىسىغا قاچىلاپ سېستىمىنى ئۇيغۇرچە قىلدىغان تىل بولىقى ، سېستىما ئۆزى ئەمەس

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى am 00:04
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۇمشاق دىتال يېزىشقا بەك قىزىقىمەن. نۆل دىن باشلاپ ئۆگەنمەكچى ئىدىم. قايسى تىلنى ئۆگەنسەم بولا . قانداق ئۆگىنىمەن يول كۆرسەتسەڭلا (كۇرستىمۇ، ئۇنىۋېرسىتېتتىمۇ ، ئېنگىلىز چىنى ئۆگىنىپ ئاندىن توردىمۇ ، ياكى يەنە باشقا ئۇسۇللارمۇ بارمۇ؟) سەككىزنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئدىم. 18 ياشقا كىرىپ قالدىم. ۋاقتىم بەك ئازدەك ھېس قىلىمەن. قانداق قىلسام تىز ئۆگىنەلەيمەن؟ ياكى كەتمەن چاپايمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 16:59
  • قازاق قىرغىزلارنىڭ يېزىقىنىمۇ قوللامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 16:10
  • مانا دىمىدۇممۇ!دىمىدىممۇ!قۇيرۇقنى كۆتەرگەندىكىن بىر گەپ بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 16:06
  • راسلا بەك ھاياجانلاندىم . . .
    دۇكانغا كىرگەن ھەممىسىگە بۇخەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولدۇم ،ھەتتا كومپىيوتىر بىلمەيدىغانلارغىمۇ ئاغزى ئاغزىمغا تەگمەي دەپ بەردىم .
    تېخى ئاشۇرۇپ wphone 7 نىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ دەپ بەكلا قىزىقتۇرىۋەتتىم . .
    ئالىمجان ئاكا مۇشۇ wphone 7 نىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىش ئېھتىماللىقى بامىدۇ .
    بۇرۇنقى تىمىلاردا مۇشۇ تېلىفۇنغا ئائىت سۆزلىكلەر خېلى جىق ئىدى . .قانداق بۇلۇر ئەگەر شۇنداق بوپ كېتىدىغان بوسا …
    ئىشلار بەك جىق بولۇپ كېتەنتتى جۇمۇ …
    تىنىڭىزنىڭ سالامەت بۇلىشىنى تىلەيمەن . . جاپا چەكتىڭىز ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 15:29
    • ھازىر مىكروسوفىت windows phone8نى ئىشلەۋاتىدۇ ، بۇنىڭ يادروسى 8بىلەن ئوخشاش ، مۇشۇنىڭغا قارغاندا تېفونمۇ ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇرچە چىقىرىش مۇمكىچىلىقى بار ئوخشايدۇ ….

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى am 00:07
  • ھەقىقى ، ئەسلى نەشرىنى( پۇل خەجلەپ) ئىشلىتەرسىلەر؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 13:32