Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مىكروسوفت شىركىتى Building Windows8 بىلوگىدا Windows 8 نىڭ كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچى ئارايۈزىنى تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 14 تىل قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
مەن بىر يىل بۇرۇن بىلىك كۇلۇبىدا، Windows 8 دە ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك كاتتا خۇشخەۋەرنىڭ بارلىقىدىن يوشۇرۇن شەپە بەرگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بېكىتىلگەن. لېكىن، قائىدە بويىچە ئورگان تەرەپنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم. كۈتكىنىمدەك مىكروسوفت شىركىتى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» كۈنى بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىدى.
ئەسلىي مەنبەسى http://blogs.msdn.com/b/b8/archi … guage-you-want.aspx
خەنزۇچە مەنبەسى: http://cnbeta.com/articles/173647.htm
ھەقىقەتەنمۇ Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بار. جەمئىي 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ، ئۇيغۇر تىلى 96-ئورۇندا تەستىقلانغان. ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى قاتارلىق تىللار ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە تەستىقلانغان.
ئەمما، كېلەر ھەپتە تارقىتىلىدىغان Windows 8 Beta دا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق. پەقەت يېڭىدىن قوشۇلغان سىستېما خەت نۇسخىسى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ يەرلىك ئۇچۇرى، …. بار.
دۇنيادىكى %90 دىن ئارتۇق كومپيۇتېردا Windows قاچىلانغان بولۇپ، ناۋادا، ئۇيغۇر تىل بولىقى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنسا قانداق ئۆزگىرىش بولار؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 21,291 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 02-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:00
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرچە 50 مىليون سۆزلۈك ئامبىرى (پېئىلنىڭ تۈرلىنىشى)
- كېيىنكى يازما :Windows 8 Beta نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟
بۇ ۋىندوس سەكىزنى ساخلاپ كۈزۈم تۆت بولدى كومپيوتۇرۇمدا ۋىندوس يەتتە نىڭ راس نەشىرى بار چىخسىلا بۇنىڭدىن ۋاز كىچەي دەپ ئويلاۋاتمەن ئالىمقارى سىزدىن سورىسام ۋىندوس 8ۋىندوس7دىكى دىتالارنى قوللامدۇ تور بانكىسدىن پايدىلانغىى بولامدۇ سىز ئىشلىتىپ باقان بوسڭىز بى ئېغىر كۆمەي دەپ بەگەن بوسڭىز ..
ئالىمقارى دېگەن كىم ئۇ؟
ئالىم مۇئەللىم دەپ بىر چىرايلىق ئىسىم-شەرىپى تۇرسا نېمىشقا ئالىمقارى دەيمىز ئەمدى؟ ياكى سىزمۇ يەرلىكلەشتۈرۈشكە كۈچەۋاتامسىز-يا @#$$%^
مۇئەللىم، بۇنداق بولغاندا باشقا تىلدىكى يۇمشاق دېتالنى قاچىلساق قالايمىغان كودلار چىقىۋالمايدىغاندۇ؟مەن كورىيەچە سېستىمىغا خەنزۇچە يۇمشاق دېتالنى قاچىلسام قالايمىغان چىقىۋېلىپ يامان ئچىمنى پۇشۇرۋەتكەن ئىدى..
Win8 غا يېڭىدىن قوشۇلغان تىل كونترول تاختىسىدا، ھەرقايسى تىللارنىڭ ئالدىنلىق دەرىجىسىنى بەلگىلىگى بولىدىكەن. يەنى سىز قاچىلىغان يۇمشاق دېتالنىڭ تىلى نۆۋەتتىكى سېستىمىنىڭ تىلى بولماي قالسا، ئۆزىڭىز بەلگىلىگەن تىلدا كۆرۈنسۇن دەپ تاللاپ قويالايدىكەنسىز. بۇرۇنقى Windows لاردا بولسا پەقەت ئېنگلىزچىلا كۆرسىتىپ بېرەلەيتى.
Windows8 تىكى ئۇيغۇرچە نۇرغۇن ئەبجەش ئاتالغۇلىرىمىزنىڭ ئومۇملىشىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ كۈن كېچىكىپ بولسىمۇ كەلدى، سېستىما يادروسىدىن قوللىدى دېگەنلىك، ئەمدى بىزنىڭمۇ ئۆز يېزىقىمىزدا بىر مەشغۇلات سېستىمىمىز، يەنە كېلىپ دۇنيادىكى %90 ئىشلەتكۈچى بىلىدىغان، شۇنداقلا كومپيۇتېرنى ئۆگەنگەن كىشى ئېچىپلا تونۇيدىغان بىر سېستىما بولدى. ئەمدى كۆپ تىللىق نادىر يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئاپتورلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەمىنلىسەك، كومپيۇتېردىكى ئاساسى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈۋەتسەك، قالتىس بولدىدە؟!
ئۈستىدىكى «نۇرغۇن ئەبجەش ئاتالغۇلىرىمىزنىڭ ئومۇملىشىشىغا» دېگەن سۆزنى تۈزىتىلىپ ئومۇملىشىشىغا دەپ ئوقۇشۇڭلارنى سورايمەن.
مىكروسوفت شىركىتى Building Windows8 بىلوگىدا Windows 8 نىڭ كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچى ئارايۈزىنى تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 14 تىل قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
…
ئەمما، كېلەر ھەپتە تارقىتىلىدىغان Windows 8 Beta دا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق. پەقەت يېڭىدىن قوشۇلغان سىستېما خەت نۇسخىسى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ يەرلىك ئۇچۇرى، …. بار.
بۇ سۆزلەر بىر-بىرىگە زىتمۇ بىلمىدىم، مۇشۇ سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.
يەنە، تىل بولىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز.
ئاۋۇ Beta دېگىنى سىناق نەشرى بولغاچقا، ئىنگىلىزچىدىن باشقا تىللارنىڭ تىل بولىقى تەمىنلەنمىگەن، لېكىن رەسمىي نەشرىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كونترول تاختىسىدىن قوشۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەنلىك بولار.
ھەي مىنىڭ يەنە ئىككى ئېغىز سۆزلىگىم كىلىۋاتىدۇ، مەن ئالدىنقى ئىنكاسنى يزىپ بولۇپ بۇخەۋەرگە ئىشىنەلمەي نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم، شۇنداقلا ئۆزەمنى چۈش كۆرىۋاتمايدىغاندىمەن دەپ كەتتىم، شۇ ئەسنادا مەن باكلا ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتىمەن ، رەخمەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن جاپا تارتقان بارلىق دوسلارغا.
ئەمدى بىر ئىشنى سورىسام قاچانراق ھەقىقى نەشىرىئىلان قىلىنىدۇ؟؟؟؟
سېتىۋىلىشقا ئالدىراۋاتىمەن(توغۇرا چۈشۈنەرسىلەھە….)
سىزلا ئەمەس، ھەممىز تەقەززار، بۇ ئىشقا…
مەن مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن جاپا تارتقان قېرىنداشلىرىمنى قوللاش ئۈچۈن بولسىمۇ ،چوقۇم ھەقىقى نەشىردىكىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىمەن
بارلىق ئۇيغۇر قىرىنداشلار كۈلدى بۇ كۈندە،
تور دۇنياسىغا تۇتاشقان يەنە بىر كەڭ يول بىزگە قۇچاق ئېچىپتۇ-دە! ئۆز يۈرەك قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن تولىمۇ ھاياجانلىنىۋاتىمەن.
ياشاپ كېتىڭلار، ئوغلانلار!!!
بەكلە خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ بۇ
مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم!
ئەمدى ھەممەيلەن كومپىيۇتىر ئاتالغۇللىرىنى خەنچە دەۋەرمەي ئۆز تىلىمېزدا دىيىشكە كۆنسەك بۇلاتتى!
ئالىم مۇئەللىم، ھېلىقى تۈپ سۆزنى قوشۇمچە ئۇلاپ سۆز ياسايدىغان دېتالىڭىزنى سېتىپ بەرسىڭىز بولاتتى.
مەن تېخى ئۇنى سېتىشنى ئويلاشمىدىم، پەقەت كوررېكتور دېتالىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ياساپ چىققان ئىدىم. نەچچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن.
قاچانلىققا ئۆز يېزىقىمىزدىكى مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتەرمىز دەپ كۆزۈم تۆت ئىدى. نېمە دېگەن كاتتا خۇشخەۋەر بۇ !
مەن بۇ ئىشنى بۇرۇنلا پەرەز قىلغان ئىدىم، شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا بەك خۇشال بولدۇم. چۈنكى 21- ئەسىردە ئانا تىلدا كومپىيۇتېر مەشغۇلاتنى ئۆز يېزىقىدا ئېلىپ بارالايدىغان مىللەتلەردىن قانچىسى بار؟
بىز تارىختا مىلادىي 5- ئەسىردە يېزىق ۋە تىل جەھەتتە دۇنيادىكى ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكىمىزدىن پەرخىرلەنسەك، ( بۇ گەپنى بىزگە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئۆتىدىغان مۇئەللىم ئىپتىخار بىلەن دېگەن)، ھازىر ئالىم ئەھەتتەك جاپاكەش ئۇستاز، ئېسىل ئوغالانلارنىڭ ئەجىرى بىلەن ئەجدادلىرىمىزنى پەخىرلەندۈرۈپ تۇرۇپتىمىز.
بىزنى شۇنداق شەرەپكە ئىگە قىلغان ئېسىل ئادەملىرىمىزگە قولۇمنى كۆسۈمگە ئېلىپ ھۆرمەت بىلدۈرىمەن!!!
ئالىمكا، نىمە دەپ ئىنكاس يېزىشىمنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن.
ھاياجان، خۇشاللىق ئارىلىشىپ كەتكەن بۇ تۇيغۇمنى بۇ ئىنكاس ئارقىلىق ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغاندەك قىلىمەن.
ئۇيغۇرنىڭ ماڭىدىغان يولىغا نۇرانە چوڭ چىراقتىن بىرسى يېقىلىپتۇ… ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي.
ئۆزئاناتىلىمىزدىكى مەشخۇلات سېستىمىسى چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قانچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.
كېيىنكى نەشىردىكى Officeنىڭمۇ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلارمۇ؟
ھازىرچە بىلمەيمەن.