Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

مىكروسوفت شىركىتى Building Windows8 بىلوگىدا Windows 8 نىڭ كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچى ئارايۈزىنى تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 14 تىل قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.

مەن بىر يىل بۇرۇن بىلىك كۇلۇبىدا، Windows 8 دە ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك كاتتا خۇشخەۋەرنىڭ بارلىقىدىن يوشۇرۇن شەپە بەرگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بېكىتىلگەن. لېكىن، قائىدە بويىچە ئورگان تەرەپنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم. كۈتكىنىمدەك مىكروسوفت شىركىتى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» كۈنى بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىدى.

ئەسلىي مەنبەسى http://blogs.msdn.com/b/b8/archi … guage-you-want.aspx
خەنزۇچە مەنبەسى: http://cnbeta.com/articles/173647.htm

ھەقىقەتەنمۇ Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بار. جەمئىي 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ، ئۇيغۇر تىلى 96-ئورۇندا تەستىقلانغان. ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى قاتارلىق تىللار ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە تەستىقلانغان.

ئەمما، كېلەر ھەپتە تارقىتىلىدىغان Windows 8 Beta دا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى يوق. پەقەت يېڭىدىن قوشۇلغان سىستېما خەت نۇسخىسى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ يەرلىك ئۇچۇرى، …. بار.

دۇنيادىكى %90 دىن ئارتۇق كومپيۇتېردا Windows قاچىلانغان بولۇپ، ناۋادا، ئۇيغۇر تىل بولىقى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنسا قانداق ئۆزگىرىش بولار؟

مىكروسوفت ۋە ئۇيغۇرسوفت
بېيجىڭغا سەپەر (ئاخىرى)

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
65 پارچە باھا يېزىلدى
  • بۇ بەك ياخشې بوپتۇ.مەن بەك ياخشې ئش.ئوز تېلمېزدا يۇمشاك دېتال با بوپتۇ.مەن كومپيۇتېر،كەسپدەزور نەتجلەگە ئېرشكەيسېز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 18:56
  • ئالىم مۇئەللىم، مەنمۇ بىر ئوقوتقۇچى سىزدەك ئالى مەكتەپنىڭ ئوقوتقۇچىسى بولمىساممۇ ،يىراق قىر سەھرادا كىچىككىنە مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، «مۇئەللىم ئىلىمنىڭ نۇرلۇق پەخىرى، قولىدا خەلق ئۈچۈن» ياشاۋاتقان بىر مۇئەللىممەن، سىزگە پەقەت سىزگە ۋە ماڭا ئەقىل بىلەن،ئادىمىيىلكىنى ساقلاپ ياشاشنى بىلدۈرگەن، ئالەملەرنىڭ خوجىسىدىن ئامانلىق،تېخىمۇ بۈيۈكلۈك تىلەشتىن باشقا بىر ئىش قىلالمايمەن. سىز ھېلىقى تۈپ سۆزنى، قوشۇمچە ئۇلاپ سۆز ياسايدىغان دېتالىڭىزنى قاچان بازارغا سالىسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 14:12
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ! ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك !
    كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ئىشلىرىم ئالدىراش بۇلۇپ، تورغا چىقالمىغان ئىدىم. بۈگۈن تورغا چىقتىم.

    كۆپچىلىك ھازىر ئەمەلىي ياردەم بېرىدىغانلاردىن ئاغزاكى ياردەم بېرىدىغانلار بەك كۆپ بىر ئىشلارغا….

    بەلكىم ئارىمىزدا پروگرامما لاھىيەلىگۈچىلەر باردۇ؟ كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى چۈشىنىدىغان بۇ خىزمەتلەرنىڭ جاپاسىنى چۈشىنىدىغان ئادەملەرمۇ باردۇ-ھە……

    پروگرامما لاھىيەلەش خىزمىتى ئۇنداق ئاددى خىزمەت ئەمەس، بەلكى بىنا سالغاندىنمۇ تەس بىر خىزمەت. مىكروسوفت شېركىتى ئۆزى لاھىيەلىگەن يۇمشاق دېتالنىڭ تىل قۇرۇلمىسى ھەربىر تىزىملىكككە ئىشلەتكەن سۆزنىڭ ئۇزۇنلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئويلاشماي قالمايدۇ. ئەسلىدە مەشغۇلات سېستىمىسىدا ئىشلىتىلگەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى بېكىتىش يۇمشاق دېتالنىڭ تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتنى ئىشلەش يالغۇز ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئىشى ئەمەس ئىدى. ئەمما خېلى كۆپ ئۇيغۇرتىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئۇيغۇرسوفت ھەل قىلدى. ئەمما بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرسوفتتىكىلەر باشقۇرمايدۇ ياكى بېكىتمەيدۇ. مىكروسوفتمۇ مېنىڭ تىلىم مۇنداق تىلتى مۇشۇنداق بېكىتىپ بەر دېسىڭىز شۇ دېگىنىڭىز بۇيىچە قىلىپ بېرىۋەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بار. مىكروسوفت قانداق دېسە ئاخىرىدا شۇنداق بۇلىدۇ.

    ھازىر Windows8 بولسۇن ياكى باشقا خىزمەتلەر بولسۇن ھەممە ئىش مۇھىم باسقۇچىدا، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامال بار مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدىغانلار بولسا سۆزلەيلى يېڭىدىن مەسىلە ئوتتۇرغا چىقارمايلى. ئالىم مۇئەللىمنى چارچاتمايلى. ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئۇيغۇرسوفت باشقۇرمايدۇ ئېسىڭلاردا بولسۇن. نېمە گەپ بولسا ئۇيغۇرسوفت جاۋاپ بېرىپ مەسئۇل بۇلۇپ يۈرمەيدۇ.

    ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ ئالىم مۇئەللىم !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى am 10:27
  • مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق ھاياجانلاندىم . چۈنكى بىزنىڭ تېلىمىزنى ئەمدى دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە تۈرۈپ (كومپيۇتېر ئالدىدا ) ئەركىن ئىشلىتەلەيدىكەنمىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:00
  • بۇ سېستىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچانمۇ چىقار … ئەگەر چىقىپ قالسا ئالاقە ئۇچۇر قىلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار … مەن دەرھاللا پۇل سېلىۋېتىمەن … شۇ كۈنىلا سېتىۋالىمەن … چ چ نومۇرۇم 1962129968 مۇشۇ نومۇر بىلەن ئالاقە قىلارمىز … يارىدىمىڭلارنى ئايىماسسىلەر …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:09
  • win8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋاقتىدا چىقىپ كەتسە ھە … مەن شۇ كۈننىڭ ئۈزىدىلا بۇ سېستىمىنى سېتىۋېلىشقا تەييارمەن .. مەيلى قانچە پۇل كەتسە ئەرزىيدۇ … مىنىڭچە ھەقىقەتەن بولىدىغان سېستىما ئىكەن …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:06
  • بۇ خەۋەرنى قايسى كۈنى نۇرقۇت مۇنبىرىدە كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدىم ، لېكىن ئۇنى قاچىلىسام پۈتۈن ئۇيغۇرچە بولىقى يوق ئىكەن ، بولدىلا كېيىنچە بولسىمۇ ھامىنى چىقىدۇ ، تىل بولىقىنى كىم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەردى؟ ياكى بولمىسا سىز تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ؟ مۇشۇلار توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەيسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 21:43
  • مەن دوسلىرىمنىڭ پىكىرلىرىنى ئوقۇپ قانداق ئوخشىمايدىغان ياخشى پىكېرلەرنى بىرىشنى بىلەلمەيلا قاپتىمەنغۇ ، ئاجايىپ ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتىمەن شۇ تاپتا ، مەن مۇشۇنداق كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئولاپ باقماپتىكەنمەن كوزۈم كوركەن، ئەمدى بۇندىن كىيىن يىراقنى ئويلايمەن. شۇ كۈننىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈمەن !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 23:33
  • مەن ھاياجانلىنىپ كېتېۋاتېمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 18:11
  • بەك ياخشى بوپ تۇ !!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:57
  • بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەك ھاياقانلاندىم، بەك زور خوشاللىق ئىش بوپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:32
  • مەن ئۆزەمنى باسالماي قېلىۋاتىمەن .بۇ ، بىر ھەيران قالارلىق ئىش ئىكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 12:25
  • بۇ ھاياجانلىق خەۋەرنى ئاڭلاپ بەكمۇ خۇش بولغان ئىدىم ، ئەمدى ئىشەنچىلىك مەنبەدىن كۆرۈپ تولىمۇ سۈيۈندۈم .

    مېنىڭچە بۇ ئىشلارغا خېلى مەبلەغ كېتىشى مۆمكىن ، بۇ مەبلەغنى مېكروسوفىت ئۆزى چىقارغانمىدۇ ياكى بىزنىڭكىلەردىن چىققانمىدۇ .؟
    مەيلى قانداقلا بولسۇن بۇ كومپىيۇتېر ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى خۇش خەۋەر . گەرچە خېلىلا كېچىككەن بولسىمۇ !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:04
  • ئۇيغۇرسوفت ۋە ئالىم ئەھەت مۇئەللىم باش بولۇپ قىلسا خاتىرجەم بولىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 17:28
  • تىرىشايلى قېرىنداشلا. ئالىم مۇئەللىم دىيارىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى.تىرىشىڭ ئالىم ئاكا بىزسىزنى قوللايمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:50