sign in/up يەنى (登陆,注册) ئاتالغۇلىرى ھەققىدە
[ ئاتالغۇلار ]تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئاتالغۇلار تور بېكەتلەردە كۆپ قوللىنىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ مۇنبەر، بىلوگ، مىكرو بىلوگ ۋە ئېلېكتىرونلۇق خەت قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بېكەتلەردە چوقۇم بار. بۇنىڭ ئاتالغۇسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھېچبولمىغاندا مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش مۇھىم دەپ بىلىمەن. تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدۇم، خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن پەقەت پايدىلىنىشىڭلارنى ھەرگىزمۇ ئاساس قىلىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ناۋادا، باشقا تىلدىكى مەسىلەن: تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە،…تەرجىمىسى لازىم بولسا، يوللاپ قويساممۇ بولىدۇ. ئوخشىمىغان پىكىرلەر بولسا ئەلۋەتتە قارشى ئېلىنىدۇ.
============================
(1) sign up/register
تىزىملىتىش
注册
بۇنىڭ تەرجىمىسىنى «تىزىملىتىش (تىزىمغا ئالدۇرۇش)» دېسەك بىر قەدەر مۇۋاپىق كېلىدۇ. چۈنكى، مەلۇم بىر مۇنبەرنىڭ ئەزاسى بولمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن بۇ مۇنبەرگە ئۆزىڭىزنى تىزىمغا ئالدۇرۇشىڭىز يەنى sign up/register قىلىشىڭىز شەرت. مەسىلەن: تىزىملاپ كىرىدىغان نامىڭىز، پارولىڭىز، ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىڭىز، يۇرتىڭىز، تۇغۇلغان كۈنىڭىز، قىزىقىشىڭىز،….دېگەندەك. بەزى تور بېكەتلەردە «تىزىملىتىش» دەپمۇ ئالغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىدار قۇتلان ئاكىمىز بىر ۋاقىتتا، «خەتلىتىش» ياكى «رۇيىخەتكە ئېلىش» دېگەندەك ئېلىشنىمۇ تەۋسىيە قىلغان.
============================
(2) sign in
تىزىملاپ كىرىش
登录
بۇنىڭ تەرجىمىسىنى «تىزىملاپ كىرىش (ياكى كىرىش)» دېسەك بىر قەدەر مۇۋاپىق كېلىدۇ. چۈنكى، مەلۇم بىر مۇنبەرنىڭ ئەزاسى بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ مۇنبەرگە تېما، ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، تىزىملاپ كىرىشىڭىز يەنى sign in قىلىشىڭىز شەرت. مەسىلەن: تىزىملاپ كىرىدىغان نامىڭىز ۋە پارولىڭىزنى تولدۇرۇپ كىرسىڭىز بولىدۇ. بەزى تور بېكەتلەردە «كىرىش» دەپمۇ ئالغان. مەسىلەن: تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بارسىڭىز، دەرۋازىۋەنگە كىملىكنى كۆرسىتىپ، دەپتەرگە ئىسىمىڭىزنى يېزىپ، ئىمزا قويۇپ تىزىملاپ كىرىسىز.
============================
(3) sign out
چېكىنىش
退出
بۇنىڭ تەرجىمىسىنى «چېكىنىش (ياكى چىقىش)» دېسەك بىر قەدەر مۇۋاپىق كېلىدۇ. چۈنكى، مەلۇم بىر مۇنبەرگە تىزىملاپ كىرىپ تېما ياكى ئىنكاس يېزىپ بولدىڭىز، ئەمدى بۇ مۇنبەردىن ئايرىلماقچى، بىخەتەرلىك ئۈچۈن چېكىنىشىڭىز (يەنى تىزىملاپ چىقىشىڭىز) يەنى sign out قىلىشىڭىز شەرت. بەزى تور بېكەتلەردە «چېكىنىپ چىقىش»، «چېكىنىش» ياكى «چىقىش» دەپمۇ ئالغان. مەسىلەن: تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشىڭىزنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، قايتىپ چىقماقچى بولسىڭىز، سىز ئىزدىگەن خادىم قول قويغان قەغەزچىنى دەرۋازىۋەنگە قايتۇرۇپ بېرىسىز، ئاندىن كىملىكىڭىز ئېلىۋېلىپ، چىقىپ كېتىسىز. بۇ دەل مۇشۇ ئاتالغۇ.
============================
(4) log in/on
تىزىمغا كىرىش
登录
بۇ ئەمەلىيەتتە sign in بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئوخشىمىغان مەشغۇلات سىستېمىسىدا بەزىدە log in/on نى ئىشلىتىدۇ. پەرقلىق ئالايلى دېسەك «تىزىمغا كىرىش(ياكى خاتىرىگە كىرىش)» دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ. بەزى تور بېكەتلەردە sign in بىلەن ئوخشاش ئالغان.
============================
(5) log out/off
تىزىمدىن چىقىش
注销
بۇ ئەمەلىيەتتە sign out بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئوخشىمىغان مەشغۇلات سىستېمىسىدا بەزىدە log out/off نى ئىشلىتىدۇ.
پەرقلىق ئالايلى دېسەك «تىزىمدىن چىقىش (ياكى خاتىرىدىن چىقىش)» دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ. بەزى تور بېكەتلەردە sign out بىلەن ئوخشاش ئالغان. بەزىلەرنىڭ يەنە «رۇيىخەتتىن ئۆچۈرۈش» دېگەنلىرىنىمۇ ئاڭلىدىم.
============================
ئەمما، يۇقىرىقى ئاتالغۇنى چوقۇم بىر خىل ئېلىش كېرەك، مەسىلەن: sign up/register نى «تىزىمغا ئالدۇرۇش»، «تىزىملىتىش»، «خەتلىتىش» تىن بىرنى تاللاش كېرەك، سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟
(1) sign up/register
(2) sign in
(3) sign out
(4) log in/on
(5) log out/off
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,509 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 01-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 18:53
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ ۋە بىلكان پەد
- كېيىنكى يازما :بۇ ئادەم كىم؟ ئوخشاپتىمۇ؟
مىنىڭمۇ مۇنداق بىر كۆز قارشىم بار ئىدى
注册 دىگەن مۇشۇ خەتنىڭمۇ ( تىزملاش ،تىزىمغا ئالدۇرۇش ،تىزىملىتىش رۇيخەتكە ئۆتۇش) دىگەندەك مەنىسى باكەن
لىكىن ئىنگىلىسچىدە Register ،Registry،Registrar دىگەندەك مۇنداقمۇ يېزلىشى بار ھەممە سۆزنىڭ مەنىسى تىزىملىتىش دىگەن سۆزگە مۇناسىۋەتلىككەن مۇشۇنىڭغا بىر چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز
مەنچە بولغاندا «تىزىملىتىش»، «چىقىش»، «چۈشۈش»، «چېكىنىش» دەپ ئالساق مۇۋاپىقمىكىن. مەيلى مىكرو بىلوگ بولسۇن ياكى مۇنبەر بولسۇن، بىز تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن خۇددى ئايرۇپىلان ياكى پويىز بېلىتى سېتىۋالغانلارغا ئوخشاش پەقەت ئۆزىمىزگە تەۋە بېلەت ئارقىلىقلا تىزىملاتقان سۇپىغا چىقالايمىز ياكى چۈشۈپ كىتىمىز. مەسىلەن: مىكرو بىلوگقا چىقىش، مىكرو بىلوگدىن چۈشۈش دەپ ئالساق تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ.
مەن يۇقىردىكى توردىشىمىز ئەنۋەرنىڭ سۆزىگە قۇشۇلىمەن !
ئاددى بولسا ساز بولسا ھەم چۇشۇنىشلىك بۇلىدىكەن !
پارول نى سىرسۆز دەپ ئالساقچۇ؟ يەنى سىر مەخپى مەنىسىدە .
ئويلىشىپ باقايلى
ئاكا بۇ تېمىڭىز ماڭا بەك يارىدى،تاڭ سەھەر مۇنبىرىگە كۆچۈرۈپ ئاپىرىۋالدىم، ئەگەر قارشى پىكىردە بولسىڭىز ئېلخەتكە قوشۇلماسلىق پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويارسىز،رەھمەت.
مۇئەللىمنىڭ باھاسىغا پىكىر بەرگىلى بولمايدىغۇ؟
正在使用 {$weiboName} 帐号 | ‘, 换个帐号
بۇنى نىمە دەپ تەرجىمە قىلسام ئالىم مۇئەللىم ، مەن بىرنى ھېسابات نورى يەنە بىرنى ھېساباتنى ئالماشتۇرۇش ياكى نومۇرنى ئالماشتۇرۇش ئالاي دەپ ئويلىغانتىم
ھەممىسىنى «ھېسابات» دەپ ئېلىڭ، چۈنكى، بۇ ئەسلىدىكى account نى بىلدۈرىدۇ
[$weiboName]نىڭ ھېساباتىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ
ھېسابات ئالماشتۇرۇش
ياخشىمۇسىز ئالىم مۇئەللىم ،بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سىزدىن بىر سوئالنى سورۇۋالسام سىزدىن باشقا يەنە كىمدىن سوراش بىلىپ بولالىدىم …
ھازىر تورلارغا قارىسام 团购,折دېگەن ئۇ ئىككى خەتنى دائىم ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز.ئاساسلىق مەقسەتكە كەلسەك بۇ ئىككى سۆزنى تور يۈزىدە نېمىدەپ ئالساق ئەڭ ياخشى بولىدۇ .
مۇئەللىم ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم..جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن..
مېنىڭچە 打折 نى باھاسى چۈشۈرۈلگەن، 团购 نى توپ سېتىۋېلىش (كوللېكتىپ دېمەكچى) دېسىڭىز بولار.
رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالىم مۇئەللىم بىلكان بەدنى ئالغاندىن كېيىن، قاتتىق ھاياجانلىپ كېتىپ، كۈنلەپ بىلكان پەدكە قاراپلا ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالغانمىش، شۇ ۋەجىدىن يېقىندىن بىرى بىلوگ يازمايۋاتقانمىش، ئۇنىڭ بلوگىنى كۈندە يوقلاپ تۇرىدىغانلار، ھەر كىرگىنىدە ئۈمىدسىزلىنىپ چىقىپ كېتىپ بارغانمىش ۋە مۇئەللىمنىڭ داۋاملىق يېزىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، بۇ بلوگنى زىيارەت قىلىشنى تاشلىمىغانمىش.
بۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنىڭ ئىككى بەت بولۇپ كەتكىنىگە دېققەت قىلماي، يۇقاردىكى ئىنكاسنى يېزىپتىمەن.
ئالىم مۇئەللىم مەكتەپتە بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. سوئال چىقىرىش، ئىمتىھان ئېلىش، قەغەز تەكشۈرۈش، نەتىجە تاپشۇرۇش، ئىمتىھان قەغەزلىرىنى تىكىش، يەنە باشقىلارنىڭ ئىمتىھانىسغا ياردەملىشىش،…. ئىككى كۈندىن كېيىن تەتىل بولىمىز، يازماقچى بولغان تېما بەك كۆپ، قايسىنى ئاۋۋال يازسام بولاركىن تاڭ؟
ئالىمكا بىزدەك يېڭى ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ پىكىرىگىمۇ قۇلاق سېىلىپ قويۇڭ…………… قارسام ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى بىرقانچە ئادەم مونپۇل قىلۋالغان چېراي بىزلەرنىڭ گەپلەر ئىلىك ئىلىنمايلا قالماستىن ئەخلاتخانغا يولنىۋاتقان ئوخشايدۇ … بولمىسا بىزىمۇ باشقىلاردەك ئەمەل قالپىقىمىزنى كېيىپ چىقساق ئاندىن پېكىر قاتناشتۇرۇش ھوقۇقىمىز بولامدۇ ئالىمكا؟!
ئۇنداق ئەمەس، بۇ ئىشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، يېقىندا بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، ئىنكاس تەستىقلاشقىمۇ ۋاقىت چىقمىدى.
sign up خەتلەت
register تېزىملات
sign in كىرىمەك
sign out
log in/on ئالماش ياكى قايتۇرماق
log out/off چىكىن
ئالىم مۇئەللىم يېقىندىن بېرى سىزنىڭ ئۇشبۇ كەپىڭىزنى زىيارەت قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۋالدىم. كەپىڭىزدىن مڭا ئەڭ كۆپ تەسىر قىلىۋاتقىنى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدىكى ئاتالغۇلار بولىۋتىدۇ… يازمىلىرىڭىزدىن ئاتالغۇلارغا بەرگەن تەبىرىڭىز مېنى سىزگە بەكلا قايىل قىلدى. ئەسلى گەپكە كەلسەم كەپىڭىزدىكى ئاشۇ ئاتالغۇلارنى مۇقىم بىر يازما شەكىلىدە يىغىنچاقلاپ (ئەمدى مۇمكىن قەدەر ھەر قايسى زاتلارنىڭ مۇشۇ ساھەدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنىمۇ) ھوزۇرىمىزغا تەمىن ئەتكەن بولسىڭىز دېگەن ئىستەكتىمەن.
پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق، مەن بىر يىلغان يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 1000 گە يېقىن ئاتالغۇلارنى توپلاپ رەتلەپ چىقتىم، بۇ كومپيۇتېر ساھەسىدە بەك كۆپ قوللىنىلىدۇ، بۇنى پات يېقىندا ئېلان قىلىمەن
«password»نى ئاچقۇچئىم
يۇمشاق دېتالنى يازىلما كومپيۇتېرنى بىلىكيار
sign up نى خەتلىتىش
register نى ئەنگە ئلدۇرۇش
sign in ئىمزالىق كىرىش
sign out نى ئىمزالىق چىكىنىش،
log in/on نى ناملىق كىرىش
log out/off نى ناملىق چىكىنىش دەيلى
password نى ئاچقۇچئىم دەپ ئۆزۈم ياسىغان ئاتالغۇ،تۈركچە ئەمەس. بۇيەردىكى ئىم نىڭ ئىما ئىشارەت،بەلگە دېگەن مەنىسى بار،ئاچقۇچئىم password سۆزى بىلەن ناھايتى ماس كېلىدۇ.
password نى ئاچقۇچئىم دەپ ئۆزۈم ياسىغان ئاتالغۇ،تۈركچە ئەمەس. بۇيەردىكى ئىم نىڭ ئىما ئىشارەت،بەلگە دېگەن مەنىسى بار،ئچقۇچئىم password سۆزى بىلەن ناھايتى ماس كېلىدۇ.
«password»نى ئاچقۇچئىم يۇمشاق دېتالنى يازىلما كومپيۇتېرنى بىلىكيار،sign up نى خەتلىتىش،register نى ئەنگە ئلدۇرۇش ،sign in ئىمزالىق كىرىش، sign out نى ئىمزالىق چىكىنىش، log in/on نى ناملىق كىرىش،log out/off نى ناملىق چىكىنىش دەيلى
ئاللىبۇرۇن شۇ ئۇقۇمنى بىلدۈرۈپ بولغان، ئومۇمىي جەھەتتىن ئادەتلەنگەن ئاتالغۇنى باشقا مىللەتنىڭ ئاتالغۇسىنى گۈل كۆرۈپ، ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. مەن ئالدىنقى ئىنكاستا دېگەندەك تۈرك تىلىدىمۇ ئەبجەش سۆزلەر بەك كۆپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار ئېھتىياجىمىزدىن چىقالايدۇ.
ھازىر پەقەت قالايمىقان قوللىنىۋاتقان ئاۋۇ ئاتالغۇلارنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا بۇنىڭدىن كېيىن يەنى 2012-يىلى تىلىمىزغا سىڭىپ كىرىش ئالدىغا تۇرىۋاتقان ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.