تۆۋەندىكى بۇ ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

تۆۋەندىكى بۇ ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟

[ ئاتالغۇلار ]

ئاخشام يەنە نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلارغا ئېنىقلىما بېرىلگەن بولۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ خىزمەت تەڭ ئېلىپ بېرىلغاچقا، باشقا تىللارغىمۇ ئوخشاشلا تېخى تەرجىمە قىلىنمىدى، ئەمما ئاخىرقى مۆھلەت بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:00 (لوندون ۋاقتى: 12:00)دە، مەن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈزۈم سەل دىلغۇل بولۇپ قالغان بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى بۇ يەردە ئېلان قىلدىم، قىزىقىدىغانلار بولسا، پىكىر بەرسەڭلار. مەن مۇۋاپىقلىرىنى پايدىلىنىپ باقاي، رەھمەت. يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن Windows 8.1 RTM (زاۋۇتلارغا تارقىتىش نۇسخىسى) ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ يىللىق بۇ خىزمەتمۇ تاماملىنىش ئالدىدا.

1. Source Term: prepopulation
Definition: A process of importing prepared data using a software procedure rather than the end user entering the information.

2. Source Term: rebalance
Definition: To redistribute data or resources more evenly in order to change the processing capacity.

3. Source Term: overlay
Definition: A UI or media segment that can display on top of or play concurrently with another UI or media segment.

4. Source Term: shadowing
Definition: The process of viewing and interacting with an existing Remote Desktop Protocol session initiated by another user.

5. Source Term: tiering engine
Definition: A service that tracks regions of storage and may move data between them based on an input/output policy or other administrator-specified rules.

6. Source Term: impression
Definition: An ad that is served to a user’s screen either as a pushed (sent by e-mail) or pulled ad (requested by a user’s browser). This includes measurement of responses from an ad delivery system to a user’s browser.

7. Source Term: application single-threaded apartment
Definition: A single-threaded apartment the thread of which is the core UI thread for an application window.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
29 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ھەقىقەتەن ياخشى ئىش جۇمۇ بۇ … چوقۇم ۋىندوۋىسقا ئۇيغۇرچە قوشۇلغان ھامان شۇ تېلفۇندىن بىرنى سېتىۋالمەن..

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 18:18
  • تىزىملاتماي ئىنكاس يازامدۇق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 08:55
  • ماۋۇ سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىشقىمۇ قاتنىشالماپتىمەندە

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:09
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇ ئالىم مۇئەللىم ئەڭ ئاۋال ئاللاھتىن ئائلىڭىزگە ئامانلىق ئشلىرڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن. مەندە ئەلكاتىپ3.9 دا ئۇرۇلغان ئەرەبچە ئارلاش ماترىياللار بار ئىدى ئەرەبچىسنى بۇزمىغان ئاساستا يۇنكود ئۆلچمگە ئايلاندۇرۇشقا ئىمكانيەت بارمۇ؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى am 09:50
  • ماۋۇ يېڭى چىققان مەھسۇلات يىشىن (易信)نى نېمە دەپ ئاتاش كېرەك؟ بۇ ھەقتە بەس-مۇنازىرە بۇ يەردە: http://new.barmu.cn/MicroBlog/Comment.aspx?id=15481

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى am 09:41
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، بىزنىڭ ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىمىز چەكلىك بولغاچقا سىلەر تەرجىمە قىلغاننى كۆرۈپ ئولتۇرماي ئامال بولمىدى. مۈمكىن بولسا تىل بىلىدىغانلار ۋە تىلشۇناسلار مۇشۇنداق ۋاقىتتا كۆپلەپ چىقىپ پىكىر قاتناشتۇرساڭلار، بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 17:32
  • مىنىڭ ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقۇمغا ،پات -پات شىركەتلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن ئېلانلىرى كېلىپ تۇرىدۇ،بىراق ئىككىنچى خىل ئېلاننى يەنى كومپىيوتىرمىزدىكى تور كۆرگۈنىڭ تەلەپ قىلىنىشى بىلەن كۆرۈلىدىغان ئېلاننى(( بىز تور كۆرگۈ بىلەن مەقسەتلىك ئېچىپ كۆرمەكچى بولغان ئېلانمۇ يا؟ )) مەن كۆرمەپتىكەنمەن.مىنىڭچە 6-ئاتالغۇ مۇشۇ خىلدىكى ئېلاننى كۆرسىتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى am 03:52
  • ۋاقتى ئۆتۈپتىغۇ! شۇنداقتىمۇ بىرسى توسمىغاندىكىن بىر نەرسىلەر دەپ باقاي!

    prepopulation- ئالدىن توپلام؛ ئالدىن يىغىلما؛ ئالدىن نوپۇس؟؛

    rebalance- قايتا تەقسىم؛ قايتا تەڭپۇڭلاش؛ قايتا تەڭشەش؛

    overlay- قاپلانما؛ يايما؛ يېيىلما؛ تەڭ چالما (چالماق- قويماق play دېمەكتۇر)

    shadowing- سايىدىماق (ئۆزىگە قارىتا)؛ سايىلىماق (باشقىلارغا قارىتا) ؛ (قارىداش- ئۆزىگە قارىتا، مەسىلەن: مەن قارىداپ كەتتىم، قارىلاش- باشقىلارغا قارىتا بولىدۇ، مەسىلەن: مەن ئۇنى قارىلىدىم). بىز نېمە قىلساق سايىدىمۇ شۇ ئەكىس ئېتىدۇ. بىر ئىشلەتكۈچى باشلىغان نەرسىنى باشقا يەردە كۆرۈش جەريانىمۇ شۇنىڭغا ئوخشىسا كېرەك.

    tiering engine- قاتلاملىق ماتور؛ قاتلىق ماتور؛

    impression- تەسىرات؛ ئېلاننىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان تەسىرىنى ئۆلچىگىلى بولغاندىكىن تەسىرات بولامدىكىن دەيمىنا!؟

    application single-threaded apartment- تاق بۇرمىلىق بۆلۈمچىنى قوللىنىش؟ يالغۇز بۇرمىلىق بۆلۈمچىنى قوللىنىش؛؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:05
باھا بېتى: 1 2